پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Bios دىن نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىتىش تۈرىنى تەڭشەش

يوللىغۇچى: Nurdan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-25 19:08| كۆرۈلۈشى: 36| ئىنكاس سانى: 0

كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاشتا كومپيۇتېرنى  Bios دىن نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىتىش تۈرىنى تەڭشىمىگەندەك كومپيۇتېر نۇر دىسكا ئوقۇغۇچتىكى دىسكىنى ئوقۇماي بىۋاستە ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىدۇ ،شۇڭا تۆۋەندە بۇنى تەڭشەشنىڭ ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ .
كومپيۇتېرنى نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش ئۈچۈن تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان Bios نىڭ تاللاش تۈرى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى كۆرسىتىپ ئۆتىلىدۇ . (Bios تەپسىلاتى توغۇرلۇق ئايرىم تېما يوللىنىدۇ)
كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەنى ئىتىپ قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئىكراندا ئاساسىي تاختا ئۇچۇرى كۆرۈنۈپلا قارا ئىكران ئالمىشىدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

مۇشۇ ۋاقىتتا كونۇپكا تاختىسىدىن  ياكى Delete ياكى Del نى بىسىش ئارقىلىق Bios قا كىرىمىز. كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

بىز بۇنىڭدىن Advanced BIOS Features تۈرىنى تاللاپ (كونۇپكا تاختىسىدىن ئاستۈ ئۈستى يۆنىلىش كونۇپكىسى ئارقىلىق يۆتكەيمىز)Enter نى بىسىپ كىرسەك رەسىمدىكىدەك تاللاش تۈرى كۆرىنىدۇ .

بۇنىڭدىن First Boot Device تۈرىنى تاللاپ Enter نى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن CDROM نى تاللايمىز (بۇنداق تەڭشىگەندە سىستېما قوزغالغان ۋاقىتتا ئاۋال نۇردىسكا قوزغاتقۇچنى ئىزدەيدۇ ،نۇردىسكا بولسا نۇردىسكىدىن قوزغىتىدۇ،نۇردىسكا بولمىسا قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىدۇ) تاللاپ بولغاندىن كېيىن كونۇپكا تاختىسىدىن F10 نى بىسىپ (سىز قىلغان مەشغۇلاتلارنى ساقلاپ ئاندىن چىكىنىپ چىقىدۇ)سىزدىن چىكىنىش توغۇرلۇق كۆرسەتمە سورايدۇ Y نى بېسىپ چىكىنسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى 华硕 ياكى باشقا تىپتىكى بەزى ئاساسىي تاختىلارنىڭ Bios ئۈستىدىكى Bios كە ئوخشىمايدۇ . بۇنداق ئاساسىي تاختىلاردا ئاساسەن كۆپ ئۇچىرايدىغان Biso لەردىن تەڭشەش ئۇسۇلى :
تۆۋەندىكى سىن دەرسلىكنى كۆرۈڭ ياكى تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويچەمەشغۇلات قىلىڭ :
تەلەپتە سۈرەتلىك دەرسلىكنى بىۋاستە  قىستۇرۇشقا يول قويۇلمىغاچقا (لېكىن ئۇلانما قىلىش قىلماسلىق توغۇرلۇق بەلگىلىمە يوق )شۇڭا مەن ئۇلانما ئادىرىسنى قالدۇردۇم
http://v.youku.com/v_show/id_XMTY2NjQzNTky.html
ياكى تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچ : Bios كە كىرىش ئۇسۇلى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش ،يەنى


كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەنى ئىتىپ قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئىكراندا ئاساسىي تاختا ئۇچۇرى كۆرۈنۈپلا قارا ئىكران ئالمىشىدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

مۇشۇ ۋاقىتتا كونۇپكا تاختىسىدىن  ياكى Delete ياكى Del نى بىسىش ئارقىلىق Bios قا كىرىمىز.
چوڭ تۈردىن BOOTقا كىرىپBOOT DEVICE PRIORTY نى تاپىمىز ۋە + - بەلگىسى ئارقىلىق 1st boot device  غا ئۆزگەرتىپ F10 بېسىپ چىكىنىپ چىقىمىز .
تۆۋەندىكى ئاساسىي تاختىلاردا Biosكە كىرمەي تۇرۇپمۇ كونۇپكا تاختىسىدىن قوزغىلىش تۈرىنى تاللاشقا بولىدۇ . بۇيەردىكى كونۇپكاتاختىسىدىن قوزغىتىش بولسا كومپيۇتېر قوزغىلىپ ئاساسىي تاختا ئۇچۇرى كۆرۈنگەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ .
华硕主板

كونۇپكا تاختىسىدىن  F8 نى بېسىپ تۇرىمىز ۋە چىققان تىزىملىكتىن

ياكى

CDROM نى تاللاپ Enter ئۇرساقلا بولىدۇ. (بەزى ئاساسىي تاختىلاردا نۇردىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىسىمى چىقىدۇ)
索泰迷你H55  كونۇپكا تاختىسىدىن  F11 نى بېسىپ تۇرىمىز .
技嘉主板 كونۇپكا تاختىسىدىن  F12 نى بېسىپ تۇرىمىز .
    • Intil: قوللايمەنشۆھرەت + 6 2 تىللا + 4 5 تۆھپە + 10 10

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-27 17:17.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.