ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ـــ پاكلىق بىلەن ساداقەتمەنلىكتۇر.
كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 2

[iPhone] قۇلۇپلۇق ئىكراندا ئۇيغۇرچە چىسلا كۆرسىتىش تىخنىكىسى .....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم                       ھەرقانداق ۋاقىتتا سالام قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .

بۇ يازمىنى يازمىسام كۆڭلۈم پەقەت قويمىدى ، چۈنكى تەرجىمە گۈرۈپپىسى ۋە جىنايەت ئۇستاز (بىلگە) تىرىشىش ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ تىخنىكا مىنى پەقەت جىم تۇرغۇزمايۋاتىدۇ . قىنى ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ . نىمىنى كۆرىسىزكىن ؟؟؟؟؟

aaaaaaaaaaaaaaaaaaaa.jpg

نىمىنى كۆردىڭىز ، خاتا ئەمەس دەل ھىچكىم ھەل قىلالمىغان ياكى قىلىشقا ۋاقتى يەتمىگەن ، نازۇك ھەم ئىنتايىن مۈرەككەپ بىر مەسىلە ھەل بولدى  . يەنى ios7  دە قۇلۇپلۇق ئىكراندا ، چىسلا ۋە ھەپتە خىتى ئۇيغۇرچە كۆرىندىغان قىلىندى . (بۇ يەرنى ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن ئىنتايىن قىيىن . مانا مەنمۇ خىلى ھەپىلىشىپ باققان ، ئەمما ئۆزگەرتىش تۈگۈل ، ئۆزگەرتىدىغان خەتنىڭ ئورنىنىمۇ تاپالمىغان ئىدىم ).

بۇ كود ھۆججىتىنىڭ بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك .
بىرىنجىدىن ئەسلىدىكى خەنزۇچە كۆرۈنىدىغان كودقا تەسر يەتكۈزمەيدۇ .
ئىككىنجىدىن ، ئۇيغۇرچىنى ئايرىم تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز ، قايتا قوزغىتىش ھاجەتسىز .
ئۈچىنجىدىن ، قىستۇرما deb ھالەتتە بولاقلانغان بولۇپ، بىركونۇپكا بىلەنلا قاچىلىيالايسىز ۋە ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايسىز .
تۆتىنجىدىن ، بولاققا يەنە ئانا تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىنمىغان ، چوڭ بىر تىخنىكىلىق مەسىلىمۇ ھەل قىلىنىپ قوشۇۋېتىلگەن يەنى ئۇيغۇرچە خەت باسقاندا سىنبەلگىنىڭ ئوڭ تەرەپكە توغىرلانماسلىق مەسىلىسى .
قىسقىسى - مەزكۇر قىستۇرما ئۇيغۇر ئالما ئابونتلىرى ئۈچۈن ئىككى چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلدى .
[ئايبىلگە تەرجىمە گۇرۇپپا ئەزالىرىغا كۆپ رەھمەت ئىيتىمىز  ]
بۇ قىستۇرما بولىقى cydia مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان ساپ ئۇيغۇرچە مەنبە، ئايبىلگە مەنبەسىگە چىقىرىلىدۇ .www.ibilge.com   http://cydia.ibilge.com (نۆۋەتتە سىناق ھالەتتە ، ئالدىمىزدىكى ھەپتىدىن بۇرۇن مۇكەممەل نۇسخىسى مەنبەگە چىقىرىلىدۇ شۇنداقلا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ .)




مەنبە ئەسكەرتىلگەن ھالدا باشقا بىكەتلەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ .

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-4-1 22:13:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل قىلىنىش جەريانىنى بىللە ئورتاقلاشقىلى بولارمۇ؟ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇ تېخنىكىلاردىن ئىلھام ئېلىپ باشقا ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن.
ۋاقتى: 2014-4-4 11:33:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!! جەسۇر ئەپەندى ! ئايبىلگە تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار !سىلەرگە تەشەككۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2014-6-21 06:02 , Processed in 0.195171 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش