ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە
كۆرۈش: 261|ئىنكاس: 3

[iPhone] ئايفوندا ساپ ئۇيغۇرچە قىستۇرما ئىشلىتىڭ .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
8.jpg ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
Cydia غا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە قىستۇرما بولىقى چىقىرىلدى ...
ئەيھانناس، ئىشتاننى سېلىپ بوينۇڭغا ئاس. :lol :lol  گەپنى ئاز قىلىپ سىزنى چۆمچەيتىپ قويماي.
بۈگۈن دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان تېمام ھەر قايسى ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇخلىماي  كۆرگەن چۈشلىرىنى  رىئاللىققا ئايلاندۇرالىغان بولسا مەن شۇنىڭغا خۇش.
ئاڭلىمىدىم دېمەڭكى ، ئۆزىڭىز ئىشلىتىشنى كېچە كۈندۈز ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەمما تىل سەۋىيىڭىز سەۋەبلىك ئىشلىتىشكە قادىر بولالماي كەلگەن Cydia دىكى  بەزىبىر قوللىنىشچان قىستۇرمىلار «ئايبىلگە» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگە ئۇستاز باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرچە قىستۇرما تەرجىمە ئەترىتى تەرىپىدىن ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى تەرجىمە قىستۇرما تىل بولاقلىرى  Cydia غا چىقىرىلدى. ئىنشائاللاھ،  بۇنىڭدىن كىيىن ھەم تېخىمۇ كۆپ قىستۇرمىلار ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنىۋى ئارزۇسىنى قاندۇرغۇسى....  
                 Cydia مەنبە ئادرېسى : http://Cydia.ibilge.com     تور ئادرېسى :www.ibilge.com
مەنبەدە يەنە iphone, ipad, itoch لارنىڭ ھەر قايسى نۇسخىدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى، تۆۋەن نەشىردىن تارتىپ يۇقىرى نەشىرگىچە بولغان،  بەيدۇغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ھالدىكى ئۇيغۇرچە ئونۋېرسال كۇنۇپكا تاختىلىرى تەمىنلەنگەن. تەمىنلەنگەن كۇنۇپكا تاختىلىرىنى يانفۇننىڭ ئۆزىدىنلا كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇش رايونىدىن بىۋاستە «ئۇيغۇرچە» دېگەننى تاللاپلا ئىشلىتەلەيسىز.  بىر مەنبە ئارقىلىق كومپىيۇتىر ئىشلەتمەي بىردەمدىلا ئۆزىڭىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيسىز...
ئەسكەرتىش: ئايبىلگە مەنبەسىدە تەمىنلەنگىنى پەقەت  ھەر قايسى قىستۇرمىلانىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى  تىل بولىقى بولۇپ، ئاۋۋال سىز ئاۋۋال  ئەسلىدىكى مەنبەدىن شۇ قىستۇرمىنىڭ ئۆزىنى قاچىلاپ  بولۇپ،  ئاندىن  ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىسىڭىز  ئۇيغۇرچە ھالەتتە  نورمال ئىشلىتەلەيسىز.
گەپنى جىق قىلمايلى، تۆۋەندە دوستلىرىمىزغا تەرجىمە ئەترىتىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان بەزىبىر قىستۇرمىلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تەمىنلەندى .ئەلۋەتتە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بەزىبىر خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەسمىز.  ھەر قايسى دوستلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈپ قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
بايانات: ئايبىلگە مەنبەسىدە تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە مەزمۇنلار پەقەت ھەر قايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىل  جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ ئۆز تىلىدىكى دېتاللارنى  نورمال ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەندى. كىچىكىدە ئانا سۈتى ئەممەي كالا سۈتى ئېمىپ چوڭ بولغان كۇسپۇرۇچلارنىڭ ھەرقانداق سورۇندا سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. ئەگەر سودا ئىشىغا ئىشلىتىپ  يامان تەسىر پەيدا قىلغۇچىلار قانۇنىي يول ئارقىلىق جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!!!!


1.png
2.png
3.png
4.png
5.png
6.png
7.png

9.jpg
10.jpg
11.jpg
ۋاقتى: 2014-3-18 15:31:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ماشائاللاھ داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاللا مۇۋەففەق قىلسۇن
ۋاقتى: 2014-3-21 11:44:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن ئامما مەندە ئالما  تىلفۇن يوقتى
ۋاقتى: 2014-3-27 01:12:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناپ باقىمەن ئاندىن پىڭرىمنى ئوتتۇرغا قوياي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2014-6-25 06:23 , Processed in 0.197887 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش