ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 767|ئىنكاس: 1

[iPhone] ئايفونىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. ئۇزۇن بوپتۇ دېدارلاشمىغىلى.  بۈگۈن ھەر قايسىڭىزلارغا كىچىككىنە بىر ھۆنەر ئېلىپ كەلدىم. بەلكىم بۇ ھۆنەرنى بىلىدىغانسىز. ياكى بۇ ھۆنەرنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھۆنەر ئايفون، ئايپەدلەرنىڭ ئۆزىدىلا بار. بايقىمىغان يېرىڭىزلا بار شۇ.
قانداق ھۆنەردۇ دەپ ھەيران قالماڭ.  بۇ شۇ  ئايفوننىڭ زىيارەتنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قوزغىتىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى سىز يانفوننىڭ  ئورۇن بەلگىلەش، ئايفونۇمنى ئىزدە، iCloud  ھېساباتى قاتارلىق مۇھىم مەخپىيەتلىك ئىقتىدارلىرىنىڭ زىيارىتىنى توسۇشتىن ئىبارەت. سىز زىيارەتنى چەكلەش تاللانمىسىدىن  تەڭشەش ئارقىلىق يۇقارقى ئىقتىدارلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيارەت قىلىشىنى توسۇپ قالالايسىز. بۇ ھۆنەرنى مۇنداق بىر سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرلا ئېغىز گەپ «ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ».
بارلىق تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىقتىدارلارنىڭ ئېچىش، تاقاش كۇنۇپكىلىرى ئۆز رولىنى يوقاتقان بولىدۇ. خۇددى سىمسىز تور ئىقتىدارىنى يوقاتقان يانفونلاردەك ئېچىش، تاقاش كۇنۇپكىلىرى سۇس ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ.  (ئەنسىرەپ كەتمەڭ،  كېرەك بولسا ئۆزىڭىز ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئايفونىڭىزنى ساتماقچى بولۇپ قالسىڭىز باشقىلارغا ھەرگىز شۇنداق پېتى سېتىپ قالماڭ، بولمىسا سىز ئايفون ساتقان پۇل سىزگە ھارام).
سېستىما يېزىپ ئېچىۋەتسىچۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟  بەلكىم شۇنداق بولار.... ئەقىللىقراق ئوغرى(سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئىسسىق تونۇردىن سامسا قومارغۇچى) بولسا ھازىرقى ۋەزىيەتتە سېستىما يېزىپ ئاچىمەن دەپ ئويلىماسلىقى مومكىن. چۈنكى ھازىر ھاۋا سوغۇق، سامسا خام قالغان بولسا قورسىقى ئېسىلىپ قىلىشى مۇمكىن. .
كەمىنە 6.13 سېستىمىدا سىناپ باقتىم.   مەن يۇقىرىدا ئېيتقان تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن يەنە 6.1.3 نى قايتا يازسام بۇ تەڭشەكلەر ئۆز رولىنى يوقاتماپتۇ. سىنالغان ئۈسكۈنە  4- ئەۋلاد ئالما يانفونى.
يۇقىرى سېستىمىدا قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭغا بىرنېمە دىيەلمەيمەن. بەلكىم ئايفونغا كۆيۈپ قالغان ئەمەس بەلكى، كۆنۈپ قالغان ، كونىلىققا ئېنتىلىدىغان «سامسىپەز» لەر بولسا 6.1.3 سېستىمىنى كۆتۈرۋەتمەسلىكى مومكىن. چۈنكى كۆنۈپ قالغانلار ھازىر ئۇنىڭدىن يۇقىرى سېستىمىنىڭ ID  تەلەپ قىلىدىغىنىنى  ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. چۈنكى سىز  تەڭشەپ قويغان ID نومۇرى كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرىۋاتسا.... بەلكىم سېستىما كۆتۈرمەي باشقىلارغا سېتىۋىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە بىر مەسىلە بار. ئەگەر مېڭىسىنىڭ پىيى تارتىشىپ قالغان بىرەر ئەخمەق بۇناچار«سامسا»نى ئەرزان بەرسە موككىدە ئېلىپ قويۇشى، سىز ئىزدەپ تېپىۋالغاندا بولسا «سامسىپەز»لەردىن بەكرەك قورساق كۆپۈكى تارتىشى مۇمكىن.  ئەلىكۇمۇلىللەھ. بۇنى ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن كۆرسۇن.
بۇ ھۆنەرنى بىلىۋالسىڭىز ھېلىقىدەك «سامسىپەز»لەر تونۇردىن مىڭ بىر جاپاچىلىقتا سامسىنى قومۇرۇپ يىيەلمەي قان قۇسىدۇ. مەيلى ئۇ قانداق ئامال ئىشلەتسۇن. ئۇنىڭغىچە  ئالتە بەش كۈن ئۆتۈپ بولىدۇ. ئۇ چاغقىچە سىز ئۆمۈچۈكتەك ئۆمىلەپ بارسىڭىزمۇ تېپىۋىلىپ بولالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چارە بىلەن مۇتلەق تېپىپ كېلەلىشىڭىز ناتايىن، شۇنداقتىمۇ يوقاپ كەتسە ھاڭۋاقتىدەك داڭ قېتىپ تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولالايدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن يوقاپ كەتكەن  ئايفونىڭىزنى تېپىپ كېلەلىسىڭىز ئۈچ كۈنگىچە بېشىڭىزدا قويۇپ ئۇخلاڭ، ئۈچ كۈنگىچە تاپالمىسىڭىز ئۈچ كۈن يىغلاڭ(بۇ ئۇسۇل ھەم ئەلۋەتتە سالامەتلىككە پايدىلىق). ئۈچ كۈن يىغلاپمۇ ئايفونىڭىزنىڭ سىماسى كۆز ئالدىڭىزغا كەلمىسە. سەۋىر قىلىڭ!
سەمىڭىزگە سېلىپ قويىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ھازىر بەزىدە ھاجەتخانىغا بېرىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات  دەيدىغان بوپ كەتتى.  شۇڭا سىز ئايفونىڭىزنىڭ IMI  نومۇرىنى، ۋە يانفون سېتىۋالغاندىكى تالون، بولۇپمۇ  يانفوننىڭ قەغەز قېپىنى ساقلاپ قويۇڭ. يەنە iCloud قا ئانچە مۇنچە ماتېرىيال زاپاسلاپ قويۇڭ. ئىسپات دېگەن مۇشۇ شۇ.
مەن ئېيتقان ھۆنەرنىڭ تەڭشەش قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندە سىنلىق قىلىپ ئىشلەندى. كېنو كۆرگەندەك ھۇزۇر ئالغاچ تەڭشىۋالارسىلەر  
ۋاقتى: 2014-5-5 20:12:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىر ياخشى بىلىمكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-6 17:55 , Processed in 0.188081 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat