بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyflash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-15 00:48
(مۇختەر روزى تور بىكىتىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.)
Flash action3.0 تە پروگرامما تۈزۈش ئىككى يىل ئاۋالقىدەك ئادەمگە غەلىتە ئاڭلانمايدىغان بولۇپ قالدى. ئالدىنقى تارقاتقان 243 قىسىملىق ھەقسىز دەرسلىكىم ئارقىلىق مەن شۇنچىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتىم. ھېچ بولمىغاندا نۇرغۇن كىشىلەر Flash تە كارتون فىلىم ئىشلەيمىز دەيدىغان قاراشتىن ۋاز كەچتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كارتون ئۇنۇملىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى Flash نىڭ باشقا پروگرامما تىلىدىن ئارتۇقچىلىقى كارتون بىلەن پروگراممىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۇرۇلگەنلىكىدىن ئىبارەت.
Flash action3.0 يېڭى نەشىردىكى Flash تە ئانچە چوڭ ئۆزگۈرۈش ياسمىدى. بەلكىم بۇندىن كىيىنكى نەشىرلىرىدىمۇ ئۆزگىرىشى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ دەرسلىكتە كۆرۇپ باقايلى. Flash action3.0 ئارقىلىق زادى قانچىلىك دەرىجىدىكى پروگراممىلارنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدىغاندۇ. ئۇنى قانداق ئورۇنلاردا ئىشلەتكىلى بولدىغاندۇ. HTML5 تارقىتىلغاندىن كىيىن Flash action3.0 نىڭ تەرەققىياتىغا زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىدى ۋە قايسى ئىختىدارلارنى ھەل قىلىشتا يەنلا Flash action3.0 كە تاينىمىز؟
ئەلۋەتتە بىر پروگرامما تىلىنى نەچچە يۈز قىسىملىق دەرسلىك بىلەن سۆزلەپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىش بەكمۇ تەس. شۇنداقتىمۇ بۇ Flash action3.0 ئۈگىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇسسىغان يەرلىرىگە بىر ئاز بولسىمۇ مەلھەم بولسا ئەجەب ئەمەس.
مەنبە : http://www.muhtarrozi.com/deris.asp?Id=11 |