ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 347 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 4270|ئىنكاس: 13

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار خەۋەر- ئۇچۇرلاې

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شى جىنپىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى


شى جىنپىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى، لى كېچياڭ ، يۈ جېڭشىڭلارمۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە كۆرسەتمە بەردى، جاڭ چۈنشيەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
4437e68d893a1466718f01.jpg

تەۋرەش مەركىزى بىلەن ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئارىلىقى


    12-فېۋرال سائەت 5:19 دا ، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى تېزدىن تولۇق ئىگىلەپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم كۆرسەتمە بەردى .
   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ باردى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنى يەتكۈزۈپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى . نۆۋەتتە ، ئاپتونوم رايون خەلق ئىشلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 3-دەرىجىلىك لايىھەنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ ، ئاپتونوم رايون ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا كېلىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا . نۆۋەتتە ، يەر تەۋرەش يۈر بەرگەن جاينىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى نورمال ئىكەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-14 18:46:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپەت رايۇنىدىكى قېرىنداشلىرىمىز مېھرى مۇھاببەتكە مۇھتاج

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Adil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 22:01  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيسىنى مەركەز قىلغان 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۈندىدار، تور، چ چ قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق.
بۇ ھەقتە مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىمىزمۇ جىددى قاراپ يول يۇرۇق بېرىپ، پۈتۈن خەلقنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇندىكى ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئادرىسىلىرى:
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1610&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1603&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1604&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1613&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1615&tur=3

گەرچە بىز ئائىلە، خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئاپەتكە ئۇچرىغاندا نەق مەيدانغا بېرىپ ئۇلارغا ياردەملىشەلمىسەكمۇ، ئاشۇ ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيانغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش قېرىنداشلىرىمزىنىڭ قىيىنچىلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ.
ۋاقىت قىس، شۇڭا تورداشلارغا قولايلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىلگىركىدەكلا روھلان تاۋباۋ تور دۇكىنىدا توردا ئىئانە قىلىش سۇىسى تەييارلاندى.
ئەڭ تۆۋەن چەكلىمە 10 يۈەن قىلىپ بەلگىلەندى، كۆپ ئىئانە قىلماقچى بولغانلار سېتىۋېلىش سانىنى خالىغانچە بەلگىلەپ كۆپ ئىئانە قىلسا بولىدۇ.
يىغىلغان ئىئانە پۇل تور بېكىتىمىزدىكى ئىشەنچىلىك باشقۇرغۇچىلىرىمىز ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشپ ئاپەت رايۇنىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

بىر نەچچە كۈن بىر نەچچە قاپ تاماكىنى ئاز چەكسەڭ، گۆش پولونىڭ ئورنىغا ئۆي لەغمىنى يەۋەتسەكلا بۇ ئىئانە قىلغان پۇل كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ.

شۇڭلاشقا قېرىنداشزلىرىمىزنىڭ جىددى ھەركەتكە كېلىپ، ئۆز ئارا خەۋەر يەتكۈزۈپ، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

بۇ تېمىنى ھەر قايسى ئۈندىدار، كىيۇ-كىيۇ توپلىرى، تور بېكەت، مۇنبەرلەرگە مەنبەسى ئەسكەرتىلمەي ئۇلانما قىلساق بولىدۇ.

توردا ئىئانە تاپشۇرۇش ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?id=37273102686

بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بانكا كارتىسى ئېلان قىلىنمىدى (ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن)
شۇڭلاشقا بۇ تېما ئۆز ئارا كۆچۈرلۈش، تارقىتىلىش جەريانىدا قوشۇلۇپ قالغان بانكا كارتىسى بىردەك ئىناۋەتسىز، ئۇنىڭ بۇ ئىئانە بىلەن ئالاقىسى يوق، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ مۇشۇ گەپنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

توردا ئىئانە تاپشۇرۇش ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?id=37273102686
توردا ئىئانە تاپشۇرۇشنى بىلمىسىڭىز بىلىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشپ، شۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تاپشۇرۇڭ.

باشقا ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار بولسا ئەسلى تېمىدا ئېلان قلىنىدۇ.
ئاپەت رايۇنىدىكى قېرىنداشلىرىمىز مېھرى مۇھاببەتكە مۇھتاج
http://bbs.rohlan.com/thread-29362-1-1.html
(مەنبەسى: روھلان تور بېكىتى)

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-2-14 19:14
ۋاقتى: 2014-2-14 23:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر..





شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، 67 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ھازىرغىچە تالاپەت يېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى


2014.02.13 15:11   مەنبە: خەلق تورى

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، باغراش، كۇچا، بۈگۈر ناھىيەلىرىدىكى ئولتۇراشلىق ئاھالىلەر تەۋرەش سېزىمىنى ئېنىق ھېس قىلدى. تەۋرەش دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئادەم ئاز تاغلىق رايوندا بولغانلىقتىن، 12-فېۋرال سائەت 23:00كىچە تالاپەت يېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 12-فېۋرال كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00كىچە تالاپەت يەتكەنلىك توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى، يەر تەۋرەشتە جەمئىي 67 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 1017 ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، 517 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، چوڭ ـ كىچىك 185 تۇياق مال ئۆلگەن، ئالتە كۆۋرۈككە زىيان يېتىپ، 5 يېرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 170 مېتىر يول يۈزىگە زىيان يەتكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، باغراش، كۇچا، بۈگۈر ناھىيەلىرىدىكى ئولتۇراشلىق ئاھالىلەر تەۋرەش سېزىمىنى ئېنىق ھېس قىلدى. تەۋرەش دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئادەم ئاز تاغلىق رايوندا بولغانلىقتىن، 12-فېۋرال سائەت 23:00كىچە تالاپەت يېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 12-فېۋرال كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00كىچە تالاپەت يەتكەنلىك توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى، يەر تەۋرەشتە جەمئىي 67 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 1017 ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، 517 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، چوڭ ـ ك 185 تۇياق مال ئۆلگەن، ئالتە كۆۋرۈككە زىيان يېتىپ، 5 يېرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 170 مېتىر يول يۈزىگە زىيان يەتكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، باغراش، كۇچا، بۈگۈر ناھىيەلىرىدىكى ئولتۇراشلىق ئاھالىلەر تەۋرەش سېزىمىنى ئېنىق ھېس قىلدى. تەۋرەش دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، ئادەم ئاز تاغلىق رايوندا بولغانلىقتىن، 12-فېۋرال سائەت 23:00كىچە تالاپەت يېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 12-فېۋرال كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00كىچە تالاپەت يەتكەنلىك توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى، يەر تەۋرەشتە جەمئىي 67 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 1017 ئېغىز ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، 517 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، چوڭ ـ ك 185 تۇياق مال ئۆلگەن، ئالتە كۆۋرۈككە زىيان يېتىپ، 5 يېرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 170 مېتىر يول يۈزىگە زىيان يەتكەن.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
شىنجاڭ كىرىيە ناھىيەسى بازىرىدىكى ئاھالە بىخەتەر رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلدى
2014.02.13 11:23   مەنبە: خەلق تورى
شىنجاڭ كىرىيە ناھىيەسى بازىرىدىكى ئاھالە بىخەتەر رايونغا تارقاقلاشتۇرۇلدى
...
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 12-چېسلا 7.3 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرچە ئۆلۈم-يىتىم ۋە مۈلۈك زىيىنى دوكلاتى يوق. كىرىيە ناھىيەسى بازىرىدىكى ئامما بىخەتەر جايغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.
  تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يەر تەۋرەش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: 2008-يىلى 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، 2011-يىلى 5.5 بال يەر تەۋرىگەن، 2012-يىلى 6.2 بال يەر تەۋرىگەن.
~~~~~~~~~~~~~~~~
يەر تەۋرەشنىڭ شاھىدلىرى: ئۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەن، ھازىر خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق
2014.02.13 12:14         مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن جايدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، ئۇلار: «شۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەنتۇق، ئەمدى خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق، دېيىشكەن. ھازىر كىشىلەر نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە كەلدى، ھەممەيلەن ئۆز تىرىكچىلىكىگە ئۆتتى، كەچ كىرىشى بىلەن كوچىدا ئادەم قالمايدىغان بولدى» دېدى.
  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
  مەنبە: خەلق تورى
~~~~~~~~~~~~~~~~~
كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ھەر تەرەپتىن ياردەم كەلدى
2014.02.13 12:13         مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىرىيە ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەشتە 23 يۈرۈش ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 861 يۈرۈش ئۆينىڭ تاملىرى چاك كەتكەن، 386 يۈرۈش قوتان بۇزۇلغان، چوڭ-كىچىك بولۇپ 178 تۇياق مال ئۆلگەن. خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم-ھۆكۈمەت ھازىرغىچە ئاپەت رايونىغا 80 يۈرۈش چېدىر، ئون توننا ئۇن، 100 تۇڭ سۇماي، 100 قۇر پاختىلىق كىيىم، يوتقان-كۆرپە يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۆيى بۇزۇلغانلار چېدىرلارغا ۋە مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
----------------
دەۋر كارخانىچىلار كولۇبىدىكى كارخانىلاردىن شىنجاڭ مەغرىپ سودا چەكلىك شىركىتى مىراس كىيىمچىلىكىدىن پەخىرلىك ئوغلان قەمىردىن ھاجىم ،500000.00يۈەنلىك ماددى بويۇم بىلەن، شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن ئوبۇلھەسەن ئەپەندى ،شىنجاڭ تەلبا كىيىمچىلىكىدىن ئابلەت تەلبا ئەپەندى ،شىنجاڭ ئەجرىم بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ،يادىكار چايچىلىقى ،شىنجاڭ ساداقەت بىئو پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ،قايدۇ شىركىتى ،ئەل سۆيگەن سەنئەتكار مۇھەممەتجان روزى سايىتلار ئۇن گۈرۈچ قاتارلىق خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ماددى بۇيۇم يېمەك ئىچمەك بىلەن ئاپەت رايونىغا ئاتلاندى!
-------------------
بىلىپ ساخاۋات كوللىكتىپ قۇرغۇچىسى ئادىلجاندىن بىلىشىمىزچە ،ئادىلجان 50 مىڭ يۇەن نەق پۇل 500 يۇرۇش يوتقان كورپە، 500 جۇۋا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئاپەت رايۇنىغا يولغا چىققان ، بۇگۈن كەچتە ئاپەت رايۇنىغا بېرىپ بولىدىكەن.
يەنە باشقا ياردەملەر داۋاملىق توپلىنىۋېتىپتۇ...
------------------
ئاپەت رايونىغا بارغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى خەۋەر قىلىدۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، بۈگۈن بىز ئۇيغۇر تورلىرىغا ۋاكالىتەن مىسرانىم ،ئانا تۇپراق تور بېكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سالىمىنى ،مېھىر مۇھەببىتىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان كېرىيە خەلقىگە يەتكۈزۈش ۋە ئاپەت رايونىدىن نەق مەيدان خەۋەرلەرنى بېرىش ئۈچۈن خوتەنگە كەلدۇق ،،   يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار ،مىكروخەت ۋە تور بېكەتلەردە ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ۋايساش ۋە رەنجىشلەر كۆپ بولۇپ كەتكەن ئىدى، بۈگۈن بىز خوتەنگە كەلگىنىمىزدە ئۆز خەلقىدىن ئېلىپ ئۆز خەلقىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراش تەييارلىق قىلىۋاتقان كارخانىچىلىرىمىزنى كۆرۈپ ھاياجاندىن قەلبىمىز ھاياجاندىن تىترىدى،

بىز ھازىر خوتەن شەھىرى ئابىدە يېمەكلىك شىركىتىدە تۇرۇپ خەۋەر بېرىۋاتىمىز، ئىگەللىگىنىمىزدە ،ئۇيغۇر كارخانىچىلاردىن مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى ، مىراس كىيىمچىلىكى ،ئابىدە شىركىتى ، تەلبا مەكتىپى ،ئەجرىم شىركىتى ،يادىكار چايچىلىقى ،ساداقەت شىركىتى ،قايدۇ شىركىتى قاتارلىق يەنە بىز بىلىپ بولالمىغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كارخانىچىلار 20 توننا ئۇن ،700 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي ئەشيا ،ۋە سانى ئىنىق بولمىغان نەق پۇللارنى ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن خوتەندىكى ئابىدە زاۋۇتىدىن تولۇق تەييارلىق بىلەن يولغا چىقتى ، ئاللاھ خالىسا بىز شارائىتىمىز يار بەرگەن ئاساستا ئاپەت رايونىدىن نەق مەيدان خەۋەرلەرنى بېرىپ تۇرىمىز ،،،  دۇنيا مېھىر - مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر،، مىللىي كارخانىچىلىرىمىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي ، !

باشقا تەپسىلاتلار داۋاملىق كارۋان، چىمبۇلاق ،ئانا تۇپراق ،مىسرانىم شۇنىڭدىك بارلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەردە  خەۋەر قىلىنىدۇ
----------------
ئازادلىق ئارمىيە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا نان ئاپىرىپ بەردى(1)
2014.02.13 15:15   مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسىدا 12-فېۋرال 7.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لەنجۇ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىمدىن ئاپەت ئەھۋالىدىن تېزدىن خەۋەردار بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىپ، بىر بۇيرۇق بىلەنلا تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
----------------
جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى جىددىي ئەۋەتىپ شىنجاڭغا بولغان ياردەمنى كۆپەيتتى
2014.02.13 15:01         مەنبە: خەلق تورى
خەت چوڭ-كىچىكلىكى
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ياردەمگە جىددىي ئورۇنلاشتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى سائەت 21:00لەر ئەتراپىدا خوتەنگە يېتىپ بارغان، بۇ ئىككىنچى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان خادىملار.ئىككىنچى تۈركۈمدە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بارغان خادىملار شىنجاڭ جىددىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى، ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى خىزمەتچىلىرى ۋە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ، 20دىن ئاشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
----------------
شىنجاڭ قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ خوتەندىن قارىقاشقىچە بولغان ئارىلىقى ۋاقتىنچە قامال قىلىنغاندىن كېيىن ئېچىۋېتىلدى
2014.02.13 15:05         مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 12-فېۋرال سائەت 17:19 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 36.1 گىرادوس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 85.5 گىرادوس بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 12 مىڭ مېتىر.
  يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ خوتەن پويىز ۋوگزالىدا تەۋرەش سىزىمى كۈچلۈك بولغان. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى دەرھال جىددىي لايىھەنى يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋە خوتەن تۆمۈر يولىنىڭ خوتەن بېكىتىدىن قارىقاش بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىقىنى ۋاقتىنچە قامال قىلغان، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە يولغا چىققان 5827-قېتىملىق نۆۋەتلىك پويىز قارىقاش بېكىتىدە ۋاقىتلىق توختىتىلغان.
  تۆمۈر يول خادىملىرى قامال قىلىنغان لىنىيە، كۆۋرۈك ــ تونېل،سېگنال ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە تەكشۈرگەن. تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈش شارائىتىغا ياخشى ماس كېلىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن سائەت 18:52 مىنۇت ئۆتكەندە، قامال قىلىنغان لىنىيەلەردە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
-----------------
يەر تەۋرەشتە قىسمەن ئۆيلەرنىڭ تاملىرى يېرىلدى كېرىيە ئورگانلىرىدىكى 400دىن ئارتۇق كادىر يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى  
مۇخبىرىمىز ياڭ جيېنىڭ كېرىيە ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ مياۋغا تېلېفون قىلىپ ئۇقۇشىچە، 12 - فېۋرال سائەت 21 گىچە، كېرىيە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە تەۋرەش مەركىزىگە بىر قەدەر يېقىن بولغان ئاچچان يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۈچ كەنتتە ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېرىلغان.

12- فېۋرال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيەسىدە خەۋەرلىشىش، توك يەتكۈزۈش راۋان بولغان، نۇقتىلىق سۇ ئامبىرىنىڭ ئەھۋالى نورمال بولۇپ، ھازىرچە كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

كېرىيە ناھىيەسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسنى تېز يولغا قويغان، ناھىيەنىڭ رەھبەرلىرى تۆت خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، كېرىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىم، خەلق ئىشلىرى، قاتناش، ج خ، ئوت مۇداپىئە، ئېلېكتىر، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، يېزا - بازار ۋە كەنتكە ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيەدىكى ھەممە يېزا، كەنتنىڭ كادىرلىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ئەھۋال ئىگىلىگەن. ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەممە قۇرۇلۇشنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققان. ھازىر ئورگاننىڭ 400 دىن ئارتۇق كادىرىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى دورا، چېدىر، يېمەكلىك قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئاپەت رايونىغا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى، ھەر قايسى يېزا - بازار ۋە ئورۇنلار كادىرلار ۋە ئاممىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، بولۇپمۇ تەۋرەش مەركىزىگە بىر قەدەر يېقىن بولغان ئاچچان يېزىسىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاچچان يېزىسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ئون مەمۇرىي كەنت بار ئىكەن، ئاھالىسى بىر قەدەر تارقاق، كىشىلەر ئاز بولغاچقا، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇۋېتىپتۇ. ھازىر يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغا يېقىن يەردىكى ئۈچ مەمۇرىي كەنتتە قىسمەن ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېرىلغان، قالغان يەتتە مەمۇرىي كەنتنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كېرىيە ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى ئېنىقلاندى، ھازىر مال - مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى يەنىمۇ ئىستاتىستىكا قىلىنماقتا.

كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
--------------------
شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تېزدىن ئاتلاندى  
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - فېۋرال تېلېگراممىسى. شىنجاڭنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 12 - فېۋرال سائەت 17دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تېزدىن ئاتلاندى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى سائەت 21 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قوندى. كېرىيە ناھىيەسىدىكى خەلق قوراللىق قىسىمىنىڭ 15 ئوفىتسېر - ئەسكىرى ۋە 120 خەلق ئەسكىرى 70 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى جىددىي بېسىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا باردى. ئىشلەپچىقىرىش يىڭىدىكى 100 ئوفىتسېر - ئەسكەر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا قاراپ ئاتلاندى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ بەش مىنۇت بولمايلا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، خوتەن تارماق ئەترىتى 4 - ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ 20 ئوفىتسېر - ئەسكىرى سائەت 19 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن يەر ئاچچان يېزىسىنىڭ پىشكە كەنتىگە يېتىپ باردى، ماقالە تارقىتىلغانغا قەدەر، پىشكە كەنتىنىڭ ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا چېدىردىن 20 سى تىكىلدى.

دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان ئاچچان يېزىسىنىڭ تاغلىق رايونىدا قار ياغقان بولسىمۇ، تاغ ئېتىكىدىكى كەنتتە قار ياغمىدى. قىسىمدىكىلەر ھازىرچە كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالمىدى.

كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
----------------------
كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۈچ ناھىيە ئاپەتكە ئۇچرىدى شى جىنپىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ئاپتونوم رايون جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى  

مۇخبىرىمىز فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 12 - فېۋرال سائەت 17دىن 19 مىنوت ئۆتكەندە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونغا توغرا كەلدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم ئاپەت ئەھۋالىنى تېز دەلىللەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇرۇش، كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ۋە خەلقنىڭ مال - مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

مۇخبىر 12 - فېۋرال كەچ خەۋەرنى تارقاتقانغا قەدەر، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە خوتەن ۋىلايىتىدىكى كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسىنىڭ ئۈچ يېزىسى، ئالتە كەنتى ئاپەتكە ئۇچرىغان، قىسمەن ئۆيلەرنىڭ تاملىرى يېرىلغان بولسىمۇ، ھازىرچە كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويدى. ئاپەت يۈز بېرىپ 20 مىنوتتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى ھەم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە سائەت 21 دە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 2 - يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپەت ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر ئەڭ يېڭى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ تەپسىلىي، ئەمەلىي ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەلق ئىشلىرى بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ 3 - دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، خادىملارنى ئاپەت رايونىغا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىشى، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى 1 - ئورۇنغا قويۇشى، تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشنى 1 - نىشان قىلىشى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كىيىدىغان كىيىمى، يەيدىغان ئوزۇقى، كۆرۈنىدىغان دوختۇرى، تۇرىدىغان جايى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىككىلەمچى ئاپەت كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىشى، بۇزۇلغان ئەسلىھەلەرنى تېز ياساش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى،  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىكى خادىملارنى باشلاپ يەر تەۋرىگەن رايونغا بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكللىدى. خوتەندىكى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ھەردەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، كادىرلار ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئېغىر دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئالاقىلىشىش، قاتناش - تىرانسپورت، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويدى، ئالاقىدار خادىملار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا بېرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. دۆلەت ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىشخانىسى، دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلارمۇ 13 - فېۋرال ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىرقى جىددىي ئىش يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەممە ئائىلىلەرگىچە بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئېنىقلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىدىكى خادىملىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك.

كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
ۋاقتى: 2014-2-14 23:16:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

--------------------
2-ئاينىڭ 14،15،16كۈنى قەشقەر 2-ئولتۇراق  رايون 14-ئوتتۇرا  مەكتەپتە  خوتەنگە ياردەم  قىلىنىدىغان كىيىم -كېچەك  مەيلى كونا  يېڭى  بولسۇن ،يىمەك- ئىچمەك ،پۇل  قاتارلىقلار يىغىلىپ  ئاپەت  رايونىغا ئاپىرىپ  بېرىلىدۇ. ئاپەت رايونىدا سۇ، ئىسسىقلىق مەنبەسى، كېيىم كېچەكلەر جىددىي  زۆرۈر  بولۇشى  مۇمكىن ، مەن  سىلەردىن ھېچ بولمىغاندا  بىر  تال  مېنرال  سۇ  بولسىمۇ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد  قىلىمەن ، بىرەر  قېتىم  تاكسىغا ئاز  چىقساڭلار ، سىرىتتىن ئېسىل يىمەكلىكلەرنى يېگەندە  ئاشۇلار  ئۈچۈن  گېلىڭلارنىڭ ئازراق  بولسىمۇ  سىقىنىپ  قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلاپ  قويۇشۇڭلارنى  ئۈمىد  قىلىمەن ، ھەممىمىز ھەرىكىتكە  كېلەيلى ، ئۆزىمىز  ئۆزىمىزنى  قەدىرلىمىسەك  ھېچكىم  بىزنى  قەدىرلىمەيدۇ. مەنمۇ چوقۇم  ئاتىغىنىمنى بېرىمەن. ئاللاھ  ساۋابىنى  بەرگەي  ……تارقىتىڭلار ،  توختىماي  تارقىتىڭلار  ئۇلار  بىزنىڭ  ياردىمىمىزگە كۆزى تۆت  بولۇپ  قاراۋتىدۇ…  
------------------
ئۇندىداردىن كەلگەن ئۇچۇر

‏‏‏ئۇنسۇ ناھىيەلىك  ئامانلىق  يولوچى تۇشۇش ئاپتوموبىل ئىجارە بېرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى : ئەھەتجان توخسۇن بۈگۈن يەرتەۋرەش ھادىسىسى يۈزبەرگەن كېرىيە ناھىيەسىگە ھال سوراپ ماڭدى.
‏‏ئۇنسۇناھىيەلىك  ئامانلىق  يولوچى تۇشۇش ئاپتوموبىل ئىجارە بېرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لىدىرى : ئەھەتجان توخسۇن
‏ يەرتەۋرەش ھادىسىسى يۈزبەرگەن كېرىيە ناھىيەسىگە ھال سوراپ300000يۈەن قىممىتىدىكى نەخ پۇل ۋە   گۈرۈچ، ماي ، مىنىرال سۇ ،،تەييار چۆپ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى  بىلەن  ئاپەتكە ئۇچۇرىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ،چوققۇر ھال سوراپ قېرىنداشلىق مىھرىنى يەتكۈزدى .
----------------
ئۇندىداردىكى ئۇچۇرلار:
‏ئەسسالامۇ ‏ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار
‏ئەتتىگەندىن بۇيان كۆپلىگەن قىرىنداشىلىرىمىزنىڭ  ,كارخانچىلىرىمىزنىڭ كىرىيەدىكى ‏ئاپەتكە ‏ئۇچرغان قىرىنداشلىرىمىزغا بەسبەس بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ بەك تەسىرلەندۇق
بىز راۋان يول خەلىقارا ھاۋلىلىك يۈك توشۇش چەكلىك مەس‏ئۇلىيەت شىركىتىمۇ قولىمىزدىن  كىلىشىچە ياردەم دە بولۇش ‏ئۈچۈن ‏ئۈرۈمچىدىن كىرىيەگە ‏ئاپىرىدىغان ماددى ‏ئەشيالارنى توشۇپ برىشنى ‏ئۈستىمىزگە ‏ئالساق دىگەن نىيىتىمىز بار ‏ئىدى ,شۇنىڭ ‏ئۈچۈن قىرىنداشلار بولسا ‏ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىئانە ماددى ‏ئەشيالىرىنى يىغىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىغا يەتكۈزۇپ قويساڭلا بىز بىلەن ‏ئالاقەقىلسا
‏‏ئالاقىلىشىش نۇمۇرى
13565444400
13319845600
13369038708
--------------
ئوكيان تورىنىڭ يىڭى خەۋىرى .
كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 18 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
http://news.okyan.com/2014/universal_0214/4853.html
يۇقارقى ئۇچۇرلار ئىزدىنىش تورىدىكى توپلانما تېمىدىن تەۋسىيە قىلىندى
ۋاقتى: 2014-2-14 23:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر :
ئاپەت رايونىغا ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولغان غۇلجىلىق ساخاۋەتچى زاتلارغا ...

ئورنى : غۇلجا شەھەر قازانچى ساقچىخانە ئارقىسىدىكى 17 يول ئاپتوبۇسىنىڭ كوچىسىدىكى ، ئاتا مىراس توخو كاۋاپلىرى دۇككىنى .
ئىئانە يىغىش ۋاقتى : 16 - چىسلا يەنى يەكشەنبە كۈنى .

ئالاقىلاشقۇچى :ھەبىبە 13899766070      زۇلمىرە 13319748507

anzar.cn دىن
ۋاقتى: 2014-2-14 23:40:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان ئاپەت رايونىدىكى ئامما بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە
12 – فېۋرال، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرەپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئاپەت رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاپەت رايونىدىن ھال سوراش تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەنىدى. مانا بۈگۈن، يەنى 14- فېۋرال «ئارمان» گۇرۇھىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ۋە شىركەتتىكى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار «ئارمان» لىقلارنىڭ ھەم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا بولۇپ قالغان شىركەت باش دىرېكتورى رادىل ئابلانىڭ سەمىمىي تىلىكى ۋە كۆڭلىنى ئېلىپ، ئاپەت رايونىغا ماڭدى.
      ئىگىلىنىشىچە، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، «ئارمان» گۇرۇھى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى بەس– بەستە ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا نەق پۇل ھەم ماددىي بويۇم ئىئانە قىلغان. 14- فېۋرال كەچقۇرۇنغىچە، شىركەت بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە جەمئىي 300 نەچچە مىڭ يۈەن نەق پۇل، قۇۋۋەت تالقىنى، كىيىم- كېچەك، ماددىي بويۇم يىغىلغان. شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، شۇ يەردىكى ئاممىدىن ھال سوراش ۋە ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، شىركەت مەسئۇللىرى باشلامچىلىقىدا ئون نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتى «ئارمان» دىكى ئىشچى– خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى، مېھىر-مۇھەببىتىنى ئېلىپ كېرىيە ناھىيەسىگە ماڭغان
ۋاقتى: 2014-2-15 12:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ئاينىڭ 14،15،16كۈنى قەشقەر 2-ئولتۇراق  رايون 14-ئوتتۇرا  مەكتەپتە  خوتەنگە ياردەم  قىلىنىدىغان كىيىم -كېچەك  مەيلى كونا  يېڭى  بولسۇن ،يىمەك- ئىچمەك ،پۇل  قاتارلىقلار يىغىلىپ  ئاپەت  رايونىغا ئاپىرىپ  بېرىلىدۇ. ئاپەت رايونىدا سۇ، ئىسسىقلىق مەنبەسى، كېيىم كېچەكلەر جىددىي  زۆرۈر  بولۇشى  مۇمكىن ، مەن  سىلەردىن ھېچ بولمىغاندا  بىر  تال  مېنرال  سۇ  بولسىمۇ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد  قىلىمەن ، بىرەر  قېتىم  تاكسىغا ئاز  چىقساڭلار ، سىرىتتىن ئېسىل يىمەكلىكلەرنى يېگەندە  ئاشۇلار  ئۈچۈن  گېلىڭلارنىڭ ئازراق  بولسىمۇ  سىقىنىپ  قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلاپ  قويۇشۇڭلارنى  ئۈمىد  قىلىمەن ، ھەممىمىز ھەرىكىتكە  كېلەيلى ، ئۆزىمىز  ئۆزىمىزنى  قەدىرلىمىسەك  ھېچكىم  بىزنى  قەدىرلىمەيدۇ. مەنمۇ چوقۇم  ئاتىغىنىمنى بېرىمەن. ئاللاھ  ساۋابىنى  بەرگەي  ……تارقىتىڭلار ،  توختىماي  تارقىتىڭلار  ئۇلار  بىزنىڭ  ياردىمىمىزگە كۆزى تۆت  بولۇپ  قاراۋتىدۇ…  
ۋاقتى: 2014-2-15 15:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپەت رايونى ئەمەس،ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن مىسرانىم تورىغا شۇنداقلا باشقا ئانا تۇپراق،چىمبۇلاق،كارۋان قاتارلىق تورلارغا ۋاكالىتە بۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تورداش ،قېرىنداشلارغا يەتكۈزىۋاتىمەن،بېشىدا دېگىنىمدەك ئاپەت رايونى دەپ تىلغا ئېلنىپ يېزىلۋاتقان ماقالىلەردىكى بۇ سۆز بىزنى چۆچىتمەي قالمايدۇ،ئاپەت رايونى مەڭگۈ بارساق بولمايدىغان ،دائىم نەس باسىدىغان يەر،توغرا ئاتىلىشى ئاپەتكە ئۇچىرغان رايون،قېرىنداشلارنىڭ ماقالە يازغاندا دىققەت قىلىشنى سورايمەن،ئەتتىگەندە كېرىيە ناھيە ھاكىمى بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا تۈنۈگۈندىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچىمۇ نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ رايوندىكى قېرىنداشلار ئېھتىياجلىق كۆمۈر،يەم خەشەكلەرنى يەتكۈزگەن،شۇنداقلا ھازىرى ناھىيە ھۆكۈمەتتىكى زاپاس تەمىناتلارمۇ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ بۇ رايونغا كېلىشنى تەۋسىيە قىلمىدىم،چۈنكى ئەھۋال بىز يىراقتا تۇرۇپ باشقىلاردىن بىلگىنىمىزدەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەسكەن،ئەپسۇس ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ يۈرەك ئېچىشتى،ئەسلىدىنلا نامرات بولغان بۇ رايوندىكى كىشىلەر مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن بىزلەرنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى،شىنجاڭدا بۇنىڭدەك نامرات رايونلاردىن قانچىلىك بار بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،خوش ،گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك،تۈنۈگۈندىن بېرى كېلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ نەق قولىغا تېگىش مەسىلسى ئويلاندۇردى،كۆپلىگەن ساخاۋەتچىلەر،ۋەساخاۋەت ئەترەتلىرى نۇرغۇن يىغىشلارنى قىلۋاتىدۇ،ئەپسۇس ئىئانە قىلدىغىنى بولسا تارقاقلاشقان ئاھالىلەر، بۇ خىل ئەھۋالدابىۋاستە ئۇلارغا تەييارلىغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس،قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە بىردىنبىر ئۇسۇل ناھىيلىق ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ قايتىش،يېقىندىن كېلىۋاتقان سالاملار ۋە بويۇملار ئۇ يەرلەرگىمۇ بىرە قۇر توشتى،ئەپسۇسلىندىغان يەنە بىر ئىش،ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدن خوتەن خەلقىنىڭ ئومومىي پىسخىك خاراكتىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ ئالدىغا تېلىنىپ بېرىشنى خالىمايدىغان خاراكتىرى بىز ئاپارغان نەرسىلەرنى دېھقانلار ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئېلۋىلىشى سەل تەسكە توختايدىغاندەك تۇرىدۇ، بىز ھەممىمىزنىڭ تېلۋىزورلاردىن كۆرگىنىمىزدە باشقا يەرلەردە يەر تەۋرىگىندە نەچچە مىڭ كىشىلىك ئادەملەر توپىنىڭ توپلىشىپ تاماقلارنى سىرتلاردا يەپ مەلۇم بىر رايوندا نۇرغۇن چېدىرلارنى تىكىپ ئولتۇرغان كۆرنىشى ئىدى،ئەپسۇس بۇ يەرنىڭ ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرىگەن نۇقتىلاردىمۇ نەچچە ئونتال چېدىرنى ئۇچراتمىقىمىز تەس،قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى چوڭ قازان پولو ئېتىپ قالسا ئادەملەرنى يىغىپ بولالماي تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىشى ئېنىقلا،ھەممىمىز بىلىمىز،تەمىنات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتسە كىشىنى ھورۇن قىلىپ قويىدۇ،ئەمما بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرۋاقىت يوقلاپ تۇرىشىمىز كېرەككەن،بۇلارغا ھازىر ئەمدى ئېھتىياجلىق بولۋاتقىنى ئىقتىسادىي ياردەم، يەنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ۋە باشقا ئاپەتكە ئۇچرىمىغان چەت،يېزا -قىشلاقلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش ،ئىشلەپچىقىرىش،دېھقانچىلىقىنى نورمال ئېلىپ ماڭىدىغان ئىقتىسادىي كاپالەت ئىكەن،قېرىنداشلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ ماددىي بويۇملارنى بولسا ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بولغان نامرات رايونلارغا بېرىشىنى ھەم سورايمىز،ئەلۋەتتە قېرىنداشلارنىڭ مېھىرلىك قوللىرى ھەر ۋاقىت يەر جايدىكى قېرىنداشلارغا يەتسە ھەم خوشالمىز،ئەمدى يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم ئاپەت رايونىدىكى تەمىنات ئويلىغاندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئاپەتكەئۇچرىغان رايونىغا ياردەم قىلماقچى بولغانلار رەسىمدىكى جەدۋەلنى توشقۇزۇشىڭلار كېرەك ئىكەن،ئىئانە قىلماقچى بولغان شەخىسلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىشى تەس ئوخشايدۇ ،بايا بىز خوتەندىكى راۋان شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ 30 توننا كۆمۈرىنى بىر قاتار قانۇنىي رەسمىيەتلەر بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئاتلانغانلىق خەۋرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يەرلەر ئىئانىلەرنى توپلىدى،بولسا ئىقتىسادىي ياردەمنى يولنى ئۇزۇن كۆرمەي،ئۆيمۇ ئۆي تارقىتىپ ماڭساڭلار،بىرقانچىڭلار مەسئۇل بولۇپ،ئەمما ماددىي بويۇمنى مەلۇم تەشكىلات ياكى مەلۇم شىركەتلەر نامىدا بەرمىسەڭلار قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتە بىر قاتار قىيىنچىلىققا ئۇچرايسىلەر،شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاللاھ يۇرتلىرىمىزنى ئامان ئىسەن قىپتۇ،شۇ پۇرسەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا مېھرىمىزنى يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،ئەمما ئەھۋال راسلا توردا تارقىلىۋاتقاندەك ئېغىر بولىدىغان بولسا ئىئانىنى تىزىملاشقا،بىر قاتار رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈشكە ۋاقىت يار بەرمەيدۇ،شۇنداقلا ھەممىمىز قاراپ تۇرماي خەلق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يۈرۈپ كېتەتتۇق،مەن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئاخپاراتچى بولغانلىقىم سەۋەبلىك بىرقىسىم ئىشلارنى كۆرگىنىم ۋە ھېس قىلغىنىم بويىچە رەڭ بەرمەي ،پەردازلىمايلا ئاشكارلاپ،خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتىمەن،ساخاۋەتلىك قەلىبلەرگە مەڭگۈ بەختلەر يار بولسۇن،بۇ يەرگە كېلەلمىگەنلەرمۇ ئىچىڭلارنى پۇشۇرماي مېھىرلىك قوللىرىڭلارنى يەنىمۇ قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنىۋەرسەڭلار،ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت رەسىم چۈشۈش بولۇپ قالمىسا،تۈركۈملەپ يىغىۋاتقان ئىئانىلىرىمىز پەقەت يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ساپمۇساق خەلىقلىرىمىز ئۈچۈنلا بولماي،كېسەل كارۋىتىدا تىپچەكلەۋاتقان،مائارىپتا تەربىيلىنەلمەيۋاتقان يەنەشۇنىڭدەك نامرات قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ،قالغىننى تەپەككۇرى ئويغاق قېرىنداشلىرىمىز تولۇق ھېس قىلالايدۇ، ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن!

ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم 2.15-كۈنى

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2014-2-15 19:02
ۋاقتى: 2014-2-15 18:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxiukax يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 15:28
ئاپەت رايونى ئەمەس،ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون،ئەسسالامۇ  ...

ئالدى بىلەن ئاتالما  توغرىسىدىكى تەكلىۋىڭىزگە تەشەككۈرۈمنى ئېيتىمەن.
ۋاقتى: 2014-2-15 18:49:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندە يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەرلەر  ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ۋە  تور بېكەتلەردە تولۇق خەۋەر قىلىنىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىر قىسىم تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بۇ تېمىنى يېزىپ قۇيۇشنىڭ زۇرۇز دەپ قارىدىم .

1.ئالدى بىلەن دەيدىغان سۆزۇم يالغاننى تارقاتماڭ ، مىھرى مۇھەببەتنى تارقىتىڭ .

  ئۇندىداردا تارقىلىۋاتقان بىر قانچە ئۇچۇردا مانچە ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى دىگەن سۆزنى يارلاندى دەپ تارقىتىلغان . ئاپەت ئەھۋالىنى ھەددىن زىيادە كۆپتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، نەق مەيداندا نۇرغۇن مۇخبىرلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلللىرى بار. شۇلارنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرى ھەممە يەردە بار.  يەنە بىر قانچە پارچە رەسىمنى بۇ قېتىمقى ئاپەت رەسىملىرى ئارىسدا تارقىلىپ يۇرگەن. قالايمىقان رەسىملەرنى قۇشۇپ خەلىقنى ساراسىمىگە سېلىپ يۇرمەڭ . بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش دەپ قارىماڭ ، قانۇنى جاۋابكارلىقى سۇرۇشتۇرلۇپ قالسا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايىسز.



ماۋۇ ئاق ياغلىق چىگىۋالغان ھەم كۆك رەڭلىك چىدىر بار رەسىم بۇ قېتىمقى ئاپەتتىكى رەسىم ئەمەس.
ماۋۇ ئادىرىسنى ئاچسىڭىز بۇ رەسىمنىڭ 2008-يىلىدىكى رەسىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ.
http://news.qq.com/a/20080327/002721.htm
يالغان گەپ قىلىپ ئىېغۋا تارقىتىشنى دىنمۇ قانۇنمۇ ئوخشاشلا چەكلەيدۇ. بۇ ھەممىزنىڭ ئېسىدە بولسۇن

2. كىمنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ئارلاشماڭ
كىمنىڭ ئاپەت رايۇنىغا بېرىشى ۋە كىملەرنىڭ ساخاۋەت قىلىشى شۇ شىركەت شۇ شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى . ئۇندىدارنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ ئورگان ۋە شەخىسلەرنى تىللاش يۇرگىچە ئوزىڭىزنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغان ياردەمنى قىلىڭ .
خەقنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلدا ھەم قىلماقچى  بولغان ئىشىدا سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق. قانۇن بويىچە ئېيتساق شۇنداق ئەركىنلىكى بار. ئۇنىڭغا ئارلىشىپ  ھاقارەت قىلسىڭىز قانۇن سورايدۇ. دىنى جەھەتتىن دىسەك ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى ئاخرەتتە ئوزى بىرىدۇ .سىز دەۋەت قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى ، ھاقارەتلەپ تىللاپ يۇرۇشنىڭ سەن ساخاۋەت قىلمىدىڭ دەپ قىيداشنىڭ ھاجىتى يوق. دۇنيادا ياخشى ئىش پەقەت ساخاۋەتلا ئەمەس. قارشى تەرەپنىڭ رەدىيە بىرىش ئىمكانىيتى يوق ھالدا توردا ۋە ئۇندىداردا تىللاپ يۇرۇش، كەينىدىن قىلىنغان غەيۋەتنىڭ ئوزى خالاس.
ئەگەر راستىنلا شۇنداق دىمەكچى بولسىڭىز سىز تىللاپ يۇرگەن ئورگان شىركەت، تور بەتلەر تاپقىلى بولمايدىغان ئالاقىلاشقىلى بولمايدىغان مارىستا ئەمەس. پىكىر بولسا چىرايلىق بەرسىڭىز بۇلىدۇ.
3. ساخاۋەت نى دەپ ئالدىنىپ قالماڭ .
دۇنيادا يامان ئادەملەر ھەممە يەردە ھەممە مىللەتتە بار. بەلكىم نۇرغۇن يامان نىيەتتىكى كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئاپەتنى ئوزىنىڭ پۇل تېپىش ۋاستىسى قىلىۋالغان بۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا  قانۇنى تەشكىلاتلار ، قانۇنى ئورگانلار ئارقىلىق ساخاۋات ئىشلرىنى ئېلىپ بېرىڭ . ساخاۋەت قىلدىم دەپ ئوزىڭىز ۋە باشقىلارنى خاپىلىققا قويماڭ .
4. ساخاۋەت پەقەت ئاپەت رايۇنىغا بېرىش ، يوتقان كۆرپە ئاپىرىپ بىرىش خەۋەر بىرىشلا ئەمەس.
  ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلىۋاتقان ھەر قايسى قېرىنداشلارغا ئىھتىرام بىلدۇرىمەن . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇيۇشقان ئىناق خەلىق ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. ئەمما ئاپەت رايونىغا ھەممە ئادەمنىڭ بېرىۋېلىشىنىڭ يوتقان كورپە ۋە يىمەكلىك ئاپىرىشنىڭ نورمال بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن . ئاپەت رايۇنىغا ياردەم بىرىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۇسۇللىرى كۆپ . ئاپەت رايۇنىدىكى ئەھۋال ئاساسى جەھەتتىن ئېنىق بولدى .  ئۇلۇم يىتىم كۆرۇلمىگەن .
دۆلەتنىڭ ياردەم بىرىدىغانلىقىمۇ ئېنىق بولدى ،دۆلەت رەھبەرلىرى ئاپتونۇم رايۇن رەھبەرلىرىمۇ ئېنىق يوليۇرۇق بەردى، دىمەك كىرىيەدىكى ئاپەتكە يۇلۇققان قېرىنداشلار دولەت ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.
كىرىيە ئەسلىدىنلا نامرات جاي ، بۇنى كۆپچىلىك رەسىملەردىن بىلىۋالالايدۇ . ھازىرقى مەسلە قايتا قۇرۇپ چىقىش مەسلىسى . ساخاۋەت قىماقچى بولغان ئورگان ،شەخىسلەر نەق مەيدانغا بېرىش تۇرمۇش بۇيۇمى ئاپىرىش نى قۇيۇپ باشقا يوللارنى تاللىسىمۇ بۇلىدۇ. چۇنكى تۇرالغۇ جاي ،تاماق كىيىم كېچەككە دۆلەت ،ھۆكۈمەت ئىپادە بىلدۇرۇپ بولدى.
مەسلەن : شۇ يەردىكى مائارىپ ئىشلىرىغا ساخاۋەت قىلماقچى بولغان پۇللارنى بەرسەكمۇ بۇلىدۇ . ساخاۋەت كوللىكتىپلىرى شۇ جايدىكى نامرات ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى كۆتەرسىمۇ ، شۇ جايدىكى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارغا ياردەم بەرسىمۇ بۇلىدۇ. ئۇرۇمچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كرىيە گە بېرىپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مەيلى قايسى ئۇسۇلنى تاللايلى . ساخاۋەت ئوزىمىزنى ئېلان قىلىدىغان ،ياكى باشقا مەقسەت ئۇچۇن بۇلۇپ قالمىسۇن.
ئوزئارا مىھرى مۇھەببەتنى يەتكۇزەيلى ، شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ...  
ئاخىرىدا بارلىق ساخاۋەتچىلەرگە ۋە بارلىق ياردەم بىرىۋاتقان قېرىنداشلارغا سالامەتلىك بەخىت تىلەيمەن.
- ئىزدىنىشتىن
ۋاقتى: 2014-2-15 18:53:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى  چۈشتىن كىيىن سائەت2:00دىن باشلاپ ئاتۇش رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كىرىيە ناھىيىسىدە يەر تەۋرەشتە ئاپاتكە ئۇچىرىغۇچىلارغا خالىس كىيىم-كىچەك، نەخ پۇل، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى ئىئانە قىلىش باشلىنىدۇ. ئىختىيار قىلغۇچلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز!          ‏ئاپەت رەھىمسىز،          ‏ئادەم رەھىمدىل!          ‏ئاللا ساخاۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىنى زىيادە قىلسۇن! خاتىرجەم قىلسۇن!          ‏          ‏خالىس ئالاقىلاشقۇچىلار لىۋايىدىن ھاجى  

        ‏132-2155-3777. Baxlinip katti alla halisa  xinjang bokis kamandisidiki. Akram iksak katarlik kerindaxlirim. Iana kilip 1- din kollap ixni baxlidi... Alla rahmat kilsun  


~~~~~~~~~~~~~
غۇلجا شەھرى قازانچى ساقچىخانىسىنىڭ كەينىگە جايلاشقان ‹‹ئاتا مىراس توخۇ كاۋاپلىرى››دۇكىنىدا ئىئانە توپلاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ۋاقتى:2-ئاينىڭ 16-كۈنى(يەكشەنبە).
~~~~~~~~~~~~
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،كىرىيەدە يەر تەۋرەپ، پۈتكۈل خەلقىمىزنىڭ يۈرىكى تەڭ تەۋرەپ كەتتى. يەر تەۋرىگەن  جايدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەم شۇ يەردىكى ئەمەلىي ئەھۋالدىن تەپسىلى خەۋەر تېپىش مەقسىتىدە خوتەندىكى ماھىرە،رىزۋانگۈل  قاتارلىق ئاقكۆڭۈل خانىم - قىزلىرىمىز  بارلىق ئېھسان ساخاۋەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن ، ئېھساننىڭ ئازغىنە كۆڭلىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا باردى.          تۈنۈگۈن ئاخشام  يەر تەۋرىگەن جاي تاغلىق  بولغاچقا ھاۋا جاندىن ئۆتكىدەك سوغاق، شاماللىق ئىكەن، قېرىنداشلىرىمىز يېپىنچىلارغا جىددى ئېھتىياجلىقكەن دېگەن گەپنى ئاڭلىغان بولغاچقا ، قىزلار خوتەن بازىرىدىكى  ئەزىز  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قولىدىن ئەلا سۈپەتلىق، قېلىن يۇڭ ئەدىيالدىن 50 نى تاللاپ سېتىۋېلىپ، ئىككى ماشىنىغا بېسىپ ،كىرىيە تامام يول ئېلىپ كەتكەندە ، بۈگۈنكى ۋەزىپىنىڭ چوڭ بىر قىسمى تۈگىگەندەك ئويلاپ يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغانتۇق، ئارىدىن ئۈچ سائەتلەر ئۆتۈپ تېلفوننىڭ ئېلىنماسلىقى،.  يەر شارائىتنىڭ ناچارلىقى ھەم نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ،ئۇلار يولدىن ئېزىپ قالغانمىدۇ، بىرەر كېلىشمەسلىك بولغانمىدۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدۇق ئاللاھقا شۈكرى بۇ  ئاقكۆڭۈل قىزلىرىمىز ئاخىرى كەچ قاراڭغۇدا نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپتۇ.دېگەندەك  كەچ كىرگەندە ھاۋا تېخىمۇ سوغۇقكەن، يۇڭ ئەدىياللارمۇ  تازا دەل ۋاقتىدا  ۋاقىتلىق ئۆيلەردە يېتىۋاتقان  ئېھتىياجى  بار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىغا تىگىپتۇ. قىزلانىڭ نەق مەيداندا ئىگىلىشىچە  ، يېمەكلىك، ئىچىملىك، كىيىم كېچەكلەرمۇ ئېھتىياجقا يېتىپ قاپتۇ.ھاۋانىڭ سوقلۇقى كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپتۇ، قىش بولغاچقا  ، قوي كالىلارنىڭ يەم خەشىكى مەسىلە بوپتۇ. بۇ مەسىلىلەرنى  بۈگۈن ئەتىگەن نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىۋاتقان سۈيۈملۈك  رىياسەتچىمىز شەمسىيە ئەبەيدۇللا كۆپچىلىككە ئۇقتۇرغان بولغاچقا، .ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز بۇلارنىڭمۇ تەييارلىقىنى قىلىۋېتىپتۇ.ئاللاھتىن ئاشۇ ئاق نىيەتلىك ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەب  بېرىشىنى تىلەيمىز.     تۆنۈگۈنكى يازمامدا دىگىنىمدەك كىرىيەدىكى بۇ جايلار ئەسلىدىنلا ناھايىتى نامرات جايلار ئىكەن،يەر تەۋرىگەندىلا ئەمەس داۋاملىق ئۇلارنى يات ئېتىپ تۇرىشىمىز ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن ياردەم قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەك. 7.3 بال كۈچلۈك يەرنىڭ تەۋرىشى، مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان بىلەن ، ئۆلۈم- يېتىمنىڭ بولمىغانلىقى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە، بىز مانا مۇشۇنداق بىر سەۋەپلەر بىلەن كىرىيەنى يات ئەتتۇق، نۇرغۇن ئادەم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كىرىيەگە باردى ھەم توختىماي بارماقتا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن خەلقىمىزنىڭ  قانچىلىك ئاقكۆڭۈل ، مېھرىبانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتتۇق.  مۇشۇنداق ئاپەت بولغان چاغلاردا ھەممىمىزنىڭ شۇ  ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىر ياردەملەرنى قىلىپ بەرگۈمىز كېلىدۇ،ياردەم  پەقەت ئىئانە قىلىش بىلەنلا  چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ،ئەقلىمىز بىلەن ئويلىنىپ ، مۇشۇلارغا قانداق قىلسام ھەقىقى ياردەم قىلالىغان بولىمەن دەپ ئىزدەنسەك ياردەمنىڭ نۇرغۇن يوللىرى چىقىدۇ. بۈگۈن  قىزلار  ئېھساننىڭ ئازراق كۆڭلىنى ئېلىپ باردى،  ياردەمگە موھتاج يەنە باشقا ناھىيە كەنتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، ئاپەت رايوننىڭ ئادەمگە لىق توشقانلىقىنى ئېيتتى، ئېھسان ساخاۋەتچىلىرى تەمكىن ئويلىنىپ، ئاپەت رايونىدىكى پات پاراقچىلىق بېسىققاندا ، خوتەننىڭ چەت رايونلىرى ئاۋۋالقىدەك تىمتاسلىققا چۆمگەندە ، ئەتراپلىق پىلانلاپ ، قولىمىزدىن كېلىدىغان  ئەھمىيەتلىك ياردەملەرنى توختىماي قىلماقچى. خوتەندە يەر تەۋرىسە پۈتكۈل  خەلقىمىزنىڭ يۈرىكى تەۋرىدى، يەر تەۋرەشلەر توختىسۇن، يۈرىكىمىز تەۋرەشتىن توختىمىسۇن.  2014 -يىلى 14-فېۋرال يېرىم كېچە.  ئېھسان ساخاۋەتچىلىرى دىلئارام قۇربان ئايتۈرك يازمىسى
~~~~~~~~~~~~~~~
- ئىزدىنىشتىن
ۋاقتى: 2014-2-18 01:50:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرخەلىقىنىڭ ھال سوراش بويۇملىرى كېرىيەگە قاراپ يولغا چىقتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قىرىنداشلار!
بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:00 تە قەشقەر سودىگەرلەرئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن، ئۇيۇشما رەھبەرلىرى ۋە ئۇيۇشما قارىمىقىدىكى دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەردىكى ھەر ساھە ساخاۋەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىلىپ، كېرىيەدىكى ئاپەت رايۇنىغا قاراپ يولغا چىقتى، بىز ئۇلارنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.

*
*
ۋاقتى: 2014-2-18 01:52:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم خالىق كېرىيەدە



ۋاقتى: 2014-2-19 01:24:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

http://v.youku.com/v_show/id_XNjc0NzQwOTg4.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-9-5 17:42 , Processed in 0.178728 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat