ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 781|ئىنكاس: 1

«مەشھۇر تاۋار ماركىسى»نامنى ئىشلەتكەنلەرگە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«مەشھۇر تاۋار ماركىسى» دېگەن نامنى ئىشلەتكەنلەرگە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى باھاۋۇدۇن كېرەم
12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى» 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى تۈزىتىش دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل بولغان بازار رىقابەت تەرتىپى تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق. مۇخبىر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق س س م ب ئىدارىسى تاۋار ماركىسى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇل خادىمىنى زىيارەت قىلدى.
مەسئۇل خادىم تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دىكى يارقىن نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- بۇ قېتىمقى تۈزىتىشتە ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ يولغا قويۇلغىچە سەككىز ئاي تەييارلىق مەزگىلى بېرىلدى، چۈنكى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش، باشقۇرۇش، ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق بۆلەكلەرگە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. مېنىڭچە، تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى»نىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. تەشۋىقاتتا «مەشھۇر تاۋار ماركىسى» دېگەن خەتنى ئىشلىتىش چەكلەندى. تۈزىتىلگەن «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 14 – ماددا 5 – تارمىقىدا: «ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ‹مەشھۇر تاۋار ماركىسى› دېگەن خەتنى تاۋار، تاۋارنىڭ ئورالمىسى ياكى لايىھەسىگە، ۋەياكى ئېلان تەشۋىقات، كۆرگەزمە ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلەتسە بولمايدۇ» دەپ، 53 – ماددىسىدا: «مۇشۇ قانۇننىڭ 14 – ماددا 5 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنسا، يەرلىك س س م ب تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
مەشھۇر تاۋار ماركىسى ماختىنىش نامى ئەمەس، بەلكى بىر خىل قانۇنىي ئۇقۇم. ئەسلىدە مەشھۇر تاۋار ماركىسى تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش شۇ ماركىنى قوغداش ۋە بۇ ماركا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى، بىراق ھازىر بىر قىسىم كارخانىلار بۇنى مەھسۇلاتىنى داڭلاپ سېتىشنىڭ كوزۇرى قىلىۋالماقتا، بۇ ئەمەلىيەتتە ناتۇغرا رىقابەت قىلمىشىغا كىرىدۇ.
2. باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويىخەتكە ئالدۇرۇۋېلىش چەكلەندى. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 15 – ماددا 2 – تارمىقىدا: «ئوخشاش بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغاندا، باشقىلار رويىخەتكە ئالدۇرماي ئالدىن ئىشلەتكەن تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كەتسە، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن بۇ كىشى ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا، توختام، كەسپىي ئالاقە مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلسە، بۇ كىشى باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ تاۋار ماركىسى تەستىقلانمايدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
بۇ تارماقنى قوشۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت، باشقىلار ئاللىقاچان ئالدىن ئىشلەتكەن تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئارقىلىق ئاللىقاچان ئىشلەتكەن، بىراق رويىخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنىڭ قوغدىلىش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستى.
3. كۆپ تۈرلۈك تاۋارغا ئوخشاش ماركا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 22 – ماددا 2 – تارمىقىدا: «تاۋار ماركىسى رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بىر ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، كۆپ تۈردىكى تاۋارغا ئوخشاش ماركىنى رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
بۇنى دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىدىكى زور ئىسلاھات، دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قولايلىق بولۇش كۆزدە تۇتۇلغان.
4. ئاۋازنىمۇ تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشتا ئىلتىماس قىلىپ سۇنسا بولىدۇ. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 8 – ماددىسىدا: «تەبىئىي شەخىس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەرقانداق شەرتلىك بەلگە، جۈملىدىن خەت، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى ۋە ئاۋاز قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويىخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
ئىلگىرى ئاۋاز ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرمىغان كارخانىلار بۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشى، شۇنداقلا بۇنى سېتىش ۋە بازار تەشۋىقاتى ھەمدە تۇرمۇشىمىزغا كۈنسېرى سىڭىپ كىرىۋاتقان ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەلىرىدە ئىشلىتىپ، ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىشى زۆرۈر.
5. يامان نىيەتتە ھوقۇققا چېقىلغانلار يۇقىرى بولغاندا 3 مىليون يۈەن تۆلەم تۆلەيدۇ. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 63 – ماددىسىدا: «تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇقى چىقىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇچرىغان ئەمەلىي زىياننى ئاساس قىلىدۇ؛ ئەمەلىي زىياننى بېكىتىش قىيىن بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تارتقان زىيىنى ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، بۇ ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سوممىسى بويىچە مۇۋاپىق بېكىتسە بولىدۇ. يامان نىيەتتە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولسا، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا سوممىنى بېكىتكەندىن كېيىن، بىر ھەسسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىدىن تۆۋەن تۆلەم سوممىسى بېكىتىلىدۇ.
ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى چېقىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇچرىغان ئەمەلىي زىيىنىنى، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى، تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قانۇندا يەنە: «بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋاللارنى سادىر قىلسا، ئېغىرلىتىپ جەرىمانە قويۇلىدۇ» دېيىلدى.
دېمەك، بۇنىڭدا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چىقىلىش قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلگەن.
6. ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى ئاشۇرۇلدى. بۇ قانۇننىڭ 63 – ماددىسىدا يەنە: «خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىشتە، ھوقۇق ئىگىسى چامىنىڭ يېتىشىچە ئىسپات كۆرسەتكەن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ قىلمىشىغا ئائىت ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللار ئاساسلىقى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئىلكىدىكى ئەھۋالدا، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا ئائىت ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچى تاپشۇرمىسا ياكى تاپشۇرغىنى ساختا ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەمىنلىگەن ئىسپاتى بويىچە تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
دېمەك، بۇ ئارقىلىق تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى چېقىلىنىپ تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش مەزگىلىدىكى ئىسپات كۆرسىتىش يۈكى يېنىكلىتىلدى، شۇنداقلا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتكەندە پايدىلىنىدىغان تېخىمۇ ياخشى قانۇنىي ئاساس بار بولدى
7. تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە تالاش – تارتىش مەسلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلدى. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 28 – ماددىسىدا: «تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ تاماملايدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغانلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ» دەپ؛ 35 – ماددىسىدا: «دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىلىرىغا قارىتا باشقىچە پىكىرلەر چىقسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىردە بولغۇچى ۋە باشقىچە پىكىردە بولۇنغۇچىلارنىڭ پاكىت ۋە سەۋەبىنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئېلان قىلىنىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق قارارى چىقىرىدۇ ھەمدە باشقىچە پىكىردە بولغۇچى ۋە باشقىچە پىكىردە بولۇنغۇچىلارغا يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىش توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن س س م ب تارمىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ۋە بۇ جەرياندىكى تالاش – تارتىشلارغا قاراپ چىقىش ۋاقتىغا چەك قويۇلدى.
8. باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامى قىلىپ ئىشلىتىش چەكلەندى. تۈزىتىلگەن قانۇننىڭ 58 – ماددىسىدا: «باشقىلار رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى، رويىخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى كارخانا نامىنىڭ تەركىبىگە قوشۇپ ئىشلىتىپ، جامائەتتە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلىرى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
كارخانا نامى شۇ رايون تەۋەسىدە تىزىملىتىلىدۇ، تاۋار ماركىسى بولسا مەملىكەت دائىرىسىدە رويىخەتكە ئېلىنىدۇ، ئىككىسىنىڭ تىزىملىتىش تۈزۈمى جەھەتتىكى پەرقى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پايدىلىنىش يۇچۇقى بولماقتا. بۇ ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ماركا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى تېخىمۇ زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە بولدى.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ 28 – ئاپرېل سانىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2014-5-7 08:35:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋەقە، شۇ تاپتا بىزدە «،ئەشھۇر»سۆزى ئەخلەت ئورنىدا كۆپۈيۈپ كەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-9 05:42 , Processed in 0.141745 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat