ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 708|ئىنكاس: 1

ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بېرىش سىياسەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 13:25  

ھەر  دەرىجىلىك  ھەرخىل  مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرىغا  ئىقتىسادىي  ياردەم  پۇلى  بىرىش  سىياسەتلىرى  

.1     دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى.
مۇكاپات ئۆلچىمى:
ھەر بىر ئوقوغۇچىغا 8000يۈەن.
مۇكاپات ئوبيېكتى:پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ تۇلۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس ئوقوغۇچىلىرى(ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ،ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنىۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان)ئىككىنچى يىللىقتىن يۇقىرى (ئىككىنچى يىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقوغۇچىلار.
.2     دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈرۈش مۇكاپاتى
مۇكاپات ئۆلچىمى:
ھەربىر ئوقوغۇچىغا ھەر يىلى5000يۈەن.
مۇكاپات ئوبيېكتى: پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ تۇلۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس ئوقوغۇچىلىرى(ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ،ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنىۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان)ئىككىنچى يىللىقتىن يۇقىرى(ئىككىنچى يىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان ئەخلاقتا ۋە ئۆگىنىشتەئەلاچى،ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار
.3     دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى.
ياردەم ئۆلچىمى:
ھەربىر ئوقوغۇچىغا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن3000يۈەن.
ئوبيېكتى:پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ تۇلۇق ۋە
مەخسۇس كۇرۇس ئوقوغۇچىلىرى(ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ،ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنىۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان،پۇقراۋى مەكتەپلەر)دىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار
ئوقۇغۇچىلار.
.4    دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى
1    )ئىلتىماس قىلىش سوممىسى:
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 6000يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
2    )ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى:
(1)ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئېلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماس؛(2)ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛(3)ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئالاقىدار تارماقلار چىقىرىپ بەرگەن ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات
3    )قەرز پۇل ئۆسۈمى:
ئوقۇش قەرز پۇلى ئالغۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش مەزگلىدىكى قەرز پۇل ئۆسىمىنى ئاپتونوم رايون مالىيسىدىن كۆتىرىۋېتىدۇ، ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى قەرز پۇلى ئۆسۈمىنى ۋە دىرىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى تولۇق تۆلەيدۇ.
4    )قەرز پۇلىنى قايتۇرۇش مۇددىتى:
ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغان ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىلى پەقەت قەرز پۇلى ئۆسىمىنى تۆلەيدۇ، ئالتە يىل ئىچىدە قەرز پۇل ئۆسىمى ھەم دىرىنى تۆلەپ بولۇشى كىرەك.
5    )توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى:
ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغۇچىلار توختامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
.5    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇش ياردەم پۇلى.
1)ئۇقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى:
پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ تۇلۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس ئوقوغۇچىلىرى(ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر،ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنىۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار،پۇقراۋى مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار.
2   )ياردەم پۇلى ئۆلچىمى:
ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى تۆت دەرىجە بۇيىچە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.جۈملىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 5000يۈەن ؛ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۇقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا3000يۈەن؛ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئۇقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 2000يۈەن؛ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئۇقۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1000يۈەن.
.6    ئاپتونۇم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىش سىياسىتى.
1) نۆۋەتتە رايوننىڭ جاپالىق چەت رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا (ناھىيەدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار،ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)ئشقا ئورۇنلىشىپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلسائۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋەدۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرىز پۇلىنى ئاپتونوم رايون مالىيسى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بىرىدۇمىنىستىرلىققا قاراشلىق مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مىنىستىرلىققا قاراشلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇلىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى قايتۇرۇپ بىرىشكە مەسئۇل بۇلىدۇ. ئوقۇش مەزگىلىدە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ۋە يۇرتىدىن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى ئالغان بولسا،ئاپتونوم رايون مالىيسىدىن ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىلدىغان پۇل ئالدى بىلەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرىنى ۋە ئۆسىمىنى قايتۇرۇشقا ئىشىلتىلدۇ.
2   )ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دىگىنىمىز-دۆلەت ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى (ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، ،ئاسپىرانىتلار،ئىككىنچى باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنىۋانى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. نىشانلىق تەربىيلەنگەن،ھاۋالە بۇيىچە تەربىيلەنگەن ۋە مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا
3    ) ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئورۇنلار
(1) ناھىيەدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزا (بازار)لىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ھەر قايسى تارماقلار، يېزا (بازار)لىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى قوش تىللىق سىنىپلار، بالىلار باغچىلىرى، يېزىلىق مالىيە ئورۇنلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق) مەيدانلىرى، سۇ ئېلىكتېر پونكىتلىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتلىرى، مال دوختۇرلۇق پونكىتلىرى، يېزا بازارلىق ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، يېزا، بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتلىرى.
(2) ناھىيىدىن تۆۋەن ئورۇنلاردا بولغان ھاۋارايى پونكىتلىرى، سۇ پونكىتلىرى، يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش پونكىتلىرى، كۆمۈركان، نېفىت ئېلىش ئورۇنلىرى، ئوتلاق ئىلمىي پونكىتلىرى، ئورمان پونكىتلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلاملارنىڭ جاپالىق، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سەپلىرى.
(3) تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونۇم ناھىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.
(4) ئوقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېزا (بازار) ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغان، خىزمەت قىلغان ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەك. خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ياكى دالىلاردا ۋاقىتلىق ۋە قىسقا مۇددەت خىزمەت قىلىدىغانلار ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ.
(5) ئومۇمەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئۈچۈن ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان پۇل 6000 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مەزگىلىدە ھەر يىلى تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ۋە ئېرىشكەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى 6000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ۋە ئېرىشكەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بويىچە ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. 6000 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، ھەر يىلى 6000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە قايتۇرىلىدۇ.
6) بىر نەچچە خىزمەت ئورۇنلىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ
(1) ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلىمى تەشكىللەپ ئالغان ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنغان ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان خىزمەت ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرى، تاللانغان ئوقۇغۇچىلار، سىتۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى تەربىيىلىنىۋاتقان مەزگىلدە مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى شەرت، تەربىيىلىنىپ بولۇپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشسا، ئالاقىدار ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈلۈپ لاياقەتلىك بولسا ئوقۇش پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
(2) «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەربىيىلەش پىلانى»غا كىرگۈزۈلگەنلەر، بىرىنچىدىن، چوقۇم نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى، يەنى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى تەربىيىلىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇشى؛ ئىككىنچىدىن، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار چىقىرىپ بەرگەن تەربىيىلىنىش توغرىسىدىكى ئىسپات بولۇشى، ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇشى؛ ئۈچىنچىدىن، تەربىيىلىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىسپاتى ياكى ئاساسى قاتلامغا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىسپات ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئۈچ يىلدىن يۇقىرى خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشنامە ۋە ياكى ئەمگەك توختامى بولىشى كېرەك.
(3) يۇقىرىدا ئېيتىلغان خادىملار ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ رەسمىي خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ئاندىن ئۈچ يىلغا بۆلۈپ قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
7    . ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ھەربىي سەپتىن بوشۇنۇپ قايتا ئوقۇغانلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى
2011    -يىلى 1-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىش ۋە ھەربىي سەپتىن بوشۇنۇپ قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىپ ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
1    ) ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان ۋە ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان پۇل، مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئەملىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى، ئېرىشكەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى يۇقىرى بولغاندا 6000 يۈەندىن ئاشمايدۇ.
2    ) ھەربىي سەپتىن بوشۇنۇپ قايتا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلى يۇقىرى بولغاندا 6000 يۈەندىن ئاشمايدۇ.
3    ) بۇ چارىدىكى ئالىي مەكتەپ دېگىنىمىز ــــ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەستىقلاپ تەسىس قىلىنغان، ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى بويىچە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان مەركەزدىكى تارماقلار ۋە يەرلىككە قاراشلىق پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەر ۋە مۇستەقىل ئىنىستىتۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
4    ) چارىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېگىنىمىز ــــ پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس (ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلار، ئىككىنچى باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس (ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
مەكتەپتىكى مەزگىلدە بارلىق ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان ئوقۇغۇچىلار، نىشانلىق تەربىيىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ھاۋالە بويىچە تەربىيىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار، دۆلەت مۇداپىئە كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ھەربىي سەپتىكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
.8    ئاپتونۇم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادى ۋە ياتاق ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى
ئاپتونۇم رايون 2011-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق بۆلۈم ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر يىلى 4000 يۈەندىن ئوقۇش ۋە ياتاق ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويدى.
2    - ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادى ياردەم پۇلى بېرىش سىياسەتلىرى
1    . دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى
1    ) ياردەم پۇلى ئۆلچىمى:
ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1500 يۈەن بېرىلىدۇ.
2    ) ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى:
2012    -يىلى 1-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن 2013-يىلى 2-ئوقۇش مەۋسۈمىگىچە، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىدە ۋە غەيرى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ھەمدە 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان يېزىلىق (ناھىيە، بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەرلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار؛ 2013-يىلى 1-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، 1-2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ، غەيرى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ %20 دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان يېزا نوپۇسلۇق ئوقۇغۇچىلار (ناھىيە بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ھەممىسى ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
3    ) دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش
(1) دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەر بىر ئوقۇش يىلىدا ئىلتىماس قىلىنىدۇ ۋە باھالاپ بىكىتىلىدۇ. ئايمۇ ئاي تارقىتىپ بېرىلىپ، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ؛
(2) ئوقۇغۇچىلار «ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى تولدۇرىدۇ؛
(3) ئوقۇغۇچىلار يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇۋاتقان مەكتىبىگە ئىلتىماسنى تاپشۇرىدۇ، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنىمۇ تاپشۇرىدۇ.
2    . دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى
2012-يىلى 1-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ 1-، 2-، 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئىگە بارلىق يېزا نوپوسىدىكى (ناھىيە، بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلار، شەھەرلەردىن يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. (سەنئەت تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماھارەت كۆرسىتىش كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن سىرت) مەركەز مالىيەسى مەكتەپلەردىكى شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ %15 نىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى بېكىتتى.
.3    ئاپتونۇم رايوندىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ياتاق ۋە دەرسلىك پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى
دۆلەت 2010-يىلى 1-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ۋە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئاساسىدا، ئاپتونۇم رايوننىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاست، كەلپىن ناھىيىسى، ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە (تېخنىڭ ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە دەرسلىك پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، 2012-يىلى 2-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايون ياتاق ۋە دەرسلىك پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يەنە باشقا 24 چېگرا رايون ۋە نامرات ناھىيىلەرگىچە كېڭەيتىدۇ.
3    -ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، جۈملىدىن قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى، ئۈچ تۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش نىسبىتى %100 بولىدۇ. باشقا ۋىلايەتلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %30تى بۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولىدۇ.
ياردەم پۇلى ئۆلچىمى:
ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 1500 يۈەن، كونكرېت ئۆلچەمنى ھەر قايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ 1000 يۈەندىن 3000 يۈەن دائىرىسى ئىچىدە بېكىتىپ، ئىككىدىن ئۈچ دەرىجە بويىچە بەرسە بولىدۇ.
4    -يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى
1    . يېزىلاردىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى: يېزىلاردىكى (ناھىيە، بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %86نى ئىگىلەيدۇ.
ياردەم پۇلى ئۆلچىمى: ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن يىلىغا 1250 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن 1500 يۈەن، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن 1750 يۈەن بېرىلىدۇ.
2    . ھەقسىز دەرسلىك بىلەن تەمىنلەش: يېزىلاردىكى (ناھىيە، بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم شەھەرلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ يېزىلاردىكى (ناھىيە، بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %100نى ۋە شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %50نى ئىگىلەيدۇ.
ئۆلچىمى: دۆلەتتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 90 يۈەن بېرىلىدۇ، قالغان قىسمىنى ئاپتونۇم رايون مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3    . رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى
ئاپتونۇم رايون مالىيەسىدىن رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 7000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە دائىملىق راسخوت ئاجرىتىپ بېرىلىپ، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغقان يوقلاش، قاتناش راسخوتى، تاماق قوشۇمچە ياردەم پۇلى قاتارلىق ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يېتىشمىگەن قىسىمىنى سىنىپ ئاچقان شەھەر مالىيەسىدىن ھەل قىلىنىدۇ. ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىش ئۈچۈن يەنە بىر مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ.
4    . ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى
ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ دائىملىق راسخوتى (ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش راسخوتى)نى سىنىپ ئاچقان شەھەر مالىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىۋاتقان راسخوت ئۆلچىمى دۆلەت بەلگىلىگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 8000 يۈەن دېگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆلچىمى 10000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان. ئاپتونۇم رايون مالىيەسى ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ياردەم پۇلى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغقان يوقلاش قاتناش پۇلى ئۈچۈن 2300 يۈەن ئاجرىتىپ بېرىدۇ. ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىتىش ئۈچۈن يەنە بىر مىليون يۈەن ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
5    . رايون ئىچى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى
ئاپتونۇم رايون مالىيەسىدىن رايون ئىچى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى 8000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە دائىملىق راسخوت ئاجرىتىپ بېرىلىپ، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇم ئىشلار راسخوتى، تۇرمۇش راسخوت بۇيۇملىرى، ياتاق ئەسلىھەلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغقان يوقلاش، قاتناش راسخوتى، تاماق ياردەم پۇلى، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
.6    يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانى
2011-يىلى 2-ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ دۆلەت مەركەزلەشكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستىدىكى 24 ناھىيە، شەھەر پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 11 ناھىيىدىكى ھەمدە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىلانغا كىرگۈزدى. بۇلار دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايون يولغا قويغان يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
دۆلەت بەلگىلىگەن ئوزۇقلۇق ياخشىلاش قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر كۈنى 3 يۈەن، ھەر يىلى 600 يۈەن بولىدۇ (مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىت بويىچە 200 كۈن ھېسابلىنىدۇ). مەبلەغنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىغا ئىشلىتىلىدۇ. پۇلنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا بىۋاستە تارقىتىپ بېرىشكە، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تاماق ياردەم پۇلى قىلىپ بېرىشكە، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
(ئوقۇغۇچىلارغا ئىقدىسادىي ياردەم بىرىش مەركىزى تەمىنلىگەن)
مەنبە http://uyghur.xjedu.gov.cn/jyy/jyyw/2013/65765.htm
ۋاقتى: 2014-6-2 22:05:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبدان يېزىلغان خەتلەركەن .ئىملاسىمۇ خېلى توغرا جايىدا يېزىلىپتۇ ...........................................................................................................................................!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 04:30 , Processed in 0.228736 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat