ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1361|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە Google Open ID ئارقىلىق كىرىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر توربىكەتلىرىگە Google Open ID ئارقىلىق كىرىش
ھەممىمىزگە مەلۇم دىسكازنىڭ ئېچىش ھوقۇقۇنى تېڭشۇن سېتۋالغاندىن كىيىن تۇنجى قىلغان ئىشى چ چ نۇمۇرى ئارقىلىق دىسكاز سىستېمىسىغا بىۋاستە كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىنى بولدى. بۇنىڭ بىزلەرگە قانچىلىك مەنپەت ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن بۇخىل چ چ ئارقىلىق مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىشتىن گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىشنى كۆپ ئەۋزەل ۋە بىخەتەر كۆرىمەن.
ئۇنداقتا راستىنلا ئۇيغۇرچە دىسكاز سىستىمىسى ئىشلەتكەن توربەتلەرگە Goole Open ID ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان قىلغىنى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن بۇرۇنقى يازمىللىرىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك گوگېلنىڭ تەمىنلىگەن ئېچىش ئېغىزى ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى بولىدۇ. بۇنىڭغا تۈۋەندىكى توربەت مىسالى بولالايدۇ.
http://www.oschina.net/
بۇ توربەتكە سىز گوگېل ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىقلا تىزىملاتماي بىۋاستە كىرىپ كىتەلەيسىز، تىما يوللىيالايسىز،ئىنكاس يازالايسز، باش سۈرىتىڭىزنى ئوخشاش قىلالايسز...
خوش تېخنىكا جەھەتتىنغۇ كىرگىلى قىلغىنى بولىدىكەن، لىكىن بۇنىڭ بىزگە نىمە ئەھمىيىتى؟ چ چ ئارقىلىق كىرگەن بىلەن نىمە پەرقى بار؟
بۈگۈنكى بۇ تىمىمۇ مەخسۇس مۇشۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىش توغرىسىدا يېزىلغان، سىز تۈۋەندىكى گوگېل ھەققىدىكى ماختاشلىرىمنى ئاڭلىسىڭىزلا قانچىلىك ئەھمىيتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلالايسىز.
1-بىخەتەرلىك
گوگېلنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ چ چ دىن ياكى جوڭگۇ تەۋەسىدىكى باشقا تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭكىدىن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى پەقەت گوگېلنىڭ ئېلخەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىزلا كۇپايە.
2-تەرەققىيات ئىستىقبالى
گوگېل قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ساھەدە يېڭىلىق يارتىپ توختىماستىن ئىلگەرلەۋەتىدۇ، لىكىن چ چ نىڭ ئىگىسى بولغان تېڭشۇنچۇ؟
3-تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلەرنىڭ ئىلغارلىقى
گوگېلنىڭ ئېلان مۇلازىمىتى، ئېلخەت مۇلازىمىتى، پاراڭ دىتالى، سىن مۇلازىمىتى، رەسىم مۇلازىمىتى، بىلوگ مۇلازىمىتى، ھۆججەت مۇلازىمىتى، كود مۇلازىمىتى، تېلېفۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ يىلدىن يىلغا ئىلغارلىشىپ خەلىققە قولايلىق ئېلىپ كىلۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.
4-پۈتۈن يەرشارى خاراكتىرلىك بولغانلىقى
گوگېلنىڭ پۈتۈن خەلىقئارا نەچچە يۈزلىگەن تىللاردا، نەچچە يۈزلىگەن دۆلەتلەرگە ئەلا مۇلازىمەت تەمىنلەۋەتقانلىقىنى بىز كۆرىۋاتمىز.
5-ئىشلىتىدىغان ئابونىتلىرىنىڭ خەلىقئارادا كۆپ ئىكەنلىكى
جوڭگۇدا چ چ ئىشلىتىۋاتقانلار ھەقىقەتەن كۆپ، چەتئەلدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلەردىن تارتىپ ئاددىي پىروگرامما ئاچقۇچىلار، پۇخرالارغىچە گوگېلنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەيدىغانلار ناھايىتى ئاز،مەنچە گوگېلنىڭ ھەقىقى ئىلغار بولغان مۇلازىمىتىنى ھىس قىلغان ھەربىر كىشى چ چ ئىشلەتمەسلىككە جۈرئەت قىلالايدۇ.
6-مۇلازىمەت دائىرسىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى
جوڭگۇدا تېڭشۇن شىركىتى بارلىق ساھەلەرنى مونوپول قىلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ، لىكىن توغرا يول بىلەن ئەمەس، خەقنىڭكىنى كىلونلاش يولى بىلەن، بۇخىل ناتوغرا رىقابەت، يېڭىلىق يارتىشقا تايانماي تەرەققى قىلدىغان بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمەت دائىرسىنڭى قانچىلىك بولىشى قانچىلىك چوڭ بولىشى بىزگە كۆپ پايدا بىرەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئىشەنچى تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ، بۇنىڭغا گوگېلنى سېلىشتۇرساق ياسىغان بارلىققا كەلتۈرگەن نۇرغۇن مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ئىزچىل يېڭىلىق يارتىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئىنساننى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز.
7-ھەرقايسى مۇلازىمەتلىرىگە ئېچىش ئېغزى قالدۇرغانلىقى
مانا بۇ بىزدەك تەكلىماكاندا ئەڭ ئالى تېخنىكىلاردىن ۋاقتىنچە قۇرۇق قېلىۋاتقانلارغا بىرىلگەن ئەڭ ئىسىل سوۋغا، چۈنكى بىز بۇ سوۋغا ئارقىلىق ئىلگىرلەش سۈرئىتىمىزنى تىزلەشتۈرەلەيمىز، ھەممىنى نۆلدىن باشلاشنىڭ ئورنى يوق، نۇرغۇنلىغان ئىسىل تېخنىلار باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى قايتا يارتىش ئارقىلىق بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ يېڭىلىق يارتىش ئارقىلىق ھۇجۇتقا چىققان.
8-ئېلخەت مۇلازىمىتى ۋە پاراڭ دىتالى، تور كۆرگۈسى...ئۇيغۇرچىنى يەكلىمەيدىغانلىقى
بۇمۇ بىزگە بىرىلگەن بىز خالىغاندا ئىشلىتىپ سىناپ باقساق بولىدىغان پاكىز، ئىشەنچىلىك، ئانا تىلنىڭ، يېزىقىمىزنىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان ئىسىل مۇلازىمىتى.

گوگېلنى ماختاش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، سىز پەقەت مۇشۇ ماختاشلاردىنلا گوگىل ئابونىت نۇمۇرىنى ئىشلەتكەننىڭ چ چ نۇمۇرىنى ئىشلەتكەندىن كۆپ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسىز.قالغان ماختاشلارنى تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلايلى.
ئالدىمىزدا ئىككى ئۇستاز بار، بىرى گوگېل شىركىتى يەنە بىرى تېڭشۇن شىركىتى، بۇ ئىككى شىركەتتىن قايسىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ قايسىسىنىڭ دىگىنىنى قىلىش، قايسىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش بىزگە تاشلانغان بىر سۇئال، ئەلۋەتتە ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق داۋلىسى بار، لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇندىن كىيىن ماڭىدىغان ئاساسى يولنى بىكىتىۋېلىشمۇ بىزگە زىيان كەلتۇرمەيدىغان بىر ئىش.
گوگېل مۇلازىمەتلىرىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان قوللىنىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن باشقا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە پىروگراممىلارنى ئېچىشىغىمىزغا ۋە ئۇيغۇرلار ئارسىدا بىردىن بىر ئابونىت نۇمۇرى ئىشلىتىشىمىزگە تۈرۈتكە بولىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، بۇلارنى تورداشلار گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلسىلا ھىس قىلىپ كىتەلەيدۇ.
ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گوگېل بىلەن چ چ دىن بىرنى تاللاپ ئۇنى ئەزالار مەركىزى قىلىشنىڭ بىزگە ئەھمىيىتى بار يوقلىقىنى، تېخنىكىلىق قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ (ئېچىش ئېغزىدىن پايدىلىنالىشىمىزنىڭ )قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تورداشلارنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى.
(ئەزالار مەركىزى قىلغاننىڭ قانداق پايدىسى بار دىگەندە سىز بارلىق توربەتلەردە(مۇشۇ ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن) بىرلا ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىرەلەيسىز، ئىنكاس يازالايسىز، باش رەسمىڭىزنى بىرخىل قىلالايسىز...)
ۋاقتى: 2010-11-3 22:17:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ گوگلىنىڭ خەت ساندۇقىنى ئىشلتىمەن. ھەقىقەتەن بوپ قويىدۇ.  ئىزدەش ماتورىمۇ بولىدۇ. ئەمدى قۇتبىلىك ئۇستاز دىگەندەك ئەھۋال بولسا مەن چوقۇم گوگلى نى تاللايمەن.
ۋاقتى: 2010-11-3 22:56:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتبىلىك سىز دائىم مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق تېمىلارنى يوللايسىز. رەھمەت.
مەن ھازىر ئۇيغۇرچە توربەتنى eot سىز ، Google نى نورمال كۆرۈڭ نى يوللاپ قويايمىكىن دەۋاتىمەن، سىزچە بولامۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-3 23:54:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىل ئەپەندى، بەك ماختىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟ ھەيران قالغۇدەكمۇ ئەمەستى شۇنداقتىمۇ رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزگە رەخمەت.
ياخشى بىلىملەرنى ئەلدىن ئايمىغۇلۇق...
ھەممەيلەن تەڭ تېرىشايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-7 07:17 , Processed in 0.162584 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat