- جۇغلانما
- 1272
تىزىملاتقان2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ئارقا كۆرۈنۈش
بەزى ھەقلىق دېتاللارغا بارماق دىسكا دېگەندەك سىرتتىن چېتىلىدىغان ئۈسكىنەلەرنىڭ تەرتىپ نۇمۇرىنى ئېلىش ئارقىلىق دېتالنىڭ يېشىلىپ كېتىشىنىڭ ياكى ئوغىرى نەشىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.بۇ تېمىمىزدا سۆزلەنمەكچى بولغان مەزغۇن بولسا مۇھىم بولغان Excel ھۆججەتلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ يۇشۇرۇنچە تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىشى، كۆچۈرۈشى،ئۆزگەرتىشىنى بارماق دسكىنىڭ تەرتىپ نۇمۇرىنى ئېلىپ ئارقىلىق Excel ھۆججەتلىرىمىزنى مەخپى ساقلاش مەقسىتىگە يېتىش.يەنى، تەرتىپ نۇمۇرى ماس كەلگەن بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چاتقاندىن كېيىن ماس بولغان Excel ھۆججىتى ئېچىلىدۇ. ئەگەر، تەرتىپ نۇمۇرى ماس كەلسە ھۆججەت ئېچىلىدۇ ۋە تەرتىپ نۇمۇرى ماس كەلگەنلىك ئۇچۇرى چىقىدۇ؛ئەگەر ئۇنداق بولمىسا،ھۆججەت تەرتىپ نۇمۇرى ماس كەلمىگەنلىك ئۇچۇرى چىقىرىدۇ ۋە ھۆججەت ئۆزلىكىدىن چېكىنىدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسلى تۆۋەندىكىدەك
1. قەدەم: چېتىلغان بارماق دىسكىنىڭ تەرتىپ نۇمۇرىنى ئېلىش توۆەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ خالىغان جايىغا بىر دانە Excel ھۆججىتى قۇرۇپ خىزمەت جەدۋىلىىگە بىر دانە كۇنۇپكا قۇشۇپ كۇنۇپكا قوشقان خىزمەت جەدۋىلىىنىڭ كود ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ
Excel 控件工具箱 نى قوزغۇتۇپ بىر كۇنۇپكا ( CommandButton.1 ) نى قوشۇپ شۇنىڭ كودىنىڭ ئورنىغا چاپلىساقمۇ بولۇدۇ.- Private Sub CommandButton1_Click()
- CommandButton1.Caption = ChrW(1578) & ChrW(1749) & ChrW(1585) & ChrW(1578) & ChrW(1609) & ChrW(1662) & ChrW(32) & ChrW(1606) & ChrW(1735) & ChrW(1605) & ChrW(1735) & ChrW(1585) & ChrW(1609) & ChrW(1606) & ChrW(1609) & ChrW(32) & ChrW(1574) & ChrW(1744) & ChrW(1604) & ChrW(1609) & ChrW(1588)
- Dim fs, d, s
- On Error Resume Next
- For i = 3 To 26
- Set fs = CreateObject("Scripting.FileSystemObject")
- Set d = fs.GetDrive(Chr(64 + i) & ":")
- s = d.SerialNumber
- Cells(i, 2) = d.SerialNumber
- Cells(i, 1) = Chr(64 + i) & ":"
- Next i
- End Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش 2- قەدەم: تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشىش:
كۇنۇپكىنى باسساق C دىن Z غىچە بولغان دىسكا رايونىنىڭ تەرتىپ نۇمۇرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
بۇنىڭدىكى بارماق دىسكىنىڭ تەرتىپ نۇمۇرىنى كۆچۈرۈۋالىمىز. مەسىلەن: بارماق دىسكانىڭ بەلگىسى H بولسا H نىڭ ئۇدۇلىدىكى تەرتىپ نومۇرىنى كۆچۈرۈۋالىمىز.
مۇناسىۋتلىك رەسىم
3- قەدەم: .تەرتىپ نۇمۇرىنى سېلىشتۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر چىقىرىش-توۋەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بايىقى Excel ھۆججىتىنىڭ كود رايۇنىدىكى thisworkbook نىڭ كود رايونىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز ۋە بۇ كودتىكى Case نىڭ كەينىدىكى تەرتىپ نومۇرنى بايا ھاسىل قىلىپ كۆچۈرۈۋالغان تەرتىپ نومۇرىغا ئالماشتۇرۇپ Excel ھۆججىتىنى ساقلاپ چېكىنىمىز.- Private Sub Workbook_Open()
- Dim fs, d, s$
- Dim SerBoolean As Boolean
- SerBoolean = False ' barmaq disk mas kelgen yaki kelmigenlikini tekshurush uchun ishlitilidu
- On Error Resume Next
- Set fs = CreateObject("Scripting.FileSystemObject")
- StrDrive = "B,C,D,E,F,G,H,I,J,K,L,M,N,O,P,Q,R,S,T,U,V,W,X,Y,Z"
- StrDriveArray = Split(StrDrive, ",")
- For StartPos = 1 To UBound(StrDriveArray)
- Set d = fs.GetDrive(fs.GetDriveName(fs.GetAbsolutePathName(StrDriveArray(StartPos) & ":\\")))
- If d.DriveType = 1 Then
- s = d.SerialNumber
- Select Case s
- Case "-593846073" 'barmaq disk ka tertip numuri
- SerBoolean = True
- Set fs = Nothing
- Set d = Nothing
- s = ""
- End Select
- Set fs = Nothing
- Set d = Nothing
- End If
- Next
- If SerBoolean Then
- MsgBox "tertip numuri mas keldi,merhemet!"
- Else
- MsgBox "tertip numuri mas kelmidi,hojjet hazirla taqilidu! "
- ThisWorkbook.Close False
- End If
- End Sub
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش 4- قەدەم:ئىجرا ئۇنۇمى
بايىقى بارماق دىسكىنى كومپيۇتېردىن تېپىپ چىقىۋېتىپ قايتىدىن چېتىپ بايىقى Excel ھۆججىتىنى قوزغاتساق بارماق دىسسكا بايىقى بارماق دىسكا ھەم H دىسكا بولغان بولسا Excel ھۆججىتى بىزگە تەرتىپ نۇمۇرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىدۇ ۋە نورمال ئېچىلىدۇ بولمىسا Excel ھۆججىتى تاقىلىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭ بىر قانچە يېتەرسىزلىكى بار بولۇپ، تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاساسەن بۇ تېمىنى دۋاملاش تۇرىمەن.
مەنبە:چاشقان تور خاتىرىسى |
باھالاش
-
4
باھا خاتىرىسى
-
|