قەدىرلىك تورداش، ئۇستاز تاشپولات روزىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ كەلدىم، سىز زىيارەتچى بولسىڭىز بىلەت تاشلىسىڭىز بولۇدۇ ( ئەزا بولۇش كەتمەيدۇ)، ئىنتىل سەيناسىغا ئەزا بولغان بولسىڭىز ھەم بىلەت تاشلاپ ھەم ئىنكاس يازالايسىز.
قايسىسى قايسىسىنى ئايلىنىدۇ؟
تاشپولات روزى
2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوند (National Science Foundation) نىڭ ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان خەلق رايىنى سىناش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات ئامېرىكا پرېزىدېنت بىلەن پارلامېنتقا تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ خەلق رايىنى سىناشقا قاتناشقان ئادەمنىڭ سانى 2200 نەپەر بولۇپ فىزىكا ھەم ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك 9 سوئال چىقىرىلغان. دوكلات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ قېتىم كىشىلەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى قۇياش يەر شارىنى ئايلىنامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنامدۇ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى بولدى. رايە سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكالىق 4 ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەم بۇ سورالغان سوئالغا توغرا جاۋاب بېرەلمىگەن. بۇ ئامېرىكالىقنىڭ ئاساسى بىلىم چۈشەنچىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ يەردە ھازىرچە سوئالنىڭ توغرا جاۋابنى دېمەي تۇراي. بۇنداق بۆلىشى قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى بىلىم چۈشەنچىسىنى بىلىپ بېقىش. تۆۋەندىكى سوئالغا ھېچقانداق ماتېرىيالغا ياكى باشقىلارنىڭ جاۋابىغا قارىماي كالىڭىزدا قانداق جاۋاب بولسا شۇنى يېزىپ قويۇڭ. بۇ رايە سىناشقا قانچە كۆپ ئادەم قاتناشسا شۇنچە ياخشى.
سوئال: قۇياش يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ ياكى يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلامدۇ؟
|