ئۈجمە-ئۈژمە-جۈجەم توغرىسدا
بۇنى تەييارلىغۇچى: hezret2011
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئۈژمە پىشىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىڭلارگە ئوتلۇق سالام!
.
يۇرتىمىزدا ئەمدى ئۈژمە پېشىشقا باشلاپتۇ. ئەتىياز كىرىپ ھاياتلىق ئويغانغاندىن بۇيان دەسلەپ قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا تېگىدىغان تەبىئى، ساپ مېۋىلىرىمىزدىن ئۈژمە ئەڭ داڭلىق. جانلىقلار تەبىئىتىنىڭ بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەئىپ ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھالىدىن كېتەي دېگەندە تۈنجى بولۇپ ئېغىز تېگىدىغان بۇ مېۋىدە ھەقىقەتەن خاسىيەتلەر كۆپ. بۇلارنى بىز ساناپ تۈگىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
ئەسلىدە ھەممىڭلارنى يۇرتىمىزغا كېلىپ ئۈژمە يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ، مېھمان قىلىۋالغۇم بار ئىدى (ئاللاھ نېسىپ قىلسا شۇ كۈنلىرىمىزمۇ كەپ قالار!).
ھازىرچە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىم بولمىغاچ، ئۆزەمنىڭ ئۈژمە يېيىش قىزغىنلىقىدا ئېغىزىمغا يېغىلغان سېرىق سۇلارنى يۇتۇۋېتىپ ئولتۇرۇپ، بۇ تېمىنى ھەرقايسىڭلارغا يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن
. بۇ سوغام ئۈژمىنىڭ ئورنىدا سىلەرگە تاتلىق داستىخىنىم بولۇپ قالغاي.
كىلاسسىك تېببى ئەسەرلەردىن ھەمدە تور بەتلەردىن توپلىغان بۇ ماترىياللارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
1.ئۈجمە
ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھىساپلىنىدۇ.
ئۈجمە مىۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، زەھەرسىز، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلى، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە.
ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.
قارا ئۈجمە شىنىجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.
2.شاتۇت
شاتۇتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق- چۈچۈك. شاتۇت تىلنى قورۇيدۇ، زەھەرسىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋىدە روتىن، كاروتىن، ۋىتامىن C، B، A، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتسىئاندىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، ئالوگول خلىدىكىلەر، كىنتا ئورىدىن، بوياق ماددىسى قاتارلىقلار بار.
شاتۇت ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان كاناي ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئۇ قان بېسىم يۇقۇرى بولۇش، قان قېتىش، بۆرەك، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
50گرام شاتۇت قېقى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا قايناق سۇ بىلەن 25گرامدىن دەملىنىپ ئىستىمال قىلىنسا، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
0.5گرام شاتۇت قېقى، 0.2كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0.25كىلوگرام قارىئۆرۈك قېقى، 0.2كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، بىر كىلو سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن 0.25كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىمىتىر ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقۇرى قان بىسىم، قان قېتىشىش، بۆرەك كىسەللىكى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى شىپا تاپىدۇ.
ھۆل شاتۇت مېۋىسىنى سىقىپ ئۈچ كىلوگرامغىچە شاتۇت سۈيىنى تەييارلىغاندىن كېيىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىرلىق تۈنىكە قاچىغا قۇيۇپ، ئىككى كىلوگرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 30مىنۇت قاينىتىپ قىيام قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قان بېسىمى يۇقۇرى، ئىشتەيسىزلىك كېسەللىكلىرى ياخشىلىنىدۇ.
پىشقان شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيى ئەلگەكتىن ئۆتۈزۈلگەندىن كېيىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 200مىللىلىتر ئىشلىتىلىپ ئېغىز چايقالسا، ئېغىز ئىچىگە چىققان ھەرخىل يارىلارغا شىپا قىلىدۇ.
دىيابىت كىسەللىكلىرنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك رىستىپ
ئۇجمە ياپرىقى 15گىرام ،پىلە قۇرتى 30گىرام،ئۈجمە يىلتىزى پوستى 10گىرام ئېلىپ قۇرۇتۇپ يۇمشاق سۇقۇپ قەنت بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قېلىپ بەرسە دىيابىت كىسەللكنى كونتىرول قىلىدۇ.
تەجىربىدىن ئۆتكەن
ئەگەر كىشى ئاق ئۈجمىنىڭ قۇرۇپ قالغا يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، كۆزىگە تاڭسا كۆز ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاغرىق بولسا شىپالىق بېرىدۇ
چاچ چۈشۈش. ئاۋۋال ئۈجمە يوپۇرمىقى سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇيۇپ، ئاندىن زەنجىۋىل سېلىپ قاينىتىلغان سۇدا باش يۇسا يېڭىدىن چاچ چىقىدۇ.
60g قۇرۇق ئۈزۈم، 15g لۇڭيەن مېۋە ئېتى (肉眼龙)، 5g ئۈجمىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، قان ئازلىق، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق، پۇت مۇزلاشنى داۋالايدۇ.
تەرەتتە قان كەلگەننىڭ داۋاسى: ئۈژمە ، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەر كۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.
كىشى بەزگەك بولۇپ قالغاندا، 20 دانە قارا ئۆرۈك، بەدىيان، رەۋەندىن 3.5 گرامدىن ئېلىپ، ئۈچ چىنە سۇدا بىر چىنە سۇ قالغۇچە قاينىتىپ ئىچكەندىن كېيىن، كەپتەر تۈكى، ھېرە كۆنىكى، كۆنا ئۈژمە ئوتۇنى، سامساق پىيىزى، ۋاڭ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى بىرلىكتە كۆيدۈرۈپ، بىمارنى ئىسلاش ياكى70 مىللىلىتىر گۇلابقا 12 گرام سانا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، ئاز- ئازدىن ئىچىش لازىم، بۇنىڭ بىلەن بەزگەك ئاسان ساقىيىدۇ.
خۇن كىسەللىكى
قارا چاچنى سوپۇنداپ يۇغاندىن كىيىن كۆيدۈرۈپ ئىلىنغان كۆمۈرىدىن 30 گىرام، ئاق ئۈژمە بىلەن قارا ئۈژمىنىڭ ئۈششۈك چۈشكەندىن كىيىنكى – كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قۇرۇق غازاڭنى يىغىۋىلىپ كۆيدۈرگەن كۈلىدىن30 گىرام، قارا شىكەر 250 گىرام، قەن 10 تال، قارا لەيلىگۈل 30 تال، ئانار پوستىدىن 100 گىرام ئىلىنىدۇ.
تەييارلىنىشى: ئانار پوستىنى 1500 گىرام سۇدا، 1250گىرام سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، قارا شىكەر، قەن، قارا لەيلىگۈل قاتارلىقلارنى بىر قاچىغا سالغاندىن كىيىن، قارا رەڭ چىققۇچە دەملەپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى: بۇ دورىدىن كۈنىگە 3 ۋاخ، بىر قىتىمدا 30 مىللى گىرامنى تاماقتىن كىيىن ئىچىدۇ. ئىككى خىل كۈلنى ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن 3 ۋاخ كاپ ئىتىدۇ.
تەسىرى: بۇرۇن قاناش، ئاشقازان قاناش، خۇن كىسەللىكى، بوۋاسىر قىنىنى توختىتىدۇ. بۇ جەھەتتە تىز ئۈنۈم بىرىدۇ.
رېماتىزم ئۈچۈن ۋە پاقالچاق يىلىكىنىڭ ئاغرىقى ئۈچۈن پۇتنى يۇيۇپ داۋالاش چارىسى.
يۇلغۇن پۇپۇگى 500گىرام
ئۈژمە يىلتىزى 300گىرام
شىۋاق 100گىرام
ھېلىلە 5گىرام
موزا 5گىرام
يۇقارقى دورىلارنى چالا سوقۇپ 8كىلو سۇدا قاينىتىپ ،ئۈچ كىلو خوراپ 5كىلو قالغاندا پۇتنىڭ ئاغرىغان يېرىنى قىزىق يۇيۇپ بىرىمىز.مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىر قانچە كۈن قايتا-قايتا يۇيۇپ بىرىمىز.
تىز ئاغرىش، ھاسىراشنى داۋالاش
1.گۈلە ئۆرۈك مېغىزى 100گرام
2.سەۋزە ئۇرۇقى 10 گرام
3. زىرە 5 گرام
4.كىشمىش ئۆرۈك گۈلىسى 100گرام
5.ھېلىلە 4 گرام
6.سىيادان 7 گرام
7. ئۈژمە قېقى ئۇرۇقى ئۇنى10 گرام
8.ئەنجۈر قېقى 30 گرام
9.ئوغلاق گۆشى 250 گرام
يۇقارقى دورىلارنى 1800 گرام سۇ قۇيۇپ 1500 گرام قالغىچە قاينىتىپ پىشقان دورىنىڭ سۈيىگە نوقۇت ئۇنىدىن 100 گرام، سېرىق قوناق ئۇنىدىن 100 گرام چېلىپ ئۇماچ قىلىپ كۈنلىكى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچىمىز.
قان سۇيۇلدۇرۇش،نەپەس يولنى ياخشىلاش،قان تومۇرنى كېڭەيتىش،ئۇششاق قىل تومۇرنى كېڭەيتىش دورىسى
ئاق ئۈژمە يىلتىزى400گرام،چۈچۈك بۇيا يىلتىزى6گرام.
يۇقارقى ئىككى خىل دورىنى1.5كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ1.2كىلو قالغاندا تۆۋەندىكى دورىلارنى سىلپ ئىچىمىز.
قارا ئۆرۈك قېقى100گرام، شاپتۇل قېقى100گرام، چىلان100گرام، ئالقان5گرام، سەۋزە ئۇرۇقى10گرام.
يۇقارقى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلپ قاينىتىپ ئېچىلىدۇ.كۈندە مۇشۇ رېتسېپ بويىچە قاينىتىلىدۇ.
94- رېتسىپ؛ئۆتكۈر جىگەر راكنىڭ دورىسى
ئالقات10گرام،سېرىق ھېلىلە4گرام،زىرە6گرام،باش پىيۈز 50گرام، يۇمىلاق چىلان100گرام،قومۇش يىلتىزى100گرام، گۈلە100گرام،ئاق ئۈژمە يىلتىزى300گرام،سىيادان 6گرام، ئەنجۈر قېقى40گرام.
ھەممىسىنى سوقۇپ7كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ 2كىلو سۇ قالغاندا تېلىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز،قالغان 2كىلو سۈيىگە بىر كۈن كۆك كەپتەر،(پۇتنى ئېلىۋېتىپ بېشى بىلەن سالىمىز)بىر كۈن ئوغلاق گۆشى(250گرام)سېلىپ قاينىتىمىز، قىزىل گۈل ھەسىلىنى50گرام ئارىلاشتۇرۇپ بەش كۈن ئىچىلىدۇ.
、ئىششىق ئىچكى ئەزادىن باشلانسا، قورساق قىسىمدا قاتتىق مونەكچىلەر پەيدا بولۇپ، قول ۋە پۇتلىرى ئىششىسا، بۇنى تاش سۇ دېيىلىدۇ. مەنبەسى دوۋساقتا بولىدۇ. ئىلاجى: ئۈژمە يىلتىزى.
ئاشقازاننى كۈچەيتىشنىڭ ئىلاجى: قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 ھەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر ھەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش شەربىتى: ئاق ئۈژمە سۈيىنى قازانغا تۆكۈپ پەس ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر سېلىپ، ئېرىپ سوۋۇغاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈزۈلدۈرۈپ، شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نېرۋا ئاجىزلىقى، نېرۋا خاراكتېرلىك ئاغرىقلارغا بېرىلىدۇ. ئۈنۈمى ياخشى.
نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنىڭ ئىلاجى: شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
نەپىس سىقىلىش، ھاسىراشنىڭ ئىلاجى: گۈلە ئۆرۈك مېغىزى 100گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 10 گرام، زىرە 5 گرام، كىشمىش ئۆرۈك گۈلىسى 100گرام، ھېلىلە 4 گرام، سىيادان 7 گرام، ئۈژمە قېقى ئۇرۇقى ئۇنى10 گرام، ئەنجۈر قېقى 30 گرام، ئوغلاق گۆشى 250 گرام، يۇقارقى دورىلارنى 1800 گرام سۇ قۇيۇپ 1500 گرام قالغىچە قاينىتىپ پىشقان دورىنىڭ سۈيىگە نوقۇت ئۇنىدىن 100 گرام، سېرىق قوناق ئۇنىدىن 100 گرام چېلىپ ئۇماچ قىلىپ كۈنلىكى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىچىمىز
چىش ئاغرىقىنىڭ ئىلاجى: ئاق ئۈژمىنىڭ شېخىنى ئۇششاق توغراپ، قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىلاجى: ھېيزنى تەڭشەش شەربىتى: بۆرى تىكەن قارغىتى، ئانار چېچىكى، ئاق تىكەن قارغىتى، ئارپا بەدىيان ئۇرۇقى، قارا ئۈژمە ۋاسالغۇسىنىڭ ھەر بىرى 200 گرامدىن، سىيادان30 گرام، كەندىر ئۇرۇقى 100گرامدىن ئېلىپ، 2 كىلو گرام سۇ بىلەن پەس ئوتتا 1. 5 كىلو گرام سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 60-80گرام ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاق خۇن نورمال كەلمەسلىك، بەل ساهەسى ھەرە چاققاندەك ئىچىشىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاغرىق توختىتىدۇ. ھېيز كېلىشنى نورماللاشتۇرىدۇ. ئىشتېھانى ئاچىدۇ. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى، بىر ھەپتە داۋالىسا ساقىيىدۇ.
چاچ- ساقالنىڭ ئىلاجى: ئۈژمە يوپۇرمىقى ۋە ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى يامغۇر سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئاقارغان چاچ _ ساقالغا چاپقاندا، چاچ، ساقالنىڭ ئاقىرىشىنى توختاتقىلى بولىدۇ.
دورا ياساش ئۇسۇللىرى: شاتۇت شەربىتى: شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، پەس ئوتتا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈلدۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 30- 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاغرىقى، كۆكسى ئاغرىقى، ئۆپكە شاخچىلىرى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ، ھېيىزنى نورماللاشتۇرىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھۆل شاتۇت ئورنىغا شاتۇت ۋاسالغۇسىدىن 2 هەسسە سۇغا سېلىپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربەتنى، يۇقارقى كۆرسەتمە بويىچە ئىچسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ.
دورا ياساش ئۇسۇللىرى: قارا ئۈژمە- ئاق تىكەن شەربىتى. قارا ئۈژمە سۈيىدىن 2 هەسسە. ئاق تىكەن قارغىتىنىڭ سۈيىدىن بىر هەسسە ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا 15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق ۋاقتىدا مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. دورا سوۋۇغاندىن كېيىن شېشىگە قاچىلاپ تەييارلىنىدۇ. ھەركۈنى 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گرامدىن ئىچىدۇ. ئىشلىتىلىشى: نامەششام قارىغۇسى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەم ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش، پېسە كېسىلىنى داۋالاش، قان تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.
قان سۇيۇلدۇرۇش، نەپەس يولنى ياخشىلاش، قان تومۇرنى كېڭەيتىش، ئۇششاق قىل تومۇرنى كېڭەيتىشنىڭ ئىلاجى: ئاق ئۈژمە يىلتىزى 400گرام، چۈچۈك بۇيا يىلتىزى6گرام. يۇقارقى ئىككى خىل دورىنى1. 5كىلو سۇ بىلەن قاينىتىپ1. 2كىلو قالغاندا تۆۋەندىكى دورىلارنى سىلپ ئىچىمىز. قارا ئۆرۈك قېقى 100گرام، شاپتۇل قېقى 100گرام، چىلان 100گرام، ئالقان5گرام، سەۋزە ئۇرۇقى10گرام. يۇقارقى دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلپ قاينىتىپ ئېچىلىدۇ. كۈندە مۇشۇ رېتسېپ بويىچە قاينىتىلىدۇ.
قاناپ كېتىشنىڭ ئىلاجى: تاشقى كېسەللىك، سىرتقى ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشتىن قاناپ كېتىشى. ئاق ئۈژمىنىڭ يېڭى يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، ئېزىپ، كېسىلگەن جايغا چېپىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى: پىچاق كەسكەن جايغا ئىشلىتىلىدۇ.
كەندىر يۇپۇرمىقى بىلەن جۈجەم(ئۈژمە) يۇپۇرمىقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ قاينىتىنپ،تەمىنى چىقىرىپ،بىشىنى يۇيۇپ بەرسە چاچ چۇشۇپ كىتىشكە شىپا بولىدۇ.
ئۈجمە يۇپۇرمىقى چېيى؛ ئۈجمە يۇپۇرمىقى چېيىدا كىچىك ئۈچەيدىكى قەنىتنى گىلىكوزىغا ئايلاندۇردىغان ئىقتىدار بار، بۇ خىل چاينى تاماقتىن بۇرۇن ئىچكەندە قاندىكى قەنىت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
|