ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
ياشلىقىڭدا ئۆگەنگىن، گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس. پۇشايماننىڭ قاچىسى، قېرىغاندا تېپىلماس.
كۆرۈش: 774|ئىنكاس: 12

‹‹ق ››نى k دەيمىزمۇ ياكى Qمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹ق ››نى K دەيمىزمۇ ياكى Qمۇ؟

(بۇ يازمامدىكى تەكلىپنى نورمال كونا يېزىق كىرگۈزگىلى بولمايدىغان جايلاردا ئىشلىتىپ كۆنۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن)

خەنزۇتىلى ‹‹قوشتىل››مائارىپىنىڭ  ئومۇملىشىشى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن  ئاپتونوم رايونىمىزغا ھەرساھە ھەر كەسىپ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار (ۋە خەنزۇتىلىنى ئانا تىل قىلغان باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر)كېلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ تۈرتكىسىدە  ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە خەنزۇتىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقە كۈنسايىن كۆپەيدى،بۇ خىل خەنزۇتىلىدىكى ئالاقە كۆپەيگەنسېىرى  خەنزۇتىلى تىلىدىكى يەنە بىر مۇھىم قورال__پىنيىن بىزنىڭ تۇررمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى،بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇرۇن ئىشلەتكەن لاتىن ئۇيغۇرچىسى (ئامېرىكا،ئوكېئانىيە،ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ)نىڭ ئورنىنى پىنيىن ئىگلەشكە باشلىدى،ئەمەلىيەتتە ھەرئىككىلىسى 26 دانە ئىنگلىزچە ھەرپتىن تەركىب تاپقان يېزىق خاتىرىلەش شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئەمما پىنيىندا ئۇيغۇرچە بەزى خەتلەر ئوخشاش ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىنىدىغان بولغاچقا ئىپادىلەنگەن مەنا خاتا بولۇپ قالىدۇ ،مەسىلەن پىنيىندا ataخېتى ‹‹ئەتە››،‹‹ئاتا››دېگەن ئىككى خىل بىربىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىسىم بولۇپ شەكىللىنىدۇ.كۆرگۈچى دىققەت قىلمىسا ئاسانلا خاتالىق سادىر بولىدۇ..

ئاتالمىش ‹‹پىنيىن ئۇيغۇرچىسى››دا بۇنداق خاتالىقلارغا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە مىسالنى سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسەك يېتەرلىك.

1-كېرەم(كەرەم)__قارام___karam

2-ئانا ___ئەنە__ ana......ۋەھاكازالار....

ئەمما لاتىن ئۇيغۇرچىسى خەلقئارا ترانسىسپرېكسىيە تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىزىلغان بولغاچقا ئاسانلىقچە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ ،كۆرۈلگەندىمۇ ناھايىتى ئازكۆرۈلىدىغان بولۇپ ئالدى كەينىدىكى مەنا بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ ،بۇ يېزىق ئىپادىلەش شەكلى پىنيىنغا قارىغاندا كۆپ مۇكەممەل بولۇپ چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ كۆرۈكلۈك رول ئوينىيالايدۇ،مەسىلەن:ئىراقنى پىنيىنچىلاپ يازغاندا irak, erak دەپ يېزىلىدۇ،ئەمما لاتىن ئۇيغۇرچىسىدا ئىنگىلىزچە بىلەن ئوخشاش ھالەتتە Iraqدەپ يېزىلىدۇ.

يەنە خ ھەرپى توغرىسىدا تالاش تارتىشلار بار خەلقئارا ترانسىپرىكسىيىدە Hنىڭ ئوقۇلۇشى x،شۇڭا مېنىڭچە x دەپ يېزىش توغرا ھېسابلىنىدۇ،تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ مۇشۇنچىلىك سۆزلەي،قالغىنىنى رەسىمگە قاراپ سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىۋېلىشىڭلارنى دۆلەتمۇ ،خەلقئارامۇ ئېتراپ قىلمايدىغان ‹‹تىل بۇزغۇر ››___‹‹پىنيىن ئۇيغۇرچىسىنى ۋاقتىدا ››لاتىن ئۇيغۇرچىسىغا ئۆزگەرتىپ يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .(ئەلۋەتتە كونا يېزىق قوللىنىشقا بولسا بۇنى ئىلەتمىسەكمۇ بولىدۇ).

شىنلاڭ مىكروبلوگىدىن:@AbabakriImir
*
ۋاقتى: 2014-1-18 23:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلا ئاللىبۇرۇن ئۆزلىشىپ بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇ چوڭ خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆلچەم دەپ نەدىكى قارىغۇ تىلنى تاڭغىلى بولماس، مىسال دېسەڭلا uly دىمۇ نۇرغۇن سۆزنىڭ كەمتۈكى چىقىدۇ. بىر ئىككى نەقىل ھېچ نەرسىگە دالدا بولالمايدۇ.ئاغزىڭلار قايسىنىڭغا مايىل بولسا شۇنى قوللىنىڭلا. بولمىسا ئۆزۈڭلادا بار نەرسىنىمۇ بۇلغاپ بولىسىلەر. بۇ خىل يۈزلىنىش ئىملا خاتالىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىشى مۇمكىن. لېكىن ئىككىنىلا ئۆگىنىپ قويۇڭلا. تەۋسىيەرىم باشقىلانىڭ گېپىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭلا...
ۋاقتى: 2014-1-18 23:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kerindax يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 23:14
باشقىلا ئاللىبۇرۇن ئۆزلىشىپ بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتىش ...

تازا جايىدا گەپ قىپسىز جۇمۇ
ۋاقتى: 2014-1-18 23:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mardan1993 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 22:49
بۇمۇ بۇلىدىكەن ئەمما مىللىتىمىز ئىچىدە ئۇيغۇر لاتىن ي ...

ئۇرۇنلۇق گەپ. ئەگەشتىم. ھازىر  ئاۋۇ تىڭشۈننىڭ پىنگىۋىنىمۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان بولدى، ئىمكانىيىتىم بولسىلا ئۇ يىزىقنى ئىشلەتمەيسلىككە تىرىشىمەن،
ۋاقتى: 2014-1-19 02:26:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكرىڭىز توغرا مەن قوللايمەن! باشقىلارمۇ ھامان بىر كۈنى سىز دېگەندەك قىلىدۇ.
مەن بىر كۈنى مائارىپ ئىدارىسىدا ئىش بىجىرۋاتاتتىم. بىر خەنزۇ يولداش  يېنىمدىكى بىرەيلەنگە چچ توپتىكى خەتنى ئوقۇتماقچى بولدى. بىراق مىنكاۋخەن مۇئەللىم بۇ يىزىقنى بىلمەيدىكەن. ئۇ مەندىن سوردى. مەن ھېچ تەمتىرىمەي ئوقۇپ بەردىم. خەن يولداش ھەيران قىلىپ بۇ نېمە يېزىق دەپ سوردى. مەن 国际维文دېسەم . ھاڭ تاڭ قالدى. ئۇ ئەسلىدە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئوقۇيالايدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ باقماپتىكەن.
مەن بۇنى ئىنگىلىز يېزىقى ئاساسىدا بەلگىلىگەنلىكىمىزنى دېسەم ئۆزىنىڭ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسى بۇيىچە ئاساسەن توغرا ئوقىدى. ھەم بۇ يېزىقنى باش لېڭشىتىپ تەستىقلىدى.
ۋاقتى: 2014-1-19 12:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mardan1993 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 20:49
بۇمۇ بۇلىدىكەن ئەمما مىللىتىمىز ئىچىدە ئۇيغۇر لاتىن ي ...

ئىنتىل تورىدا مۇشۇنداق قالايمىغان گەپ قىلسا خاتا بۇلۇپ قالدى قېرىندىشىم بۇ قارىشڭىزنى تۈزىتۋىلىڭ دەيدىغانلا يوقمىدۇ؟ سىلەرگە تەۋسىيەم مىسرانىم تورىدا بۇ ھەقتىكى مۇنازىلەر قىزىپ كەتتى. شۇنى ئوبدانراق كۆرۈڭلار ئىنتىلنى جاھالەت باستۇرماي.
ۋاقتى: 2014-1-19 14:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2014-1-19 12:55
ئىنتىل تورىدا مۇشۇنداق قالايمىغان گەپ قىلسا خاتا بۇل ...

چوقۇم بىرىمىزنىڭ توغرا بولىشى شەرتمۇ؟ قاچانغىچە باشقىلارنىڭ خاتالىقى توغرىسىدىلا ئويلىنىپ ئۆزىمىزگە ۋاقىت ئاجىراتمايمىز. يوقىرقى توردىشىمىز ھېچ قاچان خاتا گەپ قىلغىنى يوق. جاھالات باستۇردىغىنى بىز ئەمەس مىسرانىمدىكى ئەخلەت ئىنكاسچىلار...
ۋاقتى: 2014-1-19 15:09:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن مىسرانىمدا ئاز تولا يازغۇچىلارمۇ بار، ئەمما يازغۇچىلارنىڭ بولغىنى ئۈچۈنلا داڭلىق مۇنبەر بولغان ئەمەس، ئەخلەت ئىنكاسچىنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق بولغان، مىسرانىم ھازىر يەنە 30نەپەر باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىپ ئىشقا چۈشۈرگىنىمۇ دەل شۇنداقلىقىدىن بولغان، شۇڭا بۇ يەردە باشقا مۇنبەرنىڭ گىپىنى قىلىشماي ئۆزىمىزنىڭ سەيناسىدىكى تېما ئۈستىدە پىكىرلەشكىنىمىز ياخشىغۇ دەيمەن.
ۋاقتى: 2014-1-19 17:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا مىسرانىمدا ئادەم كۆپ بولغىنى بىلەن سۈپەت تازا ياخشى ئەمەس. ئەمىسە سۈپەت ياخشى ئەمەس ئادەم چىچىلىپ كەتسە پىكىرنى قانداق بىرلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى-خېلى بىلىملىك ئادەملىرىمىزمۇ كىرىدۇ . بۇ يازمىمۇ ئەڭ بۇرۇن مىسرانىمدا ئېلان قىلىنپ ئاندىن بۇ يەردە ئېلان قىلىنغان ئەمەسمۇ؟
مەن بولسا باشقۇرغۇچى ئاتامانلارنىڭمۇ ئۇتتۇرىغا چۈشۈپ ھاماقەتتەك ئۆزىنى ئاقلاۋىرىدىغان ماتىرىيال كۆرمەيدىغان ئەزالارغا ULY نىڭ مۇھىملىقنى بىلدۈرۈپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇنىڭ ئومۇملىشىشدىنمۇ مۇھىم.
ۋاقتى: 2014-1-19 18:20:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قىلپلاشتۇرۇشقا تىگشلىكنى قىلپلاشتۇرش ، تۈزەشكە تىگشلىكنى تۈزەش كىرەك ئەلۋەتتە ،   مەن سىلەرگە مامۇ تىمنى كۆرۈپ بىقشڭلارنى  تەۋەسىيە قىلمەن !!   كۆرۈش ئادىرسى  http://www.nurqut.net/ud/forum.p ... 7%D8%AA%D9%89%D9%86
ۋاقتى: 2014-1-19 22:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىزنىڭ يېزىقىمىز ئەمەس بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئۇيغۇرچە يېزىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا تېخىمۇ توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن بىرلىككە كەلتۈرۈپ تۈزۈلگەن ئۆلچەم.
شەخسەن مەنمۇ دەسلەپتۇ uly نى ئۆگۈنۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قېچىپ يۇقۇرىدىكى بەزى تورداشلاردەك سەۋەپ ئىزدىگەن ۋە كۆرسەتكەن ئىدىم، باشقىلارنىڭ ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈشى ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق uly نىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇپ يېتىپ بىر ھەپتىگە قالمايلا ئۆگۈۋۈۋالغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىشلىتىۋاتىمەن « يېڭى يېزىق شەكلى» دە يېزىشنى تاشلىدىم. بۇ ھەقتە سەيناغا ئىلگىرىمۇ نەچچە تېما يوللانغان بولۇپ تورداشلار uly, لاتىن دەپ ئىزدەپ تەپسىلىي كۆرۈپ باقسا بولۇدۇ.   ئۆ، ئۈ، ئې نى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىرگۈزۈچ تەڭشەشنى ئاۋارىچىلىك كۆرگەنلەر ' بەلگۈنى قوشۇپ يازسىمۇ بولۇدۇ ( مەنمۇ بەزىدە شۇنداق قىلىمەن). مەسىلەن:  Be'dishtiki U'zu'mlerni U'zu'p O'yge Ekirip Qoydum
ۋاقتى: 2014-1-20 12:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئۇيغۇركونا يىزىقىنى ULY غا ULY نى ئۇيغۇر كونا يىزىقىغا ئالماشتۇرىدىغان ياخشىراق دىتال ياكى تور بىكەت بولسا تەپسىلي ئىشلىتىش ئۇسۇللېرى بىلەن ئۆگىتىپ قويغان بولساڭلار، مەن ئۇيغۇرئىكىستە ئۇيغۇرئىدىتنى ئىشلەتتىم ئەمما بىر قىسىم مەسلىلەر بار، ئۇندىن باشقا بۇ http://lab.uyghurdev.net/CodeConverter/Default.aspx تور بىكەتتىن پايدىلانسىمۇ بىر قىسىم مەسلىلەر بار ئىكەن. يەنە بىر نەچچە دىتالمۇ نۇرمال ئىشلىمدى.
ۋاقتى: 2014-1-20 13:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 12:54
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئۇيغۇركونا يىزىقىنى ULY  ...

ئۇچراتقىنىمنىڭ نوچىسى ئۇيغۇرئېدىت (uyghuredit) نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2015-4-28 01:22 , Processed in 0.703771 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش