- جۇغلانما
- 20297
تىزىملاتقان2010-8-7
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-11 21:13
2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلان قىلىندى،چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش جەمئىي7كۈنگە تەڭشەلدى.
ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتونوم رايون،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ھەرقايسى مىنىستىرلىك،كومىتېتلار،ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق،ھازىر2014-يىللىق يېڭى يىل،چاغان،چوكانتال بايرىمى،ئەمگەكچىلەر بايرىمى،تاڭزۇڭزا بايرىمى،تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش تەڭشەلگەن ۋاقتلىرىنىڭ كونكرېتنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلدۈرگۈسى(ئۇقتۇرۇشى)تۆۋەندىكىچە:
1.يېڭى يىل:1-ئاينىڭ1-كۈنى1كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
2.چاغان:1-ئاينىڭ31-كۈنىدىن2-ئاينىڭ6-كۈنىگىچە تەڭشىلىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ،جەمئىي 7كۈن.1-ئاينىڭ26-كۈنى(پازار كۈن(يەكشەنبە))،2-ئاينىڭ28-كۈنى(ئاتناراس(شەنبە))ئىشقا چىقىدۇ.
3.چوكانتال بايرىمى:4-ئاينىڭ5-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ،4-ئاينىڭ7-كۈنى(باش كۈن(دۈشەنبە))تولۇقلاپ دەم ئېلىنىدۇ.
4.ئەمگەكچىلەر بايرىمى:5-ئاينىڭ1-كۈنىدىن3-كۈنىگىچە تەڭشىلىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ،جەمئىي3كۈن.5-ئاينىڭ4-كۈنى (پازار كۈن(يەكشەنبە))ئىشقا چىقىدۇ.
5.تاڭزۇڭزا بايرىمى:6-ئاينىڭ2-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ،ھەپتە ئاخىرىمۇ قوشۇلۇپ دەم ئېلىنىدۇ.
6.تاۋۇز چاغىنى:9-ئاينىڭ8-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ،ھەپتە ئاخىرىمۇ قوشۇلۇپ دەم ئېلىنىدۇ.
7.دۆلەت بايرىمى:10-ئاينىڭ1-كۈنىدىن7-كۈنىگىچە تەڭشىلىپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ،جەمئىي7كۈن.9-ئاينىڭ28-كۈنى(پازار كۈن(يەكشەنبە))،10-ئاينىڭ11-كۈنى(ئاتناراس(شەنبە))ئىشقا چىقىدۇ.
ھېيت-بايرام مەزگىلىدە،ھەرقايسى ۋىلايەت،ھەرقايسى ئورۇنلار نۆۋەتچىلىك ۋە بىخەتەرلىك،قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.زور تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ھادىسلەرگە يولۇقسا،بەلگىلىمە بويىچە دەل ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى،خەلق ئاممىسىنىڭ ھېيت-بايراملارنى خاتىرجەم،ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى كاتىباتلىق نازارىتى
2013-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى
تېڭشۈن تورىدىن تۇران تەرجىمىسى
مەنبە:http://news.qq.com/a/20131211/01 ... 0&ADPUBNO=26274
قوشۇمچە:كەنجئاي [kencay] (ھەپتە) — كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن:
1. ساقان [saqan] — دۈشەنبە (زۇھەل، ساتۇرىن يۇلتۇزى)؛ سەكەنتۇر، سەكەنتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
2. ئوڭاي [oñay] — سەيشەنبە (ئوڭاي يۇلتۇزى يەنە ئۇيغۇرچىدا ئەرەنتىر، قاراقۇش دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان؛ مۇشتەرى، يۇپىتىر يۇلتۇزى).
3. قۇرت [qurt] — چارشەنبە (مېرىخ، مارس يۇلتۇزى)؛ قۇرت — بۆرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى، قەدىمكىلەر بۆرىنى ئۇلۇغلىغاچقا ۋە ئۇنىڭدىن قورققاچقا، ئۇنىڭ نامىنى بىۋاستە ئاتىماستىن، ئۇنى قۇرت دەيتتى، بۆرە ئۆلتۈرسە، قۇرۇت ئۆلتۈردۈم دەيتتى؛ قۇرۇت، كۇرۇت، كۇرۇد دېگەندەك تەلەپپۇزلىرى بار.
4. قۇياش [quyaş] — پەيشەنبە (قۇياش؛ كۈن).
5. سەۋىت [sevit] — جۈمە (زۆھرە، چولپان، ۋېنېرا يۇلتۇزى).
6. ئاتارۇت [atarut] — شەنبە (ئارزۇ، مېركورى يۇلتۇزى).
7. يالچىق [yalçiq] — يەكشەنبە (ئاي، ئاي شارى).
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ئۇلارنى، باش كۈن (دۈشەنبە)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتنا كۈن (پەيشەنبە)، ئاتنا كۈن (ئازنا-جۈمە)، ئاتناراس (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان. |
|