پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى!

تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

تور بېكەت ياساش قائىدىلىرى ھەققىدە

يوللىغۇچى: ramizan| يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-25 16:42| كۆرۈلۈشى: 22| ئىنكاس سانى: 0

ھەر قانداق بىر تۈر ياكى سىستېما ئېچىشتىن ئىلگىرى مەلۇم قائىدە ياكى پىلان تۈزۈش كېرەك، بۇنىڭ تۈر ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ ئىزچىل بولۇشى، كودلارنى ئاسىراش ۋە كېڭەيتىشكە پايدىسى بار. تور بېكەت ياساش خىزمىتىنىڭ تارقاقلىقى، مۇستەقىللىقى، ئۆز-ئارالىقنىڭ بىرلىشىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، بىر مۇكەممەل پىلان ياكى قائىدىنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق تور بېكەت ياساشتىكى پىلان ۋە قائىدىلەر توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتىمەكچىمەن، بۇلار ھەمكارلىق كوللىكتىپىنى تەشكىللەش، ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارغا نام بېرىش قائىدىسى، كود يېزىش ئۇسلۇبى (قائىدىسى)، ساندان لايىھىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. بۇ قائىدىلەرنى پروگرامما ئاچقۇچى، لايىھىلىگۈچى ۋە ئاسىراش خادىملىرى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشى ھەمدە بۇندىن كېيىن مۇشۇ قائىدىلەر قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. ھەر بىر كوللىكتىپنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش قائىدە-نىزاملىرى بولۇشى كېرەك، ياخشى بولغان قائىدە-نىزام خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئەمما بۇ قائىدىلەر بىردىنبىر ئۆلچەم ئەمەس، ئۇنىڭ توغرا خاتاسى بولمايدۇ، بەلكىم بەزى جايلاردا سىزنىڭ ھازىرقى ئادىتىڭىز بىلەن زىت كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇشى ياكى بەس-مۇنازىرە قوزغايدىغان بەزى جايلار بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، نۇرغۇنلار ساندان قۇرغاندا ئاپتوماتىك تەرتىپ ئىستونى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، لېكىن يەنە بەزىلەر بولسا بۇنداق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا يېتەرلىك سەۋەبلىرى بار، شۇڭا بۇلارنى يەنىلا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتكەن ياخشى.

    تور بېكەت ياساش ئالدى ۋە ئارقا بەتلەرنى ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بەت ياساش ئاساسلىق پروگراممىسىز ياكى قىسمەن پروگراممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھىلەش قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى بېكەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى لايىھىلەش، ئۇسلۇبىنى لايىھىلەش قاتارلىقلار. ئارقا بەت ياساش بولسا پروگرامما ۋە تور بېكەتنىڭ ئىشلەش مۇھىتىنى قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى تور بېكەت ساندانى ۋە تور بېكەتنىڭ ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. تۆۋەندىكى قائىدىلەر مۇشۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    1. ھەمكارلىق كوللىكتىپى تەشكىللەش
تور بېكەت ياساشقا كىرىشكەندە تۇنجى قىلىدىغان ئىش ياخشى بىر خىزمەت كوللىكتىپى تەشكىللەش. تور بېكەت ياساش خىزمىتىنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن، بىر كوللىكتىپتا ئون ئەتىراپىدا ئادەم بولسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. كوللىكتىپ ئەزالىرى ئالتە ۋەزىپىگە تەقسىملەپ بېرىلىدۇ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا يېتەكچى، پىلانلىغۇچى، گۈزەللىك لايھىلىگۈچى (بەت كۆرۈنۈشىنى لايىھىلىگۈچى)، پروگراممېر، كود رەتلىگۈچى ۋە سىناش خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئادەم يېتىشمىسە، بىر ئادەم كۆپ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، يېتەكچى يەنە پىلانلىغۇچى بولسىمۇ بولىدۇ، پروگراممېر يەنە كود رەتلىگۈچى ۋە سىناش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ قۇرماقچى بولغان بېكىتىڭىزنىڭ كۆلىمى خېلى چوڭ، ئادەم كۈچىمۇ يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا ئالتە گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ھەر بىر گۇرۇپپىغا تەپسىلىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەقسىملەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    تۆۋەندە بۇ ئالتە ۋەزىپىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن، سەمىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئالتە ۋەزىپە چوقۇم بولۇشى كېرەك، قىسقارتىۋىتىشكە بولمايدۇ.
    يېتەكچى (تۈر دېرىكتورى) ئومۇمىي گەۋدىنى لايىھىلەش، خىزمەت ۋەزىپىسنى بېكىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل، ئۇ مۇناسىپ خىزمەت قائىدىسى بېكىتىپ چىقىپ، ھەرقايسى بۆلەك خىزمەتلەرنى باھالاش، كوللىكتىپ ئەزالىرى ئارىسىدىكى خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ پىلانلىغۇچى تەپسىلىي پىلان لايىھىسى ۋە ئېھتىياج تەھلىلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنە بېكەتنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك تەشۋىقات پىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ گۈزەللىك لايىھىلىگۈچى پىلان ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن تور بېكەتنىڭ قۇرۇلمىسى، بەت يۈزى، تۇغ رەسىملىرىنى لايىھىلەيدۇ؛ پروگراممېر ئومۇمىي لايىھەگە ئاساسەن ساندان ۋە ئىقتىدار بۆلەكلىرىنى ياساپ چىقىدۇ؛ كود رەتلىگۈچى پروگراممېر يېزىپ چىققان كودلارنى بەت يۈزى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك بەتلەرنى ياساپ چىقىدۇ، سىناش خادىمى پروگراممىنى سىناشقا مەسئۇل بولىدۇ.

    2. قوراللار
    تور بېكەت ياساش قوراللىرى ئاساسلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ، بىرىنچىسى، تور بېكەت ئالدى سەھنىسىنى ياساش قوراللىرى، ئىككىنچىسى، ئارقا سەھنە مۇھىتى، ئۈچىنچىسى باشقۇرۇش ۋە قوشۇمچە قوراللار.
     ئالدى سەھنىنى ياساش ئاساسلىق بەت يۈزىنى لايىھىلەشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلما، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رەسىم-سۈرەتلەر، Flash قاتارلىقلار. ئاساسلىق قوراللاردىن Adodb Photoshop، Adobe Illustrator ، Dreamweaver MX، Flash MX قاتارلىقلار بار.
     ئارقا سەھنىنى ياساش ھەرىكەتچان تور بېكەت پروگراممىسىنى يېزىش، ساندان مودېلىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىق قوراللاردىن PowerDesigner (سانداق مودىلىنى قۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ)، PowerDesigner نىڭ سانداق لايىھىلەش جەھەتلەردىكى قوللىنىشى ئىنتايىن كەڭ، ئۇ ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ساندان ئۇقۇمى ۋە فىزىكىلىق مودېلىنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. Rational Rose پروگرامما مودىلىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر بەك مۇرەككە پروگرامما بولمىسا بۇنى قىسقارتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما مەيلى ئاددى ياكى مۇرەككەپ پروگرامما بولسۇن، يەنىلا پروگرامما قۇرۇلما سىخېمىسىنى چوقۇم سىزىپ چىقىش كېرەك.
     باشقۇرۇش ئاساسلىق تور بېكەت ياساش خىزمەتلىرىنى كونترول قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا Microsoft Project دىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، كود نەشىرىنى كونترول قىلىشتا Visual SourceSafe نى ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى CVS، Rational ClearCase قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور بېكەتنى سىناشتا VS.net غا قوشۇمچە قىلىنغان Microsoft Application Center Test نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. پروگرامما كودىنى يېزىشتا ھەر قانداق بىر يېزىق تەھرىرلەش قورالىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، خاتېرە دەپتە، Word قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ، لېكىن يەنىلا كەسپىي قوراللاردىن پايدىلانغىنىڭىز قۇلايراق.

     3. تور بېكەت ياساش تەرتىپى
     رەسمىي ياساشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن، چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك بىر باسقۇچ بار، يەنى خىزمەت تەرتىپىنى بېكىتىش. تور بېكەت ياساش ياكى تۈر ئېچىشتا ئەڭ ۋاقىت ئالىدىغىنى ئومۇمىي گەۋدىنى لايىھىلەش ۋە سىناش بولۇپ، پروگرامما كودى يېزىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئانچە كۆپ بولمايدۇ. لېكىن بەزىلەر كود يېزىشقا ئالدىرايدۇ، باھالاش ۋە سىناشقا سەل قارايدۇ، نەتىجىدە خىزمەت تەكرارلىكى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ھەرگىزمۇ كود يېزىشقا ئالدىرىماسلىق، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كېلىش كېرەك، بەش قولىنى بىراق ئېغىزغا تىققىلى بولمايدۇ-دە.

    4. ساندان
    ساندان نامىدا [سىستېما نامى_ھۆججەت تىپى] شەكلىنى قوللانغان ياخشى، مەسىلەن، سىستېما نامى xxpage بولسا، ساندان نامى xxpage_database.mdb بولۇشى كېرەك. بەزى ساندان ھۆججەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ، مەسىلەن، SQL Server دە ئىككى ھۆججەت بولىدۇ، بىرى ساندان ھۆججىتى، يەنە بىرى خاتېرە ھۆججىتى، ئۇنداقتا بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ نامى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇنداق بولىدۇ xxpage_database.mdf, xxpage_log.log، ھۆججەت نامىنىڭ ھەممىسىگە كىچىك يېزىلىش ئىشلىتىلىدۇ.
    ساندان جەدىۋەللىرىگە نام بېرىشتە، جەدىۋەل نامى ئادەتتە 30 ھەرپتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، جەدىۋەل نامى ئارىسىدا تاق سۆزلەر بولسا ھەممىسى بىرلىك شەكىلدە، باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ، كۆپ تاق سۆزلەر ئارىسىدا ئۇلاش بەلگىلى ئىشلىتىلسە بولىدۇ، ئەگەر سانداندا كۆپ سىستېما ھۆججىتى بولسا، جەدىۋەل نامى ئالدىغا سىستېما نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى قوشۇلىدۇ، سىستېما نامىنىڭ ھەممىسى كىچىك ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ، مەسىلەن bbsTitle,bbsForumType دېگەندەك. ئەگەر سانداندا پەقەت بىرلا سىستېما ھۆججىتى بولسا، جەدىۋەل ناملىرىغا سىستېما ناملىرى قوشۇلمىسىمۇ بولىدۇ. ناملار جەدىۋەل مەزمۇنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
ئىستون ناملىرىنىڭ ھەممىسى كىچىك يېزىلىدۇ، تاق سۆزلار ئارىسىدا « _ » ئارقىلىق ئايرىلىدۇ، نام بېرىش قائىدىسى [جەدۋەل نامى ياكى قىسقارتىلمىسى_تاق سۆز] شەكىلدە بولىدۇ، مەسىلەن user_name,user_pwd. ئەگەر جەدۋەل نامى تاق سۆز بولسا، جەدۋەل نامىنڭ ئالدىنقى تۆت ھەرىپى ئېلىنسا بولىدۇ.

    5. ھۆججەت قىسقۇچ ۋە ھۆججەتلەرگە نام بېرىش
    ھۆججەت قىسقۇچقا ئادەتتە ئىنگلىزچە نام بېرىلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 20 ھەرپتىن ئاشمايدۇ، كىچىك ھەرپ قوللىنىلىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللاردا لاتىن ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن نام بېرىلسىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەر بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ھۆججەت قىسقۇچلار: images (رەسىم ھۆججەتلىرى ساقلىنىدۇ)، flash ) flash ھۆججەتلىرى ساقلىنىدۇ )، style) CSS ھۆججىتى ساقلىنىدۇ)، scrpts  ) Javascrpt قوليازما تىل ھۆججەتلىرى ساقلىنىدۇ)، inc) include ھۆججەتلىرى ساقلىنىدۇ).
    ھۆججەت نامىغىمۇ بىردەك كىچىك ھەرپلىك ئېنگلىزچە ھەرپلەر، سان ۋە ئاستى سىزىقلار ئىشلىتىلىدۇ. نام بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇنداق پايدىسى بار، بىرىنچىدىن، گۇرۇپپىدىكى ئەزالارنىڭ ھەر بىر ھۆججەتنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرۈشى قۇلاي بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە ھۆججەتلەرنى ئىسىم بويىچە رەتكە تۇرغۇزغاندا، ئوخشاش تۈردىكى ھۆججەتلەر بىر يەرگە تىزىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىزدەش ئاسانلىشىدۇ.

    1. رەسىملەرگە نام بېرىش پىرىنسىپى. ھۆججەت نامى باش ۋە ئاياق بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، ئىككىسى ئاستى سىزىق ئارقىلىق ئايرىلىدۇ. باش قىسمى ھۆججەت تەۋە بولغان چوڭ تۈرنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن ئېلان، تۇغ، تىزىملىك دېگەندەك. بەتنىڭ ئۈستى قىسمىغا قويۇلىدىغان، ئۇزۇن رەسىملەر banner بولىدۇ، بەلگە خاراكتېرلىك رەسىملەر logo، بەت يۈزىدىكى تۇراقسىز ھەمدە ئۇلىنىش قىلىنغان رەسىملەر button، تىزىملىككە ئىشلىتىلگەن رەسىملەر menu، بېزەك ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن رەسىملەر بولسا pic بولىدۇ، ئۇلىنىش قىلىنمىغان، تېمىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەرگە بولسا title دەپ نام بېرىلىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە ئۈلگە كۆرسىتىلدى:
banner_sohu.gif ، banner_sina.gif، menu_aboutus.gif ،menu_job.gif،  title_news.gif، logo_police.gif،  logo_national.gif ، pic_people.jpg.

    2. ھەرىكەتچان پروگرامما ھۆججەتلىرىگە نام بېرىشتە [خاراكتېرى_چۈشەندۈرۈش] شەكلى قوللىنىلىدۇ، چۈشەندۈرۈشتە كۆپ تاق سۆزلەر بولسىمۇ بولىدۇ، ھەر بىرى ئاستى سىزىق بىلەن ئايرىلىدۇ. مەسىلەن register_form.asp، register_post.asp، topic_lock.asp دېگەندەك.

    6. پروگرامما كودىنى يېزىش قائىدىسى
    ياخشى بولغان كود يېزىش ئۇسلۇبى ئاسىراش ۋە كودنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقىغا پايدىلىق. بۇ يەردە پەقەتلا ASP نىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە قائىدىلىرى سۆزلىنىدۇ. ASPدىكى ئۆزگىرىشچان مىقدارلار بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، ئېنىقلىما بەرمەي تۇرۇپمۇ بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ چوڭ-كىچىك يېزىلىشنى ئايرىمايدۇ. لېكىن باشقا پروگرامما تىللىرىدا بۇلارغا ئالدىن ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. ياخشى بولغان پروگرامما يېزى ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، كود يازغاندا چوقۇم تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

    1. ھەر بىر ئۆزگىرىشچان مىقدار چوقۇم ئالدىن ئېنىقلىنىشى كېرەك. ASP دا ھۆججەتنىڭ باشلانغان جايىغا <%Option Explicit%> جۈملىسىنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز، ئۆزگىرىشچان مىقدارلارنى ئېنىقلىما بەرمەي تۇرۇپ ئىشلىتەلمەيسىز.

    2. كودنىڭ بىردەكلىكى ئۈچۈن، ئۆزگىرىشچان مىقدارلارغا نام بېرىشتە تۆۋەندىكى قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

تارماق تىپ ئالدى قوشۇمچە مىسال
Boolean bln blnFound
Byte byt bytRasterData
Date (Time) dtm dtmStart
Double dbl dblTolerance
Error err errOrderNum
Integer int intQuantity
Long lng lngDistance
Object obj objCurrent
Single sng sngAverage
String str strFirstName


    3. كودنىڭ قۇر بېشى قەۋەتلەر بويىچە ئىچىگە كىرگۈزۈپ يېزىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن Tab كونۇپكىسى ئىشلىتىلىشى، بوشلۇق كونۇپكىسى ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك ھەمدە تەڭلىك بەلگىسى ياكى ئۇلاش بەلگىسى ئىشلەتكەندە ئىككى تەرەپتىن بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن:


<%  strMessage = “Hello”  strMessagestrMessage = strMessage & “World!”  %>

    4. فۇنكسىيە، جەريانلارغا نام بېرىش. فۇنكسىيە ياكى جەريانلارغا نام بېرىشتە [ھەرىكەت | ئىسىم] شەكلىنى قوللىنىش، ھەر بىر فۇنكىسىيەنىڭ ئىقتىدارى، ئۆزگەرگۈچى مىقدارلىرى، ئاپتورى ۋە ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى دېگەندەك مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئىزاھلاش كېرەك. مەسىلەن:


<%  '[功能] 返回一个参数的值  '[参数] strParameterName 参数名称  '[作者] icefire 2002/8/20 am  Function GetParameterValue(strParameterName)  Dim objRS, strSQL, strParameterValue  strSQL = "SELECT ParameterValue FROM damsParameters WHERE ParameterName = '" & strParameterName & "'"  .   GetParameterValue = strParameterValue Set objRS = Nothing End Function  %>
   

    5. ASPدىكى ئىچكى ئوبېيكتلارنىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىشنى پەرقلەندۈرۈش. مەسىلەن:


strUserName = Request.Form(“UserName”)  Set conn = Server.CreateObject("ADODB.Connection")  

  
    6. سانداننى ئۇلاشتا، بىر سانداننىڭ پەقەت بىرلا ئۇلىنىشى ھۆججىتى بولۇش، ساندان ئوبېيكتى قۇرۇشتا، سانداننى ئامال بار كېيىن ئېچىپ، ئامال بار بالدۇر تاقاش. ساندان ئوبېيكتى قۇرۇشتا بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن فۇنكسىيە ئىشلىتىش. مەسىلەن:


Sub OpenConn(ByRef conn)  Dim strDBPath, strDBConnection  strDBPath = Server.MapPath("database/tax.mdb")  strDBConnnection = "Driver={Microsoft Access Driver (*.mdb)}; DBQ=" & strDBPath  Set conn = Server.CreateObject("ADODB.Connection")  conn.Open strDBConnnection  End Sub  


    7. مەلۇم ئوبېيكت قايتا ئىشلىتىلمىگەندە، ئوبېيكت ئىگەللىگەن سىستېما مەنبەلىرىنى بالدۇرراق بىكارلاش، مەسىلەن objFSO,objRS قاتارلىق ئوبېيكتلار. بۇنىڭدىمۇ بىرلىككە كەلگەن فۇنكسىيە ئىشلىتىش كېرەك.


Sub CloseObj(ByRef obj)  If IsObject(obj) Then  obj.Close  Set obj = nothing End If  End Sub  

    8. ۋاقىتنى يېزىق قاتارى شەكىلدە سانداندا ساقلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ۋاقىت شەكلى ئوخشىمىغان ساندانلار ئارىسىدىمۇ ياخشى ساقلىنىدۇ، ساندان كۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولىدۇ. ۋاقىت 14 خانىلىق يېزىق قاتارى، چىسىلا 8 خانىلىق يېزىق قاتارى ئارقىلىق ساقلانسا بولىدۇ.

    يۇقارمى مەزمۇنلاردا خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىلدى. بەلكىم قىسمەن مەزمۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن كۆپىنچە قائىدىلەر يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. پروگراممېر دوستلار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئىلمىي پايدىلىنىشىنى، بۇنىڭدىن بەلگىلىك نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: رامىزان بلوگى

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-27 17:16.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.