جىگدە
جىگدىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق، جىگدە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى پەسەيتىدۇ.
جىگدىنىڭ كونىلىرىنى (ئىككى يىلدىن ئاشقىننى) ئىشلەتمەسلىك لازىم.
جىگدىدە ناھايىتى كۆپ قەنت ماددىسى بار. بولۇپمۇ نان جىگدىسىدىكى قەنت ماددىسى 50-60 پىرسەنتى تەشكىل قىلىدۇ. جىگدىنىڭ يېلىمى سانائەتتە ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا سەمىقى ئەرىبىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چەت ئەلدە جىگدە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىشقا، سىركىگە چىلىنىپ كۈندە بىر قانچە قېتىم 10-20 تامچىدىن ئىچىلىش ئارقىلىق بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
جىگدە گۈلىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، ئۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىنى قوزغايدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مۇداپىئە قىلىدۇ.
جىگدە گۈلىنى شەربەت قىلىپ ئىچىش ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرىگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرىغا، دەم سىقىلىشقا، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەشكە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىشقا، يەللەرنى تارقىتىشقا، بەزگەك كېسىلىگە، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا ئوبدان پايدا قىلىدۇ.
جىگدە گۈلىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تېڭىش ياكى قاينىتىپ موپاسىل، سۇسلاپ كەتكەن پەيلەرنى ياغلاش پايدىلىق، ئۇ يەنە چاچنى ئۆستۈرىدۇ.
- ئىزدىنىشتىكى ھەزىرەتنىڭ ئىنكاسى
ئېتىۋارسىز قارىلىۋاتقان جىگدە
گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)
جىگدە _ باشقا مىۋىلەرگە ئوخشاش چېچەكلەش، مىۋە بېرىش، پىشىش باسقۇچلىرىنى باشتىن كۆچۈرىدىغان، ئېگىز ئۆسىدىغان، مىۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئۇششاق، ئۇسسۇزلۇققا چىدامچان، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشى كۈچلۈك، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل مىۋە بولۇپ، باشقا مىۋىگە قارىغاندا كېيىن چېچەكلەپ، كېيىن پىشىدۇ (5- ئايدا چېچەكلەپ، 8- ئاينىڭ ئاخىرىدا پىشىدۇ). يازنىڭ كۈن نۇرىدا ئۇزاق تۇرغانلىقتىن بەدەندىكى نەملىكنى تارتىش، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختۇتۇش، ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دورا بولالايدۇ.
شېخىدا پىشقان جىگدىنىڭ رەڭگى توق ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولۇپ، تەمى تاتلىق، ئىچى يۇمشاق، شۇ پېتى يىيىشكىمۇ، قوقاسقا كۆمۈپ يىيىشكىمۇ، كۇن نۇرىدا قۇرۇتۇپ قۇرۇق ھەلەتتىمۇ يىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قۇرۇتۇلغان جىگدىنى ھېيتلىق داستىخانلىرى، توي - تۆكۈن، ھەر خىل مېھماندارچىلىق داستىخانلىرىغا گېزەك ئورنىدا ئەتىۋارلاپ تىزىدۇ
جىگدە _ نان جىگدە، قاپاق جىگدە، قاغا جىگدىسى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. نان جىگدىدىن باشقىسى يىغىۋېلىنمايدۇ. قۇرغاق رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تېرىلغۇ يەرلىرىنى ۋە باغ - ۋارانلىرىنى قۇم - بوراندىن قوغداش شۇنداقلا تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاشنى مەقسەد قىلىپ، ئەتراپنى چۆرىدەپ جىگدە دەرىخى قويىدۇ.
جىگدە دەرىخىنىڭ غولى داۋاملىق يېرىلىپ، سىرتقى پوستى ئۆزلۈكسىز سويۇلۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، غول پوستىنى قاينىتىپ باش يۇيۇپ بەرسە باش ئاغرىش، چاچ چۈشۈش، چاچ كېپەكلىشىش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، ھەمدە قول - پۇتلارنى يۇيۇپ بەرسە ھەر خىل بوغۇم ئاغرىقلىرىغا شىپاھ بولىدۇ. غولىدىن ئاققان يىلىمى چاچنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى بولۇپ، يىلىمنى كولاپ ئېلىپ قۇرۇتۇپ قويۇپ چاچ دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ( يىلىمنى يۇمشاق سوقۇپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ ئارلاشتۇرۇپ، يېرىم كۈن ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، نەم چاچقا سۈركەپ، ياز پەسلىدە بىر كۈن، قىش پەسلىدە ئۈچ كۈن تۇرغۇزۇپ يۇيىۋەتسە چاچ يىلتىزىنى قۈۋەتلەپ، چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇرىدۇ، ھەم يەنە چاچ شالاڭشىپ كېتىش، بالدۇر ئاق كىرىش، چاچ كېپەكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ تىز ئۆسۈشىگىمۇ ياردەم بېرىدۇ.جىگدە يوپۇرمىقى كۈمۈشرەڭ پارقىراق بولۇپ چارۋا - ماللارغا يىگۈزسە ئاسان سەمىرىتىدۇ. چاتىۋەتكەن شاخلىرىنى قالاپ نان ياقسا جىگدە ئوتۇنىنىڭ چوغىدا پىشقان ناننىڭ تەمى ئالاھىدە تاتلىق، ئۆزگىچە تەملىك بولىدۇ. جىگدىنى چىلاپ شىرنىسىنى چىقىرىپ يېڭى قومۇرغان ناننىڭ يۈزىگە سۈركىسە ناننىڭ رەڭگى كۆركەم پارقىراق بولىدۇ. ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ناننىڭ خېمىرىغا جىگدە شىرنىسى ئارلاشتۇرۇپ نان يېقىپ «شىرمان نان»نى ئىجاد قىلىپ نان مەدىنىيىتىمىزگە شۇنداقلا دۇنيا تائام مەدىنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.' |