ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 338 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 552|ئىنكاس: 2

bilgejan: دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىلگەجان ئامېرىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ:  
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى پىرافىسورى، پەخىرلىك ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى تۈنۈگۈن (2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى) «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. «تەبىئەت» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملارغا نېسبەتەن پەقەت بىر يېتىش تەس بولغان غايە بولسىمۇ، بۇ ئىش دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە نېسبەتەن دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بىلگىنىڭلاردەك ئۆتكەن يىلى «تەبىئەت» ژورنىلى تەرىپىدىن يىللىق «دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا تۇنجى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى ماقالىلىرى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىرلەرنى قوزغاپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن ھالقىپ جەمئىيەتتە كىشىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان ئىلمىي پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسىگە مۇبارەك بولسۇن!

ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ماقالىسىمۇ ئالاھىدە بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىككى ھۈجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىنىڭ ھۈجەيرە دەۋرىيلىكىنىڭ بۆلۈنۈش ئارىلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان سىتوپلازمىسى خۇددى بۆلۈنۈش مەزگىلىگە كىرگەن ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدەكلا چوڭلارنىڭ بەدەن ھۈجەيرە يادروسىنى قايتا پىروگراممىلاش ئارقىلىق مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرالايدىكەن. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، ئىلگىرى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بۆلۈنۋاتقان ئەمما تېخى ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى بولمىسا قەتئىي بولمايتتى، ئەمدى بۇ يېڭى نەتىجە ئاللىقاچان ئۇرۇقلىنىپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە ھالىتىدىكى سىتوپلازمىنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئالىملارنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقات چاشقان ئۈستىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، پات ئارىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئوخشاش تەجىرىبىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلەپ چىقماقچى ئىكەن. ئەگەر ئىنسانلاردا مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتىكى تۇخۇمغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج ئازىيىپ دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋىتىلىدىغان تۆرەلمىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. ئەسلى ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇراي، قىزىققانلار ئوقۇپ بېقىڭلار:
http://www.nature.com/nature/jou ... ll/nature13134.html
ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەرنى سىز ياخشى كۆرىدىغان باشقا تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 10:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەتكام ھازىرغىچە جەمئىي 60 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىلارنىڭ تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز:
شۆھرەت مۇتەللىپ ئىلمىي ماقالىلىرى تىزىملىكى
قارايدىغان بولساق، ئۇ ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ سانى باشقا نۇرغۇن ئالىملاردىن ئاز ھېسابلانسىمۇ، ئەمما سۈپىتى ئۆز ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئىچىدىكى «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە»، «ھۈجەيرە غول ھۈجەيرە» قاتارلىق تەسىر كۆرسەتكۈچى 20 دىن ئاشىدىغان داڭلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان 20 پارچىگە يىقىن ماقالىسىنىڭ ھەر بىرى دېگۈدەك شۇ ساھەدىكى ھەل بولماي كەلگەن ناھايىتى مۇھىم مەسلىلەرگە جاۋاب تاپقان. بۇ ماقالىلاردا يەنە يېڭى بايقاشلار ۋە كۆپ قېتىم سىناق قىلىنسىمۇ ئەزەلدىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان تېخنىكىلاردىكى بۆسۈشلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا بۇ ماقالىلەرنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى زور بولماقتا. ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە باش ئاپتۇرلۇقتا (تۇنجى ياكى مەسئۇل ئاپتۇر) بۇنداق داڭلىق ئىلمىي ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغانلاردىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن باشقا بىرىمۇ يوق. ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا ئەمەس يەنە «قازاقىستاندا تۇغۇلغان 10 داڭدا شەخىس» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورنىلى «ئىلىم-پەن» ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورنىلى «تەبىئەت» قاتارلىقلار ۋە باشقا دۇنياۋى ئالقىشقا ئېرىشكەن مەشھۇر ئاممىباپ ژورناللاردىن «دەۋىر»، «بايقاش» قاتارلىقلارمۇ ئۇنىڭ نەتىجىلرىنى «دۇنيا ئىلىم پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى دەپ باھالاپ ئالىمنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆتكۈر ۋە تىرىشچان ئىكەنلىكىنى راستىنلا «تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ. قىسقىسى، ئۇنىڭدا ھەقىقىي بىر ئالىمدا بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق سۈپەتلەر بار بولۇپ، ئۇ بىزدەك ئۇيغۇر ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپ. مەن شۇنداق بىر كىشى بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەۋىرداش بولۇپ ياشىغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. مەن ھازىرغىچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەردىن كەمىدە 5 نەپەر ئۇلۇغ ئالىم بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىپ بېقىپتىمەن، ئەمما ھېچقايسىسىغا شۆھرەتكامغا قايىل بولغاندەك قايىل بولۇپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ھەر بىر نەتىجىسىدىن شۇنچىلىك سۆيۈنگەنلكىم ئۈچۈن ئۇ توغرۇلۇق ھەر قانداق ياخشى-يامان خەۋەرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىلىپ تۇرىمەن.
مېنىڭچە، ئۇنى جۇڭگولا ئەمەس ھەر قانداق دۆلەت ئاكادىمكىلىققا تەكلىپ قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ چۈنكى ئۇنىڭدەك ئالىملار دۇنيادا كۆپ ئەمەس. ئارىمىزدىن ئۇنىڭدەك ئالىمدىن يەنە بىرى چىقسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن...
-ئىزدىنىشتىن
ۋاقتى: 2014-3-28 23:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزغا ھەممىمىز ئۇتۇق مۇۋاپىقىيەتلەر  تىلەيمىز !!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-3-14 22:00 , Processed in 0.213106 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat