پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

MaxDOSWinPE ۋە ئۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش دەرسلىكى

يوللىغۇچى: Nurdan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-28 13:03| كۆرۈلۈشى: 69| ئىنكاس سانى: 4

MaxDOS نى سۆزلەشتىن بۇرۇن بۇنىڭ قانداق نەرسە ۋە قانداق ئورۇندا ئىشلىتىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي .
سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بىر كومپيۇتېرنى ئوڭشاش ئۈچۈن (ئاساسەن سىستېما قاچىلىسىڭىزلا ئوڭشىلىدۇ)ئەكەلدى ،لېكىن كومپيۇتېرنىڭ ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچىسى يوق ،ھەم سىستېمىمۇ نورمال قوزغىلالمايدۇ قانداق قىلىش كېرەك ؟
ئەمدى بۇنىڭ چارىسىنى دەل مۇشۇ MaxDOSWinPE دىگەن قورال ۋە بىر دانە بارماق دىسكا . ياكى ياندىسكا
بۇ دېتالنىڭ تەپسىلاتى ئەمدى سۆزلىنىدۇ.
ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىغا بۇ دېتالنى چۈشۈرۈڭ .
چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئەگەر چۈشۈرەلمىسىڭىز  مەنبە دىن چۈشۈرۈڭ.
ئاندىن بارماق دىسكىدىن بىرنى تەييارلاڭ (ئەسكەرتىش : سىغىمى كىچىك بولغاندىمۇ 128M دىن كىچىك بولۇپ قالمىسۇن،Mp3 قويغۇچىسى،ياكى سىغىم كارتىسى بولسا بولمايدۇ).بارماق دىسكىنى كومپيۇتىرىڭىزغا چىتىڭ ،چۈشۈرۈپ بولغان ھۆججەتنى پىرىستىن يىشىڭ . قارىساق تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھۆججەتلەرنى كۆرىمىز .

بۇنىڭ ئۆزىدە قاچىلاش دەرسلىكىمۇ بار (خەنزۇچە )
ئەمدى بىز  بۇنىڭدىن 安装.bat نى ئىجرا قىلىمىز .
ئىجرا قىلغاندىن كېيىنكى كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

كونۇپكا تاختىسىدىن Y نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز . بىز بارماق دىسكىنى چاتقاندىن بولغاچ بىز چاتقان بارماق دىسكىنى تونۇغانلىق ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ ،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

ئەگەر سىز چاتقان بارماق دىسكىنى تاپالمىسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەت كۆرىنىدۇ ،

بارماق دىسكىنى چىتىپ ياكى قايتا چىتىپ ئاندىن Y بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ .
بارماق دىسكىنى تونۇغاندىن كېيىن كونۇپكا تاختىدىسىدىن خالىغان كونۇپكىنى باسسىڭىزكېيىن قەدەمگە ئۆتىدۇ ،

شۇنداق قىلىپ بارماق دىسكىنى تونىتىۋالغانىدىن كېيىن بارماق دىسكىنى فورماتلاش باسقۇچىغا كەلدۇق .
ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە ئالماشقاندىن كېيىن سىز بارماق دىسكىنى تاللاپ سىستېما شەكلىنى FAT32 گە توغۇرلاپ باشلاش كونۇپكىسىنى باسىمىز . شۇنىڭ بىلەن بارماق دىسكىنى فورماتلاشقا باشلايدۇ (دىققەت : باشلاش كونۇپكىسىنى بىسىشتىن بۇرۇن بارماق دىسكىدا مۇھىم ھۆججەت بولۇپ قالسا زاپاسلىۋىلىڭ)

   
مۇقىملاش نى بېسىپ فورماتلاشنى تامالايمىز ۋە ئوڭ تەرەپتىكى تاقاش نى بېسىپ فورماتلاش كۆزنىكىنى تاقايمىز ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان سىستېما ھۆججىتىنى يېزىشقا بۇيرۇق بىرىمىز
بۇيەردە كونۇپكا تاختىدىسىدىن خالىغان كونۇپكىنى باسسىڭىزكېيىن قەدەمگە ئۆتىدۇ .كېيىنكى ھالەت تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

دىققەت ئەڭ مۇھىم يىرى مۇشۇ تاللاشلارنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك قىلىپ تاللاڭ .ئۇنىڭدىن كېيىن قاچىلاش نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز .
يېزىش مەشغۇلاتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئىچىلىدۇ .

بۇيەردە كونۇپكا تاختىدىسىدىن خالىغان كونۇپكىنى باسسىڭىزكېيىن قەدەمگە ئۆتىدۇ .كېيىنكى ھالەت تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

بۇيەردە كونۇپكا تاختىدىسىدىن خالىغان كونۇپكىنى باسسىڭىزكېيىن قەدەمگە ئۆتىدۇ .كېيىنكى قەدەمدە ئۇچۇرلارنى بارماق دىسكىغا يازىدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .

بىزبۇنىڭدىن بارماق دىسكىنى تاللاپ بىرىپ  قاچىلاش نى باسساق مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى بارماق دىسكىغا يېزىشقا باشلايدۇ رەسىمدىكىدەك :

قاچىلاپ بولغان ۋاقىتتا كۆزنەك تۆۋەندىكىدەك ئالمىشىدۇ

خالىغان كونۇپكىنى باسساق كۆزنەك تاقىلىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بارماق دىسكىغا Win pe قاچىلاندى دىگەن گەپ ، بىز ساقايتماقچى بولغان كومپيۇتېرغا بارماق دىسكىنى چىتىپ Bios دىن كومپيۇتېرنى USB ئىغىزىدىن قوزغىتىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز .
تەڭشەش ئۇسۇلى :Bios دىن نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىتىش تۈرىنى تەڭشەش دىگەن يازمىدا چۈشەندۈرۈلگەن قەدەملەر بويىچە مەشغۇلات قىلىپ تاللاشتا  Cd-rom نى تاللىماي USB-HDD ياكى USB-ZIP نى تاللاپ ساقلاپ چىكىنىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق بارماق دىسكىدىكى Winpe دىن قوزغىلىدۇ.

يېڭى ئىنكاسلار

turan ئۈلۈشكۈن  18:02
بۇنىڭ يەنە بىرسى بولىدىغان سىغىمى كىچىكWin pe  ياساپ بولغاندىكى سىغىمى51MBكېلىدىغان شۇنى مەن پات ئارىدا يوللاپ قوياي!!!مەنمۇ ئاشۇنى ئىشلىتۋاتىمەن!!!
Nurdan ئۈلۈشكۈن  23:09
بۇنىڭ يەنە بىرسى بولىدىغان سىغىمى كىچىكWin pe  ياساپ بولغ ...
turan يوللانغان ۋاقتى  2010-10-28 18:02


شۇنداق ،ھازىر ئاساسەن يېڭى چىققان (Sp3 دىسكىلىرىدىن باشلاپ) سىستېما دىسكىلىرىدا Winpe نى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىغا قاچىلاش تۈرلىرى بار .بۇنىڭدىن بىز بارماق دىسكىغا قاچىلاش بۇيرىقىنى بىرىپ قاچىلىۋالساقمۇ بولىدۇ . ئادەتتە تولا كومپيۇتېر ئوڭشايدىغانلارغا بىر تال بارماق دىسكا ۋە بارماق دىسكىغا ياخشىراق Ghost xp ئىلىپ يۈرسەك قولاي بولىدۇ .
Elpida تۈنۈگۈن  09:33
كۆپ رەھمەت.مەن چۈشۈرۈۋالدىم.مەنمۇ مۇشۇنداق تولا سېستىمىنى ياسايمەن.
MB35 تۈنۈگۈن  11:24
قاچىلاپ بۇلۇپ، usb دىن قوزغاتقاندا winpe بىلەن maxdos نىڭ تاللاش تىزىملىكى چىقىپ ئاندىن بىز تاللىغان winpe ياكى maxdos قوزغىلامدۇ؟

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-30 01:37.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.