ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1714|ئىنكاس: 3

Win8.1 سېستىمىسىنى PE دا ئارقىلىق قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-13 12:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
Win8.1سېستىمىسىنى PE سېستىمىسى ئارقىلىق قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
تەييارلىغۇچى: kemter


ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار

يىقىندىن بىرى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنى كۆپ ئارلايدىغان بولدۇم، قارىسام مۇشۇ Windows XP,Vista,7,8,8.1 مۇشۇ سېستىمىلارنى قاچىلاشنى باشتىن ئاخىرى تەپسىلى ئۆگىتىدىغان بىرە دەرسلىكنى كۆرمەپتىمەن (يا بار بولسىمۇ بەلكىم بايقىمىدىممۇ)، شۇنىڭ بىلەن بىر دەرسلىك ئىشلەپ قويۇش نىيتىگە كەلدىم(بۇنداق تىمىلار بار بولسىمۇ يەنە بىرنى يىزىپ قويسام ئارتۇقلۇق قىلماس)، ئاندىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ تۆدەندىكى ۋىدېئونى ئىشلەپ قويدۇم.
بۇ مىنىڭ بىرىنجى قىتىم ۋىدېئو ئىشلىگەنلىكىم بولغاچقا بەك ئۇزاق ۋاقىت كەتتى. ئۆزى بىلگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ قابىليەت ئىكەن. بۇرۇن ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بۇ قىتىمقى ۋىدېئونى ئىشلەش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيتىم شۇنچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم (بەك تەس بەك تەس ئىكەن دەرس سۆزلەشundefined). شۇڭا بۇ دەرسلىك سەل چۇۋالچاق چىقىپ قالغاندەك، ھەم بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، تەخمىنەن ئىككى سائەتكە يىقىنغۇ دەيمەن، باشتا نىمە يادىمغا كەلسە شۇنى سۆزلەپ، ئاخىردا ئۆزگەرتىپ، ياساپ، بىر نەسىلەرنى قىلىپ مۇشىنچىلىك قىپتىمەن، ياخشى چىقمىغان بولسا زاڭلىق قىلماڭلار جۇما باللا(بولۇپمۇ سېستىما قاچىلاشنى ژىتىۋتىدىغان باللا ھەرگىز زاڭلىق قىلماڭلار مىنىundefined)!
ئىككى سائەت نىمداق ئۇزۇن دەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ھوللىۋۇدنىڭ نوچى كىنولىرىمۇ بۇنچىلىك ئۇزۇن ئەمەس، ھەي .....
لىكىن ھەر-بىر مەشغۇلاتقىچە ئىنىق، تەپسىلى بولغاچقا مۇشۇنداق ئۇزۇن چىكەتكەن ئوخشايدۇ، چۈنكى پۈتۈن تەييارلىق باسقۇچى ۋە سېستىمىنى قاچىلاش جەريانىمۇ تەخمىنەن بىرە يىرىم سائەتلەرگە بىرىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇخلاپ قالماي كۆرەسىلەر undefined


بۇ دەرسلىك Windows 8.1 سېستىمىسىنى قاچىلاش دەرسلىكى بولۇپ، بىراق يۇقىردا دىگەن Windows XP,Vista,7,8,8.1 قاتارلىق سېستىمىلارنى قاچىلاشنىڭ ھەممىسىگە ئاساسى جەھەتتىن ماس كىلىدۇ. ۋىدېئو بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن ئىككى قىسىمغا بۆلىۋەتتىم، تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئالدى بىلەنWindows 8.1 نى ياكى Windows xp,Vista,7,8 نىڭ iso فورماتىدىكى سېستىما بولىقىنى تەييارلاڭ.

Windows 8.1 نى چۈشۈرۈش ئادىرسىنى مەن تۆۋەندە تەمىنلەپ قويدۇم(مەن تەمىنلىگەن Windows8.1 سېستىما بولىقى ئېنگىلىسچە، ئورنۇتۇپ بولۇپ باشقا تىل بولىقىنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ، ئۇيغۇرچىنى ياكى خەنزۇچىنى، دەرسلىكتە تەپسىلى مەشغۇلات ئۇسۇلى بار).

chushurush.txt (273 Bytes, چۈشۈرۈش سانى: 52)
Windows 8.1.pdf (99.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 91)

لىكىن ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى ئۆزۈڭلار ھازىرلاڭلار.

(1) PE سېستىمىسىنى بارماق دىسكىسىغا قاچىلاش(بىرىنجى قىسىمدا).

(2) بارماق دىسكىدىكى PE سېستىمىسىدىن پايدىلنىپ، قاتتىق دىسكىنى رايۇنلارغا بۆلۈش(بىرىنجى قىسىمدا).

(3) PE سېستىمىسىدىكى UltraISOدىگەن يۇمشاق دىتالدىن پايدىلنىپ، Windows سېستىما بارماق دىسكا قوزغاتقۇچ ياساش (PE سېستىمىسىغا قىزىقمايدىغانلار بىۋاستە ۋىدېئونىڭ ئىككىنجى قىسمىدىن باشلاپ كۆرۈڭ، يەنى تۆۋەندىكى UltraISO دىگەن يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ، ۋىدېئونىڭ ئىككىنجى قىسمىدىن Windows سېستىما بارماق دىسكا قوزغاتقۇچ ياساشنى ئۆگىنىڭ).

(4) Windows سېستىما بارماق دىسكا قوزغاتقۇچ ئارقىلىق Windows سېستىمىسى قاچىلاش(ئىككىنجى قىسىمدا).

(5) Windows 8/8.1 ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈش(ئىككىنجى قىسىمدا).

(6) Windows 8/8.1 دىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق، گۈزەل، كۆركەم چىقىدىغان قىلىش(ئىككىنجى قىسىمدا).

(7) ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى تەمىنلىگەن 86 خىل خەت شەكلىنى قاچىلاش(مەن ئەڭ ياقتۇردىغان UKIJ CJKخەت شەكلىمۇ بار)(ئىككىنجى قىسىمدا).

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى فونتلىرى

(8) ie,Chrome,Firefox قاتارلىق تور كۆرگۈچلەرنى ھەر قانداق تور بىكەتكە چىقسا ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق چىقىدىغان قىلىش(ئىككىنجى قىسىمدا).
Google كەسمە يۈز رەسىمى



(9) QQ قورالىنى ئۇيغۇرچىنى تونۇيدىغان قىلىش


تۆۋەندىكىنى ئۇلۇنۇشتىن  Default_rdb چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يىشىپ، QQ قاچىلغان جايدىكى
(يەنى C:\Program Files (x86)\Tencent\QQ\Resource.1.96.7979\Themesنىڭ ئىچىدىكى) Default.rdb ھۆججەتنىڭ ئورنىغا قويۇپ يەڭگۈشلىۋەتسىڭىزلام ئىش پۈتۈدۇ. يەڭگۈشلەشتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى نۇسقىسىنى ساقلىۋىلىڭ، ناۋادا يەڭگۈشلەپ بولۇپ QQ نى قوزغىتالمىسىڭىز، ئەسلىدىكىسىنى قاچىلاپ قوزغۇتۇڭ. ھەم ۋىدېئودا سۆزلەنگەن ئۇسۇل ئارقىلىق،
通用包处理工具v3 قورالى بىلەن Default.rdb ھۆججەتنى تەھرىرلەپ، ئاندىن ئەسلىدىكىسىنىڭ ئورنىغا قويۇڭ.


(10) Photoshop بىلەن 绘声绘影 دا ئۇيغۇرچىنى قوللۇتۇش
قوللىتىش ئۇسۇلىنى بۇ يازمامدىن كۆرۈڭ:
Photoshop تا ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللۇتۇش ئۇسۇلى

ۋىدېئو بىرىنجى قىسىم(ئەگەر ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولمىسا خەت قالدۇرۇڭ، قايتا چىقىرىپ قويىمەن):


http://v.youku.com/v_show/id_XNjM3OTgyMDQ0.html
ۋىدېئو ئىككىنجى قىسىم(ئەگەر ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولمىسا خەت قالدۇرۇڭ، قايتا چىقىرىپ قويىمەن):



http://v.youku.com/v_show/id_XNjM3OTk1ODY4.html

دەرسلىك ئىشلەش جەريانىدا كۆپ خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمىدى، شۇڭا ئاخىرىدا قىرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرىنى ئايىماي بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-13 12:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسلىكتە تىلغا ئىلىنغان بارلىق قوراللار بۇ ئادىرىستا       http://pan.baidu.com/s/15ocPp
ۋاقتى: 2013-12-14 11:09:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسلىك يامان ئەمەس چىقىپتۇ،
ۋاقتى: 2014-1-5 00:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ .
بەك ياخشى چىقىپتۇ .  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-7-30 16:09 , Processed in 0.115522 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat