ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 602|ئىنكاس: 3

بۇنىڭغا ئامال يوقمۇ؟(ياردەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن 360 تور دىسكىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئۇچۇق تىل ھۆججىتىگە كۆزۈم چۈشتى، خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قارىسام يۇنىكود قوللايدىكەن، دېتالنىڭ بەزى جايلىرى ئۇيغۇرچە بوپتۇ.








مانا مۇشۇنداق ئاز تولا ئۇيغۇرچىلاشقانمۇ بولدى. ئەمدى تىزىملىتىش، كىرىش كۆزنەكلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇراي دەپ قارىسام بەزى تىل ھۆججىتى ئايرىم dll ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە ئىكەن. ئۇلارنىمۇ پاسسولودا ئېچىپ تەھرىرلەپ ساقلاپ دېتالنى قوزغاتسام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى، قارىسام كىينكى dll ھۆججىتىنىڭ سىغىمى بۇرۇنقىسىدىن سەل كىچىكلەپ قاپتۇ، يەنە كىلىپ چىققان خاتالىققا قارىسام 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، دېتالنى قايتا چۈشۈرۈڭ دەپ تۇرىدۇ. قارىسام شۇ dll ھۆججىتىنىڭ بىرى 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشايدۇ. مەن تولۇق ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتسۇن دەپ ئاساسەن ھەممە dll ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىققان . بولمىسىغۇ كومپيۇتېرىمدا 360 نىڭ بىرەر دېتالىمۇ يوقتى. "بۇ دېتالغىمۇ قاراۋۇل قويۇپسەندە" دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە . 360 نىڭ دېتاللىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ ئەمدى بېشىنى باشلاپ قويۇپ تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى. ئاخىرىدا بولسا چۈشتىن كېيىن قىلغان ئىشىمنىڭ نەتىجىسى يوق بولغان بولدى. زادىغۇ تىل ھۆججىتى ئوچۇق بولمىغان دېتال بىلەن ئالدىراپ ھەپىلەشسە شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئەمدى ئۇستازلاردىن سورايدىغىنىم پاسسولو دېتالىدا تەھرىرلەپ ساقلىغان dll ياكى exe ھۆججىتىنىڭ تىل ھۆججىتى قىسمىدىن باشقا يېرىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ يەنى دېتالنىڭ ئەسلىي كودىغا تەسىر يېتىپ ئىجرا بولمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا شۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنى تەھرىرلىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ ياكى بۇ مۇشۇ 360 نىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىمۇ؟ بولسا تەجرىبىلىك ئۇستازلار يول كۆرسەتسەڭلار ماۋۇ دېتالنى يا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلىۋىتەي يا ئەسلىي تىلدا ئىشلىتەي. بولمىسا ھازىرقى بىر قىسىم بۇز زۇۋان بالىلارغا ئوخشاپ قالدى ھازىر، بەزى جايلىرى ئۇيغۇرچە بەزى جايلىرى خەنزۇچە.
ۋاقتى: 2014-4-10 17:13:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرەز: ‹‹ بىخەتەرلىك قاراۋۇلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى،››  بۇ ئۇچۇرغا قارىغاندا ھەربىر ھۆججەتنىڭ md5قىممىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىغاندەك قىلدۇ،ئەگەر راسلا مۇشۇنداق بولسا بۇنىڭغا ھازىرچە ئامال يوق.
ئەگەر يۇقارقى پەرەز يوق دەپ قارالسا سىز شۇ dllياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى passoloدا ئۆزگەرتمەي باشقا 16لىق سېستىما تەھرىرلىگەچ ياكى باشقا exe,dllتەھرىرلىگۈچلەردە ئېچىپ  مۇناسىۋەتلەك خەنچە خەتلەرنىڭ بىر- ئىككىسىنى ULYغا ئۆزگەرتىپ ساقلاپ ئىجىرا قىلىپ بىقىڭ، يۇقارقى ئەسكەرتىش چىقمىسا، سىزنىڭ تەرجىمە- تەھرىرىڭىزدىكى مەسىلە، ئەگەر چىقسا ئامال يوق.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-10 18:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarahan يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 17:13
پەرەز: ‹‹ بىخەتەرلىك قاراۋۇلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى،› ...

بايا قارىسام بۇ گۇيلار تور دىسكا دېتالىنىڭ ھۆججەتلىرى ئىچىگە بىخەتەرلىك قاراۋۇلى قىستۇرمىسى ۋە ۋىروسخور قىستۇرمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇلارنى ئۆچۈرۈۋەتسەم دېتال ئېچىلمىدى. دېمەك.....
ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلماي بۇ دېتالدىن ۋاز كەچسەم بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2014-4-10 21:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىخىئەتەتەرلىك  دېتاللىرى .ئۇچۇر ئالاقە دېتاللىرى تەرجىمە قىلىنسا .كۆپىنچىسىدە .خاتالىق چىقۋېلىش.ئىسىم پارۇل بىلەن كىرگىلى بولماسلىق .ھەتتا ئابونىت نامى قۇلۇپلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۈرۈلىدىكەن .. . بۇ مىنىڭدىن ئۆتكەن تەجىربە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-28 06:07 , Processed in 0.135781 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat