ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 696|ئىنكاس: 0

تەۋسىيە: كىنو رەقەملەشتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتورى: harunjan

ھازىرقى كىنولارغا قارىساق بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كۆرگەن فىلىملەرنىڭ ھازىر ئىنتايىن سۈزۈك1080P  ۋە 720P ھالەتتە  رەقەملەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز، بۇرۇن بىز بۇ فىلىملەرنى لېنتىلىق كىنو ئاپاراتىدا كۆرگەن تۇرساق، قانداقسىگە بۇنداق سۈزۈك ساقلانغاندۇ دەپ ئويلىشىمىز تۇرغانلا گەپ ، تۆۋەندىكى يازمىنى ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز.

ئالدى بىلەن رەقەملىك كىنو بىلەن لېنتىلىق كىنونىڭ پەرقىنى بىلىپ باقايلى

فىليونكىلىق كىنو:  
بۇ خىل كىنو تېخنىكىسى 1895- يىلدىن  1999- يىلغىچە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلگەن ،دەسلىپىدە ئاۋازسىز كىنو بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تېخنىكا يېڭىلىنىپ ئاۋازلىق كىنو  رەڭسىز كىنو، رەڭلىك كىنو، ماگىنىت ئاۋازلىق كىنولار بارلىققا كەلگەن بۇ تېخنىكىدا  كىنو سۈرەتكە ئېلىش ئاپاراتىدا  فىلىيونكىغا  تەسۋىر چۈشۈرۈلۈپ ئۇنى  يۇيۇيۇپ تەسۋىر چىقارغاندىن كېيىن  كېسىپ ئۇلاپ  ئاۋاز كىرگۈزۈپ  كىنو قويۇش ئاپاراتىدا  قويۇلىدۇ،
بۇنىڭ يېتەرسىزلىكى: فىليونكىنىڭ تەننەرخى قىمممەت، ساقلاش، توشۇش بىئەپ،كىرىشتۈرۈش تەس، قويۇلۇۋەرسە كىنو لېنتىسى ئۇپىراپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، كىنو قويۇش، سۈرەتكە ئېلىش ئاپاراتلىرى كېلەڭسىز.

رەقەملىك كىنو:
بۇنىڭدا كىنو سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش،ساقلاش،تارقىتىش مەشغۇلاتلىرىغا بىردەك رەقەم تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ، كىنو قاتتىق دىسكا ياكى، رەقەملىك لېنتىغا  سۈرەتكە ئېلىنىپ، كومپيۇتېردا  كىرىشتۈرۈلۈپ، قاتتىق دىسكا ياكى مۇلازېمىتىردا  مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلىنىپ، تور، سۈنئى ھەمراھ، قاتتىق دىسكا، ئوپتېك دىسكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تارقىتىلىدۇ،بۇ تېخنىكىلار ھازىر كىنوچىلىقتا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتىدۇ.

رەقەملىك كىنو بىلەن لېنتىلىق كىنونىڭ  پەرقىنى بىلىپ بولغان بولسىڭىز نەق گەپكە كېلەيلى لېنتىلىق كىنو ئومۇملاشقان 100 نەچچە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا نۇغۇن فىلىملەر  ئىشلەنگەن،  بۇلارنىڭ ھەممىسى فىليونكىدا ساقلانغان،چەتئەللەر مەخسۇس كىنو ئارخىپخانىسى قۇرۇپ ۋىرۇس ئامبىرى دەرىجىسىدە قوغدىغان بولسىمۇ فىلىمنى سۈپەتلىك ساقلاش بىر قىيىن مەسىلە بولدى، 80- يىللارغىچە كىنو ئارخىپخانىلىرى فىلىمنى يۇيۇپ كۆپەيتىش ئارقىلىق فىلىمنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ساقلاپ كەلدى بىراق بۇنداق قىلغاندا  فىلىمنىڭ سۈپىتىنى ئەينەن ساقلاپ  ساقلاپ قېلىش قىيىن بولدى،
كېيىن رەقەملىك كىنو بارلىققا كەلگەندىن كېيىن  تەتقىقاتچىلار  كىنو لېنتىسىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئەينەن ساقلاش ھەققىدە ئىزدىنىپ   بىر يۈرۈش تېخىنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ تېخنىكىدا لېنتىلىق فىلىملەر ئەينەن ساقلىنىپلا  قالماي بەلكى  فىلىمگە ئىش قوشۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، رەقەم ھالىتىدا ياكى لېنتىغا يۇيۇپ چىقىرىلىپ كونا كىنولارنى قايتىدىن زامانىۋى ئېكرانلارغا چىقىرىشقا بولاتتى
تۆۋەندە شۇ تېخنىكىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.

1- باسقۇچ:  لېنتا تاللاش
بۇنىڭدا رەقەملەشتۈرمەكچى بولغان  كىنونىڭ ئەڭ ياخشى لېنتىسىنى تاللاپ چىقىش مەقسەت قىلىنىدۇ، كىنو شىركەتلىرىدىن، ئارخىپخانىلاردىن ئىزدىلىپ پاكىزە سۈپەتلىك تۇرغانلىرى تاللاپ ئېلىنىپ كېلىنىدۇ،، يۇقىرى ئۆلچەمدە سۈپەتلىك ساقلانغان، قويۇلمىغان  35 مىللىمىتىرلىق ياكى 70مىللىمىتىرلىق  لېنتا تاللاپ كېلىنىدۇ، فىلىمنىڭ سۈپەتلىك چىقىش چىقماسلىقى  لېنتىنىڭ سۈپىتىگە باغلىق بولىدۇ.


2- ئاۋاز تالللاش:
كىنو ئاۋاز ئىشخانىلىرى،  فىلىم شىركەتلىرىدىن فىلىمنىڭ ئاۋاز لېنتىسى، مۇزىكا لېنتىلىرىنىڭ  ئەڭ سۈپەتلىك ساقلانغانلىرى ئىزدىلىپ قايتا رەقەملەشتۈرۈلىدۇ، مۇزىكىلىرى كەسپى مۇزىكا ئېلىش ئۆيىدە قايتا بىر تەرەپ قىلىنىپ تەقلىنىدۇ.

2- كىنونى سىكانېرلاش:
بۇنىڭدا  كىنونىڭ لېنتىسى مەخسۇس كىنو لېنتىسىنىنى سىكانېرلايدىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق 4K ئېنىقىلىقتا(يەنى 2160×3840) سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، كىنو سىكانېرى  يېڭى تېخنىكا ئەمەس، ئۇ 60-70-يىللاردا كىنو فىلىملىرىنى تېلېۋىزىيدە قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن،كېين لېنتىلىق كىنولارنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ  ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ،ھازىر يېڭىلىنىپ زىيادە سۈزۈك ھالەتتە سىنغا ئېلىش سەۋىيسىگە يەتتى.

3-  سىزىقلارنى يوقىتىش
بۇ باسقۇچتا  سىكانىرلاپ تەييار قىلىنغان فىلىم ھۆججىتى DaVinci Revival سىستېمىسىدا تەھرىرلىنىپ فىلىمدىكى قويۇش جەريانىدا سۈرۈلۈپ جىجىلىپ كەتكەن سىزىقچىلار ئۆچۈرىلىدۇ، داغلار يوقىتىلىدۇ،بۇ مەشغۇلاتتا بىر سىكۇنتلۇق ۋىدىيو 24 پارچە سۈرەتكە ئايلاندۇرۇلۇپ فوتوشوپقا ئوخشاش تەھرىرلىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت كەتكەچكە، بۇ مەشغۇلاتنى كۆپ خادىم فىلىمنى بۆلەككە بۆلۈپ قىلىدۇ.

4- رەڭ تەڭشەش
بۇ باسقۇچتا سىزىق يوقىتىلغان فىلىم ھۆججىتىنىڭ  رەڭلىرى تەڭشىلىدۇ، ئاق قارىلىق نىسبىتى بەلگىلىنىدۇ، ئەينەنسىزلىكلەر تۈزىتىلىدۇ.

5-كىرىشتۈرۈش
بۇ باسقۇچتا  سۈزۈلۈپ تەييار بولغان فىلىم ئاۋاز ھۆججەتلىرى،  كىرىشتۈرۈلىدۇ،بۇرۇنقى كېسىپ ئۇلاشتىكى نۇقسانلار تۈزىتىلىدۇ، خەتلەر ئەسلىگە تەقلىد قىلىنىپ قايتا يېزىلىدۇ.

6- ساقلاش
كىرىشتۈرۈلۈپ تەييار بولغان كىنو فىلىم ھۆججىتى مۇلازىمېتىردا شىفىرلانغاندىن كېيىن ساقلىنىدۇ

7- فىلىمنى تارقىتىش
پۈتكەن فىلىم  باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىنوخانىلاردا قايتا قويۇشقا يوللىنىدۇ، ياكى كۆكنۇر دېسكىسى ھالەتتە نەشىر قىلىنىپ ئۈن سىن بازىرىغا سېلىنىدۇ.

رىۋايەتلەردىكى كىنو فىلىمنى رەقەملەشتۈرۈش جەريانى  مۇشۇلاردىن ئىبارەت، بۇ مەشغۇلاتلار كىنونى ئاخىرىقى باسقۇچلۇق كىرىشتۈرۈشتىن  يېنىكرەك بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ كىنو كىرىشتۈرگەندىن كۆپراق ئىش كېتىدۇ ، ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەجرى سىڭگەن بولىدۇ
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلەي دېسىڭىز توردىن 胶转磁 ياكى电影数码修复 ،  数码修复版 قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ كۆرۆڭ
مەنبە: ئىزدىنىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 02:42 , Processed in 0.151365 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat