شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى›› نى يولغا قويۇش چارىسى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پەرمانى
187 – نومۇرلۇق
‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <دۆلەت يېرىدىكى ئۆي – ئىمارەتلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› 2013 – يىل 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 12 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. ئۇنى ھازىر ئېلان قىلدىم. 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى
2013 – يىل 15 – نويابىر
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۆيى ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹نىزام›› دېيىلىدۇ) غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش تەدبىرىنى بېكىتىشتە دېموكراتىك بولۇش، تەرتىپى توغرا بولۇش، تۆلەم ئادىل بولۇش، ئۇچۇر ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم.
4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى مەمۇرىي رايون ھالقىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتى مەسئۇل بولىدۇ (تۆۋەندە بىردەك ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت دېيىلىدۇ).
ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئۆي ئېلىش تارمىقى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆي ئېلىش تارمىقى دېيىلىدۇ) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ.
ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر – يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات – ئىسلاھات، ئۆي – مۈلۈك، مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىقتىسادىي تەپتىش، مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلىرى بۇ چارە ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ئېلىنىدىغان ئۆي بار جايدىكى كوچا ئىش باشقارمىسى، بازار (يېزا)لىق خەلق ھۆكۈمىتى، مەھەللە، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلار ئۆي ئېلىش تارمىقىغا ماسلىشىپ، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
5 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇش ئورنىنى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىشنىڭ كونكرېت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھاۋالەنامىگە ھاۋالە قىلىش دائىرىسى، ھوقۇق چېكى، مۇددىتى، مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك.
ئۆي ئېلىشنى يولغا قويىدىغان ئورۇندا ئۆي ئېلىش ھەققىدىكى قانۇن – نىزام، سىياسەت ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە پىششىق خادىملار بولۇشى، ئۆي ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مۇناسىپ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ئىشلارغا قىلىنغان ئەمەلىي چىقىمىغا قاراپ ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
6 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.
ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مەسئۇل تارمىقى مالىيە، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات – ئىسلاھات قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.
ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشقا، مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى، ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان ئىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشى ھەم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇنلارغا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىگە بولغان مەمۇرىي تەپتىشنى كۈچەيتىشى لازىم.
2 – باب ئۆي ئېلىش قارارى
7 – ماددا ئۆي ئېلىشقا مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئالغاندا چىقارغان قارار ‹‹نىزام››نىڭ 8 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
‹‹نىزام›› نىڭ 8 – ماددىسى (1) تۈرىدىن (4) تۈرىگىچە بولغان بەلگىلىمىلەردىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە تەۋە بولسا ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى قۇرۇلۇش يېرى پىلانىدىكى ئىجازەت بېرىلگەن دائىرىگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك. ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى يەرلەرنى جامائەت پاراۋانلىقىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
‹‹نىزام›› نىڭ 8 – ماددىسىنىڭ (5) تۈرىدە بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش تۈرىگە تەۋە بولسا، ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى تىزگىنلەش خاراكتېرىدىكى تەپسىلىي پىلان بويىچە بېكىتىش كېرەك. تۆلەم بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تاماملانماي تۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقىدىن باشقا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاپ يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.
8 – ماددا ئۆي ئالغاندا ئۆي ئېلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. ئېلىش كۆلىمى چوڭراق بولسا، باسقۇچقا ئايرىپ يولغا قويۇش ھەمدە ئۆي – مۈلۈك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆي ئېلىش تۆلەم ئۆلچىمىنى باسقۇچ بويىچە بېكىتىپ، ئۆي ئېلىشقا تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئايرىم بېكىتىش ۋە ئۆي ئېلىش قارارىنى ئايرىم چىقىرىش كېرەك.
9 – ماددا ئۆي ئېلىش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدە يېڭىدىن ئۆي سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىش، ئۆزگەرتىپ سېلىش، ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدە جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىشى، شەھەر – يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – مۈلۈك، زېمىن بايلىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك. ۋاقتىنچە توختىتىش مۇددىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەدبىرنى قوللىنىپ تۇراقلىق مۈلۈكنى چەكلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
10 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن، ئۆي ئېلىنىدىغان دائىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تىزىملىشى لازىم.
تەكشۈرۈپ تىزىملايدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقدارى ياكى ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛
2) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تىزىملىتىش ئەھۋالى، جۈملىدىن يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىشى، يىلى، كۆلىمى؛
3) ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقى تىزىملانغان مۈلۈك تەۋەلىكى ئەھۋالى، باشقا تۈرلەر ھوقۇقى تەسىس قىلىنغانلىق ئەھۋالى قاتارلىقلار؛
4) ئۆينىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئەھۋاللار؛
5) ئۆينىڭ بېزىلىش ئەھۋالى؛
6) ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقدارى ۋە ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچى ھەمدە دائىملىق نوپۇسى بار بىللە تۇرغۇچىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقى؛
7) ۋاقىتلىق ئىمارەت تەستىقلانغان يىل چېكى، سېلىنغان ۋە ئىشلىتىلگەن يىل سانى؛
8) تەكشۈرۈپ تىزىملاشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.
تەكشۈرۈشكە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىشى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەكشۈرگۈچى، ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقدارى ياكى ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچى ئىمزا قويۇپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.
11 – ماددا ئۆي ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈپ تىزىملىغان چاغدا، ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تىزىملاتمىغانلىقى ياكى تىزىملىكىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بايقىسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ، شەھەر – يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – مۈلۈك، زېمىن بايلىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆي ۋە ئۆي ئېلىنىدىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك:
1) شۇ شەھەر، بازارنىڭ يىرىك پىلانى تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سېلىنغان بولسا، قانۇنلۇق ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
2) قانۇن بويىچە چېقىۋېتىشكە ياكى مۇسادىرە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، قانۇنغا خىلاپ ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛ قانۇن بويىچە چېقىۋېتىش ياكى مۇسادىرە قىلىش ئەھۋاللىرىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، پىلاننى يولغا قويۇشقا يوقاتقىلى بولمايدىغان تەسىر پەيدا قىلمىغان ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
3) قانۇن بويىچە مەڭگۈلۈك ئىمارەت دەپ ئىمارەت پىلانى ئىجازەتنامىسى بېرىشكە تېگىشلىك بولغان، لېكىن شەھەر – يېزا پىلانلاش تارمىقى ۋاقىتلىق ئىمارەت پىلانى ئىجازەتنامىسى بەرگەن ھەمدە سالغان ئۆينىڭ كۆلىمى، قەۋەت سانى، ئېگىزلىكى قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ئىمارەت ئىجازەتنامىسىدىكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، قانۇنلۇق ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
4) ئولتۇراق ئۆينى سودا تىجارەت ئۆيىگە ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇ ئۆينى تۇرالغۇ قىلىپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج تارماقلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرغان بولسا، ئىشلىتىلىشى ئۆزگەرتىلگەن ئىمارەت دەپ قارىلىدۇ؛
5) ھۆكۈم قىلىش، كېسىم قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش، مىراس ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلىش سەۋەبىدىن، قانۇنىي ھۆججەتلەر كۈچكە ئىگە بولغان ياكى قانۇنىي پاكىت كۆرۈلگەن، لېكىن ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى يۆتكىمىگەن بولسا، قانۇنىي ھۆججەت ياكى قانۇنىي پاكىتتا بېكىتىلگەن ھوقۇق ئىگىسى ئۆي ئېلىنغۇچى بولىدۇ.
6) ئېلىم – سېتىم توختامى بويىچە ئۆينى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، لېكىن ئۆي ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسا، ئۆينى ئىگىلەپ تۇرغۇچى ئۆيى ئېلىنىدىغان كىشى دەپ قارىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە چېتىشلىق ئۆي كۆلىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە، مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە ئۆي – مۈلۈك ئۆلچەش – سىزىش ئورنى چىقىرىپ بەرگەن ئۆلچەش – سىزىش نەتىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك.
12 – ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ تىزىملىغاندا ياكى بېكىتكەندە يازما نەتىجە چىقىرىپ، ئۆيى ئېلىنىدىغان كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۆيى ئېلىنىدىغان كىشى تەكشۈرۈپ تىزىملانغان ياكى بېكىتىلگەن نەتىجىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، نەتىجە چىقىرىپ بەرگەن تارماققا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، باشقىچە پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئالاقىدار تارماق تۈزىتىشى كېرەك.
13 – ماددا ئۆينى تەكشۈرۈپ تىزىملاپ ۋە بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆي ئېلىش تارمىقى ئىككىدىن ئارتۇق ئۆي – زېمىنگە باھا قويۇش ئاپپاراتىنى ئۆي ئېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ قىممىتىگە مەسلىھەت خاراكتېرلىك باھا قويغۇزۇشى ھەمدە ھېسابلانغان نەتىجىگە ئاساسەن، تۈر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى بېكىتىشى كېرەك:
1) ئېلىنىدىغان ئۆينىڭ قىممىتىگە بېرىلىدىغان تۆلەم، كۆچۈش ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلىمى، ئىشلەپچىقىرىشتىن، كەسىپتىن توختىغان زىيان تۆلىمى، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆيى ئېلىنغۇچىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما، مۇكاپات قاتارلىق ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىراجىتىنىڭ ھېسابلاپ چىقىلغان ئومۇمىي سوممىسى؛
2) مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆينىڭ ئومۇمىي سانى، ئورنى، رولى، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلار؛
3) ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىراجىتىنىڭ تولۇق سوممىسى بويىچە ئەمەلىيلىشىش مۆھلىتى، مەخسۇس ئىسچوت ئېچىپ ئامانەت قويۇش ۋە مەخسۇس پۇلنى شۇ ئىشقا ئىشلىتىش ۋەدىسى؛
14 – ماددا ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئۆي ئېلىش تارمىقى بېكىتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:
1) ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى ۋە ئۆي ئېلىشتىكى مەقسەت؛
2) تۈر تەستىقلانغان ھۆججەت؛
3) ئۆي ئېلىش تارمىقى، ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇش ئورنى؛
4) ئېلىش دائىرىسى، كۆلىمى، باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش دائىرىسى، كۆلىمى، ۋاقىت تەرتىپى؛
5) ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇل ئۆلچىمى، ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئاساسى؛
6) مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆينىڭ ئەھۋالى ۋە تاللاپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى؛
7) ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلى؛
8) تۇرالغۇ كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتى ۋە ئۆيگە ئىگە بولۇش ئۇسۇلى؛
9) ئۆي ئېلىشنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە يولغا قويۇش ياكى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇشتىكى كۆچۈش مۇددىتى، قايتا كۆچۈپ كېلىش مۇددىتى؛
10) ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى، مۇددىتى؛
11) ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، دەلىللەپ، ئۆي ئېلىش دائىرىسى ئىچىدە ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئېلىنغان پىكىر ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزىتىشى، پىكىر ئېلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
15 – ماددا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا ئۆي ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسى بۇ چارىگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆيى ئېلىنغۇچىلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تەشكىللەپ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۆي ئېلىش – تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.
ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ئىسپات ئاڭلىغۇچىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن خادىملار ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆي ئېلىش تارمىقى ۋە ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە ئىسپات ئاڭلىغۇچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىغا بولمايدۇ. ئۆيى ئېلىنغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولسا، ئۆزلىرى ۋەكىل سايلاپ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
16 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن شەھەر – يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي – زېمىن، مالىيە، زېمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەرزىيەت، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق تارماقلار ھەم كوچا ئىش باشقارمىلىرى، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاش ئېلىپ بېرىشى لازىم.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاشتا تەكشۈرۈش سوئال ۋارىقى تارقىتىش، خەلق رايىنى باھالاش، سۆھبەت يىغىنى، دەلىللەش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاش مۇنۇ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم:
1) قانۇنلۇقلۇقىنى باھالاش: ئۆي ئېلىش ھەرىكىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇنمۇ – يوق، جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنمۇ – يوق، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلانغانمۇ – يوق؛
2) مۇۋاپىقلىقلىقىنى باھالاش: ئۆي ئېلىش ھەرىكىتى جامائەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتىمۇ – يوق، جامائەتنىڭ رېئال مەنپەئىتى ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىلدىمۇ – يوق، ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش لايىھەسى كۆپ ساندىكى ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىمۇ – يوق؛
3) يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى باھالاش: ئېلىنىدىغان ئۆيگە بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى تولۇق سومما بويىچە ئەمەلىيلەشتىمۇ – يوق، مۈلۈك ھوقۇقى ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۆي ۋە ئوبوروتقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ئەمەلىيلەشتىمۇ – يوق، ئۆينىڭ ئورنى، رولى، سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىقلار ئۆيى ئېلىنغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىمۇ – يوق؛
4) تىزگىنلەش خاراكتېرلىك باھالاش: ئۆي ئېلىشنى يولغا قويغاندا ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۇمكىنمۇ – يوق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى تىزگىنلەش مۇمكىنمۇ – يوق، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈلدىمۇ – يوق.
ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتەرنى باھالاشنى يولغا قويمىغان ياكى باھالاش ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق خېيىم – خەتىرى بار دەپ قارالغان بولسا، ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت ئۆي ئېلىشنى يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش ياكى يول قويماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك.
17 – ماددا ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت چىقارغان ئۆي ئېلىش قارارىغا چېتىلىدىغان ئۆيى ئېلىنىدىغان ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ (مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ) دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش كېرەك. ئۆي ئېلىشقا چېتىلىدىغان ئۆيى ئېلىنىدىغانلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆي ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ھۆكۈمەت شۇ جاينىڭ نوپۇس كۆلىمى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.
كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئۆي ئېلىشقا توغرا كەلگەن تۈرلەردە، ئۆيى ئېلىنىدىغانلارنىڭ 90 ىدىن ئارتۇقى قوشۇلغاندا، ئاندىن ئۆي ئېلىش قارارى چىقىرىشقا بولىدۇ.
داۋامى بار |