ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1385|ئىنكاس: 4

مىكروسوفت Office 2013 نى چۈشۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچەگە تەڭشەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-13 12:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مېكروسوفنىڭ ئۇيغۇرچە Office 2013 نى چۈشۈرۋىلىڭ
تېما ئىگىسى: kemter


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قىرىنداشلار!

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows 8 دىن باشلاپ ئىلان قىلىنغان ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى ھەممىمىزنى ھاياجانغا سىلىشقا باشلىدى، چۈنكى Windows8/8.1 ۋە Office 2013 مەھسۇلاتلارغا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمىز قوشۇلدى، ھەممىمىز خوش بولدۇق ۋە ھاياجانلاندۇق، شۇنىڭ بىلەن بەس - بەستە سىتىۋىلىشقا باشلىدۇق. كۆپلىگەن قىرىنداشلار سېستىمىسىنى Windows8/8.1 گە يىڭىلاپ بولدى ۋە سېستىمىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتكە ئەكىلىپ بولدى، لىكىن بەزىلەر يەنە مۇشۇ كۈندىلىك مۇھىم قورال Office نىمۇ ئۇيغۇرچە قىلالىغان بولساق دەپ ئارزۇ قىلىشتى. بۇنىڭدىن ئەنسىرمەڭ، مىكروسوفت Office 2013 گە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قوشتى. تۆۋەندە مەن Office 2013 نى چۈشۈرۈش ۋە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتكە ئەكىلىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.

مۇشۇ پۇرسەتتە Windows مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇرچە قوشۇش ۋە ئۇيغۇرچىنى قوللۇتۇش ئۈچۈن كۈچ قوشقان، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئۇستازلىرىمىزغا ھەممىمىز چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. جاپا چەكتىڭلار، ئامان بولۇڭلار، ئۇلۇغ ئاللا بىلىمىڭلارنى تىخىمۇ زىيادە قىلغاي، يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلغان !

ئالدىنقى دەرستە مەن Windows8/8.1 سېستىمىسىنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەن، بۈگۈن Office 2013 نى چۈشۈرۈش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتىمەن.

Windows 8/8.1سېستىمىسىنى PE سېستىمىسى ئارقىلىق قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش

بۈگۈن ئىشلىتىغان Office 2013 Retail ھەقىقىي نەشىرى بولۇپ، 60 كۈن سىناق تەرەققىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
Office 2013 Retail نۇسقىسىنى ئاكتىپلايدىغان قوراللار يوق، تىخى چىقمىدى. تېلىفۇن ئۇرۇش ئارقىلىق ئاكتىپلاشنى چىقىرىپ قوياي دىگەن، لىكىن ئاكتىپلىغىلى بولدىغان ئاچقۇچ نۇمۇرى ئاساسەن قالماپتۇ ھازىر. بىرلا ئامال ئاكتىپلاش نۇمۇرى سىتىۋىلىش، ھەقىقىي نەشىرىنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ياكى بولمىسا سېستىماڭلارنى Ghost لىۋىلىپ، ھەر 60 كۈنلۈك ۋاقتى توشقاندا، Ghost بىلەن سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ Office 2013 Retail نى قايتا قاچىلاپ ئىشلەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

ئەگەر ئوغرى نەشىرىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز Office 2013 نىڭ VOL نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ، Office 2013 VOL نەشىرىنى ئاكتىپلايدىغان قورال بار.

Retail بىلەن VOL نەشىرىنىڭ پەرقىنى سورىسىڭىز، ئىقتىدار جەھەتتە ھىچقانداق پەرقى يوق.

VOIL نەشىرى بولسا بىر شىركەت OFFICE نى سىتىۋىلىپ، شىركىتىدىكى ھەممە كومپىيۇتېرغا قاچىلىغان Office نى بىرلا ۋاقىتتا ئاكتىپلىماقچى بولسا VOIL نەشىرىنى ئىشلىتىدۇ. VOIL نەشىرىنىڭ ئاكتىپلاش قورالىمۇ دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئاكتىپلاپ بىرىدۇ.

Office 2013 Retailنى بۇ تور بىكەتتىن چۈشۈرىمىز:
http://technet.microsoft.com/en-us/evalcenter


يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۋىلىشقا بولدۇكى مېكروسوفت بىرنەچچە مەھسۇلاتنىڭ سىناق نۇسقىسىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئەگەر ئۆمۈرلۈك ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئاكتىپلاش ئاچقۇچى سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۈگۈن بىز Office Professional Plus 2013 نى چۈشۈرىمىز.

Office Professional Plus 2013 نى تاللىساق تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ:


GET STARTED NOW نى چەكسەك، تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ، يەنى مېكروسوفت ھىسابات نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ دەپ، hotmail,skydriver ھىسابات نۇمۇرى بارلار شۇنى كىرگۈزسە بولىدۇ.


ھېسابات نۇمۇرغا كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى جەدۋەلنى تولدۇرىسىز:


تولدۇرۇپ Continue دىگەننى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى مەھسۇلات ئورنۇتۇش ئاچقۇچ نۇمۇرى چىقىدۇ:


بۇ نۇمۇرنى ياخشى خاتىرلىۋىلىڭ، ھىلى Office 2013 نى ئورناتقاندا كىرگۈزىمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىدىغىنىم، بۇ نۇمۇر ئاكتىپلاش ئاچقۇچ نۇمۇرى ئەمەس، پەقەت مەھسۇلات ئورنۇتۇش ئاچقۇچ نۇمۇرى.
ئامال بار 32 بىتلىقنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ، مەيلى كومپىيۇتېرىڭىز 64 بولسۇن، مېكروسوفت بىزدەك ئادەتتىكى ئابونتلارنى 32 بىتلىقنى ئىشلىتىڭ دەپ تەۋسىيە قىلغان. 64 بىتلىقنى چوڭ كۆلەمدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر ئىشلىتىدۇ.
ئاندىن رەسىمدىكىدەك يۇمشاق دىتال تىلىنى تاللايمىز، ھازىرچە ئۇيغۇرچە يوقكەن، تىل بولىقىنى ھېلى چۈشۈرىمىز.
ئاندىن Download نى چەكسەك:


يۇقىردىن click here دىگەننى چىكىڭ:


ئاندىن Ok  نى :


قىزىل رامكا ئىچىدىكى ئۇلۇشنى چىكىپ چۈشۈرىمىز:


چۈشۈرۈپ بولغاندىكىن كىيىن بولاقنى پىرىستىن يىشىمىز:


پىرىستىن يەشكەن ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىپ، Setup نى چىكىپ قاچىلاشقا باشلايمىز


ئەسلىدە Office  نىڭ بۇرۇنقى نەشىرى بار بولغانلار، بۇرۇنقى نەشىرىنى ئۆچۈرۈپ قاچىلامسىز ياكى ئۆچۈرمەي 2013 نى ئايرىم قاچىلامسىز دىگەن تاللاشلار كۆرىنىدۇ. مەن بۇرۇنقى نەشىرىنى ئۆچۈرمەي 2013 نى ئايرىم قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى بىز قاچىلاۋاتقىنىنى 60 كۈنلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئىنىڭدىن كىيىن سىتىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ، ئەگەر كىيىنچە سىتىۋالمايمەن دەپ سىناپ كۆرۈپ باقىدىغانلار بۇرۇنقى نەشىرىنى ئۆچۈرۋەتمەي قاچىلاڭ.



قاچىلاش جەريانىدا ئەگەر ئاچقۇچ نۇمۇرى سورىسا، بايامقى نۇمۇرنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سورىمىسا، قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن قوزغاتسىڭىز ئاكتىپلاڭ دەپ سورىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا بايامقى نۇمۇر بىلەن ئاكتىپلىسىڭىز ياكى بايامقى نۇمۇرنى ئىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن مېكروسوفت ھېسابات نۇمۇرىڭىز بىلەن تىزىملىتىپ كىرسىڭىز 60 كۈنلۈك ئاكتىپلىيالايسىز.

قاچىلاپ ھەم ئاكتىپلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرىمىز:
چۈشۈرۈش ئادىرسى
ياكى مىنىڭ بۇلۇت سۇپامدىنلام چۈشۈرۋىلىڭ:
بۇلۇت سۇپىسىدىن چۈشۈرۈش


***

***


چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، قوش چىكىپ قوزغىتىمىز:


قاچىلاش تاماملاندى:


ئاندىن Office 2013  تىل باشقۇرۇش پروگراممىسىغا كىرىپ، يەنى Microsoft Office 2010 Language Preferences
غا كىرىپ(خەنچە Microsoft Office 2010语言设置 ):


رەسىمدىكى كۆزنەك چىقىدۇ:


ئىككى تەرەپتىكى كۆزنەكتىن ئۇيغۇرچە دىگەننى تاللاپ، 设为默认 كونۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى ئەڭ ئالدىغا تىزىمىز:

***


ئاندىن 确定 نى بىسىپ، Office نى قايتا قوزغۇتىمىز.

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تاماملاندى:

***

***


Office 2013 گە ھەرخىل ھېسابات نۇمۇرىنى باغلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن skype,Facebook ، تەھرىرلەنگەن ھۆججەتلەرنى بىۋاستە مۇشۇ يەردىن باغلانغان ھىسابات نۇمۇرىغا چىقىرۋەتكىلى، ھەمبەھرى قىلغىلى بولىدۇ.



شۇنىڭ بىلەن Office 2013  نى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دەرسلىكىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ.
مىسرانىمدىن

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
بەلەن.....  ۋاقتى: 2013-12-13 21:54
ۋاقتى: 2013-12-13 16:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
????????? Office 2013 ?? ??????? ?? ?????????? ??????
ۋاقتى: 2013-12-14 10:51:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت، ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلارغا چوڭ خوش -خەۋەركەن. لىكىن مەن «شوڭا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تىللاردىن بىرنى تاللاڭ» دىگەن يەرنىڭ ئاخىردىكى بىر باسقۇچنى باسالمىدىم،مۇمكىن بولسا كوپىيۇتىرىمنى يىراقتىن باشقۇرۇپ مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتكۈزۈپ قويغان بولساڭلار؟مىنىڭ چچ:2441529794
ۋاقتى: 2013-12-14 18:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم .ھەقىقەتەن ئاجايىپ بولىدىكەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-21 15:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alm+soft يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 16:00
????????? Office 2013 ?? ??????? ?? ?????????? ??????

بىرمۇنچە سوراق بەلگۈسى يېزىۋېتىپسىزغۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-3 19:41:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
cholpan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-21 15:06
بىرمۇنچە سوراق بەلگۈسى يېزىۋېتىپسىزغۇ؟

يانفۇندا ئۇيغۇرچە يازغان ئىدىم .
شۇڭا كود خاتالىقى يۈز بېرىپ سوراق بەلگىسى قويۇلۇپ قاپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 00:10 , Processed in 0.406171 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat