ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 1

كۆزنەك ئىستونى تور بېكەت ھەمكارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

  سالام توربېكەت ئاتامانلىرى  ، ھازىرقى ۋاقتىڭىزلار خەيىرلىك بولسۇن !

          لاتارىيە تورىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ھەم ھازىرقى ھالىتىدىن بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋىرى بار . دىيارىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ، سىستىمىلاشقان، مەخسۇس لاتارىيە تورى بولۇپ ، لاتارىيە تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرىنى ئاساسىي يادرو قىلغان ، تور بېكتىمىز قۇرۇلۇپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ، نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى . ھەم بېكەت تېخنىكا ، قۇرۇلۇش جەھەتلەردىن نۇرقۇت ،ئىنتىل قاتارلىق داڭلىق تور بېكەت ۋە تور بېكەت ئاتامانلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ، مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى . شۇنداقلا، ماس ھالدا بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن لاتارىيە تورىنى قوللاپ-قۇۋەتلىگەن ۋە تور بېكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان شۇنداقلا، تور بېكىتمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بارلىق تور بېكەتلەرگە ، تورداشلارغا ، لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز ۋە چوڭقۇر سالام يوللايمىز !         
KOZNAK.jpg
    كۆزنەك  ئىستونى تور بېكەت ھەمكارلىقى      مەقسىتىگە كەلسەك ؛   كەڭ لاتارىيە تورنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن ، لاتارىيە تورىغا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى مەزمۇن قوشماقچى ، باشتا ئۆزىمىز ئايرىم قوشۇمچە بەت ئېچىپ  كۆزنەك ئىستونىغا قاتماقچىمۇ بولغان ، لېكىن مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كېتەلمىگۈدەكمىز .   شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇشبۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى يېزىشىم .   
     
       كۆزنەك ئىستونى تور بېكەت ھەمكارلىقى —— 1- ھەمكارلىق بېكەتنىڭ ئۇلۇنىشى ئادېرىسى        رەسىمدىكى ئورۇننىڭ سول تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ مەسلەن  . تىزىملىك قۇۋۇق — بارگاھ — لاتارىيە ئېچىلغان مۇكاپات نۇمۇرلار — لاتارىيە ئەگرى سىزىق كۆرسەتكۈچى— يىتەكلىگۈچ——مۇشۇ ئورۇنغا كەلگەندە نۇرقۇت  ،ئىنتىل، ئەلكۈيى ، ياكى كىنو ، ناخشا ، mtv دېگەندەك خەت شەكلىدە  قۇشۇلىدۇ . چەكسە شۇ بېكەت ئېچىلىدۇ . ئەلىۋەتتە ھەمكارلاشقۇچىمىزمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك . پەقەت ئورۇن بولمىسا لاتارىيە تورى ئېلانىنى تور بېكىتىگە چىقىرىپ قويسىمۇ بولىدۇ .
      2- پەقەت بىر ياكى ئىككى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى بېكەت بىلەن ھەمكارلىشىمىز . يەنى كىنو ، ناخشا- مۇزىكا ، يۇمۇر-لەتىپە ، ئويۇن تۈسنى ئالغان بېكەتلەر.
   
       شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتارىيە تورى بىلەن  دوستانە ئۇلىنىش قىلىشڭىزنى قارشى ئالىمىز .
   
تور بېكىتىمىز لاتارىيە تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر تورى، شۇڭا ئىلىم -پەن مەزمۇنىدىكى توربەتلىرىنىڭ دوستانە ئۇلىنىش ئىلتىماسى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. باشقا تۈردىكى توربەتلەرنىڭ دوستانە ئۇلىنىشى خەتلىك ئۇلىنىش شەكلىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. رەسىملىك تۇغ ئۇلىنىش ئۈچ قاتار يەنى 30 تال بىلەن چەكلىنىدۇ . خەتلىك ئۇلىنىش ئورنى ئىككى قاتار ئۇرۇن بىلەن چەكلىنىدۇ .
       دوستانە ئۇلىنىش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار بېكەت نامى، ئادرىسى، خاراكتىرى ، ئالاقە ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ. بىز مۇۋاپىق ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرت بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئاندىن ئۇلىنىشقا قوشىمىز.

        ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغۇچى توربەتكە قويۇلىدىغان تەلەپ:
1- دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن- سىياسەتلىرىگە زىت مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك.
2- سېرىق مەزمۇندىكى رەسىم، ئېلان، كىنو دېگەندەك نەرسىلەر بولماسلىقى كېرەك شۇنداقلا سېرىق مەزمۇن بار توربەتلەرنى ئۆزىنىڭ بېتىدە دوستانە ئۇلىنىشقا قوشمىغان ۋە شۇنداق بېكەتنىڭ ئېلانىنى ئۆز بېتىگە قويمىغان بولىشى لازىم.
3- تور بېكەت نامىنىڭ يېزىلىشى ۋە ئوقۇلىشى ئۇيغۇرچە يېزىلغان نامىغا ماس كەلگەن بولىشى ۋە باشقا مەنا بېرىپ قويماسلىقى لازىم. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى بۇزۇپ ئېلىنغان ۋە ياكى يېڭى بىر ئاتالغۇ پەيدا قىلىپ قويىدىغان بولماسلىقى لازىم.
4- تور نامى بىلەن مەزمۇنى ماس كېلىشى ھېچ بولمىغاندا زىتلىقى بولماسلىقى لازىم.
5- تور بېتىدە مەجبۇرىي باش بەت قىلىدىغان ، مەجبۇرىي ئېلان چەككۈزىدىغان ۋە باشقا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى قىلمىشلار بولماسلىقى كېرەك.
6- لاتارىيە تور بېكىتىمىزنى ئۆز تورىدىكى دوستانە ئۇلىنىش تىزىملىكىگە قوشقان بولىشى كېرەك.

       تور بېكىتىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ۋە كۆركەملەشتۈرۈش ئۈچۈن بەزەن ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى . ئاساسلىقى ئۇسلۇب يېڭىلاندى . دىسكاز 3.1 نىڭ ئەڭ كۆركەم ، چىرايلىق ئۇسلۇبى سىزنىڭ كۆڭۈل ئارامىڭىزدىن ئۇرۇن ئالغۇسى .

  لاتارىيە تورىنىڭ تەرەققىياتى بىز ۋە سىزدىن ئايرىلالمايدۇ .                           مەڭگۈلۈك ئادېرسىمىز  : www.latariye.com
   
كوتكوت    45230183   
                                     www.latariye.com/logo.gif                                   www.latariye.com/dalogo.gif
            
                  لاتارىيە تورى
      2014-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-6 02:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MTV كۆزنىكى  پۈتتى ،   باشقا تۈردىكى بېكەتلەرنى داۋاملىق قارشى ئالىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-7 03:46 , Processed in 0.119853 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat