پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

تور بېكەت لايىھىلەشتىكى ھالقىلىق ئامىللار

يوللىغۇچى: ramizan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-25 16:45| كۆرۈلۈشى: 39| ئىنكاس سانى: 0

      بىر تور بېكەتنى لايىھىلەشتە تۆۋەندىكىدەك توققۇز ئاساسىي ئامىلنى ئويلىشىش كېرەك، بۇلار تور بېكەتنىڭ ئۇتۇق قازىنىش-قازىنالماسلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

     ئومۇمىي گەۋدە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، قىممىتى بولغان ئۇچۇرلار، تېزلىك، رەسىم-شەكىللەر ۋە بەت يۈزىنىڭ لايىھىلىنىشى، يېزىقنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى، تور بەت تېمىسىنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى، بېكەت يېتەكچى تىزىملىكى، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش باياناتى، ئىملا ۋە گراماتىكىنىڭ توغرىلىقى.

1. ئومۇمىي گەۋدە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى
تور بېكەت باش بېتى خۇددى بىر تەشۋىقات تاختىيىغا ياكى دۇكاندىكى پۇكەيگە ئوخشاش زىيارەتچىلەردە بىرىنچى تەسىراتنى پەيدا قىلىدۇ. ھەممەيلەن باشقىلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرسامكەن دەيمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
ئادەتتە، ياخشى بولغان تور بېكەت كىشىلەرگە پاكىز، رەتلىك؛ ئۇچۇرلار ئېنىق، قۇلايلىق؛ كەسپىي سەۋىيىدە؛ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان دېگەندەك تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ.
تور بەت ئامال قىلىپ زىيارەتچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتىشى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىكى كېرەك، ھەددىدىن زىيادە چاقناق بېزەكلەر، رەڭلەر، كۆپ ئىشلىتىلگەن سىيرىلما تاللاش رامكىلىرى، رەسىم دېگەندەكلەر زىيارەتچىنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ، بۇنداق يەردىن ئىتتىكراق ئايرىلغان ياخشى، خۇددى دۇككىنىڭىزدا قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكىنى قويۇپ قويسىڭىز، كشىلەرنى جەلىپ قىلىش ئەمەس، ئۇلارنى دۇككىنىڭىزدىن ئىتتىكراق چىقىپ كېتىشكە ئۈندىگەندەكلا بولىسىز.
2. قىممىتى بولغان ئۇچۇرلار
مەيلى سودا خاراكتېرىدىكى تور بېكەت بولسۇن ياكى شەخسىي تور بەت، بلوگ بولسۇن، چوقۇم كىشىلەرگە كېرەكلىك بولغان، بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە مەزمۇنلار بولغاندىلا زىيارەتچىلەرنى تۇتۇپ قالالايدۇ، چۈنكى ئادەم دېگەن شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرىنچى مەسىلە «ماڭا زادى قانداق پايدىسى بار؟» دېگەندىن ئىبارەت.
شۇڭا تور بېكەتتە چوقۇم مەلۇم قىممەتكە ئىگە نەرسىلەر بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ چوقۇم مەزى ھەقسىز «تاماق»، مەسىلەن ھەقسىز كىتاب، بىكارلىق مۇلازىمەت، ھەقسىز ساياھەت دېگەندەكلەر بىلەن تەمىنلە دېگەنلىك ئەمەس، بۇ خىل «قىممىتى بار نەرسلەر» ئۇچۇر، كۆڭۈل ئېچىش، ۋەز-نەسىھەتلەر، مەلۇم مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ياردەم، ئۆز-ئارا ھاجەتمەنلەرنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش، پايدىلىق مەنبەلەر ئۇلانمىسى قاتارلىقلار بولسا بولىدۇ.
ئەگەر شىركەت-كارخانىلارنىڭ تور بېكىتى بولسا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئۇچۇرلار ئاسان چۈشەنگىلى، ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان، مالنى ئوڭاي زاكاس قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.
3. تېزلىك
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەتنىڭ ئېچىلىش تېزلىكى زىيارەتچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىغان ھالقىلىق ئامىل، ئەگەر 20~30 سىكۇنت ئىچىدە بىر تور بەت ئېچىلىپ بولالمىسا، ئادەتتە كىشىلەر ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇچۇرغا تېزراق ئېرىشىشنى ئويلايدۇ-دە. شۇنىڭ ئۈچۈن بەتنىڭ ئېچىلىشىنى ئامال بار تېزلىتىش، ئەڭ ياخشىسى چوڭ رەسىملەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
تور بېكەت باش بېتىنىڭ بىر ئېلان تاختىسى ئىكەنلىكى ھەر ۋاقىت يادىڭىزدا بولسۇن. ماشىنا بىلەن بىر ئېلان تاختىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭىزدا، ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمىسىڭىز، ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپ رەسىملەردىنمۇ ھۇزۇر ئالالمايسىزغۇ، ئېلان كۆز ئالدىڭىزدىن چاقناپ ئۆتكەن شۇ دەقىقىدە چوقۇم سىزدە بىر تەسىر قالدۇرىشى كېرەك.
توردىكى زىيارەتچىلەرمۇ ئالدىراش كېتىۋاتقان يولۇچىلارغا ئوخشايدۇ، شۇڭا باش بېتىڭىزنىڭ ئاددىي ھەم تېز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. تور بېتىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، سۈرئەتنى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىتىۋاتقان بارلىق نەرسىلەرنى دەرھال تاشلىۋىتىڭ.
4. رەسىم ۋە بەت يۈزى لايىھىسى
رەسىم ۋە بەت يۈزى لايىھىسى باش بەتنىڭ تۇنجى تەسىراتىغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك، رەسىملەر مەركەزلىك ھالدا باش بەتتە يەتكۈزمەكچى بولغان ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى كېرەك. ئەگەر سودا تور بېكەتلىرى بولسا، بەت يۈزىدە زىيادە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ھەرىكەتلىك سۈرەتلەر بولمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئويۇن تور بېكەتلىرى ئۈچۈن، ھەرىكەتلىك كارتونلار كەم بولسا بولمايدۇ.
رەسىم يەنە تور بېكەتنىڭ تېزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاۋۋالقىلارنىڭ تەجىرىبىلىرىگە قارىغاندا، ھەر بىر بەتتىكى بارلىق مەزمۇننى K30 ئەتىراپىدا كونترول قىلغاندا، بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولغان ئېچىلىش تېزلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. رەسىملەرنىڭ سىغىمى 6K—8Kبولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ھەر ئىككى 2K كۆپەيگەندە، ئېچىلىشى ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت 1 سىكۇنت ئۇزىرايدۇ.
رەڭلەرمۇ تور بەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئوخشىمىغان رەڭلەرنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، قىزىل ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭ كىشىنىڭ ھاياجىنىنى قوزغاپ، يۈرەك سوقۇشۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ سېرىق رەڭ كىشىلەرگە قۇياشنى ئەسلىتىدۇ، بۇ بىر خىل شوخ رەڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن زىيارەتچىلەرگە قانداق تەسىر بەرمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئويلاشقان ئاساستا، تور بەتكە مۇۋاپىق رەڭ تاللاپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.
ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مەزمۇنلارنى كۆرگەندە، كۆزنىڭ كۆرۈش نۇقتىسى ئوڭ يۇقىرىدىن باشلىنىپ، قۇرمۇ-قۇر ئاتلاپ بەتنىڭ سول ئاستى تەرىپىگە بارىدۇ، رەسىم قىستۇرغاندا، بۇ ئالاھىدىلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر قانداق بىر يۆنىلىشچانلىققا ئىگە رەسىملەر كۆزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغان ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك، ئەگەر ئوڭ يۇقىرى بۇرجەككە بىر قۇشنىڭ رەسىمى قويۇلغان بولسا، قۇشنىڭ تۇمشۇقى كۆرگۈچىنىڭ نەزىرىنى بەت ئوتتۇرىسىغا باشلايدىغان تەرەپكە قارىتىلىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ كۆرگۈچىنىڭ نەزىرىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ خىل تەپەككۇرنى ھەممە رەسىملەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئادەتتە ئۇيغۇرچە بەتلەرنىڭ بەزى تىزىملىك ئىستونلىرى ئوڭ تەرەپتە بولىدۇ، ئىنگلىزچە ۋە خەنزچە بەتلەردە سول تەرەپتە بولىدۇ، بۇلاردىمۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىك ئاساس قىلىنغان، ھەر ۋاقىت كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆۈش دائىرىسىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.
5. يېزىقنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى
بۇ يەردە يەنىلا ئېلان تاختىسىنى مىسال قىلايلى. يېزىق ئېلان تاختىسىدا كۆرۈنگەندە، ئەتىراپىدا يېتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇلۇشى كېرەك. بەزى تور بېكەتلەردە مەزمۇنلار شۇنچىلىك زىچ، كىشى خۇددى بېشىنى ئېكرانغا تىققاندىلا ئاندىن ئۇلارنى ئوقۇيالايدىغاندەك ھېسياتقا كېلىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بەتنى ناھايىتى تار بوشلۇقتا تۇرغاندەك كۆرسىتىپ، كۆرگۈچىدىمۇ بىر خىل قىسىلىش كەيپىياتى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بەزى تەگلىك رەڭلىرى خەتلەرنى ئوقۇشنىمۇ ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرىۋىتىدۇ، سۆسۈن، سۇس قىزىل ۋە قىزىل رەڭلەر كىشىنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋىتىدۇ.
يېزىقنىڭ رەڭگىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچلەردە، يېزىقنىڭ رەڭگى ئوخشىمىغان ئۈنۈمدە كۆرۈنىدۇ، بەزى تور كۆرگۈچلەردە چىرايلىق كۆرۈنگەن رەڭلر، باشقا تور كۆرگۈچلەردە كۆۈنمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
تور بەتتە گېزىتنىڭ بەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، تېز سۈرئەتتە ئوقۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەزمۇنلارنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئىككى بۆلەككە ئايرىپ قويسىڭىزمۇ، ھېچقانداق بۆلەككە ئايرىلماي، بىر بەتكە لىق تولۇپ تۇرغان مەزمۇندىن ياخشىراق كۆرۈنىدۇ.
يېزىقنىڭ ئوقۇلۇشچانلىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇدىغان يەنە بىر ئامىل خەت نۇسخىسى، باشقا تىللارغا نىسبەتەن Arial، Times New Roman، Garamond and Courierقاتارلىق ئورتاق خەت نۇسخىلىرىنى ئوقۇش ئەڭ ئاسان، ئۇيغۇچە خەت نۇسخىلىرىدىن Alpida Unicode System ھازىر بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ، لېكىن مېنىڭ كۈزىتىشىمچە بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك چوڭلۇقى px12 تىن px18 قىچە بولۇپ، بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەندە خەتنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يېتىدىكەن، ئالاھىدە خەت نۇسخىلىرى تېمىغا ئىشلىتىلسە ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ، لېكىن تېكىستكە ماس كەلمەيدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر يەنىلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ كومپيوتېرىدا تېخى ئۇيغۇرچە يېزىققا مۇناسىۋەتلىك دېتاللار يوق دېيەرلىك، شۇڭا ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىز ھەمىشە eot ئىشلەش بىلەن ئاۋارە، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلەرمۇ بىر-ئىككى خىللا خەت نۇسخىلىرى بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
6. تور بەت تېمىسىنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى
تور بەتنىڭ ئوقۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، بەتنى بۆلەكلەرگە ئايرىغاندىن باشقا، يەنە تېما ۋە قوشۇمچە تېمىلار ئارقىلىق، مەزمۇننى ئابزاسلارغا ئايرىشىڭىز كېرەك.
تېما ۋە قوشۇمچە تېمىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش شەكىل ئىشلىتىش، قېنىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تېما (ئادەتتە خەت نۇسخىسى چوڭ، توم بولىدۇ) ۋە قوشۇمچە تېما (ئادەتتە توم، چوڭلۇقى تېكىست بىلەن بىردەك بولىدۇ)لارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ بىر قاراپلا مۇھىم مەزمۇنلارنى تاپالايدۇ. تېمىنى قويغاندىمۇ چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى قويۇش كېرەك.
7. تور بېكەت يېتەكچى تىزىملىكى
ئۇيغۇرچىدە كىشىلەر ئوڭدىن سولغا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا ئاساسلىق يېتەكچى تىزىملىكلەرمۇ بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياخشى، ئۇزۇنراق بەتلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ ئاستىغا ئاددى يېتەكچى تىزىملىكلەرنى قوشۇشمۇ زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ (ئادەتتە باش بەت ۋە ئۈستىگە قايتىش تىزىملىكى بولسىلا كۇپايە).
ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك بىر قېلىپنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى بۇلارنى بېكەتنىڭ ھەر بىر بېتىگىچە ئورتاقلاشتۇرۇڭ، بۇنداق بولغاندا، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلانى ئىزدىشى قۇلايلىشىدۇ.
8. شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش باياناتى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر تەۋسىيەنامىسى
سودا تور بېكەتلىرىگە نىسبەتەن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى دەل خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سىز كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا مەخپىيەتلىكلىرىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئېيتىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر بەت ئاجرىتىپ تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىش تولىمۇ زۆرۈر. مەسىلەن، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئېلخەت ئادىرىسى قانداق قوغدىلىدۇ، زاكاس قانداق قۇبۇللىنىدۇ، ئۇچۇرلار قانداق توپلىنىدۇ، ئۇچۇرلارنى توپلاشتىكى مەقسەت، بۇ ئۇچۇرلارنى كىملەر كۆرەلەيدۇ دېگەندەك مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.
زىيارەتچىلەر يەنە سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىز ۋە مۇلازىمىتىڭىزنى قۇبۇل قىلغان خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسىغا قىزىقىدۇ، شۇڭا ئەگەر خېرىدارلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسلىرىدىن پايدىلنالىسىڭىز، ئىشەنچ دەرىجىڭىزنىڭ ئېشىشىغىمۇ ياردىمى بولىدۇ.
تورداشلارنىڭ تەۋسىيەنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن قورقماسلىق كېرەك، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز پىكرىنىڭ قىممىتى بولۇشىنى خالايدۇ. سىز خېرىدارلارنىڭ تەۋسيەنامىسىنىمۇ ئايرىم بىر بەت قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ تەۋسىيەنامىسىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردە خېرىدارلارنىڭ تور بېكەت ئۇلىنىشىمۇ بولىدۇ، بۇمۇ بىرخىل «قوش پايدا» ھېسابلىنىدۇ.
9. ئىملا ۋە گراماتىكىنىڭ توغرىلىقى
بىر تور بېكەتنىڭ پەقەت چىرايلىق كۆرۈنۈشىلا بولۇپ، ئىملاسى خاتا، گراماتىكىسى قالايمىغان بولسا، ئوخشاشلا مەغلۇب بولىدۇ، بېكەتنىڭ ئىگىدارى ۋە مەسئۇلىغىمۇ ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
بىر تور بېكەتنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنى باشقۇرغۇچى چوقۇم ئۆزىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشى كېرەك، بۇ يەردە ئېيتىلغان مەسئۇلىيەت پەقەتلا بېكەتكە بولغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ئومۇمەن، يۇقىرىقىلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردىن سىزگە پايدىسى بار، ھەرگىزمۇ بۇلارغا سەل قاراش تۈپەيلى بېكىتىڭىزنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: رامىزان بلوگى

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-27 17:17.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.