- جۇغلانما
- 8439
تىزىملاتقان2013-2-3
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
بۇنى2010- يىلى ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن.
Nijat ئىسىمدىكى تورداشنىڭ مۇھىم ئىنكاسى ياكى يازمىسى ئوخشايدۇ:
مەن ئادەتتە 5~6 خىل فونت قوراللىرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىمەن.
Fontgrapher 4.1 بولسا سكەننىرلىغان سۈرەتنى فونت ئەگرى سىزىقىغا ئايلاندۇرشتا ئارتۇقچىلىقى بار قورال ، فونت ئەگرى سىزىقلرىدىى ئارتۇق نوقتا چىكىتلەرنىمۇ موشۇ قورال بىلەن تازىلىغىلى بولىدۇ.
Font Creator Program 5.0 بولسا سىغىمى كىچىك بولۇپ فونت كودىنى ئالماشتۇرۇش كېسىپ چاپلاش ، سوزۇپ تارتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئەپلىك .(فونت ئوغرىلىرىنىڭ ياخشى قورالى ).
Fontlab 5.0 بولسا ئىقتىدارى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان بولۇپمۇ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى فونتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىقتىدارى خىلى كۈچلۈك. مەسلەن ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قلىلىشنى بەلگۈلەيدىغان جەدۋەل GSUB ، فونت ئىنچىكە چاغدىكى سۈزۈك كۆرستىدىغان قلىشنى قوشۇدىغان Embed Bitmap,Hinting قاتارلىق ئىقتىدارلار مۇشۇ قورالدا. يەنى بۇ قورالدىن پايدىلىنپ True Type Open Type Type1 تۈرىدىكى فونتلارنى شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ.
مېىنىڭچە فونت خېنتلاشنى ئۆگۈنىشكە ئەڭ ياخشى ماتېرىيال Fontlab 5 نىڭ User Manual سىدىكى Hinting قىسمى . توردا PDF ھۆججەتلىرى بار. Hinting قىسمى جەمئىي 100 بەتچە كېلىدۇ.
Asia Font Studio 3.0 بولسا كۆپ ھەجىملىك فونتلار ( خەنزۇچە ، كورېئانچە ، ياپۇنچە ) قاتارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغا ن فونتلارنى ياساش تەھرىلەشتە مۇھىم قورال. (بۇنىڭ بىكارلىق نۇسخىسىنى تاپالماي ،Fontlab Hex Edit قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ مۇشۇ ئۈنۈمگە ئرىشكەن ئىدىم)
يەنە Microsoft Type Tools ۋە softy قاتارلىق كىچىك قوراللار بولۇپ بۇ يانفون فونتى ياساش ، مەلۇم بىر فونتقا Bitmap ئۇچۇرى قېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
HexEdit بولسا مېىنىڭ ئامراق قورالىم ، 99 -يىللىرى فونتنىڭ ئاپتوماتىك ئۇلىنىش شەكىللرىنى قوشقاندا مۇشۇ قورالدىن پايدىلىنپ ئاۋۋال فونتنىڭ تەيبىل لىرىنى پارچىلاپ ، ئاندىن ئۆزەمگە كىرەكلىك يەرلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىۋىلپ ، لازىملىق يەرلەرگە يەنە مۇشۇ قورالدىن پايديلىنىپ قوشقان ، يەنە بىر ياخشى يېرى ..ttc ھۆججەتلرىنى مۇشۇ قورالدىن پايدىلىنپ ئاجرىتىپ ، تەھرىرلەپ بولغاندىن كېين يەنە موشۇ قورالدىن پايدىلىنپ بېرىكتۈرگەن.
بىر ياخشى ئۆلچەملىك فونتنى ياساش ، ياسىغۇچىدىن مۇرەككەپ ماتېماتىكىلق فورمۇلالارنى چوقۇم ئىشلتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. چۈنكى فونتىنىڭ ئەگرى سزىقلىق ئۆلچەملىرىنى شۇ فونت ياساش پروگراممىسىى ، شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ. ياسىغۇچى ، شۇ ياسىماقچى بولغان فونت گەۋدىسى ، ھەرپ بىلەرن ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنش شەكلى ، قاتارلىق ئۆلچەملەرنى پىششىق ئىگەللىسە ، يېتەرلىك ۋاقىت ، ھۆسنىخەت ساۋادى ، گۈزەللىك قارشى بولسىلا سۈپەتلىك فونتتتىن بىر ياساپ چىقىشمۇ ئانچە تەسمۇ ئەمەس.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئۇيغۇرچىدىكى ئەڭ ئىگىز كۆتۈرىلىدىغان ھەرپ باش ڭ، ئەڭ تۆۋىنى ئاخىرقى ې بولۇپ، مانا مۇشۇلار باشقا ھەرپلەر ئۈچۈن ئۆلچەم بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ 2 ھەرپنى ئېكراندا كۆرسەتكەندە، نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئاز بولغاندا، قانچىلىك ئىگىزلىكتىكى نۇقتىلار (Pixels) بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنى نورمال كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟
ناۋادا ئۇيغۇرچە ئۇ 2 ھەرپ كاتەكلەرگە يۇقۇرقىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلسا، 72dpi ئېنىقلىقتىكى ئېكراندا، 13pt تىن كىچىك نومۇردا، ئۇيغۇرچە چاپاق چىقىپ قالىدۇ. ناۋادا 96dpi ئېنىقلىققا تەڭشەلگەن ئېكران بولسا
13*(72/96)=9.75=10pt
تىن كىچىك خەت نومۇرىدا ئۇيغۇرچە خەتلەر چاپاق چىقىپ قالىدۇ. 96dpi ئېنىقلىقتا (بۇ Windows XP نىڭ كۆڭۈلدىكى ئېكران ئېنىقلىقى) ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال چىقىشى ئۈچۈن خەت چوڭلۇقى كامىدا 10pt ۋە ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇشى كېرەك.
12 ppt دا يەنى خەتنىڭ چوڭلۇقى 8ياكى 9 بولغاندا بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. چكىتى نوقتىلارنىڭ كېسشتۈرۈشكە بولىدىغان يەرلىكرىنى كېسشتۈرسەكلا بولىدۇ. خەنزۇچە 繁体字 نىڭ 9 -10 چوڭلۇقتىكىسى ھەل ىلىنغان يەردە ، بىزنىڭ ھەرپلىرىمىز ھىچ گەپ ئەمەس ، Microsoft sans Serif نىڭ كىچىك ھالەتتىكى خنتلانغان شەكىللرىنى كۆرۈپ بېقىڭ شۇنداق چىرايلىق .
تەلەپ بويىچە «ڭې» قوشما ھەرپىنى 9 پڭسىلغا تەڭشەپ باقتىم. ھەر ھالدا قاملاشتى. لېكىن 9 پىكسىلدا فونت ياسىساق يەنى خەتنىڭ چوڭلىقى 7 pt بولغاندا كۆرۈنىدىغان شەكلى ئادەتتە كۆپ ئۇچقاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا خەت چوڭلۇقىنى 11 ppem يەنى 8 پت چوڭلۇقىدىن باشلاپ خنىتلاشنى توغرا تاپتىم . |
|