ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 648|ئىنكاس: 1

يۇمشاق دېتال ھەرخىل نۇسخىللىرىنىڭ مەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

svkvt 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
795
تىللا
1931
شۆھرەت
1891
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 17:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە توردىن يۇمشاق دېتال چۈشۈرگىنىمىزدە كۆپىنچە يۇمشاق دېتالنىڭ كەينىدە Beta نۇسخىسى، RC نۇسخىسى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئۇچرىتىمىز. ئاددىسى بىز ئىشلىتىۋاتقان(بۇ يەردە Windows كۆزدە تۇتىلىدۇ) مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭمۇ HOME نەشىرى، Ultimate نەشىرى دېگەندەك خىلمۇ خىل نەشىرلىرى بولىدۇ. نېمىشقا ئوخشاش بىر يۇمشاق دېتالنى ئوخشىمىغان نەشىر نومۇر بىلەن ئاتايمىز؟
سەۋەپ: ئوخشىمىغان نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى، چەكلمىسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇ سەۋەپتىن يۇمشاق دېتالغا نەشىر نومۇرى بىرىش دەيدىغان بىر ئۇقۇم مەۋجۇد بولىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، كۆپ ئۇچرايدىغان 30 خىل نەشىر نومۇرى ۋە چۈشەندۈرىلىشىنى قالدۇراي:
alphal ئىچكى قىسىمدىكى سىناق نۇسقىسى
beta سىرتقا قارىتا سىناق نۇسقىسى
demo كۆرگەزمە نۇسقىسى
Enhance كۈچەيتىلگەن نۇسقىسى، ھەقىقىي نۇسقىغا تەۋە
Free ھەقسىز نۇسقىسى
Full version تولۇق نۇسقىسى، ھەقىقىي نۇسقىغا تەۋە
shareware ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان نۇسقا
Release تارقىتىلما نۇسقىسى، ۋاقىت چەكلمىسى بار
Upgrade دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش نۇسقىسى
Retail پارچە سېتىلىدىغان نۇسقىسى
Cardware ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان نۇسقىنىڭ بىر خىل، ئىشلەتكۈچى يۇمشاق دېتال ئىگىسىگە

بىر دانە ئېلخەت ياكى باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتكەندىن كېيىن تىزىملىتىش نومۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ،

نۆۋەتتە بۇ خىل نەشىردىكى دېتاللار كۆپ ئۇچرىمايدۇ
Plus كۈچەيتىلگەن نۇسقىسى، ئەمما بۇ خىلدى يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى كۆرۈنمە يۈز ياكى

كۆپ ۋاستە ئىقتىدارى جەھەتتىن كۈچەيتىلگەن بولىدۇ
Preview تارقىتىپ كۆرۈپ بېقىش نۇسقىسى
Corporation & Enterprise كارخانا نۇسقىسى
Standard ئۆلچەملىك نۇسقىسى
Mini كىچىكلىتىلگەن نۇسقىسى، ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق

ئىقتىدارلىرىلا ئېلىپ قېلىنىدۇ
Premium قىممەت باھالىق نۇسقىسى
Professional كەسپى نۇسقىسى
Express ئالاھىدە نۇسقىسى
Deluxe كاتتىلاشتۇرۇلغان نۇسقىسى
Regged تىزىملىتىلىپ بولۇنغان نۇسقىسى
CN خەنزۇچە نۇسقىسى
CHT خەنزۇچە 繁体 نۇسقىسى
EN ئېنگلىزچە نۇسقىسى
Multilanguage كۆپ تىللىق نۇسقىسى
Rip ئەسلى نەشىردىكى ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ(ئادەتتە ئوپتىك دېسكا ياكى مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا

ھۆججىتىنى كۆرسىتىدۇ)، يەنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان يادرولۇق قىسمىنى ئايرىپ چىقىپ، ئىشلىتىش

قىممىتى بولمىغان، مەسىلەن چۈشەندۈرىلىشى، كۆرگەزمە ھۆججىتى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى

نۇسقىسىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى ھەرگىز كام ئەمەس.
trial سىناق نۇسقىسى(بەزى چەكلىمىلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ۋاقىت، ئىقتىدار دىگەندەك، تىزىملاتقاندىن

كېيىن ئاندىن ھەقىقىي نۇسقىغا ئايلىنىدۇ)
RC نەشىرى،  Release Candidate  نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى. مەنىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن

ۋاقىت چەكلمىسىگە ئۇچرايدۇ، يەنى ۋاقىت چەكلمىسى توشقاندىن كېيىن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى توختايدۇ.
RTM نەشىرى، بۇ ئاساسلىق ئەڭ ئاخىرقى نەشىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئېنگلىزچە Release To Manufactur نىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشى
OEM نەشىرى، كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارغان شىركەتكە مەخسۇس تەمىنلەنگەن نۇسقا
  
  كۈچۈرۈلگەن مەنبە: ئەقلىم تورى

ماقالە ئەسلى مەنبەسى : تور دۇنياسى

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1403
تىللا
7876
شۆھرەت
2363

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 18:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا بەزى دېتاللارنىڭ 完整版 ، 硬盘版 ،  绿色版 ، 免安装版 دىگەن نۇسخىلىرى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بەرسىڭىز .
‹‹ ئىنتىل سەيناسى ›› ھەقىقەتەن بىر بىلىم باغچىسى ئىكەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-5-11 07:15 , Processed in 0.077500 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش