ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1019|ئىنكاس: 2

دۇنيا تەلەپپۇز تورى forvo دىكى ئاناتىلىمىز - ئۇيغۇر تىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئىگىسى: seburi
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىنداشلار!
فورۋو forvo تور بېكىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەلەپپۇز لۇغىتى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ تىلىنى ئاۋازلىق ئۆگېنىش ۋە چۈشىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ، بۇ بېكەت نۆۋەتتە دۇنيادىكى توربېكەتلەر دەرىجىسىدە 3000. ئورۇندا تۇرىدۇ. دۇنيادىكى 318 تىلدىن 2 مىليون 500 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك ۋە ئوقۇلۇش تەلەپپۇزىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ تور بېكەت 2008. يىلى قۇرۇلغان بولۇپ كەمىنە تېخى يېقىندا بايقىدىم.
بۇ بېكەتتىكى سۆزلۈك سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالتە خىل تىل تەرتىپ بويىچە: گېرمان تىلى، ئېنگىلىزتىلى، روس تىلى، تاتار تىلى، پۇرتۇگال تىلى ۋە فىرانسۇز تىلىدىن ئىبارەت. يۇقىرىقى ئالتە تىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانغان تاتار تىلىنىڭ 4. ئورۇندا تۇرۇشى شۇ تىلدىكى مىللەت ئەزالىرىنىڭ مېھنەتسىز ئەجرىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ توربېكەتتىكى سۆزلۈك سانى 30 غىمۇ بارمىغان ئىكەن، 3 كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 500 دىن ئارتۇق سۆزلۈك ۋە تەلەپپۇزنى قوشۇپ چىقتىم، ھەم پىلانىمدا بۇ توربېكەتكە ئاناتىلىمنىڭ ئاۋازىنى قەرەللىك ئىئانە قىلىپ تۇرۇش ۋە مۇۋاپىق تەشۋىقات قىلىشنى ئۇزدىل تورتېخنىكا مەركىزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزمەكچى. كونىلاردا ‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس› دېگەن سۆز بار، نۆۋەتتە بۇ توربېكەتكە تىزىملاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ئارانلا 17 ئادەم بار ئىكەن. كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ توربېكەتنى مۇۋاپىق تۈردە تەشۋىقات قىلىپ قويۇشىنى ھەمدە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئاناتىلىمىزنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشى ھەمدە ئاز-تولا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئىئانە قىلىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئەزالىرىمىز كۆپەيسە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇش ھەم تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس سۇنۇش خىزمەتلىرى ئىشلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
نۆۋەتتە بۇ بېكەتنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، مەنمۇ خەنزۇچە بېتىدا مەشغۇلات قىلىۋاتىمەن. باشقا قېرىنداشلار ئەزا بولۇش ياكى سۆزلۈك قوشۇشتا ياردەمگە موھتاج بولسا قولۇم كۆكسۈمدە.
ئالاقە ئۇسۇلۇم:
http://www.uzdil.com/?ug-c-d-47.html
فورۋو ئۇيغۇرتىلى بېتى:
http://zh.forvo.com/languages/ug
مېنىڭ فورۋو شەخسىي بېتىم:
http://zh.forvo.com/user/uzdil
~~~~~~~~~~~~~~~~~~
1- ئىملاسى توغرا تورداشلار سۆزلۈك قوشايلى.. ئامال بار سۆزلۈك قوشقاندا ئانا تىلغا مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن ئىملاسىنى بىر تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولساق. قارىسام بىر قانچە سۆزدە «ئې»ھەرىپى كېلىدىغان جايغا «ئى»ھەرىپى يېزىلىپتۇ. بولسا دىققەت قىلغان بولساق...
2- ئاۋاز ئالغاندا IE توركۆرگۈچتە ئالسىڭىز سۈزۈك ياخشى چىقىدىكەن، chrome لىق توركۆرگۈچتە غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋاز قوشىلىۋالىدىكەن.

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-6-13 23:03:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن بۇ، كۆپچىلىك قولىمىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرايلى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 14:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىك، بۇ ئىشقا كۈچ چىقىرايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 03:20 , Processed in 0.128172 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat