- جۇغلانما
- 11392
تىزىملاتقان2011-10-18
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
فىلەش توغۇرسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
1.فىلەش دىگەن زادى نىمە؟
فىلەش بىر خىل ئىجادىي قورال، لاھىيەلىگۈچىلەر ۋە ئىشلەتكۈچىلەر فىلەش ئارقىلىق ئورگىنال كۆرسىتىش، قوللىنىشچان پېروگىرامما ۋە ئىشلەتكۈچىلەر ئادەم – ماشىنا ئۆز ئارا دىئالوگى ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان قورال.
فىلەش ھەركەت، سىن، ئاۋاز، سۈرەت، مۇرەككەپ ئورگىنال كۆرسىتىش، قوللىنىشچان پېروگىرامما قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىغان.
ئادەتتە فىلەش ئارقىلىق ياسالغان ھەر بىر مەزمۇن بىرلىكى قوللىنىشچان پېروگىرامما دەپ ئاتىلىدۇ، گەرچە ئىنتايىن ئاددى ھەركەت بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قوللىنىشچان پېروگىرامما ھىسابلىندۇ. سىز ھەرخىل سۈرەت، ئاۋاز، سىن ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى قوشۇش ئارقىلىق قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مول موھىتنى ئۆزئىچىگە ئالغان فىلەش قوللىنىشچان پېروگىراممىسىنى تۈزەلەيسىز.
فىلەش ئېنتېرنېت تەمىنلىگەن مەزمۇنلارنى قۇرۇشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كىلىدۇ، چۈنكى فىلەش ھۆججىتىنىڭ سىغىمى ئىنتايىن كىچىك. فىلەش ۋىكتورلۇق شەكىللەرنى ياساشتا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملىشىپ بۇ ئارتۇقچىلقىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. بىتلىق تەسۋىرىي رەسىم(位图) بىلەن سىلىشتۇرغاندا ۋىكتورلۇق رەسىم(矢量图像) ئىھتىياجلىق بولغان مەزمۇن ۋە ساقلاش بوشلۇقى خېلىلا كىچىك، چۈنكى ئۇلار ماتىماتىكىلىق فورمۇلانى ئاساس قىلغان، ھەرگىزمۇ چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يىغىندىسى ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ.
ئەگەر سىز فىلەشتە قوللىنىشچان پېروگىرامما قۇرماقچى بولسىڭىز، فىلەشنىڭ سىزىش قۇرالى ئارقىلىق گىرافىكلارنى سىزۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مېدىيا ئېلمىتلىرنى فىلەشكە ئەكىرىپ ئۇلارنى قانداق ۋاقىتتا نىمە قىلشىنى خالىغانچە بەلگىلەپ ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۇرىدىكى قوللىنىشچان پروگىراممىنى ياساپ چىقالايسىز.
فىلەشتە مەشغۇلات قىلىشتا، فىلەش ئارخىپ ھۆججىتىدە خىزمەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. فىلەش ئارخىپ ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى fla . (FLA) بولىدۇ.
ActionScript كودى ئارقىلىق فىلەش ھۆججتىدىكى مېدىيا ئېلمىتلىرغا دىئالوگلۇق مەزمۇنلارنى قوشقىلى بولىدۇ.
فىلەش ھەرخىل ئىقتىدارلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان.
مەسىلەن: Html, Xml, Css, Asp, Php, Jsp, 3d Max . . . قاتارلىق پروگراممىلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى، دەرىسلىك ماتېريال تۈزگىلى, ئىككى ئۆلچەملىك كارتون فىلىم ئىشلىگىلى، فىلىم كىرىشتۈرگىلى، Mtv ئىشلىگىلى، ئاددىي ئۇسۇلدا ئاۋاز بىر تەرەپ قىلغىلى ھەمدە يالغۇز كىشلىك ۋە كۆپ كىشلىك كومپىيوتېر ئويۇنى، تور ئويۇنى ئۇندىن باشقا ھەرخىل يانفون ئويۇنلىرى، يانفون كىتابلىرى ۋە قوللىنىشچان پروگراممىللىرىنى لاھىيلەپ چىققىلى بولىدۇ.
2.فىلەشنىڭ مەنىسى.
فىلەش(FLASH) نىڭ ئاساسلىق ئۈچ خىل مەنىسى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. فىلەش(FLASH) نىڭ ئېنگىلىسچە مەنىسى ‹‹ چاقناش ›› دىگەن مەنىدە.
2. فىلەش پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مودا بولىۋاتقان، ئەڭ كەڭ ئىشىلتىۋاتقان 2 ئۆلچەملىك ھەركەت لاھىيەلەش دىتالى.
3. فىلەش بىرخىل دىئالوگلۇق ۋىكتورلۇق مېدىيا تخنىكىسى. ئۇنىڭ ئەجداتى بولسا ‹‹ Futureplash ››،
دەسلەپكى توردا تارقىتىغان ۋىكتورلۇق ھەركەت قىستۇرمىسىدۇر. كىيىن Macromedia شىركىتى FutureSplash نى ستۋالغاندىن كىيىن ئېسمىنى FLASH دەپ ئۆزگەرتكەن. ھازىرغا كەلگەندە نەچچە مىليون FLASH تور بىكەتلىرى بارلىققا كەلدى،مەسلەن دۇنياغا داڭلىق بولغان Macromedia نىڭ مەخسۇس ShockRave تور بىكىتى ئاساسلىق ئىشلەتكىنى Shockwave Flash ۋە Director. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى ، FLASH ئاللاقاچان تەدرىجىي ھالدا دىئالوگلۇق ۋىكتورلۇق گىرافىك ئۆلچىمىگە ئايلىنۋاتىدۇ. |
|