28- dmg نى قاتتىق دىسكىغا يېزىش قۇرالى HD_Install_Helper نى ئاچىمىز(مىنىڭ تور دىسكامداLion_Install_Tools_win نىڭ ئىچىدە بار) HD_Install_Helper ھۆججەتنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز 3 دانە دېتال بار خىللاپ تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ پەقتلا تىلى ئوخشىمايدۇ ئىختىدارى ئوخشاش تۈۋەندىكىدەك باشقۇرغۇچى ھالەتتە قوزغىتىسىز
29- ئۈستىدىكى كاتەكچىنىڭ يىنىدكى كىچىك كونوپكىنى بېسىپ تەييارلىۋالغان basesystem-hfs.dmg نى كۆرسىتىپ بىرىمىز
30- ئاستىدىكى رايون كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئورۇندىن بىز بۇرۇن ئايرىۋالغان 6GB رايوننى كۆرسىتىپ بىرىمىز (ئەمەلىيەتتە6GB لىق رايوندىن ئىككىسى بار قايسىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ئوخشاش چۇقۇم 6GB لىق رايوننى كۆرسىسىپ ) مەن ئايرىۋالغان رايون E . I دىن ئىبارەت (سىزنىڭ باشقا بۇلىشى مۇمكىن) شۇنىڭ بىرىنى كۆرسىتىپ بىرسىز مەن E نى تاللىدىم
رايون كۆرسىتىپ ئاستىدىكى ئۈچ كاتەكچىدا توغرا بەلگىسى بار شۇلارنىڭ ھەممىسىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ باشلاش كونوپكىسىنى باسىمىز (باشلاش كونوپكىسىنى بېسىپ بولۇپ مەشغۇلات قىلماك. قاتتىق دىسكىغا يېزىش جەريانىدا كومپيۇتېرىڭىز قېتىۋالغاندەك تەسىر بىرىدۇ ،دېتال مەشغۇلات قىلىۋىرىدۇ ، چېقىلماق بىردەمدىلا يېزىپ بۇلىدۇ ) مۇۋاپىقىيەلىك يېزىلغان بولسا تۈۋەندىكىدەك چىقىدۇ
31- mac نى يازغان دىسكىنى windows بىۋاستە كىرگىلى بولمايدۇ بۇۋاقىتتا بىز MacDrive بۇ دېتالغا ئىھتىياجلىق بۇلىمىز(مىنىڭ تور دىسكامداLion_Install_Tools_win نىڭ ئىچىدە بار) MacDrive نى قاچىلاپ بولۇپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىسز بۇ چاغدا ئالمىنى يازغان دىسكىنڭىزدىن قىزىل ئالمىنىڭ پىشىپ كەتكىننى كۈرسىزundefined تۈۋەندىكىدەك
ئەگەر چىگە كىرىىڭ (ئىچىدىن ئالما چىقمايدۇ جۇمۇ undefined) تۈۋەندەك ھۆججەتلەرنى كۈرىسىز
32- بۇ ئالما ياغان رايوننىڭ سىغىمى تۈشۇپ قالىدۇ بىز ھېلىقى Packages(سىغىمى 3.62GB ئەتراپىدا) دىگەن ھۆججەتنى بۇ رايونغا كۈچۈرىمىز رايون تۇشۇپ قالغان تۇرسا undefined بۇنىڭ چارىسى مۇنداق Paragon.Partition.Man.11.Personal_server(مىنىڭ تور دىسكامداLion_Install_Tools_win نىڭ ئىچىدە بار) دېتالى ئارقىلىق قېپ قالغان 6GB لىق رايوننى تۇشۇپ قالغان ئالما رايونغا قۇشۇپ بىرمىز (مەشغۇلات جەريانى كىينكى قەدەمدە)
33- Paragon.Partition.Man.11.Personal_server ھۆججەتنىڭ ئىچىگە كىرسەك نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەر بار launcher.exe ئىسىملىك ھۆججەتنى باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيتدە ئىجرا قىلىمىز
34- دېتال ئېچىلغاندىن كېيىن بىز ھېلىقى قىپ قالغان 6GB ئۈچۈرۋېتىمىز(خاتا ئۈچۈمەڭ سىزنىڭكىنىڭ ئىسمى باشقىچە چىقىشى مۇمكىن) تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۈچۈرمەكچى بولغان رايوننى تاللاپ ما ئوسنىڭ ئوڭ كونوپكىسىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن ئىككىنچىسىنى يەنى رايوننى ئۈچۈرۈش دىگەننى تاللاپ ئۈچۈرۋېتىمىز
ئۈچۈپ بولغاندىن كېيىنكى كۈرۈنمە يۈزى
35- ئالما قاچىلانغان رايوننى تاللاپ ما ئوسنىڭ ئوڭ كونوپكىسىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن ئۈچۈنچىسى(يۆتكەش ...)نى تاللايمىز
ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك قىزىل رامكىنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسىڭىز مائوسنىڭ سىن بەلگىسى ئۆزگىرەيدۇ شۇ ۋاقىتتا بېسىپ تۇرۇپ ئوڭغا سىيرىسىڭىز بۇلىدۇ سىيىىپ بولۇپ (بۇلىدۇ) دىگەن كونوپكىنى چىكىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ
36- رايوننى بىرىك تۈرۈپ بولدۇق ئەمدى رايوننىڭ ئالما قاچىلانغان رايوننىڭ id سىنى apple-hfs كە ئايلاندۇرۋالىمىز ئالما قاچىلانغان رايوننى تاللاپ مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن سەككىزىنچى قۇردىكىنى تاللايمىز ۋە تۈۋەندىكىدەك قىلىپ تەڭشەيمىز
37- يۇقارقى مەشغۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىپ دېتالنى تاقىۋەتسەك بۇلىدۇ تۈۋەندىكى كۈرسىتىلگىنىدەك
مۈشغۇلات قىلىش جەريانىدا تۈۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۈرۈلسە ئوتتۇردىكىنى بېسىپ ئۈتۈپ كىتىڭ
مەشغۇلات تاماملانغاندىن كېيىنكى كۈرنۈش كۆزنەكنى تاقاپ دېتالدىن چىكىنىپ چىقسىڭىز بۇلىدۇ
مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن مىنىڭ كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ بىز بايام قۇشۇپ بەرگەن 6GBلىق رايون مۇۋاپىقىيەتلىك قۇشۇلىپتىمۇ تۈۋەندىكىدەك بولسا مۇۋاپىقىيەتلىك
38- ئالما قاچىلانغان رايوننى ئچىگە كىرىپ system\Installation نىڭ ئىچىگە بىز تەييارلىۋالغان Packages ناملىق ھۆججەتنى ھۆججەت قىسقۇچ بىلەن باستۇرۇپ كۈچۈرۈڭ، سىغىمى بىرقەدەر چوڭ سەل كۈچۈرۈپ بولغۇچە تەخىر قىلپ ساقلاپ تۇرۇڭ كۈچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن system\Installation\Packages نىڭ ئىچىگە بىز بايام توردىن چۈشۈرگەن OSInstall(MBR) OSInstall.mpkg(10.8.2) ھۆججەت ئىچىدىكى OSInstall.mpkg ھۆججىتىنى باستۇرۇپ كۈچۈرىمىز، تۈۋەندىكى ھۆججەت دەل ئۈزى
39-قەدەمدە OSInstall(MBR) OSInstall.mpkg(10.8.2) بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدە OSInstall بىر ھۆججەت بار بىز بۇنى تۈۋەندكى ئادىرى ئاسىتىغا باستۇرۇپ كۈچۈرىمىز
System\Library\PrivateFrameworks\Install.framework\Frameworks\OSInstall.framework\Versions\A
تۈۋەندكى ھۆججەت دەل ئۈزۈى(باشقىسىنى كۈچۈرسىڭىز قاچىلاش جەرياندا خاتالىق چىقىۋالىدۇ)
40- Chameleon_Install نى قاچىلايمىز ،
41- قاچىلاپ بۇلغاندىن كېيىن Chameleon نى تاللاپ دىسكا تاللىغان ۋاقىتتا بايام ئالما قاچىلغان رايوننى كۆرسىتىپ بىرىمىز (ئىسىڭىزدە بولسا ئانا تاختىنىڭ achi ئىختىدارىنى ئېچىشنى ئۈنۇتماڭ)
42- Chameleon ننى تاللاپ قوزغاتقاندىن كېيىن كومپيۇتېرمىزدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ بىز بۇ يەردە ئالما قاچىلانغان(ئالما قاچىلانغان رايوننىڭ ئۈستىدە ئالمىنىڭ رەسىمى بار) Mac OS X Base System ناملىق رايوننى تاللاپ Enter كونوپكىسىنى بېسىپ قوغىتىمىز
43- كومپيۇتېرىڭىز ئۈچۈپ كەتتى، ياكى باشقا خاتالىق چىقتى شۇنداقمۇ (ئەگەر ئۈچۈپ كەتمىگەن بولسا سىز مەشغۇلات قىلىۋەرسڭىز بۇلىدۇ)
ئەگەر ئۈچۈپ كەتكەن بولسا ياكى خاتالىق چىققان بولسا ... كومپيۇتېرىڭىزنى قوزغىتىپ يەنە ئالما قاچىلانغان رايوننى تاللاپ كونوپكا تاختىسىدىن v , x- , -f - لەرنى كىرگۈزۈپ قوزغىتىپ كۈرۈڭ خاتالىق ھەل قىلىنىپ قوزغىلىدۇ (بۇ باسقۇچنى ھۇرۇنلۇق قىلماي چۇقۇم قىلىسىز) يەنە بولمىسا كومپيۇتېرىڭىزنى windows سېستىمىدا قوزغىتىپ wowpc.iso نى windows قاچىلانغان C رايوننىڭ غول مۇندەرىجىسىگە باستۇرۇپ كۈچۈرسىز(wowpc.iso نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىس مىنىڭ تور دىسكامدا بار)1 C+ s$ E4 l& j$ V
مۇۋاپىقىيەتلىك كۈچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ Chameleon نى تاللاپ قوزغىتىسىز
44- ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىماي قالدى شۇنداقمۇ (ئالما كومپيۇتېرى ئىشخانىسى) دەپ windows قاچىلانغان رايونلا بار كونوپكا تاختىسىدىن F8 كونوپكىسىنى باسسىڭىز ھەممە رايون چىقىدۇ.
F8 باسقاندىن كېيىن
45- ئالما قاچىلانغان رايوننى تاللاپ enter كونوپكىسىنى باسىمىز ، ئاق ئالمىنىڭ رەسىمى بىردەم چىقىپ تۇرۇپ قاچىلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ (ئەگەر يەنە كىرمىسە ياكى ئۈچۈپ كەتسە ياكى خاتالىق چىقى ۋالسا v , x- , -f - لارنى بېسىپ قوزغىتىپ كۈرۈڭ ھۇرۇنلۇق قىلماڭ يەنە قوزغالمىسا تىمامنىڭ ئاخىرىدا ھەل خاتالىق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى بار شۇلارنى سىناپ كۈرۈڭ)
46- قاچىلاش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن ئاۋۋال قىلىدىغىنىمىز تىل تاللايمىز مەن بۇ يەردە خەنزۇ تىلىنى تاللىدىم(تىل تاللايدىغان يەردە ئۇيغۇر تىلى يوقتە بولمىسا ئۇيغۇر تىلىنى تاللىغان بۇلاتتىمundefined) ئاستىدىكى كونپكىنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتسىڭىز بۇلىدۇ
47- بىر كۆزنەك چىقىدۇ تۈۋەندىكىدەك ئۈتۈپ كەتسەك بۇلىدۇ
48- تۈۋەندىكى قەدەمدە سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسى چىقىدۇ لېكىن ھەيران قالارلىق بىر ئىش نىمشقا ھەممىسىدە ئۈندەش بەلگىسى چىقىۋېلىپ يازغىلى بولمايدۇ ؟ چۈنكى بىز باشتا ئايرىۋالغان رايوننى mac os x قوللايدىغان ھالەتتە فورماتلىمىدۇق
49- فورماتلاش ئۇسۇلى mac نى قاچىلاش كۆزنىكىڭ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىكى 实用工具 نىڭ ئىچىدىن 磁盘工具 غا كىرىمىز..
50- سول تەرەپتىكى رايون تىزىملىكىدىن بىز باشتا ئايرىۋالغان 20GB لىق ئورۇننى تاللايمىز (مەن ئىسمىنى TANHA BORA MAC OS X دەپ يازغانتىم سىزنىڭ باشقىچە بۇلىشى مۇمكىن )
51- ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتىن 抹掉 نى بېسىپ بۇ رايونغا ئىسىم قۇيىمىز(خالىغانچە قويسىڭىز بۇلىدۇ مەن TANHA BORA MAC OS X دەپ قويدۇم) ۋە فورماتلاش شەكلىنى تاللايمىز. تاللىغاندا چوقۇم Mac OS 扩展(日志式) تاللاڭ.
52- يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى قىلىپ بولغان بولسڭىز رايون فورماتلاش مەشغۇلاتى تۈگەيدۇ كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىدىكى تاقاش كونوپكىسىنى چىكىپ تاقىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ ئەمدى قاراپ بېقىڭ سىز سايا فورماتلىغان رايوندىلا ئۈندەش يوق باشقىسىدا بار سىز شۇ رايوننى تالللاپ قاچىلاش دىگەن كونوپكىنى چىكىسىز
53- ھازىر ئالما سېستىمىسنى يېزىش ھەقىقى باشلاندى بەلكىم 20 مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاڭ باشقا يەرلەرگە چېقىلماڭ چېقىلماي تۇرسىڭزى بىردەمدىن كىين ئىكران ئوپ ئاق بولۇپ قالىدىكەن قورىقماڭ ما ئوسنى مۇنداقلا مىدىلتىپ قويسىڭىز ئوڭشىلىدۇ ، قاچىلنىش باسقۇچى تۈۋەندىكىچە
قاچىلنىپ بولغاندىن كېيىن تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ
ساقلاپ تۇرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ياكى قايتا قوزغىتىش كونوپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىزمۇ بۇلىدۇ
54- خاتالاشمىسام ناھايتى ئېچىنىشلىق بىر ئىشقا يۇلۇقتىڭىز شۇنداقمۇ كومپىيۇ تېرىڭىز قوزغىلالمىدى، يا ئالما قوزغىلالمىدى يا windows قوزغىلالمىدى
55- بۇنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە C رايون ئاكتىپ رايون ھالىتىنى يوقاتتى(活动区 بولماي قالدى) بۇنىڭ بىلەن windows قوزغىلالمايدۇ ، ئەلۋەتتە Chameleon مۇ قوزغىلالمايدۇ، ئەمما ئەنسىرىمەڭ بۇنى مۇنداق مۇنداق ھەل قىلىسىز . مەن باشتا دېگەن ھېلىقى سىستېما دېسكىلىرىنى تەييار قىلغانمۇ ؟ ياخشى ئەمىسە ئەگەر سىز Windows7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز كومپيۇتېرنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچتىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ windows7 نىڭ قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىپ Windiws 7 نىڭ قاچىلاش كۆزنىكىگە كىرگەندە تۆۋەندىكىدەك قىلىسىز
بۇنىڭدىن 启动修复 نى بېسىپ قويساق ئۆزى سىزگە ئوڭشاپ بېرىدۇ
XP ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز winpe ئارقىلىق قوزغىتىپ WinPE دىكى قاتتىق دىسكا قوراللىرى بىلەن C رايوننى 活动区 قىلىۋەتسىىزلا بولىدۇ(مەندە xp قاچىلىمىغان بولغاچقا ھەم ئاكتىپلاپ باقمىغاچە ئۇسۇلىنى دەپ بىرىشكە ئامالسىز بىلىدىغان دوسلارنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن)
56- كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ Chameleon نى تاللاپ كىرىمىز قارىساق بۇ يەردە يەنە بىر ئالما دىسكىسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىننى كۈرىمىز
57 بۇ ئىككى ئالما رايوننىڭ Mac OS X Base System ئىسىملىكى بىز قاچىلاشقا تەييالىق قىلىۋالغىنى بۇنى قوزغاتمايمىز 20GB ئايرىپ قاچىلىغىنىمىز ئىسمى TANHA BORA MAC OS X (سىزنىڭكىدە نىم دەپ ئىسىم قويغان بولسىڭىز شۇنداق چىقىدۇ) شۇنى تاللاپ Enter كونوپكىسىنى بېسىڭ ئالمىنىڭ رەسىمى چىقىپ بىردەمدىن كىين ئاكتىپلاش باسقۇچىنىڭ بىرىنچى كۆزنىكى چىقدۇ
ئۇستىدىكى بەلگىنى باسسڭىز ھەممە كىرگۈزگۈچلەر چىقىدۇ خالىغىغىنىڭىزنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ مەن ئۇيغۇرچىنى تاللىۋالدىم
58- تۈۋەندىكى قەدەم باسقۇچتا ئەزالىق نام مەخپى شىفىر قاتالىقلار بار خالىغانچە كىرگۈزىسڭىز بۇلىدۇ
ئاخرى ئالمىنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆردىڭىزمۇ ھاردۇقڭىز چىقتىمۇ ئاخرى قاچىلاپ بولدىڭىز مانا .
سېستىما قاچىلاش ئەمدى تۇلۇق تاماملاندى..قالغان قوزغاتقۇچلارنى قاچىلاش ئۆزىڭىزگە باشلىق ..ئاۋاز سۈرئەت كارتا قوزغاتقۇچلىرىنى كارتىلىرىڭىزنىڭ تىپىغا ئاساسەن توردىن تاپسىڭىز بولىدۇ..لىكىن بەك تەس تاپماق ..تاپالمىسىڭىز مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويۇڭ ، بىللە تېپىشىپ بىرەرمىز. قاچىلاش جەريانى مۇشۇنداق مۇرەككەپ ، قاچىلاشتىن بۇرۇن چۇقۇم تېمىنى تۇلۇق بىر قىتىم كۈرۈۋەتكەندىن كېيىن قىلىڭ..تەپسىلى ئوقۇپ ئالدىرماي قىلسىڭىز چۇقۇم قىلالايسىز.
تېمىنى مۇشۇ يەردە توختىتاي ، بىكار ئۆزۈمنى تۇتالماي يېزىپ كىتىپ بىركۈننى كەچ قىلىپ 2- كۈننىمۇ كەچ قىلىۋەتكىلى قوپتۇم
.
قاچىلاش باسقۇچىدا چەكلەش بەلگىسى چىقىۋېلىش
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى:ئاساسى تاختىنىڭ AHCI ئىقتىدارى ئېچىلمىغان،باشتا دېگەندەك BIOS تەڭشەشكە كىرىپ ئېچىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
بەش دۆلەت تىلىدىكى خاتالىق ئۇچۇرى
قىسقارتىلىپ بەش دۆلەت دېيىلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ،چىققان خاتالىققا قارتا مەشغۇلات قىلىمىز
Bootthink قا كىرگەندىن كېيىن F8 نى بېسىپ،ئاندىن “-v” نى كىرگۈزۈپ، دىئاگنۇز ھالىتىگە كىرىمىز،بۇيەردە خاتالىقنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،ئۇنى خاتىرىلىۋېلىپ، بەڭدۇ ياكى گۇگىلدىن ئىزدىسەك مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن چىقىدۇ .(ئۇندىن بۇرۇن –x بۇيرۇقى بىلەن بىخەتەر ھالەتتە ئىجرا قىلىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ)
ئاق ئالما چىقىۋېلىپ قوزغالماسلىق
بۇنىڭ سەۋەبىمۇ كۆپ خىل بۇلىدۇ كۈپۈنچە “-v” نى كىرگۈزۈپ قوزغاتساق dsmos has arrived خاتالىقى چىقىۋالسا بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە (مۇشۇ خاتالىق مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا يۇز بەرگەن)
بۇ خىل خاتالىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قوزغات قۇچ پرەگراممىلىرنىڭ ماس كەلمىگەن لىكى بولغاچقا windows مۇھىتىدا ھەقىقى ئالما قاچىلانغان رايوننىڭ- /System/Library/Extensions
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش نىڭ ئىچىگە كىرىپ تۈۋەندىكى پروگراممىلارنى ئۈچۈرۋېتىڭ (ئۈچۈۋېتىشتىن ئىلگىرى بىر نۇسخا زاپاسلاپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ)
删了全部/System/Library/Extensions/ATI****.**** 显卡驱动(记得备份)
删了全部/System/Library/Extensions/Geforce****.**** 显卡驱动(记得备份)
删了全部/System/Library/Extensions/NVDA****.**** 显卡驱动(记得备份)
خەنزۇچە بەتتىن پايدىلنىپ ھەل قىلغانلىقىم ئۈچۈن شۇ يەردىكى مەزمۇننى كۈچۈرۈپلا ئالدىم (مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىپ مۋاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم)
قوزغاتقۇچ پىروگرامملىرىنى تۇنۇتۇش.
بۇ ھەقتە مىنىڭ بىلىمىم كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن تۇنىتالمىدىم بۇ ھەقتە ئۇستازلىمىزنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئەسكەرتىش : بۇ تىمىنى يېىزپ بولغۇچە كومپيۇتېرنى نەچچە قېتىم قوزغىتىپ نەچچە قېتىم ئاچقانلىقىم ئىسىمدە يوق يەنە كىلىپ تىمىنىڭ يېرىمدىن تارتىپ رەسىملەرنى تېلېفونۇمدا تارىتقانتىم سەل دۇغ چىقىۋالدى دوسلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ قۇيىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ئاخىردا مۇشۇ ساھەدە توختىما ئىزدىنىۋاتقان ئۇستازلىمىزغا ۋە جۈملىدىن توردىكى نامى iphone3g دىگەن قېرىندىشىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ۋە چوڭقۇر ئىھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئۈچۈرغان مەسىلىلىرىڭىزنى ئىنكاس ئارقىلق يازسىڭىز مۇشۇ يەردە ھەل قىلىمىز ۋە مۇشۇ ساھەدە ياردەمگە ئىھتىياجلىق دوسلىرىمىز چ چ :1135352682 چ چ نى قۇشىۋېلىپ ياردەم سوارسا بۇلىدۇ ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىمەن، ئەگەر تىمام ئۇڭۇشۇق بولغان بولسا مۇنبەر تەڭگەڭلىنى ئايمىاسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن
سەمىمى ئەسكەرتىش: بۇ تىمى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز مەنبەنى ۋە يازغۇچىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋال ئاستىدا كۈچۈرۈپ تارقاتسا بۇلىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئۈنداق قىلمىسڭىز ئۈزىڭىزنى ۋىجدان تارازىسىدا قۇيۇپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ
تەنھا بۆرە كومپيۇتېر تېخنىكىسى
شەخسى بىلوگىم:http://www.tanhabora.com/ |