ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 1107|ئىنكاس: 2

[WinXP] سىستېما قاچىلاشتىن دەسلەپكى ساۋات (3)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
181
تىللا
398
شۆھرەت
268
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 01:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ئىككى قىتىملىق يازمىدا ئاساسەن كومپيۇتېرغا سىستېما دىسكىسى ۋە بارماق دىسكىدىن پايدىلىنىپ توردىن چۈشۈرگەن ۋە دىسكىدىكى سىستېمىلارنى قاچىلاشنى سۆزلەپ ئۆتتۇق . بەلكىم سىز ئۇ سىستېمىنى قاچىلاش ئۈچۈن ئازكەم يىرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىۋەتتىڭىزغۇ دەيمەن . ھەمدە ئاشۇ سىستېمىنى بەش-ئالتە ئاي ئىشلىتىپ ئىغىرلىشىپ كەتكىنىنى ھىس قىلدىڭىز يەنە قايتا قاچىلىدىڭىز ؟
ئەمدى بۇنىڭمۇ ئىشى ئاسان. تۆۋەندە  10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سىستېمىڭىزنى تىز سۈرئەتتە يېڭىدىن قاچىلاش ۋە زاپاسلىۋالغان سىستېمىنى 5 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەسلى قاچىلىغان ھالەتكە ئەكىلىش ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ .
ھەرقانداق سىستېما دىسكىسى (بازاردىن سىتىۋالغان سىستېما دىسكىلىرىنى كۆزدە تۇتىمەن .Microsoft ئۆزى تارقاتقىنى ئەمەس) ياكى توردىن چۈشۈرگەن سىستما بولسۇن Ghost يۇمشاق دېتالى قوشۇۋىتىلگەن بولىدۇ .بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قاچىلىۋالغان سىستېمىلارنى زاپاسلاش ۋە زاپاسلىۋالغان سىستېمىلارنى ياندۇرۇپ ئىشلىتىشكە،توردىن باشقىلار سىستېمىنى قاچىلاپ سىستېمىغا قوشۇپ لازىملىق ۋە قوللىنىشچان دېتاللارنى قاچىلاپ قويغان (قويغۇچ،Office ئائىلىسى،تور چۈشۈرگۈچىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلار) Ghost سىستېمىلارنى ئۆز كومپيۇتېرىمىزغا ياندۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئەمدى بۇيەردە Ghost سىستېما دىگەن گەپ پەيدا بولدىغۇ ؟
Ghost سىستېما دىگىنىمىز بىز بىرىنچى يوللىغان يازمىدا دىيىلگىنىدەك باشقىلار يىرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ سىستېمىنى قاچىلاپ ئىچىگە كۆپ ئۇچىرايدىغان ئاساسىي تاختا،ئاۋاز كارتىسى،سۆرەت كارتسى ۋە تور كارتىسى قاتارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسى ۋە باشقا كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ بۇنى زاپاسلاپ (Ghost لاپ) ئاندىن بۇنى دىسكىغا ئويغۇدەك ھالەتتە پىرىسلاپ يوللىغان سىستېما .
بۇنىڭ ئادەتىكى سىستېما بىلەن بولغان پەرقى : قاچىلاشتا ۋاقىتنى ئاز ئالىدۇ ،ئىچىگە كېرەكلىك دېتاللار قاچىلانغان بولىدۇ .
كەمچىللىكى : باشقىلار پىرىسلىغان بولغاندىكىن ئىچىگە نېمە قوشتى نېمە ئەمەس ،ھەرخىل ياغاچ ئاچ ۋىرۇسلىرىنى قوشتىمۇ بۇنىڭغا بىرنېمە دىمەك تەس ،ماتىرىياللىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقىلارنىڭ بولۇپ كىتش كەتمەسلىكىگە بىرنېمە دىمەك تەسرەك .
ھازىرچە بۇ توغۇرلۇق مۇشۇنچىلىكرەك يېزىپ تۇراي .ئەمدى نەق گەپنىڭ پوس كاللىسى .
ئالدىنق يازمىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك كومپيۇتېرنى Winpe بىلەن قوزغتساق Ghost  يۇمشاق دېتالى قوشۇۋىتىلگەن بولىدۇ ۋە ياكى كومپيۇتېرغا قاچىلانغان بىر كونۇپكا بىلەن سىستېمىنى ياندۇرۇش دېتالى (一键Ghsot)ياكى Ghost يۇمشاق دېتالى بىلەن قوزغاتساقمۇ بولىدۇ .
قوزغاتقاندىن كېيىنكى كۆرۈنمە يۈز تۆەندىكىدەك :

تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش چىققاندا ok باسقاندىن كېيىنكى ھالەت تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

بۇنىڭدا Local مۇشۇ كومپيۇتېردىكى قاتتىق دېتالدا مەشغۇلات قىلىش، Peer to peer ۋە GhostCast توردىكى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش؛ Option تۈر تاللاش ،ئادەتتە دېتالنىڭ ئۆزىدىكى تۈر بويىچە مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ؛
Help ياردەم؛ Quit چېكىنىپ كېتىش.
بىز نۆۋەتتە نورمال قاچىلاپ ھەممىنى تەييار قىلىپ بولغان سىستېمىنى كلونلاش (زاپاسلاش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىمىز)
بىز ئادەتتە ئەڭ ئۈستىدىكى Local تۈرى بويىچە كلونلاش ئېلىپ بارىمىز.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

بۇنىڭدا دىققەت قىلىدىغىنىمىز: To Partion بولسا بىر پۈتۈن رايون (دېسكا) نى كلونلاش؛ To Image بىر رايوندىكى بىر ياكى بىر قانچە مەزمۇننى كلونلاش، بىز مۇشۇنى ئىشلىتىمىز؛ From Image بولسا ئوبراز ( كلونلانغان) ھۆججەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇش.
ئەمدى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك  To Image نى تاللاپ كلونلاشنى باشلايمىز.
كىيىنكى قەدەمدە قاتتىق دېسكىنى تاللايمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

enter ئۇرۇپ كېيىنكى قەدەمدە كىلونلىماقچى بولغان رايوننى تاللايمىز.

بۇيەردە رايون تاللاپ بولۇپ Enter ئۇرۇپ كېيىنكى باسقۇچتا زاپاسلىغان ھۆججەتنى ساقلايدىغان رايوننى تاللاپ بىرىمىز ۋە ھۆججەتنىڭ ئىسىمىنى قويىمىز .ئۆزىمىز خالىغان ئىسىم قويساق بولىدۇ، ئەمما قاتتىق دېسكىدىكى باشقا ھۆججەتلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمىسۇن ، بولمىسا ئەسلىدىكى ھۆججەت قاپلىنىپ كېتىدۇ.



ئىسىمنى قويۇپ ساقلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بولۇپ Enter نى باسىمىز .
باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۈچ كاتەكچە چىقىدۇ ،

بۇلار No پىرىسلىماسلىقنى ،Fast پىرىسلاش نىسبىتى كىچىكرەك ھەم تىز سۈرئەتتە پىرىسلاشنى .High بولسا يۇقىرى نىسبەتتە پىرىسلاش لېكىن پىرىسلاش سۈرئىتى ئاستا
بىز بۇنىڭدىن High نى تاللاپ پىرىسلاشقا بۇيرۇق بەرسەك بولىدۇ .

كىلونلاپ بولغاندا تاماملانغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ ، Enter نى بېسىپ تاماملاش كۆزكىنى تاقايمىز ۋە  كونۇپكا تاختىسىدىن Alt+Ctrl+Del نى بېسىپ قايتا قوزغاتساقمۇ ياكى باش كۆزنەكتىن Quit  نى بېسىپ چىكىنىپ چىقساقمۇ بولىدۇ.
ئەمدى زاپاسلىغان سىستېمىنى ياندۇرۇش توغۇرلۇق توختىلىپ ئۆتەيلى .
باشتىكى مەشغۇلات بويىچە كلون دېتال كۆزنىكىگە كىرىمىز ۋە From Image نى تاللايمىز.

تاللىغاندىن كېيىنكى ھالەت :

بىز بۇيەردىن بۇرۇن زاپاسلىۋالغان كلون ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز (بۇ يەردىن ئوپتىك دىسكىغا سىلىنغان دىسكىدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتىپ شۇ ھۆججەتنى ياندۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ) كېيىنكى قەدەمدە قاتتىق دىسكىنى تاللاپ بىرىمىز (ئەگەرئىككى قاتتىق دىسكا بولسا بۇ يەردە ئىككى دىسكا كۆرىنىدۇ )

بۇيەردىن دىسكا تاللاپ بولغاندىن كېيىن سىستېما يىشىدىغان رايوننى تاللايمىز

دىققەت مۇشۇ يەردە رايوننى خاتا تاللاپ سالسىڭىز شۇ رايوندىكى بارلىق ماتىرىياللىرىڭىز ئۆچۈپ كىتىدۇ ،شۇڭا سىستېما ياندۇرىدىغان رايونى چوڭ-كىچىكىلىكى ۋە ئورنىغا دىققەت قىلىڭ .
تاللاپ بولغاندىن كېيىن O نى باسىمىز . باسساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرۇش توغۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىدۇ .

بۇنىڭدىن Yes نى تاللاپ سىستېما ياندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز 100% بولغاندا ئۈستىدە ئىيتىپ ئۆتكەندەك چىكىنىش ئۇسۇللىرىدىن بىرنى تاللاپ چىكىنىمىز .
كېيىنكى يازمىدا تېخىمۇ ئاسان ئۇسۇلدا Ghost ھۆججەت ياندۇرۇش ئۇسۇلى چۈشەندۈرلۈپ ئۆتىلىدۇ .
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5319
تىللا
4215
شۆھرەت
9039

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2010-10-29 11:19:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئىشنى چۈشىنەلمىدىم، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سېستىما قاچىلاپ بىرمۇ ئادەمنىڭ كومپىيۇتېرىنى خاتا مەشغۇلات قىلماي ئوڭشاپ بىرىۋاتقانتىم، نەچچە كۈن بۇرۇن بىرسىنىڭ كومپىيۇتېرىغا سېستىما قاچىلىسام ئەسلىدىكى بەش رايۇن بىر رايۇن بولۇپ قاپتۇ، تۈنۈگۈن ئۆزۈمنىڭ كومپىيۇتېرىغا سېستىما قاچىلىسام 5-رايۇن 2-رايۇن بولۇپ قاپتۇ، يەنى ئەسلىدىكى Gرايۇن Dرايۇن بولۇپ قاپتۇ، قالغان رايۇنلىرى بىر قەدەمدىن كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىپتۇ، بۇ زادى قانداق مەسىلە؟ مەن بۇنداق ئىشلارغا بۇرۇن زادى يولۇقۇپ باقمىغان، ئىچىدىكى ماتىرياللار ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ، مۇشۇنىمۇ بىر چۈشەندۈرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن!

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
480
تىللا
764
شۆھرەت
1543

ئاكتىپ تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-5 11:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-رايۇن 2-رايۇن بولۇپ قاپتۇ، يەنى ئەسلىدىكى Gرايۇن Dرايۇن بولۇپ قاپتۇ، قالغان رايۇنلىرى بىر قەدەمدىن كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىپتۇ،
بۇنىڭ جاۋابىنى مەنمۇ كۆپ ئىزلىنىپ كەتتىم ، لىكىن تاپالمىغان . لىكىن بەش رايوننىڭ بىرلىشىپ قېلىشىغا كەلسەك ، بۇ بەلكىم سىزنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلىشىڭىزدۇ . ياكى بولمىسا (%90 ئېھتىماللىقمىكىن دەيمەن) قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى قىسقارغانمىكىن دەيمەن . ئالدىنقى قېتىم مەن 5 يىلدىن بېرى ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دىسكامغا (60 گىگابايىتلىق ئىدى) سېستىمىنى ياندۇرسام ، دەسلەپتە بىر رايون يوقاپ كېتىپ ، ئەسلىدىكى تۆت رايوندىن 3 رايون قالدى ، قاتتىق دىسكىنىڭ ئومۇمى سىغىمىمىۇ ئاران 45 گىگابايىت ئەتراپىدا تۇرمامدۇ  .... . ئاچچىقىم كىلىپ دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىساممۇ ئوخشاشلا شۇ 45 گىگابايت . يەنە 10 نەچچە گىگابايىتلىق ئورۇن نەگە كەتكەندۇ ؟ .... ھىچ بىلەلمىدىم . قانچە قىلسام بولمىدى . ئاخىرىدا «مەيلىلا . 45 بولسا نىمە بوپتۇ ، يەتكەن يېرىگىچە ئىشلەتكەچ تۇرمامدىم...» دەپ ئىشلىتىۋەردىم . لىكىن بىرەر ھەپتىدىن كىيىن قارىسام ، كومپيۇتېرىم قوزغالمايدۇ ؟! . سىموس قا كىرىپ قارىسام قاتتىق دىسكا يوق . شۇنىڭ بىلەن «ئۆلدىمۇ نىمە....» دەپ قايتا قوزغاتسام نورمال . لىكىن بىردەمدىن كىيىنلا ئۆزلۈكىدىن قېتىۋالدى . قايتا قوزغاتسام «خاپا بولماي سېستىما قاچىلاپ باقاملا ؟» دەپ تۇرىدۇ . يەنە سېستىمىنى ياندۇردۇم ، ياندۇرۇپ بولۇپ قارىسام قاتتىق دىسكام چوڭىيىپ 60 گىگابايىتلىق بىرلا رايون بولۇپ قاپتۇ ، سېستىمىمۇ نورمال قاچىلىنىپتۇ . لىكىن بىرلا رايون بولۇپ قالسا بەكلا قولايسىز بولۇپ قالمامدۇ!؟ . شۇنىڭ بىلەن گوست سېستىما دىسكىسىنى سېلىپ ، ئاپتوماتىك ھالدا قاتتىق دىسكىنى 4 رايونغا بۆلۈش دىەەننى تاللىۋەتتىم . بارلىق جەريانلار نورمال .... ، سېستىما قوزغالغاندىن كىيىن سېستىما رايونىدىن باشقا رايونلار زادىلا ئېچىلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىدىن دىسكا باشقۇرغۇچ تۈرىنى ئېچىپ . سېستىما رايونىدىن باشقا رايوننى ئۆچۈردۈم . ئەمدى نىمە ئىش بولدى دىمەمسىلەر ؟! .... ئۆچۈرۈپ بولۇپلا تېخى قايتا رايونغا بۆلمەي تۇرۇپلا قاتتتىق دىسكام 6-7 دەك رايونغا ئايرىقلىق تۇرمامدۇ . ئەمما زادىلا ئېچىلمايدۇ . لىكىن سىغىمى ..... ھەر بىرسىنىڭ ئاز دىگەندىمۇ 1000 گىگابايىتتىن يۇقۇرى . فورماتلىغىلىمۇ بولمايدۇ . ..... شۇنىڭ بىلەن «كۆزنەك XP» نىڭ رەسمى قاچىلىنىدىغان نۇسخىسىدىن بىرنى تېپىپ . قاتتىق دىسكامنى تولۇق بىرلەشتۈرۈپ ، رايونغا ئايرىپ ، سېستىمىنى قاچىلىسام .... ھەممىسى نورمال . يەنە بىر سىناپ باقاي دەپ ئاۋۇ دىسكا باشقۇرغۇچ ئارقىلىق رايونلارنى ئۆچۈرسەم يەنە ھېلىقىدەك .... شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتتىق دىسكامنى »رەھمەتلىك» قىلىۋېتىپ ، يېڭىدىن بىرنى ئېلىپ قۇتۇلدۇم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-3-17 15:17 , Processed in 0.126858 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش