ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 766|ئىنكاس: 3

سىز يۇقىرى كىرىمگە قىزىقامسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-21 08:32  

  دېھقانلېرىمىز ئاشلىق ۋە يەرلىك مىۋىلېرىمىزنى تۈۋەن باھادا سىتىپ چىقىرالمايۋاتقان پەيىتتە يەنە مەركىزى شەھەرلەردە قارايدىغان بولساق گىرامى ئالتە پۇڭدىن ئىككى-ئۈچ يۈز يۈەنگە تۇختايدىغان ئىسىل ماشنىلار ۋە زاۋۇتلاردا ئىلىكتىر ئۆلچەش ئۈسكىنىلېرىنى ئۇچرىتىمىز، دېھقانلېرىمىزدىن ئون-يىگىرمىسى بىر ئۈمۈر ئىشلەپ يىغالمايدىغان بايلىقنى شۇ نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەر ئىيىغا ئالىدۇ. يەنە تىخى شۇ پۇلغا شۈكرى قىلماي تىخىمۇ تىرىشىدۇ. شۇڭا سىتاتىسكىلاردا كۆرسىتىلگەندەك ئۇلاردا يۇقىرى ئىختىساس ئىگىلېرىمۇ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، بىزدە بولسا بەك ئاز، يەنە ‹‹مەڭگۈلۈك ماتور ›› ياسايدىغانلار ئاندا-ساندا چىقىپ داۋراڭ قىپ تۇرىدۇ.
  قىسقىلا گەپ قىلاي؛ يىقىنراق تارىختىكى لوقمان ھەكىمنىڭ 100 نەسىھىتىنىڭ بىرسى ‹‹بالاڭنى ئۇقۇت، چۇنكى ئۇ باشقا بىر دەۋىردە ياشايدۇ›› دەپتىكەن. بىزمۇ ئۇقۇتايلى، ھەم قۇلىمىزدىن كىلىدىغاننى قىلغاچ تۇرايلى، باشقا تەرەققى قىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈزلۈكسىز تىرىشۋاتقان پەيىتتە بىر قىسىم ساھەلەردە پەخىرلىك ئوغلانلېرىمىز چىقىۋاتقان بولسىمۇ ئۇمومى نۇقتىدىن ئالغاندا بىزدە چىكىنىش بولدى. بۇرۇن تۈمۈرچىلەر ئىشلىتىدىغان سەندەلنى مۇشۇ يەردە قۇيۇپ ئىشلىتىدىكەنتۇق، ئالتۇنچىلېرىمىز ھەرخىل تۈمۈر قىلىپلارنى تۈمۈردىن تەييارلاپ، ئالتۇن-كۈمۈشنى قىزدۇرۇپ قىلىپ ئۈستىگە ئۇرۇپ ئىز چىقىرىپ تەييارلايدىكەن، يىقىنلاردا بولسا تەييار ئېرىتىپ قۇيىدىغان قىلىپلارغا ئۈگەندى ھەم ئۇ قىلىپمۇ ھازىر تەمىنلەشتىن تۇختاش ئالدىدا تۇرۋىتىپتۇ، يەنى بۇرۇنقىدەك سۈپەتلىك قىلىپ تەمىنلەنمەيدىكەن.
  ھەممە كىشى يۇقىرى-يىڭى تېخنىكا كەسىپلېرى بولغان يۇمشاق دېتال دىگەندەك كەسىپتىكىلەرنىڭ، يەنە ئارىمىزدىكى تۈمۈرچى، بىزەكچى ۋە ياغاچچى ئۇستاملارنىڭ ھەر ھالدا كىرىمى يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دىمەك كەسىپكە بولغان قوللاش بىلەن بىرگە يەنە يىڭى تۈرلەرنى يۈرەكلىك بارلىققا كەلتۈرۈش بىزنى ئالغا سىلجىتىدۇ، مەبلەغ سىلىشتىمۇ يەنە شۇ، ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلېرىغا ۋاكالەتچى بولغانلار بىر قەدەر يۇقىرى كىرىمگە ئىگە بۇلىدۇ، يەنە بەزىلەر قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاددى بولغان نەرسىلەرنىمۇ ئىچكىرىدىن ئىلىپ كەلگەندىن دەپ بىر قىسىم ئىلغار ماشنىلارنىڭ تۈمۈر زاپچاسلېرىنى مۇشۇ يەردە تۈمۈردىن كەپشەرلەپ ياساپمۇ كىرىمگە ئېرىشىۋاتىدۇ. مۇنۇ ئۆلچەش ئۈسكىنىلېرىنىڭ ئىلغارلېرى ئەنگىلىيەدىن چىقىدۇ. شۇڭا ئەنگىلىيە ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان دۆلەت. دۆلىتىمىزنىڭ ماشنىسىمۇ خېلى پۇلغا يارايدۇ.
  سىزنىڭ مەلوم ساھەدە بىلىمىڭىز يۇقىرىمۇ؟ ئۇنداقتا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تىما ۋە مەھسۇلاتلارنى تۇنۇشتۇرۇپ تىما تەييارلاپ تورغا يوللاڭ، 10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن شۇ كەسىپلەرنىڭ ئىچىدىن ئاددىراق بىرەسىگە مەبلەغ سىلىپ پايدا ئالىدىغانلار چىققاندا ئاندىن سىزنى ئىزدەپ مەبلەغ سالىدىغانلار چىقىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن سىناقتىن ئۈتكەن ئۇسول . مەن ئۈچ قىتىم مەبلەغ سىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرىۋالدىم، ئەمما مەبلەغ سوممىسى پىلانىمدىكىگە يەتمەيدۇ. بىر كەسىپتە ھەقىقەتەن يۇقىرى بىلىمگە ئىگە دەپ قارىسىڭىز خەلقىڭىزدىن ئايىماڭ، ھەم شۇ كەسىپ ھەۋەسكارلېرىنىڭ سەۋىيسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىسىز ھەم ئۆزىڭىزگە مەبلەغ سالغۇچى تاپالايسىز. مەبلەغ سالغۇچىمۇ، سىزمۇ  پايدىغا ئېرىشەلەيسىز.
  توخومۇ بىلگىنىنى چىللاپتۇ دەپ، تۈۋەندە ماتورلارنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي. ھازىر بىزنىڭ ياشلېرىمىز ھەرخىل ماتورلارغا قىزىقىشى ھەر-ھالدا ياخشى.
  
چوڭ تىپتىكى ئوت ئىلىكتىر ئىستانسىلېرىنىڭ ئىش ئۈنىمى ئادەتتە 60-%70 كىچە بولىدۇ(ھور ماشنىسى). يۇقىرى تىمپىراتورىلىقىنىڭ 7-8 يۈز گىرادوسلۇق دىيىلىدۇ ئەمما ھور تىمپىراتورىسى 374.5 گىرادوستىن ئاشالمايدۇ.
ھازىر كىچىك قۇۋۋەتلىك ھور ماشنىسىنى بىر شىركەت بازارغا سىلىپتۇ.ماڭا باھاسى بەك قىممەت بىلىندى.
  ئادەتتەئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتىلدا بېنزىن ماتور يىقىلغۇ بىلەن ھاۋا ئارلىشىپ ئارلاشما يانىدىغان گاز ھاسىل قىلىنىپ، قىسىلغاندىن كىيىن ئۇچقۇن ئارقىلىق كۈيۈشتىن ھاسىل بولغان كىڭىيىش بىسىمدا ئىش ئىشلەيدۇ.ئىش ئۈنۈمى26-%40ئەتراپىدا. يۇقىرى تىمپىراتورىسى2000 گىرادوسقا چىقىدۇ.
   دىزىل ماتورىدا بولسا ھاۋا تىز سۈرئەتتە قىسىلغاندىن كىيىن بىر تەرەپتىن ئىسسىقلىق ھاسىل بۇلۇپ قىسىلغان ھاۋا تىمپىراتورىسى ئاشقان پەيىتتە يىقىلغۇ پۈركۈلۈپ پارتىلىما ھالەتتە كۈيۈپ كىڭىش بىسىمىدا ئىش ئىشلەيدۇ.ئىش ئۈنۈمى34-%45 ئەتراپىدا بۇلىدۇ. ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتىللارنىڭ ئىش ئۈنىمى %60كە يەتمەيدۇ. يۇقىرى تىمپىراتورىسى2000 گىرادوسقا چىقىدۇ.

  سىتىرلىڭ ماتورىدا بولسا ئىسسىقلىق سىرىتتىن قۇبۇل قىلىنىدۇ، سىلىندىرنىڭ مەلوم قىسمى ئىسسىقلىق سۈمۈرگەندىن كىيىن مىتاللارنىڭ ئىسسىقلىق ئۈتكۈزۈش رولىدىن پايدىلىنىپ، ئىسسىقلىقنى سىلىندىر ئىچ تەرپىگە ئۈتكۈزىدۇ، ۋە ئىچ تەرەپتىكى ھاۋانى قىزىتىپ كىڭەيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پورشىن بىسىم تەسىرىدە
قارىتا ھەركەتلىك ئىش ئىشلەيدۇ. ئىچىدىكى ھاۋانىڭ يۇقىرى تىمپىراتورىسى700گىرادوسقا يىتىدۇ.
  ئادەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان كىچىك سىتىرلىڭ ماتورلېرىنىڭ ئىش ئۈنىمى تۈۋەن(%25 ئەتراپىدا،چوڭلېرى%30)،ھەجىمى چوڭ بۇلۇپ، تەننەرخى يۇقىرى بولغاچ ئەمىلى ئىشلىتىشتە بەك ئاز ئۇچرايدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-21 17:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىمىت ئاكا بۇ مۇنبەردە پەقەت سىزلا مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللايسىز،مەن بەك ياقتۇرمەن تېمىلېرىڭىزنى .
ۋاقتى: 2014-2-22 09:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسى سىزنىلا ئەمەس، ھەممىمىزنى شادلاندۇرغۇسى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-22 10:03:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ARKZAT يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 09:42
ئىزدىنىشلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسى سىزنىلا ئەمەس، ھەممىمىز ...


دوسلارنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت ، ئىلىكتىرماتورنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان بىر تۈرنى نەچچە يىلدىن مەبلەغ يوق قىلمىغان ئىدىم، يىقىندا بازارغا چىقىپ بۇپتۇ، ئۇنىمۇ تىما يىزىپ ئېلان قىلىۋەتسەم بولغۇدەك...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 21:45 , Processed in 0.165616 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat