ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
يەرنى ئالدىغاننىڭ تاغىرى قۇرۇق.
كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 2

[iPhone] بىر مىنۇتتا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى (ئايفۇن ئۈچۈن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى.
بۈگۈن ھەر قايسىڭلارغا بەزىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان، بەزىلەر چۈشلىرىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر خۇشخەۋەرنى ئىلىپ كەلدىم.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى شۇكى: بىلگە ئۇستاز باشچىلىقىدىكى ئالما يانفۇن تەرجىمە ئەترېتىمىز ھەر قايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىل جەھەتتىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن ئالما يانفونىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كېتەلمەسلىك مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىپ ئالما يانفونىنىڭ يېڭى نەشرى بولغان ios7  مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتۇق. (ھازىر سىناق قىلىنغانلىرى ھەر قايسى تىپتىكى يانفونلارنىڭ ios7.0 نەشرىدىن ios7.0.6 نەشرى بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلغان تەرجىمە تىل بولىقىمىزنىڭ نەشرىگە 1.0  دەپ نام بېرىلدى)
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى تۆۋەن نەشىردىكىلەرگە ماسلاشتۇرۇلمىدى. سوراپ ئاۋارە بولماڭ. ھەم يۇقىرىغا چىقىمەن دەپمۇ يۈرمەڭ بولمىسا ئۇماچ ئېچىپ قالىسىز بىر مەزگىل .
بۇ قېتىم ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالىدىغىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسىلا بولماستىن، يەنە قايسى خىل تىلغا توغرىلاپ قويسىڭىزمۇ  يىلنامىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە يەنىلا قاشاڭلىق قىلىپ چىقىۋالىدىغان بەزى خەنچە خەتلەر جاپالىق ئىزدىنىشلەر ۋە  بىلگە ئۇستازنىڭ كود يېزىپ قايتا - قايتا ئۆزگەرتىشى نەتىجىسىدە يىلنامىنىڭ ئىچىدىكى بەزى خەنچە پېتى تۇرۇپ قالىدىغان ۋە ئېكران يۈزىدىكى يىلنامە سىنبەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرىدىغان شەنبە- يەكشەنبە دېگەن ئەسكەرتمىلەرمۇ تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
ئادەمنى  تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى، ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا ئوڭدىن يېزىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەت يازغىنىڭىزدا نۇر بەلگىسى ئاپتۇماتىك  ھالدا ئوڭغا توغرىلىنىپ، بىر قېتىم تەڭشىۋېتىپ خەت يېزىشىڭىز ھاجەتسىز. قالغىنىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلىپ قالىسىز.
ئەلۋەتتە ساپ ئالتۇن بولماس نوقسانسىز ئادەم بولماس دېگەندەك،  تەرجىمە ئەترىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان بەزى بىر جايلاردا ئاز تولا خاتالىق يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەر قايسى دوستلىرىمىز خاتالىق بايقىسا تور بېكىتىمىز ئارقىلىق ياكى  مىكرو ئۇچۇر  نومۇرىمىز ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسىلە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.
تور بېكەت ئادرېسىمىز:www.ibilge.com
  مىكرو ئۇچۇر  نومۇرىمىز: 1793279530)
بايقالغان خاتالىقلارغا كەلسەك، بايقالغان خاتالىقلارنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمىزنىڭ كىيىنكى نەشىرلىرىدە خاتالىقلار تۈزىتىلىپ قايتا ئېلان  قىلىنىدۇ. ( ھەر قايسى يانفۇن تىپلىرىدا  سىناش جەريانىدا  سېستىما ئىچكى كودلىرى ماسلاشماسلىق سەۋەبلىك تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان بەزى جايلار ئەسلىدىكى ھالىتىدە تۇرۇۋالغان نۇقسانلار بايقىلىپ بولۇندى. شۇنداقتىمۇ ھەر قايسى دوستلار بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە ئالدىراپلا ئېلان قىلىپ قالدۇق. توغرا چۈشەنگەيسىلەر، كىيىنكى نەشىرلىرىدە تولۇقلاشقا تىرىشىمىز).
جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس. ئامراق  ئايفونىڭىزنى ئۆز تىلىڭىزدا ئىشلىتىپ گۈل قەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ ئېغىزىڭىز قۇلاققا يېتىشتىن  بۇرۇن ئازراق قۇربانلىق بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. دېمەكچىمەنكى، تەرجىمە ئەترىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئايبىلگە  كۇنۇپكا تاختىسىغا باغلىۋىتىلگەن بولۇپ، بەيدۇ يېزىق كىرگۈزگۈچ ۋە باشقا كۇنۇپكا تاختىلىرىدىن ۋاز كېچىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. ئانا تىلىنى سۆيىدىغان بىر كىشى ئۈچۈن بۇنچىلىك قۇربانلىق بېرىش ھېچ گەپ ئەمەس.
قاچىلاش قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-  باسقۇچ : Cydia دىن مەنبە ئادرېىسىمىزنى قوشىسىز
مەنبە ئادرېسىمىز:http://cydia.ibilge.com (ئەگەر مەنبەنى ئىلگىرى قوشۇپ بولغان بولسىڭىز قوشقان مەنبە ۋە كۇنۇپكا تاختىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلاپ قايتىدىن قوشمىسىڭىز ئانا تىل ھۇزۇرىنى سۈرۈشىڭىز چۈش بولۇپ قالىدۇ).
2- باسقۇچ: قوشقان مەنبەنىڭ ئىچىدىن« ios7 ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى» نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
3- باسقۇچ: يەنە شۇ مەنبەدىن ئۈسكۈنىڭىزگە ماس ھالدىكى كۇنۇپكا تاختىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
4- باسقۇچ:يانفوننى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنتۇماڭ( ئەسلى بۇنى دەپ يۈرمىسەممۇ بولاتتى، بەزىلەر قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتكۈزمەيلا تام تۈۋىدىن ھوشوۋاي قوپقاندەك ئالىجوقا سۆزلەپ يۈرىدىغانلارمۇ بارئىكەن.)
ئاخىرىدا ئايپەد ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈنمۇ بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىۋىتەي.
تەرجىمە ئەترىتىمىز تەرجىمە قىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە سىستېما تىل بولىقى كود يېزىش، بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا ئايپەدكىمۇ ماسلاشتۇرىلىۋاتىدۇ. پات ئارىدا ئايپەد ئىشلەتكۈچىلەرنىڭمۇ گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ دىلى يايراپ كەتكۈسى.

بايانات: ئۇيغۇرچە تىل بولىقى پەقەت ھەر قايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىل سەۋىيسى سەۋەبلىك ئالما يانفونىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كېتەلمەسلىكتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ قىممەت پۇلغا سېتىۋالغان يانفوننى  ئانا تىلىدا پايدىلىنالىشى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەر قانداق ئورۇن  ۋە شەخىسنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ئەگەر سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىپ  جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغۇچىلار بايقالسا قانۇنىي يول ئارقىلىق جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ھېمايە قىلىش ھەر قايسىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئازغىنە پۇلنى دەپ ئانا تىلىمىزنى دەپسەندە قىلماڭ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ئاپتور: ئايبىلگە تەرجىمە ئەترىتىدىن  پېشۋا
2014-يىل 7- ئاپرىل

ئەسكەرتىش : ئۇيغۇرچىلاشقاندىن كىيىن ئەگەر سىزدە cydia 增强器 قىستۇرمىسى قاچىلانمىغان بولسا ، ئۇيغۇرچە بولغاندىن كىيىن cydia ئىچىلمايدۇ . شۇڭا تىلنى خەنزۇچە ياكى باشقا تىلغا تەڭشىگەندىن كىيىن ، cydia 增强器 ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولۇپ ، ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز cydia  نۇرمال ئىشلەيدۇ .
ۋاقتى: 2014-4-7 21:04:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگە كۆپ رخنەت ھارمىغايسىلەر
بولسا ئاندىرويىت سىتملارنىڭمۇ چىقسا بولتتى
ۋاقتى: 2014-4-10 15:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال سىلەرگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم.ھارمىغايسىلەر.
ئەمدى، ھەممە ئادەم ئالما ئىشلىتىپ بۇلالماسلىغى مۇمكىن. شۇڭا
ئىمكان بولسا ئاندىروىد سېستىمىلارنىڭكىمۇ چىقسا ياخشى بۇلاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2014-6-27 12:32 , Processed in 0.225781 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش