ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1434|ئىنكاس: 6

قىممەت باھالىق رېتسىپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىممەت باھالىق رېتسىپلار

1.
1. ئەتىگەندە تۇز سۇيى ئىچسەڭ شورپا ئىچكەندەك ، كەچتە تۇز سۈيى ئىچسەڭ مەرگىمۇش يېگەندەك .
2. بىر كۈندە 2 دانە ئالما يىسىڭىز ، كېسەللىك سىزدىن نېرى تۇرىدۇ .
3. كۈندە بىر تال چىلان يىسىڭىز ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولىدۇ .
4. ياڭاق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى نەرسە ، يىسىڭىز بۆرەك ھەم مىڭىنى قۇۋەتلەيدۇ .
5. تۆمۇر تاۋلانمىسا پولات بولمايدۇ ، ئادەم ئورۇنلانمىسا ساق يۈرمەيدۇ .

2
1.    سەۋزە ، ئادەمگىياھنى جىق يىسە ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ .
2.    شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، داۋاملىق يەپ بەرگەندە چىراي گۈزەللەشتۈرىدۈ .
3.    تەرخەمەكنىڭ رولى كۆپ ، ئورۇقلىتىش ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇنۇمى يۇقىرى .
4.    كۆپرەك كەرەپشە يەپ بەرسىڭىز قان بىسىمنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق .

3
1.     يازدا بىر چېنە پۇرچاق ئىشى ئىچسىڭىز ، زەھەر قايتۇرۇپ ، راھەت بىغىشلايدۇ .
2.     ئەتىگەندە 3 دانە زەنجىۋىل يىسىڭىز ، خۇددى ئادەمگىياھ شورپىسى ئىچكەندەك بولىسىز .
3.     قىزلار 3 كۈندە بىر قىتىم نىلۇپەر يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچسۇن ، ئوغۇللار بولسا زەنجىۋىلنى .

4.
1.        3 كۈنگىچە ياخشى ئوزۇقلانمىسا كىشى ، ئىككى كۆزى تورلىشىپ كۈندۇزى يۇلتۇزنى كۆرىدۇ .
2.        تاماقتا گۆش بولمىسا بولمىسۇن ،  لېكىن شورپا بولسۇن.
3.        تاماقتىن بۇرۇن شورپا ئىچىش دورا ئىچكەندىن ياخشى .
4.        ئۇن تاماقنى كۆپ يىسە ، شورپا ئېچىش كېرەك ، بولمىسا دورا .

5
1.    تاماقنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق يىيىش كېرەك .
2.    ھەر ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق  يىگەندە ، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ .
3.    دائىم قارا ئاشلىق يەپ بەرگەندە ، ھەزىمگە پايدىلىق .
4.    تاماقتا گۆش بولمىسا مەيلى ، لېكىن پۇرچاق بولمىسا بولمايدۇ .
5.    گۈرۈچ تامىقى يىگەندە كەمپۇت قوشۇپ يىسە ، ھەم ئوزۇق ھەم ساغلاملىققا پايدىلىق .

6
1.   ئەتىگەنلىك تاماقنى پادىشاھتەك ، چۈشلۇك تاماقنى ۋەزىردەك ، كەچلىك تاماقنى پۇقرادەك يە .
2.   تاماقنى كۆپ يىگەندە كېسەللىك كىلىپ چىقىدۇ ، ۋاقتىدا مۇۋاپىق يىيىش كېرەك .
3.   ئۇدۇل كەلگەننى يەۋەرگەندە ئاشقازاننى زەخمىلەندۇرۇپ ، ئۇچەينى بۇزىدۇ .
4.    سەي – كۆكتاتنى كۆپ يىگەندە تەن دۇرۇس بولىدۇ .
5.   كېسەلدىن نېرى بولالمىغاندا ئاچ قىلىشنى سىناپ بىقىش كېرەك .

7
1.    كۆز يېشى بولسا قۇرۇپ كېتىدۇ ، كېسەل بولسا ساقىيىدۇ .
2.    ئەرنىڭ كۆز يىشى ھىسىياتنىڭ سۇسلاشقىنى ، قەھرىماننىڭ كۆز يېشى قان ئاققىنى .
3.    ئاۋۋال يۈرەك ، ئاندىن كۆز ئۇخلايدۇ .
4.    دورا ۋە ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تولۇقلاش مۇھەببەت ئارقىلىق تولۇقلاشقا يەتمەيدۇ .
5.    تائام ئادەمنى ئوزۇقلاندۇرسا ، ناخشا يۈرەكنى رىزىقلاندۇرىدۇ .

8
1.    ئەگەردە ئادەمدە گۆدەكلەرچە قەلب بولسا بىر ئۆمۈر ياش تۇرىدۇ .
2.    كۈلۈپ تۇرسىڭىز ، ئون ياش ياشىرىسىز .
3.    كۈندە  كۈلۈمسىرەپ باشقىلارغا مۇئامىلە قىلسىڭىز ئاسان قىرىمايسىز .
4.    دائىم كۈلكىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشى ياشلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىيالايدۇ .
5.    يىغلىۋالسىڭىز دەرتلىرىڭىز يىنىكلەيدۇ .


دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1.   دائىم كەچلىك تاماقنى تويغىچە يىگەندە ، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ ، چۈنكى ئاشقازان ياخشى ئارام ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ .
2.   بىر ھەپتىدە پەقەت 4 دانە توخۇم يىيىش كېرەك ، بەك كۆپ يىگەندە سالامەتلىككە پايدىسىز .
3.   توخۇنىڭ ساغرا قىسمىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار ، يىمىسە ياخشى .
4.   تاماقتىن كىيىن مىۋە يىيىش خاتا كۆز قاراش ، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بۇرۇن يىگەن ياخشى.
5.   پۇرچاق سۇتى بىلەن تۇخۇم ياكى شىكەر  ئىستېمال قىلماڭ ، ھەم كۆپ ئىچمەڭ .
6.   ئاچ قورساق شوخلا يېمەڭ ، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يەڭ .
7.   ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىڭ ، تاش پەيدا بولمايدۇ .
8.   ئۇخلاشتىن 3 سائەت بۇرۇن ھېچنىمە يېمەڭ ، بولمىسا سەمىرىپ كىتىسىز .
9.   سۇتچاينى ئاز ئىچىڭ ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىنى يۇقىرى ، ماي مىقدارى يۇقىرى ، لېكىن ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن . ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىم ، شىكەر سېيىش كىسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
10. ئەمدى پىشۇرغان بولكىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ .
11. زەرەتلىگۈچ يىراق تۇرۇڭ . كارىۋاتقا قويۇشتىن تېخىمۇ ساقلىنىڭ .
12. ھەر كۈنى 8 ئىستاكان سۇ ئىچىڭ .
13. ھەركۈنى ئون ئىستاكان سۇ ئىچسىڭىز دوۋساق راكى بولمايسىز .
14.  كۈندۇزى سۇنى كۆپ ئىچىڭ ، كەچتە سۇنى ئاز ئېچىڭ .
15. بىر كۈندە ئىككى ئىستاكاندىن كۆپ قەھۋە ئىچمەڭ ، بولمىسا ئۇيقۇسىزلىققا ۋە ئاشقازان كىسىلىگە گىرىپتار  بولىسىز .
16. يۇقىرى ماي تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ ، ئۇنىڭ ھەزىم بولىشىغا 5-7 سائەتكىچە ۋاقىت كىتىدۇ.
17. چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن كېيىن تاماقنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتىن كىيىنكى ۋاقىت كۆپ ئېنېرگىيىگە موھتاج بولمايدۇ .
18. ئۇيقۇنىڭ مۇۋاپىق بولىشى ياخشى ئىش ، ھەر كۈنى 8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، چۈشلۈك ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلىغان ئادەم ئاسان قېرىمايدۇ .
19. ئەڭ ياىشى ئۇيقۇ ھالىتى كەچ سائەت ئون ۋە ئەتىگەن سائەت ئالتە .
20. ھەر كۈنى ئىچكەن ھاراق بىر رۇمكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن ، چۈنكى ھاراق ئىممۇنېت كۈچى بار ھۈجەيرە سانىنى ئازايتىۋېتىپ ، ھۆجەيرىنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ .
21. كاپسۇللۇق دورىنى ئىستېمال قىلغاندا سوغۇق سۇ بىلەن ئىچكەن ياخشى ، ئۇخلاشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىڭ ، يېتىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ .
22. بۆلجۈرگەننىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ،
23. چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى : كېچسى ئۇخلىماي تۈنەش ، بىسىم ، ھاراق – تاماكا ، توخۇ قانىتى يىيىش ، ئاچچىق – چۈچۈك يىيىش ، مايلىق تاماقلارنى يىيىش ، تەم تەڭشەيدىغان ماددىلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىندۇر .
24. چاچ ئۆسۈشكە پايدىلىق ئىشلار : سەي – كۆكتاتنى كۆپرەك يىيىش ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر؛ تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش ( كەمپۈتنى ).
25. ھەركۈنى بىر ئىستاكان لىمۇن شەربىتى ياكى ئاپېلسىن شەربىتى ئىچكەندە ، چىراينى ئاقارتىپلا قالماي يەنە داغ يوقىتىدۇ .
26. ھەر كۈنى ئالما يەپ بەرسىڭىز ساغلام ئۆپكىگە ئىگە بولىسىز .
27. تاماكا چىكىپ ، ۋىتامىن ب نى تولۇقلىغاندا ئاسانلا راكنى پەيدا قىلىدۇ . بالدۇر تاماكىنى تاشلاش ، ساغلام ياشاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.
28. ئاياللار تۆۋەندىكى بەش مەزگىلدە چاي ئىچمەسلىكى كېرەك : ھەيز كەلگەندە ، ھامىلىدار بولغاندا ، تۇغۇتتىن بۇرۇن ، تۇغۇتتىن كېيىن ، ياشلىق مەزگىلىدە .
29. تاماكا چىكىش : ئۆپكە راكى ، گال راكى ، تىل راكى، كاناي راكى ، ھەزىم قىلىش يولى راكى ، يەنە دوۋساق راكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .

تەرجىمىدە : كۆكنۇر ئۇچۇر بۆلۈمىدىن رازىيە ساتتار
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تەرجخمىدە ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن، ئىملانى تۈزۈتۈپ قويدۇم، مەزمۇنغا چېقىلمىدىم
ۋاقتى: 2014-3-21 12:19:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەت باھالىق رېتسىپلار(2)

1.    سوغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش سالامەتلىككە زىيانلىق .
2.    يازدا ئاچچىق – چۈچۈكلەرنى  مۇۋاپىق يەپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق .
3.    كۆپ سۇ ئېچىش بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
4.    يازدا ئۇستىگە كىيىم كىيمەي ئۇخلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس .
5.    قىشتا ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك .
6.    قىشتا يۇيۇنۇش قېتىم سانى ئاز بولغان ياخشى.
7.    قىشتا ئىسسىق ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشقا بولمايدۇ .
8.    قىشتا ئۇزۇن مۇددەت تۇمان ئارىسىدا قېلىش ياخشى ئەمەس .
9.    قىشتا شارپىنى ماسكا ئورنىدا ئىشلىتىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس .
10.  قىشتا سەھەردە باش يۇيماڭ .
11. بەدەن چىنىقتۇرۇشتىن بۇرۇن بەدەننى قىزىتىش كېرەك .
12. ھەرىكەتتىن زەخمىلەنگەن يەرنى سوغۇق سۇدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
13. پىيادە مېڭىش مېڭىنى ساغلام قىلىدۇ .
14. پىيادە مىڭىش  ئوتتۇرا ياش چوڭلارغا نىسبەتەن ياخشى چېنىقىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ .
15. چوڭقۇر نەپەسلىنىش ياشانغانلار سالامەتلىكىگە زىيانلىق .
16. ياشانغانلار ئەتىگەنلىك چېنىقىشتىن ئىلگىرى ئازراق قورساق تولۇقلىۋېلىشى كېرەك .
17. ھەرىكەتتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش كېرەك .
18. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولسا سالامەتلىككە پايدىلىق .
19. كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
20. تېلېفۇنغا قاراپ چاپلىۋېلىش كۆزگە زىيانلىق .
21. ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ئىشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق يېمەسلىكى كېرەك.
22. چۈشلۈك ئۇيقۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
23. يىڭى قاينىغان سۇ بىلەن جۇڭيى دورىسى ئېچىش ياخشى ئەمەس .
24. جۇڭيى دورىسى ئىچكەندە شىكەر قوشماڭ.
25. 95% ئىسپىرىت بىلەن دىزىنفېكسىيە قىلماڭ .
26. ئۆيىڭىزگە كۈندە 3 سائەت كۈن تېگىشىپ تۇرسا ياخشى .
27. چېقىلىپ قالغان چېنە – قاچىلارنىڭ رادىئاكسىيىسى يۇقىرى  بولىدۇ .
28. ياتاق ئۆيىڭىزنىڭ دېرىزىسىدە يوچۇق بولغىنى ياخشى .
29. سەھەردە دېرىزىنى ئاچماڭ .
30. چوكىلارنى ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرغان ياخشى .
31. توغرا چىش چوتكىلاش چىش پاستىسى تاللاشتىن تەس .
32. چىش چوتكىلىغاندا قان چىقسا تېزدىن چىش چوتكىسىنى ئالماشتۇرۇڭ.
33. ئورنىدىن تۇرۇپلا يوتقان يىغىش ياخشى ئادەت ئەمەس .
34. يوتقاننى پات – پات ئاپتاپقا يىيىپ تۇرۇش كېرەك .
35. ئاچقورساققا ھەسەل ئىچىشكە بولمايدۇ .
36. ھەسەلنى چايغا قۇيۇپ ئىچىش مەسلىكنى يىشىدۇ .
37. گۆشسىز تاماق يىيىش قۇڭگولۇقلارغا ماس كېلىدۇ .
38. دېڭىز يۇسۇنى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
39. سوغۇق سۇدا يۇز يۇيۇش پايدىلىق .
40. چىش چوتكىلىغاندا يىلمان سۇ ئىشلىتىڭ .
41. پۇتنى يىلمان سۇدا يۇيۇڭ.
42. پۇت توڭلاپلا تۇرسا ئادەم ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ .
43. يىمەكلىكنى چايناپ ئىستېمال قىلىش چۇڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
44. چۈشتىن كېيىن ئاپتاپقا قاقلانسا سالامەتلىككە پايدىلىق .
45. دائىم چاچ تاراپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق .
46. دائىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق .
47. كۆز يىشىنى مەجبۇرىي توختىۋىلىش ئۆزىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۇرۇۋېلىش بىلەن تەڭ .
48. كىچىك تەرەت قىلغاندا چىشىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇش پايدىلىق .
49. چۈشكۈرگەندە ئېغىزىڭىزنى ئېتىۋالماڭ .
50. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق .
51. قايناقسۇنى 3 كۈن تۇرۇپ كەتسە ئىچسە زىيانلىق .
52. قەھۋەنى ئىسسىق ئىچسە ياخشى .
53. ھاراقتىن كېيىن قەھۋە ئىچىش يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
54. چۈشتىن كىيىن چاي ئىچىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۇرۇشكە پايدىلىق .
55. يىشىل چاي جىگەر ياللۇغى جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
56. زۇكام بولۇپ قالغاندا ئاچچىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك .
57. ئىسسىق ساقلايدىغان ئىستاكانغا چاي دەملەپ ئىچمەڭ .
58. كەچلىك تاماتىن ئىككى سائەت كېيىن قىتىق ئىچىپ بەرسە پايدىلىق .
59. ئاچ قورساق قېتىق ئىچسە زىيانلىق .
60. دائىم پۇرچاق سۇتى ئىچىپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق .
61. ئاق ھاراقنى قورۇمىغا تەم تەڭشىگۈچ قىلىشقا بولمايدۇ .
62. دائىم ياڭاق يەپ بېرىش يۈرەككە پايدىلىق .
63. يەر ياڭىقىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۇرۇش رولى بار .
64. دائىم يەر ياڭىقى يەپ بەرگەندە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
65. دائىم يەر ياڭىقى يەپ بەرگەندە ئاشقازان كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
66. ئاچچىقسۇغا چىلانغان يەر ياڭىقى قان تومۇرنى يۇمشىتىدۇ .
67. تەرخەمەكنى ئۇزۇن مۇددەت توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ.
68. ئۈزۈم يىيىش ئارقىلىق جىگەرنى ئاسرىغىلى بولىدۇ .
69. مېۋە – چىۋەنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كۆكتاتقا قارىغاندا ئاز .
70. سەۋزىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار .
ۋاقتى: 2014-3-21 13:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  لېكىن بەزەن يەرلەدە ئىملا خاتالىقى باركەن
ۋاقتى: 2014-3-30 10:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۆينى چوگىلىتىپ ئائىلە باققان .بىر ئەرنىڭ بىلىپ قۇيۇشىغا ئەرزىگۈدەك رىتسىپلاركەن .تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 19:11:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل كەتمەيدىغان ئاددى رېتسىپلار 1

ئانارنىڭ دانچىسىنى يەپ بولغاندا پوستىنى (شۆپىگىنى ) ساقلاپ قويۇڭ! ئىرىق بويىدىكى پاقا يوپۇرمىقىنى بىلىدىغانسىز ؟ ،خوتەنلىك تۇققانلار قۇمچاق يوپۇمىقى دەيدىغان،بۇمۇ بەلەن دورا
بىر چاغدا 60 ياشلارغا كىرىىپ قالغان يىزىلىق دىھقان ئايال پۇل كەتمەيدىغان ئۇسسۇل بىلەن قىزىدىكى بىر ئايدىن بىرى توختىمايۋاتقان ئادەتنى قانداق توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ كىرىپتۇ. گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك قىينىلىپ قالغاندەك ئىدى.
- بىر دانە ئانارنىڭ يېرىم پوستى، پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى تال ئىلىپ قاينىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا 3 قوشۇق شىكەر سىلىپ كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا 5 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسۇن دەپ يولغا سالدىم. 15 كۈندىن كىيىن قىزى بىلەن كىرىپ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
ئانار پوستى بىلەن پاقا يوپۇرمىقى يەنە ئىچى سۈرۈش، بۇرنى قاناش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش قاتارلىقلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى قاينىتىپ ئىچىش قولايسىز بولسا بۇ رېتسىپنى سەل مۇرەككەپلەشتۈرىمىز:
ئانار پوستى، پاقا يوپۇرمىقىنىڭ ئۇرۇقى، موزا بۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ تاپالىساق ئانار چېچىگى گۈلقەنتى بولمىسا قىزىلگۈل گۈلقەنتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ بىر قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە يۇقۇردىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئەگەر قورساق ئاغرىپ قالسا، ئىچى سۈرۈپ قالسا باشقا دورا تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىزىلگۈلقەنت بولسىمۇ يەپ قويسىڭىز خىلىلا مەنپەئىتىنى كۆرىسىز. ئۆپكە سىلى(تېبۇركۇليۇز) كېسىلىدىمۇ قىزلگۈلقەنتنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا ئوپكىنى قۇۋۋەتلەپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.


زەھەرلىك ھاشارەت - چايان، ئۆمۈچۈك، يىلان دېگەندەكلەر چىقىۋالغان چاغدا ئۈزۈم سىركىسى بولسا زەھەر قايتۇرۇشتا ئۈنۈمى قالتىس بولىدۇ. زەھەرلىنىشنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق ئىچىلىدۇ. تەخمىنەن يىرىم پىيالە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر سىركە تاپالماي قالساق ھايۋاناتلارنىڭ خام سۈتى بولسىمۇ زەھەر قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 19:13:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ ئەل ئىچى رېتسىپىدىن 53 پارچە[تەرجىمە]
abdulla74
توردا خەنزۇچىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ رېتسىپلارنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنۈمى بارلىقىنى ئۇقمايمەن، بەزىلىرى بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەندەك. يەنە بەزى رېتسىپلارغا دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ياكى مىللىتىمىزدە ئىستېمال قىلىنمايدىغان خۇرۇچلار ئىشلىتىلىپتۇ. ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

1. ھاراق تاشلاش: ئازراق تېتىتقۇنى سۇدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىككى سەر ئۆرۈك مېغىزىنى چىلاپ ساقلاپ، ھاراققا ئىككى تېمىم تېمىتىۋەتكەندىن كېيىن ئىچسە، ھاراق تاشلىغىلى بولىدۇ.fficeffice" />

2. تاماكا تاشلاش: سىپارى (binlang槟榔)نى تېشىپ، ئىچىگە ئازراق نىكوتىن سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلىپ سايىدە قۇرۇتىمىز. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا ئۇنى پۇرىسا بولىدۇ (ئەمەلىيەتتە، ھاراق-تاماكىنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن كىشىگە يۇقىرىقى چارىلەرنىڭ ھاجىتى يوق).

3. مەستلىكتىن يېشىش: ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر، چايدىن 100 گىرامدىن ئارىلاشتۇرۇپ، مەستلەشكەن (پەسلەشكەن) كىشىگە ئىچۈرۈۋەتسە، مەستلىكتىن يېشىلىدۇ (لېكىن، ھاراقتىن بۇلغانغان روھىنى پاكلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەس).

4. چىشنى ئاقارتىش: چىش پاستىسىغا ئازراق سودا قوشۇپ چىش چوتكىلىسا، ئۈچ قېتىمدىلا چىش ئاقىرىدۇ، چىش دېغى چۈشۈپ كېتىدۇ.

5. ئېغىز پۇرىقىنى يوقىتىش: كۈندە ئۈچ قېتىمدىن چاي چايناپ بەرسە، ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېغىز پۇرىماس بولىدۇ.

6. ئۈنى پۈتۈپ قالغاندا: ئاتسېتىن (ئاچچىقسۇ جەۋھىرى)دىن 50 گىرام، ئاق شېكەردىن 50 گىرامنى 250 گىرام سوغۇق سۇغا سېلىپ چالغىتىپ، ئالدىرىماي ئىچىپ بەرسە، بىر كۈندىلا ساقىيىپ كەتكەي. ئەھۋالى ئېغىرلار ئاخشىمى ئىككى قېتىم كۆپ ئىچسە بولىدۇ.

7. چوڭ تەرەت قېتىۋالسا: بارماقچىلىك چوڭلۇقتىكى سۇڭپىيازدىن بىر بوغۇم كېسىپ، كۈنجۈت مېيىغا مىلەپ، مەقەتكە كىرگۈزۈپ، مەقەت ئىچىنى مايلاپ بەرسە بولىدۇ. ئۇزۇن يىللىق كېسەللىك ئالامىتى بارلار كۈنجۈت مېيى ئورنىغا ئاچچىسۇ جەۋھىرى ئىشلەتكەي.

8. تەڭگە تەمرەتكە (جاھىل تەمرەتكە): يېرىم جىڭ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىگە پوستى سويۇۋېتىلگەن قارىغاي ئۇرۇقىدىن بىر سەرنى چىلاپ ئىككى كۈن قويغاندىن كېيىن، كۈندە ئۈچ چېتىمدىن يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ. ئاپېلسىن پوستى تالقىنىدىن بىر قوشۇققا كۈنجۈت مېيىدىن يېرىم قوشۇق قوشۇپ، مەلھەم قىلىپ سۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

9. چىش ئاغرىقى: ياڭاق مېغىزىنى ئوتتا قىزىتىپ، ئاغرىغان چىشتا چىشلەپ بەرسە، بىر قانچە قېتىم چىشلىگەندىن كېيىن چىش ئاغرىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلىدۇ.

10. بۇرۇن قانىسا: بۇرۇندىن قان كۆپ ئېقىپ كەتسە، بىمارنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، بۇرۇننىڭ قان ئاققان تۆشۈكىگە قارشى تەرەپتىكى قولىنى (بۇرۇننىڭ ئوت تۆشۈكىدىن قان ئاققان بولسا سول قولنى دېگەندەك...) ئېگىز كۆتۈرۈپ بەرسە، قان توختايدۇ.

11. گالغا بېلىق قىلتىرىقى تۈرۈۋالغاندا: گالنى كونا ئاچچىقسۇدا چايقاپ، ئاز-ئازدىن ئىچىۋەتسە، بىر قانچە قېتىمدىن كېيىن قىلتىرىق ئۆتۈپ كېتىدۇ.

12. پۇت پۇرىغاندا: بىر جىڭ گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىنى داسقا تۆكۈپ، پۇتنى كۈندە ئىككى قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا بىر سائەت ئەتراپىدا چىلاپ ياكى يۇيۇپ بەرسە، يەڭگىلرەك بولغانلار تۆت كۈندە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.

13. كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىنكى قۇلاق ئېغىرلاش، قۇلاق غوڭۇلداش: مۈشۈككە سامساق پۇراتساق، سىيىدۇ، ئۇنىڭ سۈيدۈكىنى بىمارنىڭ قۇلىقىغا ھەر قېتىمدا ئىككى تېمىمدىن ئۈچ قېتىم تېمىتىپ بەرسەك كېسەلدىن ساقايغاندىن كېيىن پەيدا بولغان قۇلاق ئېغىرلاشقا شىپا بولىدۇ. قۇلاق غوڭۇلدىسا، يىلان تېرىسىنى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ، ئۈچ قېتىم قۇلاققا پۈۋلەپ كىرگۈزسەك، قۇلاق غوڭۇلداش توختايدۇ.

14. دىيابىت (قەن سىيىش كېسىلى)نى كونترول قىلىش: يېڭى قوناق دېنىدىن بىر جىڭنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا تاكى قوناق ئېچىلغۇچە قاينىتىپ، تۆت قىتىمغا بۆلۈپ ھەر قېتىمدا بىر قاچىدىن ئىچكەندە دىيابىتنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ (لېكىن، كېسەلنى يىلتىزدىن ساقايتالمايدۇ)، قاندىكى شېكەر مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ.

15. خورەك تارتىش، ئۇخلاۋېتىپ چىش غۇچۇرلىتىش: ئاپېلسىن پوستىدىن بىر پارچىنى ئېغىزدا 15 مىنۇت ساقلاپ تاشلىۋېتىشنى 3~5 قېتىم داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

16. پۇت تەرلەش، پۇراش: زەمچىنى يانچىپ، پۇت ئالقىنىغا سۇۋاپ 10 مىنۇت قويىمىز. 3-4 قېتىمدىن كېيىن پۇت تەرلەش، پۇراش توختايدۇ.

17. تۇتقاقلىق: بىر تال سازاڭ بىلەن يېرىم سەر زەمچىنى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ دەملەپ، ھەر سەھەردە ئاچ قورساققا بىر قاچىدىن ئىچىشنى ئون كۈن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

18. ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى: ئەتىگەن-كەچتە بىر تالدىن نەشپۈتنى ئالدىرىماي يەپ بەرسە بولىدۇ.

19. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى: 50 گىرام سېرىق پۇرچاقنى تۇزى تەڭشەلگەن سۇدا پىشۇرۇپ، 3-4 كۈن يەپ بەرسە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

20. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش: ھەر ئاخشىمى ئاق تۇرۇپ پوستىنى ئىككى چېكىگە 20 مىنۇت چاپلاپ ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

21. گېموروي: ئۈچ سەر ئۇرېيەنى داستا قايناقسۇدا ئېرىتىپ، لۆڭگىنى چىلاپ ئالغاندىن كېيىن سىقىپ قۇرۇتۇپ، ئورۇندۇققا قويۇپ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت، بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن يەتتە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئىچكى، تاشقى گېموروي، تەرىتىدىن قان كېلىش، سوڭى چىقىپ قىلىشقا شىپا بولىدۇ.

22. سۈت كەلتۈرۈش: پىششىق قورۇلغان كۈنجۈتكە ئازراق تۇز قوشۇپ، تۇغۇتقا ئون كۈن قالغاندىن باشلاپ ئۈچ ۋاخ تاماققا قوشۇپ يەپ بەرسە، سۈتى كۆپىيىدۇ.

23. ئۇيقۇسىزلىق: ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىيازنى تەخسىگە سېلىپ، ياستۇق بېشىغا قويۇپ قويسا، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ.

24. يۈرەك كېسىلى: ئەتىگەن ۋە كەچتە 50 گىرامدىن ئاناناس يېيىشنى 5~7 كۈن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، تەخمىنەن ئىككى يىلغىچە كېسەل قايتا قوزغالمايدۇ. كېسەل قايتا قوزغالغاندا يۇقىرىقى ئۇسۇلنى يەنە قوللانسا بولىدۇ. كېسىلى ئېغىرلار ئىككى كۇرس داۋاملاشتۇرسا كېسەللىكنى كونترول قىلالايدۇ.

25. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتسە: ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك پوستىدىن كىچىك ياستۇق ياساپ ئىشلەتسە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. بۇ ئۇسۇل شامالدا كۆزى ياشاڭغۇرايدىغانلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.

26. پۇت-قول يېرىلىپ كەتسە: دورىلىق رېماتىزم مەلھىمىنى يەرلىك ئورۇنغا بىر كۈن چاپلاپ ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

27. تېرە ياللۇغى: ئاغىچە يۇغۇچنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۇۋۇلاپ ئېزىپ، ياللۇغلانغان تېرە قىزىرىپ چىققۇچە سۈركەيمىز، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن، ئۈچ ھەپتە داۋاملاشۇرساقلا بولىدۇ، ئەھۋالى ئېغىرراقلار ئۇدا ئالتە ھەپتە قىلىدۇ.

28. بۇرۇن ياللۇغى: ئازراق پاختىنى كاللەكلەپ كۈنجۈت مېيىغا مىلەپ ئېلىپ، بۇرۇن ئىچىدە 15 مىنۇت قويۇشنى كۈندە ئۈچ قېتىم، 2-3 كۈن داۋاملاشتۇرىمىز، ئەھۋالى ئېغىرلار كۈندە بەش قېتىم قىلسا بولىدۇ.

29. يۇقىرى قان بېسىمى: يېڭى لامىنارىيە (دېڭىز تاسمىسى ياكى خەيدەي)دىن ئىككى سەرنى قاينىتىپ، ھەر سەھەردە ئاچ قورساققا ئىچىپ بېرىشنى ئون كۈن داۋاملاشتۇرسا، قان بېسىمنى نورماللاشتۇرىدۇ.

30. بۆرەك ئاجىزلىق: يېڭى تاسمىپۇرچاق (جاڭدۇ)دىن 100 گىرامنى يۇمشاق پىشۇرۇپ، ئازراق تۇزلاپ، ھەر ۋاخ تاماقنىڭ ئالدىدا يەپ بەرسە 3~5 كۈن ئىچىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. دائىم يەپ بەرسە تېخى ياخشى.

31. يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىش: ئۆرۈك مېغىزىنى سۇدا چىلاپ پوستىنى ئاقلاپ، ئۇنى ئېزىپ مەلھەم قىلغاندىن كېيىن، بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشۇپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۈزگە چېپىپ، ئەتىسى ئەتىگىنى يۇيۇۋېتىشنى تاكى سەپكۈن يوقىغۇچە داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

32. ئاشقازان ئاغرىش: قىزىل تۇخۇمدىن 20نىڭ شاكىلىنى كاھىش ئۈستىدە قويۇپ ئوتتا قىزىتىپ، يۇمشاق ئۇۋاپ، ھەر كۈنى تاماقتىن بۇرۇن شېكەر سۈيى بىلەن بىر قوشۇقتىن ئىچىۋېتىمىز، بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ تۈگىتىمىز. بۇ ئۇسۇل يەنە كالتسىي تولۇقلاش ۋە كۆمۈرچەك ئاغرىقىنى داۋالاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

33. يىقىلىپ چۈشۈپ سىڭىرلار زەخىملەنسە: كۈدىنى يانچىپ، كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىدىن ئازراق قوشۇپ، زەخىملەنگەن ئورۇنغا چاپلاپ بىر قانچە سائەت قويسا ئىششىق يانىدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن تولۇق ساقىيىپ كېتىدۇ.

34. ئورۇقلاش: ۋۇلۇڭ چېيىنى بىر ھەپتە ئىچىپ بەرسە كۆرۈنەرلىك ئورۇقلايدۇ.

35. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش: كۆپ ھەرىكەت قىلىش، خۇشخۇي يۈرۈش، شېكەر سۈيىدە چىلىغان سامساق (تەييارلاش ئۇسۇلىنى بەيدۇدىن ئىزدەڭ)نى دائىم يەپ بېرىش. شېكەر سۈيىدە چىلىغان سامساقنىڭ يەنە بەدەندىكى تۈرلۈك زىيانلىق مىكروبلارنى يوقىتىش رولى بار.

36. ھەيز قالايمىقان كېلىش: ئىككى سەر رەيھان ئۇرۇقىنى دەملەپ چاي قىلىپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

37. ۋاقىتسىز چاچ ئاقىرىش: 500 گىرام قۇرۇق سەدەپ (يەلپۈگۈچسىمان قۇلۇلە قېپى)نى سۇدا قاينىتىپ، بىرەر ھەپتىگىچە كۈندە بىر قېتىمدىن چېچىنى يۇيۇپ بەرسە قارا، توم چاچ ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاق چاچ زىيادە كۆپ بولسا كۆپرەك يۇسا بولىدۇ.

38. تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش: ھەر ئاخشىمى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى يۈزگە سۈرۈپ، بىر سائەتتىن كېيىن سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋېتىشنى داۋاملاشتۇرسا، يۈز تېرىسى بارغانسېرى يۇمرانلىشىدۇ.

39. مۈرە ئەتراپى ياللۇغى، بەل، پۇت ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك ئاغرىش، بېلى چىم بولۇش: يەتتە دانە كەتمەنقوڭغۇزنى ئوتقا قاقلاپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، ئۇنى ئىككى سەر سېرىق ھاراق بىلەن بىللە شېشىگە سېلىپ بىر ھەپتە ساقلايمىز. ئاندىن ھەر كۈنى كەچ سائەت يەتتىلەردە سېرىق ھاراقتىن يەتتە مىسقال ئىچىپ، يەرلىك ئورۇننى 49 قېتىم مۇشتلاپ بەرسە بولىدۇ.

40. ئۆپكە تۇبېركۇليوز (سىل) كېسىلى: تىرىك پىلە قۇرۇتى لىچىنكىسىدىن 500 گىرامنى ئوتتا قاقلاپ كۆيدۈرۈپ تالقان قىلىپ، ھەر قېتىمدا 3~5 گىرام، بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن كاپ ئېتىپ بەرسە بولىدۇ.

41. بوغۇم ياللۇغى: شال ياكى تېرىق پاخىلىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كىچىك خالتىغا سېلىپ، ئاغرىغان ئورۇنغا ھەر ئاخشىمى بىر سائەتتىن چاپلاپ بەرسە، ئۈچ قېتىمدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

42. قولتۇق پۇراش: گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىدىن 100 گىرامغا ئارپا بەدىياندىن 5 گىرامنى سېلىپ راسا قوچۇغاندىن كېيىن قولتۇققا سۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.

43. قىچىشقاق كېسىلى: ھۆل زەنجىۋىلنى كاپىلاپ، پۇت ئالقىنىغا سۈركەپ بەرسە بولىدۇ، ئەرلەر سول پۇتقا، ئاياللار ئوڭ پۇتقا سۈركەيدۇ، بىر قېتىمدا 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرىدۇ.

44. سۆڭەك ئۆسۈۋېلىش: قوينىڭ پاقالچاق سۆڭىكىدىن تۆت تالنى ئوتۇن ئوتىدا كۆيدۈرۈپ سارغايتىپ، ئۇنى سوقۇپ تالقان قىلىپ، بىر قانچە كۈنگىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر سەر سېرىق ھاراق بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

45. قاتتىق مېتال بۇيۇملارنى يۈتۈۋەتكەندە: كۈدىنى قورۇپ پىشۇرۇپ، چوڭ-چوڭ چايناپ يۈتۈۋەسە بولىدۇ. ئەينەك پارچىسى يۈتۈۋەتكەنلەرمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاي.

46. پۇت-قول قولۇشۇش: قارا قوزاقېرىن (مور)، ياڭاق مېغىزى، ھەسەللەردىن 120 گىرامدىن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، قاچىغا سېلىپ ھوردا پىشۇرۇپ، تۆت كۈنگە بۆلۈپ يەپ بەرسە بولىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

47. چاچ چۈشۈش، كېپەكلىشىش: يېسىۋېلەكنىڭ يىلتىزىدىكى توپىنى يۇيۇۋېتىپ، توغراپ، ئۇزاق قاينىتىپ، ئۇنىڭغا يەنە ئاتسېتىن قوشۇپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، بىرەر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، چاچ يۇمشاق، پارقىراق بولىدۇ، كېپەك يوقايدۇ.

48. تىرناق تەمرەتكىسى: سۆسۈن سامساقنى ئېزىپ مەلھەم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق زەمچە قوشۇپ تىرناققا نېپىز سۈرگەندىن كېيىن يالتىراق بىلەن چىڭ يۆگەپ، بىرەر ھەپتە قويۇپ ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

49. مەددە چۈشۈرۈش: كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىدىن 50~100 تالنى ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر سۈيىگە سېلىپ ئۇماچ قىلىپ، ئاچ قورساققا ئىچىۋەتسە بىر قېتىمدىلا مەددە چۈشىدۇ.

50. سۈت بېزى ياللۇغى: ئالىقانسىمان كاكتۇس (پېتەكگۈل)دىن بىر پارچىنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ تېمىم كۈنجۈت مېيى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا بولىدۇ.

51. پۇتتىكى قاداقنى داۋالاش: چاپلاق (پىلاستېر)نىڭ ئوتتۇرىسىنى كىچىك تېشىپ، قاداق بار جايغا چاپلىغاندا، قاداق تۆشۈكتىن كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئۇرېيە (ئوغۇت) سېپىپ، ئۇستىگە يەنە بىر قات چاپلاق يەملەپ قويۇپ، ئۈچ كۈندە بىر قېتىمدىن ئالماشتۇرسا، ئالتە قېتىمدا قاداق پۈتۈنلەي يوقايدۇ.

52. مەزى بېزى ياللۇغى: قۇرۇق چىلاندىن ئىككى سەر، خوراز جىگىرىدىن ئۈچ تالنى قوشۇپ دۈملەپ پىشۇرۇپ، شورپىسى بىلەن قوشۇپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-17 19:14:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 19:16  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ نۇسخىلارنىڭ بەزىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى ئەسقاتىدىغان تەييارلاش ئوڭاي نۇسخىلار.

كۈز پەسلىنىڭ شەبنەملىك ۋاقىتلىرىدا ئېتىزدىكى چامغۇرنىڭ ئەتراپىدىكى توپىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، چامغۇرنىڭ يۈر ئۈستىدىكى كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئويۇپ قويۇلسا كېچىسى ۋە سەھەردە چۈشكەن شەبنەم ئاشۇ ئويمانغا يىغىلىدۇ. ئاندىن چامغۇرنى ئېھتىيات بىلەن يۇلۇپ بىر نەچچە چامغۇردىكى شەبنەم سۈيىنى ئىچىپ،چامغۇرنى مەلۇم مىقداردىكى قوي گۆشى بىلەن قاينىتىپ ئىسسىق پېتى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ھەر قانداق ئۆپكە كېسەللىكىگە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

كۆك يۆتەل ئۈچۈن : بىر دانە ئاق قۇشقاچنى ئۆلتۈرۈپ،پاكىز تازىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ ۋە 15-20گرام ناۋات بىلەن قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچۈرسە ۋە بۇنى ئارقىمۇ-ئارقا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا كۆك يۆتەلنىڭ تىز ئەسلىگە كېلىپ ساقىيىشىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

گۈلە چوڭلۇقىدىكى ناۋاتنى بىر پىيالە قايناقسۇدا ئېرىتىپ، كەپتەر ئۆتىدىن 2-3 تامچەتېمىتىپ ئىچۈرۈپ بەرسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.


ئاق چامغۇر 2500 گرام،ياغ ۋە سۆڭەكلىرىدىن ئايرىلغان قارا پاقلان گۆشى 2500گرام ، كۈنجۈت 125گرام، سىيادان،بەدىيان،لاچىندانە،دارچىن 80گرامدىن؛ بۇلاردىن چامغۇرنى ئۇششاق توغراپ يېرىم چىلەك ئەتراپىدىكى سۇدا ئىزىلگىچە قاينىتىلىدۇ،ئاندىن داكىدا سىقىپ سۈيىنى سۈزۈپ ئېلىپ قازانغا قۇيۇلىدۇ؛ گۆشنى ئۇششاق چاناپ ئىككى قەۋەت داكىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ، ئۈستىدىن يىلمان سۇ قۇيۇپ تۇرۇپ گۆش تەمى پۈتۈنلەي تۈگىگىچە مىجىپ شىرىسى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ شىرە قازاندىكى چامغۇر شىرىسىغا قوشۇلىدۇ. قالغان دورىلارنى چالىراق سوقۇپ خالتىغا ئېلىپ گۆش ۋە چامغۇر سۇلىرى بىلەن دورا تەمى چىققۇچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن دورا تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ دورا سۈيىنى ساقلاپ قويۇپ كۈندە ئىككى ۋاق 3-4 قوشۇقتىن ئىسسىق پېتى ئىچىلىدۇ.

بۇ دورا يۈرەك ،ئۆپكە ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ قان كۆپەيتىپ مغدۇر پەيدا قىلىدۇ..

خەشخەش پوستى،زەمچە،ئاقمۇچ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن تەييارلاپ يۇمشاق سوقۇلىدۇ. ئىككى تۇخۇم چىنىگە چېقىلىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۈستىگە ئون گرام بۇغداي ئۇنى ۋە دورا تالقىنىنى قوشۇپ يەنە ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن قازاننى قىزىتىپ مايلاپ پوشكال پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. بۇ پوشكالنى ئىلمان بولغاندا لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئوراپ ئىچى سۈرۈش ياكى قۇسۇش توختىمىغان بىمارنىڭ مەيدە ۋە قورساق ئۈستىگە تېڭىلىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.

زىققا كىسىلىگە قارىتا ئادراسمان ئۇرۇقى 500گرام، نۆشۈدۈردىن 60گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ 6-9 گرام مىقدارىدا كۈندە ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى.

كونا ئوچاق چالمىسىدىن 80گرامنى بىر پىيالە سۇدا قاينىتىپ،يېرىم سائەت تىندۇرۇپ،سۈزۈپ سۈيىنى ئىچۈرسە قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىدۇ.

سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇدىن 300گرامدىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئازراقتىن كۆپەيتىپ تاكى بىر لىتىرغا قەدەر يەتكۈزۈپ داۋاملىق ئىچىپ،ئاندىن بەدەن قىزىغۇدەك تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا كونا يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشلارغا ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ ئەسلىدە ئىبىنسىنا تەرىپىدىن ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاشقا قوللانغان چارە بولۇپ ھازىر خەلق ئارىسىدا دەم سىقىلىش ۋە كونا يۆتەللەرگە ئىشلىتىلىپ ئەمەلى ئۈنۈمى ئىسپاتلاندى.
مەنبە 4يادۇ تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:30 , Processed in 0.145693 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat