ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 10

باغاققا بەت لايىھەلەشتىن ياردەم سورىماقچى ئىدىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alogli001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 12:36  

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، مەن دۇكاندا ئىش قىلغاندا كۆپۈنچە پوتوشوپنى كۆپرەك ئىشلىتىمەن، باغاق لاھىيەسىنىمۇ پوتوشوپتا قىلاتتىم، مەن Word تا لاھىيلەپ بىقىش نىيىتىگە كەلگەن بىراق بەزى بىر قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم،
مەن ۋورتتا بەت ئىچىپ ئۆزۈم لاھىيلىمەكچى بولغان باغاقنىڭ ئورنىغا توغرا كەلگىدەك مەلۇم بىر جاينى دائىرگە ئىلۋىلىپ مەن يازغان خەت ۋە شەكىللەر شۇ دائىردىن چىكەتمەيدىغان قىلىپ تەڭشەي دىگەن،  يەنە كىلىپ بىر بەتكە ئوخشاش لاھىيىدىن 2 سى تىزىلىدۇ.
لاھىيلىگەندە ئۇستىدىكى خەتلەرنى ئۆزگەرتسەم ئاستىدىكى مەزمۇن قۇرلار ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان بولسا بولاتتى، بىر بەتتە دائىردىن ئىككىسى ئىلىنسا توغرا بولىدۇ،  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەتنى قانداق تىزىمەن.

http://pan.baidu.com/s/1o6nsENo
مەن لاھىيلىمەكچى بولغان باغاقنىڭ نۇسقىدى ماۋۇ شۇ ئىدى.
ۋاقتى: 2014-2-8 21:39:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەغەزنى ئۆلچەپ، شۇ بويىچە  Word تا قۇرۇق بەتتىن بىرنى لايىھەلەڭ،  Word نىڭ شىكالىسىغا قاراپ تۇرۇپ خەتنى يېزىپ تەييارلىۋېلىپ بىرنەچچىنى باغاق قېلىپىغا بېسىپ بېقىڭ. مەسىلەن: http://pan.baidu.com/s/1i30ucGd
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-10 12:22:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 21:39
قەغەزنى ئۆلچەپ، شۇ بويىچە  Word تا قۇرۇق بەتتىن بىرنى لاي ...

بولىدۇ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت، بەلكىم مىنىڭ قويغان تەلەپلىرىمنى word تا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغاندۇ   ئۆزۈم قۇر ئارلىق تاشلاپ ئۆلچەم بىرىپ سىناپ باقاي.
ۋاقتى: 2014-2-10 16:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئەڭ ياخشىسى پوتوشوپ ۋە ياكى coreldraw   دېتالىدا لايىھەلىسىڭىز ياخشى بولامىكىن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-10 20:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەركۈي يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 16:04
سىز ئەڭ ياخشىسى پوتوشوپ ۋە ياكى coreldraw   دېتالىدا لايىھە ...

مەن ئادەتتە ھەممە ئىشنى پوتوشوپتا قىلىمەن، بىراق word تا يىزىلغان خەتنى دايىن قىلغاندا پوتوشوپقا قارىغاندا ئىنىقلىقى يۇقۇرى چىقىدىكەن.
ۋاقتى: 2014-2-15 18:30:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alogli001 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 20:02
مەن ئادەتتە ھەممە ئىشنى پوتوشوپتا قىلىمەن، بىراق word ت ...

پوتوشوپنىمۇ ئىنىقلىقىنى يۇقۇرى قىلىپ لايىھەلىسىڭىز بولىۋېرىدىغۇ
ۋاقتى: 2014-2-15 18:45:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزنىڭ word تا قىلىشنى سىناق قىلىشىڭىزنى ھەم تەجرىبە نەتىجىسىنى كۆپچىلىككە سۇنۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
بولسا LibreOffice تەك پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھەم ھەقسىز بولغان دىتالدا قىلىڭ، بۇ LibreOffice نى تونۇتۇش، LibreOffice نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلارغا مەدەت ھەم رەھمەت بولۇدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-16 01:37:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alogli001 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 20:02
مەن ئادەتتە ھەممە ئىشنى پوتوشوپتا قىلىمەن، بىراق word ت ...

word لاھىيلىگەندە سۈزۈك چىقىشى سۈزۈك چىقىدۇ،لىكىن wordدىگەن نىمىلا دىمىگەن بىلەن يىزىق بىرتەرەپ قىلىش قۇرالى ،ئۇنى لاھىيەگە ئىشلەتسىڭىز لاھىيە تازا ياخشى چىقمايدۇ ھەم زىلراق بولغان تەڭشەش مۇمكىن بولماي قالىدۇ ،ئەگەر سۈزۈكلۈك ئۈنىمىنى دىسىڭىز ئەڭ ياخشى تاللاش corel draw بولىدۇ ،شۇنداقلا photoshopقا ئوخشاش قۇلايلىق ھەم سۈزۈكلىكى ئىنتايىن ياخشى ،لاھىيەنى 3500ھەسسە چوڭايتسىڭىزمۇ سۈزۈكلىكى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ .شۇڭا چوڭراق بولغان ئىلان شىركەتلىرى مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىدۇ ،ئىقتىدارى بەك كۆپ ،مەن بۇدىتال توغرىسىدا پات ئارىدا تىما يوللىماقچى.
ۋاقتى: 2014-2-20 01:04:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ موشۇ باغاق نوسخىسىنى كۆپ ئىشلەتكەن . ئەمما wordلايىھەلىمەي بەلكى photoshopتا لايىھەلىگەن بىراق wordتىمۇ لايىھەلىگىلى بولىدۇ. مەن سىزگە word2003تە لايىھەلەشنىڭ يولىنى قالدۇراي . 1. سىزئاۋۋال wordنى قوزغىتىپ بەت يۈزىنى باغاقنىڭ بەت يۈزى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تەڭشەڭ ئاندىن بىر دانە 文本框قىستۇرۇپ يان سىزىقىنى يوق قىلىۋىتىپ باغاققا يازماقچى بولغان 1-قۇردىكى خەتنى يېزىپ ئورنىنى مۇۋاپىق  تەڭشەڭ ، ئاندىن باشقا قۇرلارنىمۇ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن كىرگۈزۈپ  باغاقنى بىر نۇسخا تەييار قىلىپ كىرگۈزۋىلىڭ . ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن ctrlكۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ھەربىر قۇردىكى 文本框 نى مائۇس بىلەن بىر چىكىپ ھەممنى تولۇق تاللاڭ . 2. تاللاپ بولغاندىن كېيىن خالىغان بىر 文本框نىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېىسىپ چىققان ئاسما تىزىملىكتىن 组合 (بىرلەشتۈرۈش) نى تاللايمىز  . 3. بۇ لايىھەنى ئاستىغا بىر نوسخا كۆچۈرىمىز  . ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشىۋالغاندىن كېىيىن بىر نەچچە قېتىم سېناق باسسىىز . ئورنى تەڭشەلمىسە بىرىنچى نوسخسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەيمىز ، ئارلىقىنى تەڭشەيمىز (ئىككى باغاقنىڭ ئارلىقىنى تەڭشىگەندە يەنى ئاستى ئۈستىگە يۆتكىگەندە كۇنۇپكا تاختىسىدىن ctrlكۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئاستىغا ئۈستىگە يۆتكەيدىغان يۈنىلىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ناھايتى كىچىك ئارلىققا يۆتكىگىلى بولىدۇ)  . 4. بۇ لايىھە پۈتكەندە ۋە ئورنى مۇقىملاشقاندا ساقلايمىز . قايتا باسقاندا  组合 (بىرلەشتۈرۈش) نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك جايلىرىنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن  组合 (بىرلەشتۈرۈش) قىلىپ باسىمىز .  ئۇندىن باشقا ھۈسىنخەت قىستۇرۈش شەكلىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ . لايىھەلەش جەريانى ئوخشاش . لېكىن ھۈسىنخەت شەكلىنىڭ ئېنىقلىقى ئالدىنقىسىدىنمۇ ياخشىراق بولىدۇ سىناپ بېقىڭ  قىلالىسىڭىزمۇ ياكى قىلالمىسىڭىزمۇ ئىنكاس يېزىڭ . مەن چوقۇم ياردەم قىلمەن .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-21 11:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarhan009 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 01:04
مەنمۇ موشۇ باغاق نوسخىسىنى كۆپ ئىشلەتكەن . ئەمما wordلاي ...

سىلەرنىڭ شۇنداق ياخشى تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭلارغا رەھمەت، دۇكاندا ئىشنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن word تا بەت ياساشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم،  ھازىر خىرىدارلار بەكلا ئالدىراڭغۇ بوپ كىتىۋاتامدىكى دەيمەن، شۇنچە تىز قىلسىمۇ يەنىلا ئالدىرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەلگەن خىرىدارنى يىرىم سائەت ئىچىدىلا باغاقنى لاھىيلەپ بسىپ ئىگىسىنى يولغا سىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمەن.  يەنىلا پوتوشوپنى ئىشلىتىۋاتىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-21 11:50:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئۆزۈم يوللاپ  ئاخىرىدا ئۆزۈم توختاپ قالغانلىقىدىن خىجىلمەن، كەچۈرۈم سورايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 17:07 , Processed in 0.210024 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat