ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 345 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 0

ئىككى مىنۇتتا بىر فونتنى ئالمىغا %100 ماسلاشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .      ھەرقانداق ۋاقىتتا سالام قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .

فونت بىلەن ھەپىلەشكىلى خىلى بولۇپ قالدى . دەسلەپ باشلىغاندا بىر كىچە ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ بىر فونتنى ماسلاشتۇرغىنىم ئىسىمدە ،
بىر كۈنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئولتۇرۇپ ئىككى يۈرۈش فونتنى ماسلاشتۇرۇپ چىقتىم . نامازلىرىم ۋە تامىقىممۇ ئىسىمگە كەلمىگەن ئىدى . كىيىن بارا بارا سۈرئىتىم تىزلىشىپ ئۈچ سائەتتە بەش يۈرۈش فونتنى ماسلاشتۇردۇم .
ئەمما بۇ تىمىدا مەن سىزگە پەقەت ئىككى مىنۇتتا بىر ئۆلچەملىك يۈنىكودلۇق فونتنى ئالما مەھسۇلاتىلىرىغا ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى .
بۇنى بىزگە ئاي بىلگە تورىدىكى ئاي بىلگە يەنى جىنايەت ئۇستاز تەييارلاپ بەرگەن دەرسلىك ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز .

دەرسلىك مەنزىلى :  UKIJ نىڭ فونتلىرىنى iPhone غا ماسلاشتۇرۇش ! ( دەرىسلىك )

مەن يۇقاردىكى دەرسلىكنى كۆرۈپ بىكەت باشلىقىنى تىللىغۇم كەلدى . نىمىشقا دىمەمسىز ؟ چۈنكى مەن كىچىلەپ ئاران ئىككى ياكى ئۈچ فونت ماسلاشتۇرسام ، بۇ قىرىندىشىمىز ئىككى مىنۇتتا بىردىن فونتنى زاۋۇتتا چىقارغاندەك چىقىرۋېتىدىكەن . يا باشتا دىگەن بولسا ، مەنمۇ جاپا تارتىپ يۈرمىسەم  ، يا بولمىسا مەن ئاران ئۈگىنىۋالغاندا بۇنداق ئاسان ئۇسۇلنى ئاشكارلىۋەتمىسە بولمامدۇ دەيمەن .
بەس ، بولغۇلۇق بوپ بولدى ، بۇ خىل ئاددى ئۈنۈملۈك فونت ماسلاشتۇرۇش دەرسلىكى ئەمدى تارقىلىشى كىرەك . ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ فونتىنى ئۆزىمىز ياسايلى .!!!!!!!!!!!

خۇشاللىق تۈگەپ قالمىدى . يەنە بىر دەرسلىكمۇ بار بولۇپ ، بۇ دەرسلىك ئارقىلىق ماسلاشتۇرغان فونتىڭىزنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئورنىنى تەڭشىيەلەيسىز ، بۇمۇ بەك مۇھىم دەرسلىك ھىسابلىندۇ . ئومۇمى جەريانغا پەقەت يەتتە مىنۇت كىتىدىغان بولۇپ ، سىز پەقەت يەتتە مىنۇت ئىچىدە بىر فونتنى ماسلاشتۇرۇپ ، چوڭ كىچىكلىكى ۋە يۇقرى تۆۋەنلىكىنى ئۆزىڭىزگە يارىغان بىر ھالەتكە تەڭشەپ ساقلىيالايسىز .
بۇنىمۇ ئاي بىلگە ئەپەندىم يەنى جىنايەت ئەپەندىم بىز ئۈچۈن خالىس ئىشلەپ بەرگەن بىر دەرسلىك ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز .
دەرسلىك مەنزىلى : [دەرسىلىك]ماسلاشتۇرۇلغان فونتلارنى
چوڭايتىش،ئورنىنى تەڭشەش !


ئەسلى سىن ھۆججىتىنىڭ ئادرىسىنى ئۇلىنىش قىلىپ بۇ يەرگە بىۋاستە قويۇلىدىغان قىلىپ قويساممۇ بولاتتى . بىراق ئۆزنىڭ تور بىكىتىنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ بىزگە ھەقسىز تەقدىم قىلغان دەرسلىكنى مەن باشقا يەرگە ئۇلىنىش قىلىۋالسام ، ئاي بىلگە تورىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنى تور بىكەت بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار ئىنىق بىلىدۇ .
بەلكىم بۇيەردە بەزى قىرىنداشلىرىمىز ، ئاي بىلگە تورىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ دىيىشى مۆمكىن .  بۇمۇ خاتا ئەمەس ،
مىنىڭ كۆز قارىشىم بولسا ئۇ دوستىمىزنى قوللىشىمىز كىرەك .
چۈنكى بۇ قوللاش ئالمىغا ئائىت يىڭى -يىڭى دەرسلىك ۋە تىخنىكىلارنىڭ روياپقا چىقىشىنىڭ كاپالىتى بولۇپ قالغۇسى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-13 04:27 , Processed in 0.100473 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat