پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

مەۋھۇم نۇردىسكادېتالى توغۇرسىدا ساۋات

يوللىغۇچى: Nurdan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-25 22:27| كۆرۈلۈشى: 40| ئىنكاس سانى: 0

مەۋھۇم نۇردىسكادېتالى دېگەن نېمە ؟

مەۋھۇم نۇر دىسكا دېتالى بولسا بىر خىل تەقلىدىي نۇردىسكا (CD-ROM)خىزمەت قىلىدىغان قورال يۇمشاق دېتال بولۇپ،سىز كومپيۇتېرىڭىزغا سەپلىگەن نۇر دىسكا ئوقۇغۇچقا ئوپمۇ ئوخشاش نۇر دىسكا ئوقۇغۇچ ھاسىل قىلالايدۇ.ئادەتتىكى فىزىكىلىق نۇر دىسكا ئوقۇغۇچ قىلالىغان ئىشنى مەۋھۇم نۇر دىسكا ئوقۇغۇچمۇ ئوخشاش قىلالايدۇ ،ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا ئاۋۋال بىر ياكى بىرقانچە
مەۋھۇم نۇر دىسكا ئوقۇغۇچ چىقىرىپ نۇر دىسكىدىكى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى تەتۈر ھالەتتە قاتتىق دىسكىغا ساقلىۋالىدۇ ھەمدە ھەمدە بىر مەۋھۇم نۇر دىسكا ئوقۇغۇچ مەۋھۈم ھۆججىتى ھاسىل قىلىدۇ ،ئۇنىڭدىن كېيىن Windows تا مۇشۇ ھاسىل قىلغان مەۋھۇم ھۆججەتنى ئەكىرىپ ئوقۇپ ئىشلىتىدۇ .كېيىن مۇشۇ ھۆججەتنى قوزغاتماقچى بولسىڭىز نۇر دىسكىنى نۇردىسكا ئوقۇغۇچقا سىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ،پەقەت مەۋھۇم نۇر دىسكا دېتالىغا ئاشۇ مەۋھۇم ھۆججەتنى يۈكلەپ قويسىڭىزلا مەۋھۇم نۇر دىسكا دېتالى دەرھال ھۆججەتنى ئىجرا قىلىدۇ ،ئىجرا بولۇش سۈرئىتىمىز تىز بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا بەزى سىزىلىپ كەتكەن ياكى جىجىۋىتىلگەن نۇر دىسكىلاردىكى ئۇچۇرنى ئالالماي قىينىلىدىغان ، نۇردىسكا ئوقۇغۇچ نۇردىسكىنى ئوقۇيالمايدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلمەيدۇ .

مەۋھۇم نۇردىسكا دېتالىدىن قايسىلار بار ؟

تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان نۇر دىسكا دېتاللىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللايدىغان مەۋھۇم ھۆججەت شەكلى چۈشۈرۈش ئادىرىسى
توغرىلىق توختىلىمىز .

1.WinMount

بۇ دېتال ھەقسىز ۋە قوللايدىغان مەۋھۇم ھۆججەت شەكلىنىڭ كۆپىلىكى بىلەن خىلىلا داڭلىق .قوللايدىغان مەۋھۇم ھۆججەت شەكلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى بار . ISOBINBWTMDS/MDF NRG IMGISZ CUECCD APEFLACWV

چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى : http://www.greendown.cn/soft/11122.html

2.DAEMON Tools

بۇمۇ ئىقتىدارى خىلىلا يۇقىرى مەۋھۇم نۇردىسكا دېتاللىرىنىڭ بىرى . توردىن چۈشۈرگەن CUEISO CCDBWT
شەكىلدىكى مەۋھۇم ھۆججەتلەرنى يەشمەيلا بىۋاسىتە يۈكلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ .

چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى : http://www.greendown.cn/soft/9335.html

3.Virtual Drive

Virtual Drive Managerبولسا Towodoشىركىتىنىڭ All Image ئىچىدىكى كىچىك بىر سىستېما .

قوللايدىغان ھۆججەت شەكىللىرى .img.bin.iso.nrg بۇنىڭدىن باشقا ھۆججەتلەرنى يۈكلىگەندە كومپيۇتېر كۆك ئىكران بولۇپ قالىدۇ


چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى :http://www.greendown.cn/soft/20292.html
4.Alcohol 120%

بۇ دېتال بولسا مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان دېتاللارنىڭ بىرى DAEMON Tools قا ئوخشاش قاچىلاپ بولسا قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ،لېكىن قايتا قوزغاتمىساقمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.ئەگەر دىسكا ئويماقچى بولسىڭىز CD-R / CD-RW / DVD-R / DVD-RW / DVD-RAM / DVD+RW
بۇ خىل شەكىلەردە ئۇيۇش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز.باشقا دىسكا ئۇيۇش دېتالى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ AudioCD、VideoCD、PhotoCD、Mixed Mode CD、CD Extra、Data CDCD+GDVDData)、DVD-Video شەكلىدە ئوقۇش ۋە يېزىشنى قوللايدۇ .پىقىرمۇ توردىن چۈشۈرگەن نۇرغۇن ئويۇنلارنى مۇشۇ دېتالدا ئىجرا قىلىپ ئوينايدۇ .

چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى : http://www.greendown.cn/soft/14381.html
5.WinISO

بۇ دېتالنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ سىغىمى 1Mغىمۇ يەتمەيدۇ ،CD-ROMشەكىلىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەمدە بىۋاسىتە دىسكا ھۆججىتىنى تەھرىرلەشكە بولىدۇ .CD-ROMشەكىلدىكى ھۆججەتلەرنى (ISOۋە BINھۆججىتىنى) WinISO
ئارقىلىق تەھرىرلەش،ئۆچۈرۈش،قوشۇش،چىقىرىۋىلىش ۋە قايتا ئىسىم قويۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .

چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى : http://www.greendown.cn/soft/662.html
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ultraiso ،PowerISO قاتارلىق مەۋھۇم نۇردىسكا دېتالىمۇ بار .

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-27 17:17.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.