روھلاندا 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 1

Bios دىن نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىتىش تۈرىنى تەڭشەش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
181
تىللا
398
شۆھرەت
268
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 19:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاشتا كومپيۇتېرنى  Bios دىن نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىتىش تۈرىنى تەڭشىمىگەندەك كومپيۇتېر نۇر دىسكا ئوقۇغۇچتىكى دىسكىنى ئوقۇماي بىۋاستە ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىدۇ ،شۇڭا تۆۋەندە بۇنى تەڭشەشنىڭ ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ .
كومپيۇتېرنى نۇردىسكا ئارقىلىق قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەش ئۈچۈن تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان Bios نىڭ تاللاش تۈرى ۋە تەڭشەش ئۇسۇلى كۆرسىتىپ ئۆتىلىدۇ . (Bios تەپسىلاتى توغۇرلۇق ئايرىم تېما يوللىنىدۇ)
كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەنى ئىتىپ قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئىكراندا ئاساسىي تاختا ئۇچۇرى كۆرۈنۈپلا قارا ئىكران ئالمىشىدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

مۇشۇ ۋاقىتتا كونۇپكا تاختىسىدىن  ياكى Delete ياكى Del نى بىسىش ئارقىلىق Bios قا كىرىمىز. كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

بىز بۇنىڭدىن Advanced BIOS Features تۈرىنى تاللاپ (كونۇپكا تاختىسىدىن ئاستۈ ئۈستى يۆنىلىش كونۇپكىسى ئارقىلىق يۆتكەيمىز)Enter نى بىسىپ كىرسەك رەسىمدىكىدەك تاللاش تۈرى كۆرىنىدۇ .

بۇنىڭدىن First Boot Device تۈرىنى تاللاپ Enter نى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن CDROM نى تاللايمىز (بۇنداق تەڭشىگەندە سىستېما قوزغالغان ۋاقىتتا ئاۋال نۇردىسكا قوزغاتقۇچنى ئىزدەيدۇ ،نۇردىسكا بولسا نۇردىسكىدىن قوزغىتىدۇ،نۇردىسكا بولمىسا قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىدۇ) تاللاپ بولغاندىن كېيىن كونۇپكا تاختىسىدىن F10 نى بىسىپ (سىز قىلغان مەشغۇلاتلارنى ساقلاپ ئاندىن چىكىنىپ چىقىدۇ)سىزدىن چىكىنىش توغۇرلۇق كۆرسەتمە سورايدۇ Y نى بېسىپ چىكىنسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى 华硕 ياكى باشقا تىپتىكى بەزى ئاساسىي تاختىلارنىڭ Bios ئۈستىدىكى Bios كە ئوخشىمايدۇ . بۇنداق ئاساسىي تاختىلاردا ئاساسەن كۆپ ئۇچىرايدىغان Biso لەردىن تەڭشەش ئۇسۇلى :
تۆۋەندىكى سىن دەرسلىكنى كۆرۈڭ ياكى تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويچەمەشغۇلات قىلىڭ :
تەلەپتە سۈرەتلىك دەرسلىكنى بىۋاستە  قىستۇرۇشقا يول قويۇلمىغاچقا (لېكىن ئۇلانما قىلىش قىلماسلىق توغۇرلۇق بەلگىلىمە يوق )شۇڭا مەن ئۇلانما ئادىرىسنى قالدۇردۇم
http://v.youku.com/v_show/id_XMTY2NjQzNTky.html
ياكى تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچ : Bios كە كىرىش ئۇسۇلى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش ،يەنى


كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبەنى ئىتىپ قوزغىتىش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ئىكراندا ئاساسىي تاختا ئۇچۇرى كۆرۈنۈپلا قارا ئىكران ئالمىشىدۇ تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :

مۇشۇ ۋاقىتتا كونۇپكا تاختىسىدىن  ياكى Delete ياكى Del نى بىسىش ئارقىلىق Bios قا كىرىمىز.
چوڭ تۈردىن BOOTقا كىرىپBOOT DEVICE PRIORTY نى تاپىمىز ۋە + - بەلگىسى ئارقىلىق 1st boot device  غا ئۆزگەرتىپ F10 بېسىپ چىكىنىپ چىقىمىز .
تۆۋەندىكى ئاساسىي تاختىلاردا Biosكە كىرمەي تۇرۇپمۇ كونۇپكا تاختىسىدىن قوزغىلىش تۈرىنى تاللاشقا بولىدۇ . بۇيەردىكى كونۇپكاتاختىسىدىن قوزغىتىش بولسا كومپيۇتېر قوزغىلىپ ئاساسىي تاختا ئۇچۇرى كۆرۈنگەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ .
华硕主板

كونۇپكا تاختىسىدىن  F8 نى بېسىپ تۇرىمىز ۋە چىققان تىزىملىكتىن

ياكى

CDROM نى تاللاپ Enter ئۇرساقلا بولىدۇ. (بەزى ئاساسىي تاختىلاردا نۇردىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئىسىمى چىقىدۇ)
索泰迷你H55  كونۇپكا تاختىسىدىن  F11 نى بېسىپ تۇرىمىز .
技嘉主板 كونۇپكا تاختىسىدىن  F12 نى بېسىپ تۇرىمىز .
1

باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1930
تىللا
1692
شۆھرەت
4059

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 22:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن مىنىڭمۇ td-m  بۇنىڭ usb3.0 بىلەن sata3 يوق.ئالغاندا 620  گە ئالغان 2010-11 ئايدا. ئازىراق قۇشۇپ باشقىسىنى ئالسام بوپتىكەن،ھازىر پۇشايمان قىلىمەن،ساتاي دىسەم ھازىر قانچىگە ئالار. مۇشۇ ئاساسى تاختا بىلەن amd 245نى قۇشۇپ ساتسام قانچىگە ئالار؟

华硕主板 ياخشى يىرى bios نى يىڭىلاش بەك قولايلىق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yulhun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 22:49  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-2-3 10:57 , Processed in 0.102963 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش