ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1048|ئىنكاس: 4

كوكا كولا ( گازلىق ئىچىملىك) ھەققىدىكى كونا يېڭى پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كوكا كولا ھەققىدىكى كونا يېڭى پاراڭلار
nusrat

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تۆنۈگۈن فىرانسىيىلىك مۇخبىر ئولىۋىيانىڭ كوكا كولا توغۇرلۇق ئىشلىگەن بىر ھۈججەتلىك فىلىمىنى كۆرۈپ چىقتىم ۋە ئازراق بىر نەرسە يېزىشنى خالاپ قالدىم. بۇ تېمامنىڭ كوكا كولا ئىچسەم بولارمۇ بولماسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالغان قېرىنداشلارغا ئاز-تولا ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
       ئولىۋىيا بىر ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىستىمال قىلىۋاتقان كوكا كولانىڭ تەركىبلىرىنى بىلىش ھوقۇقۇم بار دىگەن نۇقتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ فىلىمنى ئىشلەپتۇ ۋە كوكا كولانىڭ تەركىبىنى بىلىش مەقسىتىدە نيۇ-يورك، ئاتلانتا ،يېڭى جېرسى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنى زىيارەت قىلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا 1979-يىلى تۇنجى بولۇپ كوكا كولانىڭ رېتسىپى يېزىلغان قەغەزنى قولغا چۈشۈرگەن مۇخبىر،دوختۇرلار،تەتقىقاتچىلار،كوكا كولا شىركىتىدىن قوغلانغان ئىشچىلار،كوكا كولانى بايقۇت قىلىپ نامايىش قىلغۇچىلار، كوكا كولا زاۋۇتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان يەرلىكلەر ...بار ئىكەن .
     بۇ تېمامنى مۇخبىر شارل سولتېر (Charl salter)  قولغا چۈشۈرگەن رېتسىپ بىلەن باشلىدىم.
     باشلاشتىن ئاۋال كوكا كولانىڭ كىلىش تارىخىنى قىسقا  بىر تەكرارلىسام : دورىگەر جون سىتىس پېمبېرتون 1886-يىلى فىرانسىيىنىڭ ئەينى يىللىرى ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان بىر خىل كوكايىن ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل ھارىقىدىن ئىلھام ئېلىپ كوكا كولانى تەڭشەپ چىققان .
     ھازىر ئاتلانتانىڭ چەترەك يېرىدە  تۇرىۋاتقان مۇخبىر  شارل سولتېر ئەپەندىم ئەينى چاغدا قولغا چۈشۈرگەن رېتسىپنى ئېلان قىلغىنىم بىر پارتلاتقۇچ خەۋەر بولىدۇ دەپ قارىغان بىراق بەختكە قارشى كوكا كولا شىركىتى ئۇ كىشى ئېلان قىلغان رېتسىپنى  تەستىقلىغان بىرەر ئىپادە بىلدۈرمىگەن. كوكا كولا شىركىتى  كوكا كولانىڭ رېتسىپىنى ھېچ قاچان ئېلان قىلماي ھازىرغىچە مەخپى تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز ئەلۋەتتە.  شارل سولتېر ئەپەندى ئەينى چاغدا قولغا چۈشۈرگەن كوكا كولادا تۆۋەندىكى ئېلمېنتلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى :
1. ئىسپىرت
2. دارچىن
3. ماندارىن
4. جۇزبۇۋا،
5. ئاشكۆكى
6. لېمون
7. لېمون كىسلاتاسى
8. كافېئىن
9. كولا يوپۇرمىقى .
     يۇقىرىقى رېتسىپ راست بولسا ئەينى چاغدا ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىراق دەلىللەنمىگەن ئېلمىنتلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ھارام يەنى ئىسپىرت ۋە كولا يوپۇرمىقى . ئىسپىرتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. كوكا يوپۇرمىقى توغۇرلۇق ئازراق توختالسام :
      
      كوكا يوپۇرمىقى كوكا ئائىلىسىنىڭ كوكا تۈرىگە تەۋە ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى. كوكا يوپۇرمىقى كوكايىننىڭ خام ماتىرىيالى. كوكايىن بىرخىل ئۆتكۈر زەھەر بولۇپ داۋالاش ساھەسىدە ئاز مىقداردا ناركوزغا ئىشلىتىلىدۇ. بىر كىلوگرام كوكا يوپۇرمىقى جەۋھىرىدىن 90 گىرام كوكايىن ئايرىغىلى بولىدۇ.  كوكايىن ئاسان ھاياجانلاندۇرىدۇ ۋە  ئاسان خۇمار قىلىدۇ. كوكايىننى داۋاملىق ئىستىمال قىلغان ئادەم ئورۇقلايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ. ئۇيقۇسىزلىنىش،قۇسۇش،خيالى تۇيغۇ پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلە ر كۆرىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالىدۇ ۋە  نەپەسلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ ،مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ئېغىر پارالەچلىنىپ ئۆلىدۇ. .  كوكا يوپۇرمىقىنى چاينىغاندىمۇ ياكى چاي دەملەپ ئىچكەندىمۇ  ئادەمنى  روھلاندۇرۇپ،ھارغىنلىق ۋە ئازابنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇلدۇرىدۇ، مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىنى ۋاقىتلىق  پالەچلەندۈرىدۇ ۋە خۇمار قىلىدۇ .  
      ئامرىكىدا پەقەت ئىككىلا ساھەنىڭ كوكا يوپۇرمىقى ئىمپورت قىلىش ھوقۇقى باركەن: بىرسى دورىگەرلىك ساھەسى ،ئىككىنچىسى بولسا  كوكا كولا شىركىتى. مۇخبىر ئولىۋىيا سىتېپان stepan دىگەن بىر شىركەتنى زىيارەت قىلماقچى بولدى بىراق ئىجازەت ئالالمىدى. ستېپان شىركىتى  كوكا كولا شىركىتىگە كولا يوپۇرمىقى جەۋھىرى ئايرىپ بىرىدىكەن ۋە بۇ جەۋھەر كوكا كولا شىركىتىگە توشۇلىدىكەن .  
     2007-يىلى ئىيۇلدا فىرانسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇزلۇق ئەل-كانز تور ژۇرنىلىدا كوكا كولادا ئىسپىرت بارلىقى توغۇرلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بىراق ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كوكا كولا پارىژ چوڭ مەسجىدنىڭ ھالال ئىسپاتىنى تورغا يوللىغان .
       كوكا كولا شىركىتى ھېچقاچان كوكا كولادا ئىسپىرت ۋە كوكا يوپۇرمىقى جەۋھىرى بار دەپ ئېتىراپ قىلمىدى شۇڭا ئىسپىرت ۋە كوكا يوپۇرمىقى دىگەن  بۇ ئىككى ئېلمىنت كوكا كولا تەركىبىدە بارمۇ_يوق ؟ دىگەن سوئال شۈبھە قاتارىدا تۇرۇپ تۇرسۇن، تېمامنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىككىنچى بۆلىكىدە كوكا كولا  قۇتىسىغا ئوچۇقچە يېزىلغان  ئۈچ چوڭ  ئېلمىنتنى ئايرىم –ئايرىم تونۇشتۇرماقچىمەن.
      
         كوكا كولا قۇتىسىغا قارىساق  شېكەر،رەڭلىگۈچى ماددا كارامەل يەنى شېكەر قىيامى، لېمون،لېمون كىسلاتاسى ،كافېئىن ،سۇ قاتارلىقلارنى كۆرىمىز.
     1 . شىكەر :  ھەر 33سانتىلىتىر ( يەنى بىر قەلەي قۇتا ئچىملىك . 330مىللىلىتىر ) گازلىق ئىچىملىكتە 39گىرام شېكەر يەنى ئون قوشۇق شېكەر بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك شېكەر نورمىسى  40 گىرام بولىدۇ. بۇ 40 گىرام شېكەر بىر كۈنلۈك ئومۇمى شېكەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر ئىچىملىك بىلەنلا بۇ نورمىنى توشقۇىۋالساق  مىۋە-چېۋە،كۆكتات،نان،پىچىنە،خېمىر،گۈرۈچ ھاكازالاردىن قوبۇل قىلغان شېكەر ۋە كىراخمالدىن پارچىلانغان شېكەر قاتارلىقلار بەدەندە كۈنسېرى ياغ شەكلىدە يىغىلىپ سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شېكەر ئېشىپ كەتكەندە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،چاچ چۈشۈش،چىش چىرىش،كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر پەيدا بولىدۇ  بىراق ئەڭ قورقۇنۇچلىقى شېكەر غىدىقلايدىغان نېرۋا رايونى دەل نىكوتىن، كوكايىن، پېتامىن، خىروئىن، مورفىن قاتارلىق زەھەرلەر غىدىقلايدىغان رايوننىڭ ئۆزى شۇ . شېكەرنى ھەددىدىن زىيادە قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان خۇمار بولۇش جەريانى زەھەرلەرنىڭكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش . يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان زەھەرلەرنى ۋە شېكەرنى ئىستىمال قىلغانسېرى ئۇلارغا بولغان تايىنىۋېلىش بارغانچە ئېشىپ بارىدۇ كىيىنكى ھەر قېتىمدا ئالدىنقى قېتمقىغا  ئوخشاش تەسىرنى،ھاياجانلىنىشنى،خۇشاللىقنى  پەيدا قىلىش ئۈچۈن( ئەمەلىيەتتە دوپامىننى قوزغاش ئۈچۈن  )كىرەك بولىدىغان زەھەر ۋە شېكەرنىڭ  مىقدارى بارغانچە ئاشىدۇ.  نېرۋا سېستىمىمىزدىكى نېرىپ ئۇچلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان، نېرۋا دولقۇنلىرىنى تارقىتىش ۋەزىپىسنى ئۆتەيدىغان خىمىيىلىك ماددىدىن(neurotransmitter ) ئاساسلىقى ئۈچى بولۇپ ئۇلار: دوپامىن(dopamine) ماتور ، نورادىرېنالىن(noradrénaline) تېزلەتكۈچ ،سېروتونىن(sérotonine) تورمۇز . خۇمار بولغۇچىلار دوپامىننى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق زەھەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ بەرگەندە ئاندىن بەدەندە پەيدا بولغان بىئارامچىلىقلاردىن قۇتۇلغاندەك ھېسياتقا كىلىدۇ چۈنكى چۈشكۈنلىشىش، بىئاراملىق ھېس قىلىش ،ھاياتتىن بىزار بولۇشلارنىڭ ھەممىسى دوپامىننىڭ كەمچىللىكىدىن بولىدىغان يامان تەسرلەردۇر. شېكەرگە خۇمار بولۇش بىلەن زھەرگە خۇمار بولۇشنىڭ پىرىنسىپىدا ھېچقانداق پەرق يوق  پەقەت ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان فىزىئولوگىيىلىك راھەتسىزلىكلەردە ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ.
       شېكەرگە خۇمار بولغانلاردا،  ھەتتا سەككىز ياشلىق  كىچىك بالىلاردا قېرىلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىشكە باشلايدۇ.  كوكا كولا ئىچىپ كۆنگەن بالىلارنىڭ ئىككىنچى تىپلىق دىئابىتقا گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولىدۇ چۈنكى ئىككىنىچى تىپلىق دىئابىت شېكەرنىڭ ئېىشپ كىتىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تەتقىقاتلاردا دىيىلىشىچە  بىر ئادەم كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەككەندە يىگىرمە يىللىق ئۆمرى قىسقىرايدۇ .كۈندە ئىككى قۇتا كولا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئوخشاش ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ  ياكى يۈرەك تىقىلمىسى،سىمىزلىك،دىۋەڭلىك،راك قاتارلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن . ئەگەر كوكا كولا ئىچىپ بولۇپ ھەرىكەت قىلسام شېكەر پارچىلانمامدۇ دەپ سورىسىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن : بىر قۇتا كوكا كولانىڭ كالورىيىسى 155 كىلو كالورىيە 649 كىلوجول ،ئۇنى پارچىلاش ئۈچۈن توختىماي بىر سائەت يۈگىرىشىڭىز كىرەك ئەگەر كۆزىڭىز يەتمىسە ياكى شارائىتىڭىز بولمىسا ئەڭ ياخشىسى كوكا كولا ۋە شۇنىڭدەك گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى توختۇتۇڭ .شېكەرسىز كوكا كولا ئىچسەم بولدىغۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن بىراق چاتاق يېرى كوكا كولا شىركىتى ئۇنىڭمۇ رېتسىپىنى ئاشكارىلىمىدى شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدە ۋە مېتابولىزىم پائالىيىتىدە  قانداق ئەكىس  تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغاننى ھەتتا دۇنيادىكى داڭلىق دوكتورلارمۇ بىلمەيدىكەن. خۇلاسە:  ئەڭ ياخشىسى شېكەرسىز كولاغىمۇ  تەۋەككۇل قىلمىغان تۈزۈك.
  
      دىنىمىزدا ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار دىگەن،  يەنى كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشى يامان كۆرۈلگەن. گازلىق ئىچىملىكتىكى مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن شېكەر سەۋەبىدىنلا كىلىپ چىقىدىغان ئېغىر كىسەللىكلەر تۆتتىن ئاشىدىكەن ،مۇشۇنىڭ ئۆزىلا  كوكا كولا قاتارلىق گازلىق ئىچىملىكەرنى بايقۇت قىلىشىمىزغا يىتىدۇ دەپ قارىدىم.  
  
   2. رەڭلىگۈچى كارامەل : شېكەر قىيامى ، بەلگىسىE150D . ئەمەلىيەتتە تەبىئى بولغان  رەڭلىگۈچى كارامەل مەۋجۇد بىراق كوكا كولا شىركىتى خمىيىلىك بىرىكتۈرۈلگەن رەڭلىگۈچى ئىشلىتىدۇ.  كارامەل ياساش ئۈچۈن كىسلاتا ،ئامنىياك،شېكەر قاتارلىقلار  يۇقىرى بېسىمدا ئارىلاشتۇرىلىدۇ، بۇ جەرياندا مولىكۇلا بەلگىسى 4MI بولغان بىر زەھەرلىك ماددا شەكىللىنىدىغان بولۇپ ،بەش يىل بۇرۇن بۇ ماددىنىڭ ھايۋانلاردا ئاق قان راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى ئىسپاتلانغان .
        كوكا كولا شىركىتىدىن ھەيدەلگەن بىر ئىشچىنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئىشلىگەن زاۋۇتقا شېكەر قىيامى باشقا جايدىن توشۇپ ئەكىلىنىدىكەن ئۇلار بولسا پەقەت ئۇنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قۇتىغا قاچىلاش ھالقىسىغا مەسئۇلكەن . ھەيران قېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى توشۇپ كىلىنگەن شىكەر قىياملىرىنىڭ ساندۇقىدا  خەتەرلىك دەپ ئەسكەرتمە باركەن . بىر قېتىم بۇ ئىشچى بىر يېنى ئېچىلىپ قالغان شېكەر قىيامىنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ كىتىپ يەرنى ئۆڭدۈرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
  3 .سۇ : كوكا كولا شىركىتىنىڭ قانچە زاۋۇتى بارلىقى ئېنىقسىز . مېكسىكىنىڭ سان كىرىستوبال رايونىدىكى زاۋۇتتا بىر لېتىر كوكا كولا ئىشلەش ئۈچۈن ئۈچ لېتىر سۇ كىتىدىكەن . بۇ زاۋۇتتا كۈندە 750000لېتىر سۇ ئىشلىتىلىدىكەن،نورمالدا  بۇ سۇ بىلەن يېقىن رايوندىكى 10000 ئاھالىنى  تەمىنلىگىلى بولىدىكەن بىراق ئېچىنىشلىق يېرى بۇ رايوندىكى كىشىلەر سۇ قىيىنچىلىقى تارتىپ ھەتتا يامغۇر سۈيىنى ئىچىدىغان بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. كوكا كولا شىركىتىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلسىمۇ كارى بولمىغان. ئاللاھ تەئالا بىزگە : ''يەڭلار ئىچىڭلار ئىسراپ قىلماڭلار'' دەيدۇ. ئىككى لېتىر سۇ بىر كىشىنىڭ كۈنلۈك سۇ مىقدارى .مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ھەدىستە بىر كىشىنىڭ ئىككى لېتىر سۇ بىلەن يۇيىنىشى مۇۋاپىق دەپ كۆرسەتمە بەرگەنىكەن. شەخسەن  مەن بىر لېتىر كوكا كولا ئۈچۈن ئۈچ لىتىر سۇ ئىسراپ قىلغانلىق ھەم ئەتراپتىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى قىيىنچىلىقتا قويۇپ كۆزىنى يۇمىۋالغانلىق ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بوپتۇ دەپ غەزەپلەندىم .
      
        ئولىۋىيا كوكا كولانىڭ رېتسىپىنى بىلىدىغان بىر دىنبىر كىشى - كوكا كولانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېنت ئەپەندى (muhtar kent) بىلەن كۆرىشىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىپ مەغلۇپ بولدى . كىيىن كوكا كولانىڭ ئىككى پېيىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق كوكا كولانىڭ  پايچېكلارلا قاتنىشالايدىغان يىغىنىدا تەلەي بىلەن سوئال سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئۇ كېنت ئەپەندىدىن :بىز نىمە ئىچىۋاتىمىز؟ نىمىشقاسالامەتلىككە زىيانلىقى ئوچۇق تۇرسىمۇ  شۇنچىۋالا شېكەر ئىشلىتىسىلەر؟ نىمىشقا تەبىئى رەڭلىگۈچى ئىشلەتمەيسىلەر؟ نىمىشقا  مېكسىكا ۋە ھىندىستاندىن شۇنچىۋالا سۇنى ئېلىۋالىسىلەر؟نىمىشقا كوكا كولاغا داۋاملىق كولا يوپۇرمىقى ئىشلەتكىنىڭلارنى يوشۇرىسىلەر ؟ قاتارلىق سۇئاللارنى سورىدى بىراق مۇھتار كېنت ئەپەندى  ئىككى يېرىم مىنۇتلۇق جاۋابىدا ھېچقانداق سۇئالغا جاۋاب بەرمىدى ئەكىسچە بىزنىڭ 3000خىل ئېسىل مەھسۇلاتىمىز بار، بىز مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىدىن پەخىرلىنىمىز...دىگەندەك سۆزلەرنى قىلدى.
      پۈتۈن دۇنيادا كۈندە ئىككى مىليارت كوكا كولا ئىچىملىكلىرى سېتىلىدۇ. پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان بۇ قالتىس ئىچىملىكنىڭ ئىچىدە زادى نىمە بار ،راستىنلا ئىسپىرت بىلەن كوكايىن بارمۇ ؟دىگەن سوئاللارغا بىز جاۋاب بىرىشكە ئامالسىز. كوكاكولانىڭ سىرىنى كېنت ئەپەندى قاتارلىق ساناقلىقلا كىشىلەر بىلىدۇ. ئەگەر كوكا كولا ھالال بولغان تەقدىردىمۇ سالامەتلىكىمىزگە كەلتۈرىدىغان شۇنچە تەھدىتلىرى سەۋەبلىك رەت قىلساق بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم . مەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن گازلىق ئىچىملىكلەردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈم، سىزچۇ ؟  
مەنبە: ئىزدىنىش
ۋاقتى: 2014-1-7 22:52:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم كوكاكولا يەھۇدىلارنىڭ ئىچىملىكى،كوكا كولادىن كىرگەن كىرىمنىڭ مەلۇم قىسمى ئىسلامنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن، كوكاكولا  دىگەن خەتنىڭ مەلۇم خىل شەكلىدىن ئەرەپچە مۇھەممەت يوق دىگەن خەت چىقىدىكەن تەپسىلاتى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ،   مۇشۇ گەپمۇ يىتەرلىك، ئەمدى ئىچىش ئىچمەسلىكنى تاللىسىڭىز بولىدۇ،
ۋاقتى: 2014-1-9 04:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتنىڭ مەنىسىدىلا چوڭ چاتاق بار .   قاراپلا بىلەلەيسىز . تەتۇر رەسىمگە سىنجىلاپ قاراڭ .

u=2764300969,389149112&fm=21&gp=0.jpg

zzzzzzzzzzzzzzzz.jpg
ۋاقتى: 2014-1-9 09:46:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتۈر تۇرۇپ  قارىغاندا كوكا كولا دەگەەن خەتتىن مۇھەممەت يوق  ئاللا  يوق  دىگەەن ئەرەپچە  خەت  كۆرۈنىدىكەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 12:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Segek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 12:44  
uygur01 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 22:52
قىرىندىشىم كوكاكولا يەھۇدىلارنىڭ ئىچىملىكى،كوكا كولا ...


سىز دېگەن ئەھۋالنى مەنمۇ بىلىمەن ، مەن تەۋسىيە قىلغان بۇ تېمىدا ئۇ تەرىپىنىڭ گېپى يوق.
تېمىدا دېيىلگەن ئىلمىي پاكىتلار ھەققىدە پىكىرلىشىلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 08:34 , Processed in 0.161333 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat