ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 2060|ئىنكاس: 3

ئىنتىل 100 نەپەر ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالاھىدە خۇشخەۋەر: ئىنتىل مەكتىپى پۈتۈن شىنجاڭدىن 100 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز ئوقۇتماقچى.
1. قۇبۇل قىلىدىغان كەسپ خەنزۇ تىلى.
2. ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋاقتى 2014- يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە.
3. دەرس باشلىنىش ۋاقتى 2014- يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە.
4. ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى 0991-2888344 گە ياكى 13999163031 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراپ ئاندىن كەلسە بولىدۇ.
مەكتىپىمىز 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۈندۈزلۈك يىللىق سىنىپلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتكەن ئىدى. بۇ 1 يىلنىڭ ئىچىدە مەكتىپىمىز ئېنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر كەسپلىرى بويىچە 187 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 1 يىل مۇنتىزىم ھەقسىز تەربىيىلەپ چىقتى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تاپقۇسى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى تەبىرىكلەش ھەمدە ئۈرۈمچى داۋەن رايونىدىكى ئىنتىل ۋاكۇم ئالاھىدە ئوقۇتۇش رايونىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 100 نەپەر ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ. كەڭ دوستلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەپسىلىي ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1 . ئوقۇش مۇددىتى 1 يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلى كەسپى بويىچە 1 يىل تەربىيىلىنىدۇ، 7000 يۈەن (يەتتە مىڭ يۈەن)  ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز.
2 . ئوقۇش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تىل دەرسلىرىدىن سىرت ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخولوگ ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، ئېگىلىك تىكلەش دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 
ھەپتە ئاخىرىدا تەنتەربىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ھەر خىل لېكسىيە قاتارلىق ئىككىنجى دەرسخانا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
3 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇتۇش رايونى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ كۈندە مۇنتىزىم 6 سائەتتىن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
4 . ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىللىي كارخانىلارغا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خىزمەتكە تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بار، بىراق ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر.
2. مەكتىپىمىزدە چوقۇم 8 سائەتتىن 1 يىل مۇنتىزىم ئوقۇيالايدىغانلار.
3. يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى ئەقلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولۇشى، ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

ئالاھىدە ئىزاھات:
(1) تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئىنتىل مەكتىپىمىز بەرگەن مۇشۇنداق ئالتۇندەك ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىيەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادىگە ئېگە، غايىلىك، ئۈمىدۋار ياشلاردىن بولۇشى كېرەك.
(2) ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزگە كەلگەندە يوتقان - كۆرپە ۋە لازىمەتلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
(3) ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقىلى كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىنتىل مەكتىپىمىزگە چىقىرىپ بەرگەن قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزغا بۇ خۇشخەۋەرنى تېزدىن يەتكۈزۈپ ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەت قوينىغا باشلاش ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ شۇنداقلا كەڭ 
دوستلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى بىر ئوقۇش ئارزۇسى بار قېرىندىشىمىزغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭىز مىللىي مائارىپىمىزغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقىنىڭىز!
مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز!
ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى: ئابلەت ئابدۇللا (ئىنتىل)
2014- يىل 4- ئاينىڭ 19- كۈنى

شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
0991-2888344
13999163031
www.xjintil.com
WeChat: xjintil
ۋاقتى: 2014-4-19 21:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى خەۋەركەن لىكىن مەن تۇلۇقسىز3-يىللىقتا ئۇقۇيمەن ،لىكىن دوستلىرىمغا يەتكۈزۇپ قويىمەن
ۋاقتى: 2014-4-23 00:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام  باراكەنمەن
ۋاقتى: 2015-6-23 00:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام پۇسەتنى قەدىرلەپ ياخشى ئۈگۈنەتتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 16:08 , Processed in 0.137622 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat