ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
ئەڭ زور ھەسرەت ـــ بىلمىسىزلىك بىلەن پوچىلىقتۇر.
كۆرۈش: 346|ئىنكاس: 1

[iPhone] ئۇيغۇرچە فونتلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش [جەسۇر]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم                    ھەرقانداق ۋاقىتتا سالام قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .

بىز ئايفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەندۇق ، بەزىلىرىمىز سىگىنال بەلگىسىدىن باشلىسا بەزىلىرى بەت يۈزىدىن باشلاپ گۈزەللەشتۈرۈشكە باشلىدى ، بەزىلەر ئۇتۇق قازاندى بەزىلەر ئالمىسىنى سېسىتىپ قويۇپ ئىگىز يەرگە چىقىۋېلىپ پەسكە قاراپ ئولتۇرماقتا ................
مەنمۇ دەل شۇنداق ھەۋەسكارلارنىڭ بىرى ، لىكىن ئوخشمايدىغان بىر يىرى ios7 چىققاندىن بىرى مەن فونت بىلەنلا ھەپىلىشىۋاتىمەن ، ئۇنى- بۇنى قىلىپ يۈرۈپ فونت ماسلاشتۇرۇشنى ئۈگەندىم ، كىيىن بىلگە ئۇستازنىڭ فونت ماسلاشتۇرۇش دەرسلىكى چىقىشى بىلەن فونت بىلەن ھەپىلىشىشنى توختاتقان  ئىدىم . (چۈنكى ھازېر دەرسلىكىنى بىر قىتىم كۆرۈپ چىققان ئادەمگە  نىسبەتەن فونت ماسلاشتۇرۇش پەقەت ئىككى مىنۇتلۇق ئىش بولۇپ قالدى ).
ھەپتە ئىلگىرى تور ئارلاۋېتىپ تورداشلارنىڭ ئايبىلگە تورى تەمىنلىگەن ۋە جەسۇر ئۇستاز تەمىنلىگەن فونتلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىرەر ئامال بار يوقلۇقى توغرسىدىكى ئىنكاسلار بىرقانچە تىمىدا كۆزۈمگە چىلىقىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە ئوت چۈشتى .......................
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك - مەن قايتا- قايتا سىناش ئارقىلىق، ئىنتايىن ئاددى بىر ئۇسۇلدا ios6 دىن ios7 گچە خالىغان نەشردىكى ئايفۇن ۋە ئايپەدلەردە ئۇيغۇرچە - ئەرەپچە  ئۆلچەملىك فونت ھۆججەتلىرىنى تورسىز شارائىتتىمۇ خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇلنى تىپىپ چىقتىم .
ئاددىيلىقىدىن يىغلىۋەتمەڭ ھە يەنە...........
بىراق يەنە سىز قول سىلىپ قىلىدىغان كىچىككىنە ئىشمۇ بار .ئاۋال bytafont قىستۇرمىسىنى قاچىلاڭ . ئەگەر ئۈسكىنىڭىز ios7  بولسا bytafont2 نى قاچىلايسىز .ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ ۋە قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن خالىغان بىر چوماقچى ئارقىلىق /var/mobile/Library/MyFonts2/Arabic مۇندەرىجىسگە كىرىڭ .
(ios6 دە /var/mobile/Library/MyFonts/Arabic بولىدۇ ) ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدىكى Arabic نامدىكى ھۆججەت خالتىسى بولمىسا ئۆزىڭىز قۇرۇڭ .
ئاندىن تۆۋەندىكى قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ شۇ ئورۇننى قاپلاڭ .(يەنى Arabic نى قاپلىۋىتىڭ).

چىقرىش چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ توربىكەتكە يوللىيالمىدىم ، ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ .(بۇنى چۈشۈرۈش شەرت ئەمەس ، ئۆزىڭىز خالىغان فونتنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ).

ئاخرىدا تىلفۇنىڭزنىڭ ئۈستەل يۈزىگە يىڭىدىن قوشۇلغان bytafont2 ناملىق قىستۇرمىنى قوزغىتىپ ، 更多 نى بىسىپ ئىچىدىكى 阿拉伯语种字体 غا كىرسىڭىز ، بايا قاچىلىغان ئۇيغۇرچە فونتلار كۆرىنىدۇ.  

00000000000000000.jpg

ئىشلەتمەكچى بولغان فونتنى چىكىپ قويسىڭىزلا تىلفۇننى قايتا قوزغاش جەزىملەش كۆزنىكى  چىقىدۇ ، مۇقىمداپ قايتا قوزغىسىڭىزلا ئىش پۈتتى دىگەن گەپ . (ئەسكەرتىش: مەن تەمىنلىگەن فونتلارنىڭ بەزىلىرىدە GeezaProLight.ttf ناملىق فونت يوق بولغاچقا ios7 دە GeezaProLight نى تاپالمىغان سەۋەپلىك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىشى مۆمكىن . خاتىرجەم ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنى بىسىڭ .

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-4-24 14:38
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2014-6-3 21:57 , Processed in 0.266748 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش