ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1597|ئىنكاس: 8

تېلىگىرافتىن 1 يۈەنگە 4G ئېقىم ئېلىش دەرسلىكى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تېلىگىرافتىن بىر يۈەنگە 4 گىگابايت ئېقىم مىقدارى ئېلىپ ئىشلىتىىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، بۈگۈن ئەتىگەن يەنە بېرەمدۇ يوق دەپ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھالدا 10001 گە wyd نى يوللىسام بۇ پائالىيەتنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى، شۇ بۇيىچە قىلپ بۇنىمۇ ئېلىۋالدىم، قارىسام ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىم ۋە تۇنۇشلىرىم خەنزۇچە بىلمەسلىك ياكى تەرتىپنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن بۇ ئەرزان باھالىق قىلتاق ئېقىمنى (بىر قانچە ئاي مۇشۇ پېتى ئىشلىتپ كۈنۈپ قالسىڭىز كېيىن بۇ ئېقىمنى بەرمىسە تەبىئي ھالدا كۆپ ئېقىم سېتىۋېلىشىڭىز تۇرغان گەپ، شۇڭا بۇ بىر قىلتاق دەپ ئېلىندى ) ئالالماپتۇ، شۇڭا مەن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ، بۇنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم.
خەنزۇتىلى بىلمەيدىغانلار ياكى يانفۇننى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ ھەر بىر باسقۇچ رەسىملىك قىلىپ تەپسىلىي ئىشلەندى.

1. ئەڭ ئاۋال قىلىدىغان ئىشىمىز، ئۈندىدارنى ئېچىپ، 通讯录 نى تاللايمىز.


www.rohlan.com
2. بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى باسساق، سىيرىلما تىزىملىك ئېچىلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن 添加朋友 نى تاللايمىز.


www.rohlan.com
3. ئېچىلغان بەتتىكى 查找公众号 نى تاللاپ، شىنجاڭ تېلىگىرافىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىش تەييارلىقىنى باشلايمىز.


www.rohlan.com
4. ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ئىزدەش كۆزنىكىگە تولۇق يازالىسىڭىز 中国电信新疆网厅 دەپ يازىسىز، ئەگەر ماڭا ئوخشاش تولۇق يېزىش خوشياقمىسا 新疆电信 دەپلا كىرگۈزۈپ ئىزدەشنى باسسىڭىزمۇ تېپىپ بېرىدۇ. undefined


www.rohlan.com
5. باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولماي مەن رەسىمدىكى ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسەتكەن ئۈندىدار سۇپىسىنى چېكىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش بېتىنى ئاچىسىز. www.rohlan.com


www.rohlan.com
6. يېشىل رەڭلىك 关注 خېتىنى چەكسىڭىز ئەگىشىش مەشغۇلاتى تامام بولىدۇ. خەت رەڭگى قىزىل 取消关注 غا ئۆزگىرىدۇ.
سىز بۇنىڭدىن رەسىمدىكىدەك 查看信息 نى بېسىپ ئۇچۇر كۆرۈش بېتىگە كىرىسىز.
www.rohlan.com
ئالاھىدە دىققەت: روھلان ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىش جەريانىمۇ يۇقارقىغا ئوپمۇ ئوخشاش بولۇپ، يۇقارقى ئىزدەش كۆزنىكىگە rohlancn دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەشنى باسسىڭزلا 45000 ئەگەشكۈچىسى بار، ھەر كۈنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ۋە نادىر ئەسەرلەرنى ئاپتوماتىك ئەۋەتىپ تەمىنلەپ كېلىۋاتقان روھلان تور بېكىتىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىۋالالايسىز.
www.rohlan.com

www.rohlan.com
7. ئۇچۇر كۆرۈش بېتىگە كىرىپ، باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭىز بولماي تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 业务办理 دىن 绑定手机 نى بېسىڭ. www.rohlan.com


www.rohlan.com
8. بۇنى باسقاندىن كېيىن، سىزگە بىر پارچە ئۇچۇر كېلىدۇ(ئۈندىدار سالونىغا قايتۇرىدۇ) ، سىز شۇ ئۇچۇر مەزمۇنىدىكى  绑定手机 دېگەن كۆك رەڭلىك خەتنى چەكسىڭىز ، يانفۇننى باغلاش كۆزنىكى ئېچىلىپ، يانفۇن نۇمۇرىڭىز ۋە تەكلىپ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈش رامكىسى ئېچىلىدۇ. (مەن بۇ باغلاش باسقۇچىنى بىر قېتىم تامالاپ بولغان بولغاچقا بۇ جەرياننى رەسىملىك ئېلىشقا ئامال بولمىدى، ئەمما مەن دېگەن باسقۇچلار بۇيىچە قىلسىڭىز بۇ 8-باسقۇچنى رەسىمگە قارىمىسىڭىزمۇ قىلالايسىز.)
ئۈستىدىكى كاتەكچىگە يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرغاندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتىكى 获取密码 دېگەندەك بىر كۆك رەڭلىك كۇنۇپكا بار، شۇنى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزغا 6 خانىلىق بىر تەكلىپ نۇمۇرى ئەۋەتىدۇ، مۇشۇ نۇمۇرنى كۆرۈۋېلىپ، ئاستىدىكى كاتەكچىگە تولدۇرغاندىن كېيىن، 绑定 دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز يانفۇنىڭىزنىڭ نوومال باغلانغانلىقى ھەققىدە بىر مۇنچە ئۇچۇر بېتى ئېچىلىدۇ، سىز ئەمدى بۇ يەردىن كەينىڭىزگە يېنىپ تېلىگىراف ئۇندىدار سالونىغا قايتىسىز.
www.rohlan.com
9. ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكدەك، ئوڭ تەرەپتىكى 最新 دىن 流量达人 دېگەننى چېكىپ، بىز ئەڭ تەقەززا بولىۋاتقان مەشغۇلاتنى باشلايمىز.


www.rohlan.com
10. بۇ ۋاقىتتا ئۈندىدار سۇپىسىغا يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر رەسىملىك ئۇچۇرنى ئەۋەتىدۇ، بىز بۇ ئۇچۇرنى چېكىپ كىرىمىز.


www.rohlan.com
11. ئېچىلغان بەتتىن مەن كۆرسەتكەن كۇنۇپكىنى چېكىسىز، بۇ ۋاقىتتا يەنە تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ.


www.rohlan.com
12. دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىز بۇ ئارزۇلىغان 4 گاگابايتلىق ئېقىمغا ئېرىشىش پۇرسىتىڭىزنىڭ بار يوقلىقىنى بىلەلەيسىز، ئەگەر ئۇتۇغلۇق بولماي سىزنىڭ شەرتىڭىز چۈشمىسە سېرىق رەڭلىك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىرىپ، تولىمۇ ئەپسۇس، سىزنىڭ شەرتىڭىز بۇ پائالىيەتكە چۈشمەيدىكەن، قايتىپ بېرىپ روھلان تورىدىن باشقا بىلىم ئۆگىنىڭ دېگەن ئۇچۇرنى چىقىرىپ بېرىدۇ، سىز بۇۋاقىتتا تەلىيىڭىزنىڭ كاج كەلگەنلىكىدىن ياكى كارتىڭىزنىڭ بىجىرگەن كەسپىنىڭ بۇ شەرتكە چۈشمەيدىغانلىقىدىن ئاغرىنسىڭىز بولىدۇ، ئەمما روھلاندا بۇنىڭ سەۋبىنى سوراپ يۈرمەڭ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەخسۇس بىر مۇنازىرە تېمىسى يوللانغان ۋە نۇرغۇنلىغان پىكىرلەر بولۇنغان، قىزىقسىڭىز شۇ تېمىنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر شەرتىڭىز چۈشسە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ، سىز بۇ ۋاقىتتا داۋاملىق كۆرسىتىلگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ئالغا ئىلگىرلىسىڭىز بولىدۇ.
www.rohlan.com


13. يۇقارقى كۇنۇپكىنى چەككەندە بەلكىم بىۋاستە ئېچىلىشىمۇ ياكى تۆۋەندىكدەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىشىمۇ مۇمكىن، بىۋاستە ئېچىلسا تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىمسىىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقسا بۇ ئۇچۇردىكى 确定 كۇنۇپكىسىنى بىېىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.


www.rohlan.com
14. بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ تېلىگىرافىنىڭ تور تىجارەتخانىسىغا ئاتلايسىز، ئەمدى سىز يانفۇن نۇمۇرىڭىز ، كارتىنىڭ مەخپى نۇمۇرى، تەستىق نۇمۇرى دېگەنلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپ بۇيىچە 登陆 كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ .


www.rohlan.com
15. سىز بۇنىڭدىن ئەڭ ئاستىدىكى 确认 كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭزلا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ 4 گىگابايتلىق ئېقىمغا ئېرىشەلەيسىز.www.rohlan.com


www.rohlan.com

بۇىڭغا دائىر قايتارما ئىنكاس ۋە جاۋابلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەسلى تېمىغا مەرھەمەت قىلىڭ
تېلىگىرافتىن 1 يۈەنگە 4G ئېقىم ئېلىش دەرسلىكى
http://bbs.rohlan.com/thread-28912-1-1.html
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-2 00:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇچۇر 45 مىڭ كىشىلىك روھلان ئۈندىدار سالونىغىمۇ يوللاندى، كومپيۇتېردا تورغا چىقى شارائىتى يوقلارغا بۇ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ھەمبەھىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. سالون نامى: rohlancn
ۋاقتى: 2014-2-2 02:28:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى كومپىيوتورغا BlueStacks دىگەن دىتالنى قاچىلاپ،ئاندىن بۇنى قوزغۇتۇپ ئۇندىدارنى قاچىلاپ مۇشۇنىڭغا مۇشۇ ئارقىلىق قىلسىڭىز بۇلىدۇ.بۇ ئاندىرويىدنىڭ windows نۇسغىسىدىكى مەۋھۋم قىلىش دىتالى.
خۇددى يانفۇن ئىشلەتكەندەكلا ئىشلىتىسز.64 بىتلىك سىستىمىدا ماسلاشماسلىق ئەھۋالى بار ئىكەن دىققەت قىلىڭلار.مۇشۇ دىتال ئارقىلىق ئاندىرويىدنىڭ دىتاللىرى ۋە ئۇيۇنلىرىنى ئوينىسىمۇ خىلى بۇلىدىكەن.
ۋاقتى: 2014-2-2 18:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alogli001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 18:36  

http://61.128.121.70/weixinhall-internet/app/traffic/index?openId=oXYGVjpI6NvuANpvKyE3GOr73_o8
ئالىپ تورىدا بۇ ئادىرىسنى قالدۇرۇپتۇ، ئالدىدىكى 5-6 باسقۇچنى ئىلىپ بارمىسىمۇ بولغىدەك،  ماۋۇ توربەتكە كىرىپ تىزىملاتقانلار تەرتىپىنى قالدۇرۇڭلار باشقىلارمۇ ئورتاق پايدىلانسۇن، مەن خەنزۇچىنى تازا بىلمىدىم.
ۋاقتى: 2014-2-3 21:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەپسۇس. مەن ئالدىنقى قېتىلاردا ئۇدا 3 ئاي ئىشلەتكەن، ئەمدى مىنىڭ نۇمۇرۇمغا بەرمەيدىكەن.
ۋاقتى: 2014-2-4 14:48:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېجىرگەن چاغدىن باشلاپ 30كۈنمۇ ياكى تەبىئى ئاي بويىچە ھىسابلامدۇ ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-4 23:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turpan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 14:48
بېجىرگەن چاغدىن باشلاپ 30كۈنمۇ ياكى تەبىئى ئاي بويىچە ھ ...

بۇنى تەبىي ئاي بۇيىچە ھېسابلايدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-6 14:22:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن پەخەس بولمىساڭلار تېلفۇنۇڭلار قەرىز بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن مەن بىر قېتىم شۇنداق قىلىپ تېلفۇنۇم قەرىز بۇلۇپ قالغان .
ۋاقتى: 2014-2-17 21:38:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىلگىرى شۇ ھەرپنى يوللىغان لىكىن ماڭا سىز بۇ تۈرگە  ماس كەممەيدىكەنسىز دەپ ئۇچۇر چىقۋالاتتى  مىنڭ كارتام 1989 يلىنىڭ كىملىكگە بىجىرگەن كارتا ئىدى .
ئىلگىرشۇنىڭغا ئوخشاش ماس كەممەيدىكەنسىز دەپ ئۇچۇر كەگەن كارتىلارغىمۇ بۇلامۇ يا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-27 23:23 , Processed in 0.175840 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat