ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 594|ئىنكاس: 1

پىدىگەن تېز يوللىغۇچنى چۈشۈرۈۋېلىڭ (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MSM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 20:21  

  ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۈگۈن سىلەرگە يېقىندا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان پىدىگەن تېز يوللىغۇچنى ئېلىپ كەلدىم.
   ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولۇپ يوللايمەن دەپ يۈرگىلى بىر ئايدەك ۋاقىت بوپتۇ. مۇشۇ جەرياندا ھېس قىلىشىمچە بۇ دېتالنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى ئۈچ قېتىم، يانفون نۇسخىسىمۇ ئۈچ قېتىم يېڭىلاندى. بولۇپمۇ كومپيۇتېر نۇسخىسى سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا تولا يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن، ھازىرقى يانفون ئەپلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. يانفون نۇسخىسىنىڭ تىلى يەنىلا خەنزۇچە، ئەمدى نېمىشقا ئۇنىمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىدىڭ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.
  بىرىنچىدىن ئەپ تەرجىمە قىلىشتىمۇ ئازراق ھۈنەر كېتىدۇ. يەنى بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئەپ تەرجىمە قىلغاندا پەقەت values نىڭ ئاستىدىكى خەنزۇچە تىل ھۆججىتىنىلا تەرجىمە قىلىپ، تەرجىمە قىلىنىپ بولغان تىل ھۆججىتىنى res نىڭ ئاستىغا values-ug دەپ قىسقۇچ قۇرۇپ كۆچۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. ئۇنداق قىلمىسىڭىز يانفون تىلىنى خەنزۇچىغا ئالماشتۇرسا ئاندىن سىز تەرجىمە قىلغان ئەپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ. يەنە قانداق ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئىمزا قويۇپ بولاقلايمىز قانداقلىرىنى ئىمزا قويماي بولاقلايمىز دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئېنىق بىلمىگەچكە «قۇشقاچنى قاسساپ سويسۇن»   دەپ يانفون نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرمىدىم.
  ئىككىنچىدىن قىلىپ باقاي دەپ سۆزلۈك ھۆججىتىنى ئاچسام 800 قۇردىن كۆپرەككەن. مەندەك ئانچە – مۇنچە ئۇششاق ئەپلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئادەمگە سەل ئېغىر كېلىدىكەن. شۇڭا ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.   ھازىر ئەپ تەرجىمە قىلىدىغان گۇرۇپپىلار بولغاندىكىن بىرەر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويسا بولاتتى. ئالىپ تورىدا بىر قېرىندىشىمىز كونا نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپتىكەن، يېڭىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىنكاس يازسام جاۋاب قايتۇرمىدى. شۇڭا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
  قىستۇرما: مەيلى كومپيۇتېر دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ ياكى يانفون ئەپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇڭ باشقا تىللارنى بىلسىڭىز شۇ خىلدىكى تىل ھۆججىتى بولسا شۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىڭ، دېمەكچى پەقەت خەنزۇچە تىل ھۆججىتىگىلا ئېسىلىۋالماڭ. بۇلارمۇ بەزى دېتاللارنى خەنزۇچىلاشتۇرغاندا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىش ياكى قىزىقارلىق قىلىش ئۈچۈن بەزى بىز بىر ئوقۇپلا چۈشىنەلمەيدىغان گەپلەرنى ئىشلىتىدىكەن. بۇنداق سۆز – جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا سۆزمۇ – سۆز تەرجىمە قىلساق ياخشى چىقمايدىكەن. يەنە بەزى سۆزلەرنىڭ شۇ جايدىكى مەنىسىنى بىز خاتا تەرجىمە قىلغان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا خەنزۇچىدىن باشقا تىلنى بىلسىڭىز ۋە شۇ خىل تىل ھۆججىتى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىڭ. شۇنداق قىلغاندا سۆزمۇ – سۆز تەرجىمە قىلىش ۋە تەرجىمە چۈشىنىشلىك بولماسلىقتەك ئىشلاردىن ساقلىنىشقا پايدىسى بار. بۇ مېنىڭ دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى كىچىككىنە تەجرىبەم خالاس.
  دېتال ئىسمى: پىدىگەن تېز يوللىغۇچ كومپيۇتېر ۋە يانفون نۇسخىسى(ئاندرويىد)
  چۈشەندۈرۈش: بەزى ۋاقىتلاردا يانفوندىن كومپيۇتېرغا ياكى كومپيۇتېردىن يانفونغا ھۆججەت يوللايدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇلاش سىمى بولسىغۇ ياخشى، ناۋادا بولماي قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ سىمسىز ئۇلاشقا مۇھتاج بولىمىز. ھازىر بىلىشىمچە ئىككى خىل ئۇسۇلدا بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىرى كۆك چىش ئارقىلىق، يەنى يانفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ كۆك چىش ئىقتىدارى بولىشى كېرەك. يەنە بىرى سىمسىز تور ئارقىلىق، بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا يانفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ سىمسىز تور ئىقتىدارى بولىشى كېرەك. ھازىرچە بىلىدىغىنىم مۇشۇ ئىككى خىل ئۇسۇلكەن، باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەنە باشقا ئۇسۇللىرى بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ. تېمامنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلاش بولغاچقا كۆك چىش ئارقىلىق ئۇلاش توغرىسىدا توختالمايمەن ھەم بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ئىنكاسلارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەگەر بىلمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ياكى ئايرىم خەت يېزىڭ. سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلاشقا كەلسەك ھازىرقى ئەقلىي يانفون ۋە خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ئىقتىدار بار، ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرغا بۇ ئىقتىدارنى سەپلەش ئۈچۈن سىمسىز تور قۇبۇللاش ۋە تارقىتىش ئۈسكىنىسىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا بولدى. بەيدۇ بىلەن 360 نىڭ بەسلىشىپ بازارغا سالغان بۇ ئۈسكىنىسى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ خېلى كۆپ بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بار. ئەمدى سىمسىز تور ئىقتىدارى ھازىرلانغاندىن كېيىن بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر ۋە يانفوننى سىمسىز ئۇلاپ ئىشلىتەلەيسىز.
  تىلى: كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە يانفون نۇسخىسىنىڭ خەنزۇچە
  (كومپيۇتېر نۇسخىسىدا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن، ئاۋۋال بۇ خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا قاچىلىسىڭىز  دېتالدىكى خەتلەر چىرايلىق كۆرۈنىدۇ)
  نەشرى: كومپيۇتېرنىڭ0.9.49.272(دېتالدا مۇشۇنداق چىقىدىكەن)، يانفوننىڭ 2.5.0
  ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ تورىدا win7 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەپتۇ، بەزى تورلاردا win xp/win 2003/win vista/win 7/win 8 دەپتۇ، مېنىڭ سىنىغىنىم win7.
  يانفوننىڭ: ئىگە تەرەپ تورىدا يانفوندا 2.2 دىن يۇقىرى دەپتۇ، مېنىڭ سىنىغىنىم 2.3.5 نەشرىدىكى يانفون.
  ھالىتى: (كومپيۇتېرنىڭ) مېنىڭ سىنىغىنىم 64 بىت، 32 بىتتا سىناپ باقمىدىم.
  ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزىنى بىللە يوللىدىم:
  دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ AnyShare-茄子快传.apk دېگەن ئەپنى يانفونغا قاچىلايسىز. پىدىگەن تېز يوللىغۇچ دېگەن پىرىسلانغان ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىش دېتاللىرىدا ئاچىسىز ياكى پىرىستىن يېشىۋالسىڭىزمۇ مەيلى. ئېچىپ ئىچىدىكى SHAREit.exe دېگەن ھۆججەتنى ئاچىسىز. يانفوندا ھەم قاچىلانغان ئەپنى ئاچىسىز. دىققەت: يانفون ھەم كومپيۇتېر چوقۇم بىر دائىرىلىك تورغا ئۇلانغان بۇلىشى كېرەك. يەنى كومپيۇتېر ئۇلانغان تور بىلەن يانفون ئۇلانغان تور ئوخشاش بىر تور بۇلىشى كېرەك. ئادەتتە سىمسىز تور ئىشلەتسىڭىز يانفون بىلەن كومپيۇتېرنى ئوخشاش تورغا ئۇلاڭ، سىملىق تور بولسا كومپيۇتېردا تارقىتىپ يانفوندا كومپيۇتېردىن تارقاتقان تورغا ئۇلاڭ. بولمىسا ئاچقاندا ئىنگلىزچە ئەسكەرتىش چىقىدۇ، بەزىدە ئوخشاش بولسىمۇ چىقىۋالىدىكەن بۇ ئەسكەرتىش. چىققان ئەسكەرتىشنى تاقىۋېتىپ خاتىرجەم ئىشلىتىڭ.  دېتال ۋە ئەپنى ئاچسىڭىز تۆۋەندىكىدەك رەسىملەر كۆرۈنىدۇ


  ئەمدى يانفون بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلايمىز. يانفوندا ئاۋۇ 2- رەسىمدە مەن قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويغان ئۈستىدە 1 رەقىمى بار «كومپيۇتېرغا ئۇلاش»(连接电脑) دېگەننى باسىمىز ياكى 2 رەقىمى بار تىزىملىكنى باسىمىز. باسساق مۇنداق رەسىم چىقىدۇ.

  تىزىملىكتىن ئوخشاشلا «كومپيۇتېرغا ئۇلاش»(连接电脑) دېگەننى باسىمىز. تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىپ يېقىن ئەتراپتىكى كومپيۇتېرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.

ئاۋۇ تېپىلغان كومپيۇتېر يانفون بىلەن بىر تورغا ئۇلانغان يېقىن ئەتراپتىكى كومپيۇتېر.

  تېپىلغان كومپيۇتېرنى باسسىڭىز كومپيۇتېردا ئاچقان دېتالغا تۆۋەندىكىدەك ئۈسكۈنە ئۇلىنىشىنى تەستىقلاش ئۇچۇرى كېلىدۇ. توغرا بەلگىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرۈڭ.

  تەستىقلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرغا ئۇلانغان ئۈسكۈنە كۆرۈنىدۇ. ئاۋۇ «يوللايمەن» (我要发送) دېگەننى بېسىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى يوللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ دېتالنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويسىڭىزلا بولدى.(مەزكۇر دېتالدىكى بەزى رەسىملەر دېتالنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭدۈرۋېتىلگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم. ئەيىبكە بۇيرىماڭلار)

  كومپيۇتېردىن يانفونغا يوللاۋاتقاندا كومپيۇتېر ۋە يانفوندا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ. يوللانغان ھۆججەتلەر ئەپنى يانفون ياكى SD كارتىغا قاچىلىغان مۇندەرىجىدىكى qiezi دېگەن قىسقۇچ ئىچىگە تۈرى بويىچە  ساقلىنىدۇ.


  يانفوندىن كومپيۇتېرغا يوللىماقچى بولسىڭىز بايىقى كومپيۇتېردىن قۇبۇل قىلغان ئېكراندا تۇرۇپ ئاستىدىكى «يوللايمەن» (我要发送) دېگەننى بېسىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى تاللاپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.

   يانفوندىن يوللاۋاتقاندا يانفون ۋە كومپيۇتېردا تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ.


  يوللاش ئاخىرلاشقاندا دېتالنىڭ ئاستىدىكى «قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەرنى كۆر» دېگەننى باسسىڭىز  تۆۋەندىكىدەك رەسىم چىقىدۇ. ھۆججەت تۈرى بويىچە ساقلىنىدۇ.

  مانا بۇ يانفوندىن كومپيۇتېرغا يوللىغان «كۈي» قىسقۇچى ئىچىدىكى ئىككى ھۆججەت.

  ئاۋۇ ئاستىدىكى «ھەممىنى تازىلا» دېگەننى بېسىپ يوللىغان ياكى قوبۇل قىلغان خاتىرىلەرنى تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەسلى ھۆججەتلەر ساقلىنىپ قالىدۇ.

  دېتالنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «تەڭشەك»نى باسسىڭىز بىر قىسىم تەڭشەكلەر چىقىدۇ. خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.


  دېتالنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى چېكىنىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز دېتال ئەڭ كىچىك ھالەتكە كېلىپ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىغا چۈشۈۋالىدۇ. ئۈستىگە ئاپىرىپ چاشقىنەك(مائوس) نىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز  تىزىملىك چىقىدۇ.

  «ئاساسىي يۈزىنى ئاچ» نى باسسىڭىز دېتال ئاساسىي يۈزى ئېچىلىدۇ، «تەڭشەك» نى باسسىڭىز بايىقى تەڭشەك ئېچىلىدۇ، «ياردەم» نى باسسىڭىز دېتال بىلەن بىللە تەمىنلەنگەن خەنزۇچە دېتالنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە باشقا ئۇچۇرلار بار بىر تور بەت ئېچىلىدۇ، «پىكىر» نى باسسىڭىز تەكلىپ- پىكىر يوللاش رامكىسى ئېچىلىدۇ. پىكىر يوللاش رامكىسى ئۇيغۇرچىكەن دەپ ئۇيغۇرچە پىكىر يېزىپ يۈرمەڭلار جۇمۇ.   «چېكىنىش» نى باسسىڭىز چېكىنىدۇ.

  بۇ دېتالنىڭ يانفون نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارى كۆپكەن. ھەممىنى بىر – بىرلەپ چۈشەندۈرمىدىم. قالغىنىنى ئۆزۈڭلار سىناپ باقارسىلەر.

  ئاۋۇ رەسىمدە رامكىغا ئېلىپ قويغان بىردىن تۆتكىچە رەقەملەر يېزىلغان جاينى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار چىقىدۇ.
  بىرىنچى رەقەمنى باسسىڭىز «سىمسىز ھەمبەھرە» (无线共享) سىمسىز ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى بار كۆرۈنمە يۈز ئېچىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇشۇ ئەپ قاچىلانغان يانفونلارغا ھۆججەت ھەمبەھرىلىگىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچى رەقەمنى «ئەخلەت تازىلاش» (垃圾清理) باسسىڭىز يانفون ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ئىقتىدارى بار كۆرۈنمە يۈز ئېچىلىدۇ. بۇ ئىقتىدارى 360 ۋە تىڭشۈننىڭ يانفون ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ئەپلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا ئوخشايدۇ.

  ئۈچىنچى رەقەمنى باسسىڭىز «تەڭشەك» (设置) ئەپ تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزى ئېچىلىدۇ. خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  تۆتىنچى رەقەمنى باسسىڭىز «ھەققىدە» (关于) ئەپنىڭ ئۇچۇرلىرى كۆرۈنىدۇ.

  يەنە باشقا ئىقتىدارلىرىنى دېمەپتىمەن. بايىقى يانفوندىن كومپيۇتېرغا ھۆججەت يوللاش كۆرۈنمە يۈزىدە ئاستىغا قارىسىڭىز بەزى قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى بار. مەسىلەن يانفوندا كومپيۇتېرنى باشقۇرۇش، يانفوندا كومپيۇتېرنى زىيارەت قىلىش ۋە كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى يانفونغا ساقلىۋېلىش، يانفوندىكى رەسىملەرنى كومپيۇتېردا چوڭ ئېكران قىلىپ كۆرسىتىش دېگەندەك. ئەسكەرتىش: بۇ ئىقتىدارلار  دېتالنىڭ كومپيۇتېر  نۇسخىسىنىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇچە نەشرىدە نورمال ئىدى. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بەزىدە ئىشلەپ بەزىدە ئىشلىمىدى، لېكىن ئۆز – ئارا ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارى نورمال.

  بىرىنچى رەقەمنى باسسىڭىز  «كومپيۇتېرنى كۆرۈش» (浏览电脑) يانفوندا كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى ۋە يانفونغا ساقلىۋالغىلى بولىدۇ.


  ئىككىنچى رەقەمنى باسسىڭىز كومپيۇتېرنى يانفوندا باشقۇرالايسىز. يەنى يانفونىڭىز سىمسىز چاشقىنەك (مائوس) ئورنىدا ئىشلەيدۇ دېگەن گەپ.

  ئۈچىنچى رەقەمنى باسسىڭىز يانفونىڭىزدىكى رەسىملەرنى كومپيۇتېردا تولۇق ئېكران ھالەتتە كۆرەلەيسىز ۋە كومپيۇتېرغا ساقلىۋالالايسىز.




  قوشۇمچە: ئاۋۇ رەسىملەرنىڭ كومپيۇتېردا كۆرۈنگىنى ئەسلى رەڭگى، ماۋۇ يانفوندا رەسىم تۇتقاندا يانفونۇم كونىراق ھەم سېستىما نەشرى تۆۋەن بولغاچقىمىكىن ۋە ياكى ئەپ سەۋەبىدىنمىكىن تۇتۇلغان رەسىملەرنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئەيىبكە بۇيرىماڭلار.
  سىغىمى: كومپيۇتېرنىڭ 3.14 مىگابايت، يانفوننىڭ 3.82 مىگابايت
  قوشۇمچە: دېتالنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇردىڭىز، ئاشۇ دېتالنى يوللاپ بەرسىڭىز دېگەندەك سوئاللارنى سورىمىساڭلار. ھازىر كومپيۇتېر بىلىملىرى ۋە دەرسلىكلىرىگە ئائىت  ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە كىرسىڭىز دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە يانفون ئەپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدىكى دەرسلىك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئاسانلا تاپالايسىز. ئازراق ئىزدىنىش روھى بولسۇن. ئەگەر مۇشۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرماقچى ياكى ھەمكارلاشماقچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە خالايمەن ھەم ياردەم بەرگۈدەك ئىشلار بولسا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بىرىمەن. ئالاقە ئۇسۇلى : يەلتاپان نومۇرۇم: 11660
  چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://yunpan.cn/Qzdg4LLj24kgh
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتالنىڭ يانفون نۇسخىسى (ھازىر پەقەت ئاندرويىد نۇسخىسىلا باركەن) يانفوندا، كومپيۇتېر نۇسخىسى كومپيۇتېردا ئىشلەيدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 22:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېر نۇسخىسىدىن تۇتۇلغان رەسىم كونا نەشرىدىكى دېتال ئىدى. يېڭىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئاتالغۇلارنى قىسقا، چۈشىنىشلىك قىلىپ قويغان. يوللانغىنى يېڭىسى شۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-28 10:02 , Processed in 0.162195 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat