ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1645|ئىنكاس: 11

ئەيدىز خاتىرىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-29 12:19:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بەلكىم بەزىلىرىمىزنىڭ ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە بىر ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، ئاۋامغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق تەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇش مەقسىتىدە بۇ يازما يوللاندى!
ئەيدىز تەشۋىقاتى:


ئەيدىز توغرىسىدا:

ئامېرىكىدا 1981 – يىلى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان تۇنجى ئاغرىق بايقالغاندىن كېيىن، ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا تېز يامرىدى. كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى تەدبىر قوللىنىپ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988 – يىلى 1 – ئايدا ھەر يىلى 1 – دېكابىرنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى شۇ كۈنى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى!

ئەيدىز ختابى


1 – دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى. بۇ يىلقى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ تېمىسى ‹‹<نۆل> ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بولماسلىق، كەمسىتىلىش ۋە ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش››.ئېلىمىز ئەيدىز كۈنىنىڭ تېمىسى ‹‹ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەيدىزنى تۈگىتىشكە ئاتلىنىش ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش، پائال داۋالاش، كەمسىتمەسلىك››

ئەيدىز-يېنىمزدىلا


ئەيدىزنىڭ مېدىتسىنادىكى تولۇق نامى ‹‹ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى ئالامىتى›› بولۇپ، ئىنسانلاردىكى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ۋىرۇس ئۆمۈر بويى يۇقىدۇ ھەم ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى قان، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت، زەھەر چېكىش ۋە ئانا بالىغا يۇقتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 يىلدىن 13 يىلغىچە بولىدۇ.

ھايات نۇرى


ھازىر، ئىنسانلارنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش ئورتاق ئارزۇسى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. 65 – نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشى ئەيدىز يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ‹‹سىياسىي خىتابنامە›› ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەرىكەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2015 – يىلىغا بارغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ھەم ئۆزگەرتىشكە ۋەدە بەردى.

ئاخىرىدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ باقايلى!
قىممەتلىك 90 كۈن

ۋاقتى: 2013-12-5 20:27:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىزدىن ئومۇمىي بايان

ئەيدىزنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «ئېرىشمە ئىممۇنتېت كەملىك يىغىندا ئالامىتى» (Acquired Immune Deficiency Syndrome) بولۇپ، ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشىنىڭ باش ھەرىپلىرىنى تىزساق AIDS (ئەيدىز) سۆز كېلىپ چىقىدۇ، ھازىر قىسقارتىلىپ «ئەيدىز» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز.

رەسىمدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈشى

1. ئەيدىز ئىپېدېمىيىسى:
ئەيدىز - 20-ئەسىرلەردە قارا ئورانگوتان تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، 1981-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىدا تۈنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇ بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگىنوز قويۇلغان. بۇ بىمار بەچچە (ھەمجىنىس)  بولغاچقا، دەسلەپتە ئامېرىكىدا كىشىلەر «مۇشۇنداق بەچچە ئەرلەرلا ئاشۇنداق كېسەل بولىدۇ» دېگەن كۆز –قاراشقا كەلگەن. لېكىن كېيىنچە بۇ خىل كېسەل بەچچە ئەمەس ئەرلەر، ئاياللار، قېرىلا، ھەتتا بالىلاردىمۇ كۆرىلىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان.
مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن (HIV) يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 مىليوندىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى ئۆلۈپ بولغان بولۇپ، يەنە 40مىليوندەك ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېنىدە ئېلىپ يۈرمەكتە. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2006-يىللىق سىتاتېستىكا مەلۇماتىدىن ئېلىندى)
ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى دۇنيا بويىچە جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، 2001-يىلىدىكىگە قارىغاندا %33 ئازلىغان، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتى بولسا 2005-يىلىدىكى يۇقىرى دولقۇنغا سېلىشتۇرغاندا %30 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش دائىرىسى يەنىمۇ بىر قەدەم كېڭەيگەن بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى 9 مىليون 700 مىڭ يۇقۇمدار بۇ خىل داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىگە قارىغاندا %20كە يېقىن ئاشقان.
لېكىن ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ %33 كۆپەيگەنلىكىنى، ھەمدا 2012-يىلى دۇنيادىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان 10 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش- ئۆسمۈرلەر سانىنىڭ 2 مىليون 100 مىڭغا يەتكەن.
مەملىكىتىمىزدە 1985-يىلى تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، 2010-يىلغىچە، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سان 230 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 700 مىڭ ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا 470 مىڭدەك ئادەم ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەي يۈرۈيدىكەن. نەچچە يىل بۇرۇن، ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى يۇقۇش يولى شەخسىي ئورۇنلاردا قان سالدۇرۇش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇردىن چېكىش ئارقىلىق بولغان بولسا، يېقىندا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش نىسبىتى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە تۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى 1995-يىلى قۇمۇلدا بايقالغان بولۇپ، 2013-يىلى 9-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ يىغىندا سانى 40 مىڭ 122 غا يېتىپ، بۇلارنىڭ 7070 نەپىرى ئۆلگەن. ھازىر 25 مىڭ 846 نەپىرى ھايات، 7206 نەپىرى ئەيدىزنىڭ كېسەللىك باسقۇچىغا كىرگەن. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەيدىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىنىدىغان ۋە داۋلايدىغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قالدى.
2012-يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە ئىكەن:
شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، تومۇردىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدىغان ئاساسلىق يۇقۇش يولى نۆۋەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشقا ئۆزگەردى؛ ئەر-ئاياللارنىڭ يۇقۇش نىسبىتى بىردەك؛ ئاساسلىق يۇقۇملانغۇچىلار 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق؛ يۇقۇمدارلار ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ رايوندىكىلەر ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90.8نى ئىگىلەيدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ بارماقتا؛ بۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار بىر تۇتاش كېسەللىك باسقۇچىغا كىرىپ، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى يىلسېرى ئېشىپ بارماقتا.
خۇلاسە شۇكى، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن تارقىلىش ھالىتىدە بولۇپ، خاس كىشىلەر توپى ۋە قىسمەت رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى بولماقتا، تومۇردىن زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر تۇراقلىق، جىنسىي قىلمىشتىن تارقىلىش ئەھۋالى روشەن ئېشىپ، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان كىشىلەر يىلسېرى كۆپىيىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىيىتى بىر قەدەر قىيىن بولىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى تارقىلىش خەرىتىسى


2. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە شەرتلىرى
ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، كېسەللىك مەنبەسىدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. گەرچە مەتبۇئاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى تۈرلۈك-تۈمەن تەسۋىرلەپ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدرۇغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى پەقەت قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر يۇقۇش يولى ئۈچ خىل شەرتنى تولۇق ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ھادىسىسىنى تاماملىيالايدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ۋە شەرتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
1) قاندىن يۇقۇش.
قاندىن يۇقۇش ئاساسەن ئوكۇل-شپېرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغاندىن ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كۆرىلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۇكۇل يىڭنىسى ياكى شپېرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇردىن ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىشتىن يۇقىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى ئوكۇل ئارقىلىق زەھەر چەككەندىن كېيىن يىڭنە ۋە ئىشپېرىسلاردا ئاز مىقداردا قان تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر باشقا بىرەيلەن مۇشۇ يىڭنە ياكى ئىشپىرىسنى يەنە ئىشلەتسە، قان قالدۇقلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاستىلا ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ-دە، يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەتكەن قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەغدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل- ئەسۋاپلارنىڭ تازلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەغدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش- كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.
(2جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش
ئاساسەن قوغدىنىشسىز(گاندوك ئىشلىتىلمىگەن)جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.
جىنسى مۇناسىۋەت (جىما) جەريانىدا، جىنسى ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچىرايدۇ-دە، سپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسى ئەزا سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىۋىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇشۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مەقئەت ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسى يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسى يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.
ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسى كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسى كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسى ئەزاسىدا جاراھەتلەر بولغاچقا، ئاسانلا يېرىلىپ قاناش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ-دە، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسى كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسى كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋىپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.
( 3 ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئېسىڭىزدە بولسۇن:HIVئادەتتەھاۋادىن، كىيىم-كېچەكتىن، بەدەن تېگىشىشتىن، بىللە غىزالىنىشتىن يۇقمايدۇ. بۇ ۋىرۇس پەقەتلا يۇقارقى 3 خىل يولدىنلا يۇقىدۇ. شۇڭا ئائىلىمىزدە يۇقۇملانغۇچى بولسا، يۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرمەي، ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋەرسەك ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىۋەرسەك بولىدۇ. بۇ پاكىت چوقۇم ئىسىڭىزدە بولسۇن.
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى%13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ئەگەر دەسلەپتە ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىدىن ئايرىپ باققاندا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەۋىپى% 15---%30گىچە بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بولسا يۇقۇملىنىش خەۋىپى %30---%45گىچە بولىدۇ.
تۇغۇت جەريانىدا ئانىغا ۋە بوۋاققا ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچكۈزۈش ھەم ئانا سۈتىدىن ئايرىپ بېقىش ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنى يەنە 50% تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، يۇقۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە ئانىنىڭ تۇغۇت شەكلى، جىنسى كېسىلى بار-يوقلۇقى ۋە ئانىنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ياكى يۇقۇملانماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بوۋاقنىڭ شۆلگىيى ۋە ئاشقازان كېسلاتاسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىغا كىرگەندە ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، بوۋاقنى ئەمدۈرگەندە ئانا سۈتىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
بوۋاق تۇغۇلۇپ18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بىراق بوۋاق ھەقىقى يۇقۇملانغان بولسا، كېسەلچان بولىدۇ، ھەم سالامەتلىكىمۇ ناچار بولىدۇ.
ھازىر ھەقسىز بولغان (ۋىرۇسقا قارشى دورا ئارقىلىق) ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىۋاتىدۇ.
يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار ھەقسىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ شەرتىگە چۈشسىلا، داۋالىنىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
يۇقۇملانغان ئاياللار ۋە يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ئەگەر بالىلىق بولۇشنى ئويلىسا، ئامال قىلىپ بالىنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
يۇقۇش شەرتلىرى:
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇشى ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك.
  • ئىچىدە چوقۇم بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇشى كېرەك.
  • تەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.
  • تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان تەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم يوللار ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك.
يوقارقى شەرتلەرنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ،چوقۇم ھەممىسى تولۇق بولۇشى كېرەك.
مىسال ئالايلى:
بىرىنچى مىسال:ئەيدىز ۋىرۇسى(HIV) بىلەن لىق تولغان بىرقاچىنى سىنىپنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ قويسام، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمىسا، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: 1-شەرت بىلەن 2-شەرتكە توشقان بىلەن 3- شەرتكە توشمىدى، چۇنكى قاچىدىكى HIVھېچكىمنىڭقان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرمىدى، ۋىرۇسلار شۇ پېتى تۇتۇپتۇ، شۇڭا بۇ يۇقمايدۇ).
ئىككىنچى مىسال: ئەگەر بىراۋ ئىشلىتىلمىگەن پاكىز ئىشپىرىسنى ئوكۇل قىلىپ زەھەر چەكسە، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: 3-شەرت ھازىرلانغان بىلەن 1- ۋە 2- شەرتلىرى ھازىرلانمىدى، يەنى بۇ يەردە ھېچقانداق ئەيدىز ۋىرۇسى يوق، شۇڭا يۇقمايدۇ).
ئۇچىنچى مىسال: ئەگەر قوغدىنىش تەدبىرى قوللۇنۇلمىغان ئەھۋالدا ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەم بەدەن سۇيۇقلۇقى يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە ۋە قېنىغا كىرىپ كەتسە، ئەيدىز يۇقامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟ (جاۋابى: يۇقىدۇ، چۈنكى قارشى تەرەپ بىر يۇقۇملانغۇچى، بۇ يەردە يۇقۇملىنىشىڭىزنىڭ خەۋىپى بەك چوڭ. ئەگەر ئىككىلى تەرەپ ساغلام ئادەملەر بولسا، ھېچقانداق كېسەل يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ).
دىمەك،ئەيدىز ۋىرۇسى بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇش ئۈچۈن يۇقارقى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھازىرلىشى كېرەك. ئائىلىڭىزدە بىرەر يۇقۇملانغۇچى بولسا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇپ، قان ۋە تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشتىن ساقلانسىڭىزلا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز پۈتۈنلەي بىخەتەر بولىدۇ. مەلۈم بىرەيلەننى ياخشى كۆرسىڭىز، ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز،بىللە ئىشلىسىڭىز، بىللە غىزالانسىڭىز ياكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە بىللە قاتناشسىڭىزمۇ (ئەگەر ئۇ يۇقۇملانغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ) ھېچقانداق خەتىرى يوق.


3. ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسى
ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنتېت سېستىمىسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان CD4 لىمفا ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ھەمدە CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە مىليونلاپ كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە CD4 ھۈجەيرىسىنى يېرىپ سىرتقا چىقىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيگەن بۇ ئەيدىز ۋىرۇسلىرى يەنە مىليونلىغان CD4 ھۈجەيرىلىرىگە چاپلىشىپ، ئىچىگە كىرىپ كۆپىيىپ، يېڭى- يېڭى ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، CD4 ھۈجەيرىلىرىنى كۆپلەپ نابۇت قىلىپ، ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، ئىممۇنتېت سېستىمىسى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل كېسەللىكلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا، يۇقۇملىنىشقا ۋە راكقا قارىشى ھەرخىل ھۈجەيرىلەر بولىدۇ،HIVمانامۇشۇ خىل ھۈجەيرىلەرگە چاپلىشۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپىيىپ، ھۈجەيرىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدۇ. ئاخىرىدا HIVئاستا-ئاستا پۈتكۈل ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئىگەللەپ، بەدەن يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇسقا قارىشى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەرخىل كېسەللىك ئامىللىرى بەدەنگە بۆسۈپ كىرىپ، راك ياكى باشقا خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، بىراق ئەنسىرىمەڭ! ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۈچۈن قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى Bھۈجەيرەۋە Tھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم.
Bھۈجەيرە—ئاساسلىقى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇ ھۈجەيرىنىڭ ئادەم بەدىنى مەلۇم ۋىرۇس ياكى باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغاندا سىگنال بېرىش رولى بار.
Tھۈجەيرە—تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكىT4(ياكىCD4)دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئىممونت سېستىمىسى بىر مۇكەممەل سېستىما. ئەگەر CD4ھۈجەيرىسىنورمال خىزمەت قىلالمىسا، پۈتكۈل سېستىما ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.


4. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى 3 مەزگىلى
بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تاكى شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ئارىلىق كۆزنەك، يوشۇرۇن ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
1) كۆزنەك مەزگىلى: بۇ مەزگىل يەنە ئۆتكۈر كلىنكىلىك دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 1 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ھېچقانداق قارىشلىق (ئىنكاس) كۆرسەتمەيدۇ، يەنى ئۇنىڭغا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس ئادەم بەدىنىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، مەلۇم چەككە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە 50-80% ئادەمدە زۇكامداش، تۆۋەن تېپىراتورىدا قىزىش، يۆتىلىش، بەزىدە تېرىسىگە ئەسۋە چىقىش دىگەندەك كىچىك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە قاندىكى ئانتېتلانى تەكشۈرىدۇ. قاندا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى ئانتېتلا تېخى شەكىللەنمىگەچكە، نەتىجىسى مەنفى، يەنى "يۇقۇملانمىغان" بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر يېڭى يوقۇملانغۇچى كۆزنەك ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا قان تەغدىم قىلسا تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ-دە، كېيىن شۇ قاننى قوبۇل قىلغۇچى بىمار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. شۇنداقلا خەتەرلىك ھەرىكەت (ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش دىگەندەك) بىلەن شوغۇللانغاندىمۇ قارىشى تەرەپكە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.
(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئادەم ئىممونىت سېستىمىسى بەدەنگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تېخى بايقىمىغانلىقتىن، CD4 ھۈجەيرىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا ئانتېتلا ئىشلەپچىقارمايدۇ. مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئاندىنCD4 ھۈجەيرە ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتۈپ، يوشۇرۇن مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ.)

داۋامى بار
ۋاقتى: 2013-12-5 20:27:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2) يۇشۇرۇن مەزگىل:بۇ مەزگىل يەنە ئالامەتسىز دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن 6-10 يىلغىچە بولىدۇ. ئەگەر ياخشى كۈتۈلسە، كۆپ روھى بېسىم بولمىسا 15، ھەتتا 20 يىلغىمۇ ئۇزاتقىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە بەدەن ۋىرۇسقا قارىشى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. ئادەم ئىممونت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك كۆرەش قىلىش جەريانىنى باشلايدۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خۇددى نورمال ئادەمدەك ياشاۋىرىدۇ. مۇشۇ 6-10 يىل جەريانىدا زۇكامداش، قىزىپ قېلىش ياكى قۇرسىقى ئاغرىش دىگەندەك كىچىك كېسەللكلەر كۆرىلىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنداق ئالامەتلەر ساغلام ئادەمدىمۇ كۆرىلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىمۇ بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، گەرچە ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، بەدەن ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسىنى ئۆزلۈكسىز بۇزۇپ تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويالايدۇ.
(قوشۇمچە: بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىشى بىلەنCD4ھۈجەيرىسى ئاستا-ئاستا ئازلاپ كېتىدۇ-دە، بىر پۈتۈن ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا بۆسۈپ كىرىدۇ.)
3) كېسەللىك مەزگىلى: تەخمىنەن 1-2 يىلغىچە بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئىممونت سېستىمىسىنى تەلتۆكۈس دىگۈدەك بۇزغان مەزگىل بولۇپ، ئىممونت سېستىمىسى ئاجىزلىغان سەۋەبلىك ھەرخىل پۇرسەتلىك كېسەللەر، مەسلەن: ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركىليۇز ۋە تاسمىسىمان قاپارتما دىگەندەك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە ھەرخىل ئۆسمىلەر (راك) پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز كېسىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئىممونت كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەنگە بۆسۈپ كىرگەن باشقا خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تەن سالامەتلىكى، جىنسى كېسىلى بار- يوقلۇقى، زەھەر چىكىش- چەكمەسلىكى، روھى ھالىتى ۋە شۇنداقلا ئەتىراپتىكى مۇھىت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ياخشى كۈتۈلسە، روھى كۆتىرەڭگۈ ۋە خۇشال يۇرسە، بۇ مەزگىلنىمۇ ئۇزارتقىلى، ھەتتا يوشۇرۇپ مەزگىلگە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ.
(قوشۇمچە: ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچى بىر يىلدا تەخمىنەن 50دانە CD4ھۈجەيرىسىنىيوقىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ دەسلەپتە مىڭ دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دىسەك، 12ئايدىن كېيىن 950دانىسى قالىدۇ. يەنە 12ئايدىن كېيىن 900دانىسى قالىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىساق 500دانەCD4ھۈجەيرىسى بار دېسەك بۇ ئادەمنىڭ ئىممونت سېستىمىسى ئوتتۇرھال دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ. پەقەتلا 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا بولسا بۇئادەم ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بىراق يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقمۇ بىر قەدەر زور بولۇپ بەلكىم بىرسى 200دانەCD4ھۈجەيرىسى قالغاندا كېسەل قوزغىلىشقا باشلىسا، يەنە بىرىسى 20دانە CD4 ھۈجەيرىسى قالغاندىمۇ يەنە كېسەل قوزغالماسلىقى مومكىن. )


5. ئەيدىزنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئالامەتلىرى:
ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىر تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنتېت سېستىمىسىدىكى مۇھىم بولغان 4CD (يەنە 4T دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۈجەيرىلىرىنى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەجەللىك ئاجىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئىنساننىڭ بەدىنىدە ئۆمۈرلۈك يۇقۇملىنىپ، ئىممۇنتېت تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى ھېچقانداق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ، پەقەت ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، باشقا خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشىقا شارائىت يارىتىش ئارقىلىق ئادەمنى ئەجەلگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 9 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ، كېسەللىك مەزگىلگە كىرىشتىن ئىلگىرى، ئەيدىز يۇقۇمدارى كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن نورمال بولۇپ، باشقا نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن ئاساستا ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنساننىڭ ئىممۇنتېت سېستىمىسىنى چەكلەش ئارقىلىق تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن: قاپارتما، سۆگەل ۋە زامبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا داۋالاش مەركىزى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى پروففېسسور كارنىتنىڭ دېيىشىچە، بىماردا ئورۇقلاش، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، تېرە ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن.

ئىلگىرلەپ كۈزىتىشلەر ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئېغىر ۋە جاھىل تېرە كېسەللىكلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولالايدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇناسىۋەتلىك ئانتېتىلا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، بەدىنىدە بۇ خىل ئانتېتىلا كۆرۈلگەن كىشىلەردە تۆۋەندىكى بىر ياكى نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرى كۆرىلىدىكەن:
1) تېرە ياللۇغلىنىش، قىزىرىپ ئىششىش، سۇلۇق قاپارتما ۋە يىرىڭلىق قاپارتما قاتارلىق تېرىنىڭ باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشلىرى، تىپىك بولغانلىرىدا ئېغىزى ۋە بۇرۇنىنىڭ ئەتراپىغا چاچما ھالەتتىكى ئۇششاق سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىدۇ.
2) ئېغىر بولغان مايلىق تېرە ياللۇغى. يۈزى، باش ۋە بەدەن تېرىلىرىدە ئېغىر بولغان مايلىق قاسراقلىق كىپەكلەر پەيدا بولىدۇ.
3) ئېغىر بولغان تېرە قۇرغاقلىشىش كېسىلى كۆرىلىدۇ ياكى ياشلاردا تۇيۇقسىز قېرىلارنىڭكىدەك تېرە كۆرىلىدۇ.
4) قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈك خالتىسى ياللۇغى كۆرىلىدۇ.
5) توغرا ئۈچەي ۋە مەقەت ئەتراپىدا ئاددى سۇلۇق قاپارتما، قول، پۇت ۋە ساقال- بۇرۇت ئۆسكەن ئورۇنلاردا يېڭى ئۆسكەن سۆگەللەر كۆرىلىدۇ.
6) پۇت قىسىمىدا ئېغىر زامبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، مۇتەخەسسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقارقى تېرە ئالامەتلىرى گەرچە ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ بىمار چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى كېرەك، مەسىلەن: يېقىندا گۇمانلىق قان سالدۇرغان، ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دېگەندەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۇقارقىدەك تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دىئاگىنوزنى ئېنىق قىلىش كېرەك.


7. ئەيدىز بىمارىنى كۈتۈش ۋە داۋالاش

ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كۈتۈش، غەمخورلۇق ۋە داۋلاش تۆۋەندىكىدەك تۆت تەرەپتىن بايان قىلىنىدۇ:
1) كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ياكى كۈتۈش(ھالىدىن خەۋەر ئېلىش)
2) كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى ئائىلىلەردە بىر تەرەپ قىلىش
3) پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ۋە ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش(ART)
4) يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا بولغان پىسخىك ۋە روھى جەھەتتىكى غەمخورلۇق
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەمخورلۇق ۋە كۈتۈش
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يالغۇز دوختۇرخانىلاردىكى داۋالاشلا ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى، قوللىشى، روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى، شۇ كىشىنىڭ ئابرويىنى ساقلىشى، ھەرخىل ئاغرىق، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئۈستىدە توختىلىمىز. ئاندىن ئۇلارنى ئائىلىدە كۈتكۈچىلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغىرسىدا پاراڭلىشىمىز.

يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشى ئۈچۈن:
● كۈندىلىك تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق ئېتىشتىن ياكى يىيىشتىن ئىلگىرى ۋە تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى ئۇششاق كېسەللىكلەرمۇ يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئامالنىڭ بارىچە ھەر خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
● تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش، ئەگەر ئېغىزدا جاراھەت بولسا تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن چايقاش لازىم.
● ھەر خىل ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىغاندا بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى «ئوزۇقلۇق» بۆلكىدە ئايرىم توختىلىمىز.
● يېمەكلىكنىڭ پاكىزە يۇيۇلغان، تولۇق پىشۇرۇلغان ۋە ياخشى ساقلانغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خام گۆش، خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە خام تۇخۇمنى يېيىشكە بولمايدۇ.
● قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق مېنىرال سۇ ئىچىش كېرەك.
● ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى تارتىش بولسا چەكلەش كېرەك. چۇنكى بۇلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتپ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ.
● ھەر قانداق زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش كېرەك. سەۋەبى يۇقىرقىغا ئوخشاش.
● ياخشى دەم ئېلىش، ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئامال بار يېنىكلىتىش لازىم.
● ئۈمىدۋار بولۇپ، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، دوسىتلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كوللىكتىپ پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىش لازىم.
● كەيپىيات بۇزۇلۇپ قالغاندا ياكى خاپا بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا باشقىلارغا ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ بېرىڭ.
● دوختۇردىن باشقا كىشىلەرنىڭ بەرگەن دورىلىرىنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى يۇقۇملانغۇچىلارغا دورا تېخىمۇ ئاسان ئەكىس تەسىر بېرىدۇ.
● ئاغرىپ قالغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
● ئەگەر تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەلتۈكۈس داۋالىنىش كېرەك. تۇبېركۇليۇز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ۋە ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن بىللە تۇرغۇچىمۇ دوختۇردىن  مەسلىھەت سوراپ تەڭ داۋالىنىشى كېرەك.

ئائىلىدە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا:
●يۇقۇملانغۇچىلارنى كۈتۈشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قولنى پاكىزە يۇيۇش، ئوچۇق قالغان جاراھەتلەرگە رېزىنكە پەلەي ئىشلىتىش.
● يۇقۇملانغۇچى ئاسانلىقچە قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم قەرەللىك ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
● تاماقنىڭ تولۇق پىشۇرۇلغان بولۇشىغا، سۇنىڭ قاينىتىلغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
● يۇقۇملانغۇچىلار تۇرغان جاينىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
● ئۇلارنى ئىمكانىيەت بولسا ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۇرۇش، ئەگەر ئورنىدىن تۇرالمىسا كۈندە ھەر4-5 سائەتتە بىر قېتىم تېرىسىنى مايلاپ، كۆرپە يارىسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
● ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم تۇز سۈيى ياكى لېمون سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بېرىش كېرەك.
● ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ۋە يوتقان- كۆرپىلىرىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك.
● زۆرۈر تېپىلغاندا قىزىل كرېستتىن، دوختۇرلاردىن ۋە دوستلىرىدىن ياردەم سورىسىمۇ بولىدۇ.
● يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.  


ئوزۇقلۇق
يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ياخشى يېيىشى، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى يىيىشى كېرەك. ئەگەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بولسا، باشقا كېسەللەردىن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. شۇنداقلا سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنى كۈتكۈچى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم. تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم نۇقتا چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن:
● ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا 10-15%تالالىق يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بېرىشى كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسى تەركىبى كاربۇن ھىدىرىتلار بولۇپ، ئاشلىق تۈرىدىكى گۈرۈچ، قوناق، بۇغداي قاتارلىقلاردىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى(نان، بولكا، پېچىنە-پىرەنىك، لەغمەن، پولو....دىگەندەك)ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇملانغۇچى ئامال بار ھەر كۈنى تۆت ۋاق تالالىق يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
● ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا 50-100% ئاقسىلنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك. ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى گۆش تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، دۇفۇ ۋە بارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ. (ئېسىڭىزدە بولسۇن، خام گۆش ۋە خام تۇخۇمنى يىيىشكە قەتئى بولمايدۇ). يۇقۇملانغۇچى ئامال بار كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدۇ.
● يۇقۇملانغۇچىلار يېتەرلىك ۋىتامىنغا موھتاج. بولۇپمۇ ۋىتامىن A،B6 ،B12 ،C ، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنشقا قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بار(بۇ خىل ۋىتامىنلار سەي-كۆكتاتلار، مېۋە ۋە مېۋە شەربەتلىرىنىڭ تەركىۋىدە كۆپ بولىدۇ). ئىمكان بولسا بىرىكمە ۋىتامىن تابلېتكىسىنى  ئىستىمال قىلىپ بەرسە، مىكرو ئېلمېنتلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار ئامال بار كۈنىگە تۆت ۋاق مېۋە-چىۋە ياكى كۆكتات يەپ بەرسە بولىدۇ.
● سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدىمۇ مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە كالتسىي بار. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە كەم دىگەندە ئىككى قېتىم سۈت، قېتىق، قايماق، ئىرىمچىك ياكى قۇرۇت ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
● چوقۇم قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق سۇ ئىچىش لازىم. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ ۋاقىتلاردا كۆڭلى ئېلىشىدۇ ۋە قورسىقى ئاچقاننى ئانچە ھىس قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يەپ بەرسە بولىدۇ. بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىسى بار. زەنجىۋىللىك چاي ياكى باشقا مىللىي تىبابەتنىڭ دورىلىرى ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشىگە ياردەمى بولىدۇ. مايلىق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ساقلاش، سوغۇق ساقلانمىغان ياكى پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
گالدىن تاماق ئۆتمىگەندە ياكى كۆڭلى ئېلىشقاندا ۋە ياكى ئىچىۋاتقان دورا سەۋەبلىك تاماق غەلىتە تېتىغاندا، تاماق ۋاقتىدا كۆڭۈل ئېچىش، يەنى ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن تاماقتىن ئورتاق بەھىر ئېلىشمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ياخشى غىزالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كاللىدىكى ھەممە غەم- قايغۇنى ئۇنتۇپ، پەقەت ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلار بىلەن بىللە غىزادىن ھوزۇرلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىشتىھاسىغا پايدىسى بولىدۇ. ئائىلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىپ قويۇش ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.


2) كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئائىلىدە بىر تەرەپ قىلىش

غاز بوغۇز(سۈت قات دەپمۇ ئاتىلىدۇ):
● ئېغىز بوشلۇقىدا، چىش مىلىكى ۋە تىلدا ئاسان سۇيۇلىدىغان ئاق داغلار بولىدۇ. بۇ  بەلكىم زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ، ئاغرىيدۇ ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
● بۇ خىل ئېغىز بوشلۇقىدا كۆرۈلىدىغان كېسەلنىڭ سەۋەبى بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئەگەر كۆپلەپ باكتېرىيەگە قارشى (ئانتىبىئوتىك) دورىلارنى ئىچسىڭىز، ئېغىزدىكى زەمبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان "ياخشى" باكتېرىيەلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئاجىزلاشقاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.
●  بۇ خىل يۇقۇملىنىش كاناي ۋە قىزىلئۆڭگەچكە يامراپ كەتسە، تاماق يېگەندە قىينىلىدۇ-دە، ئۇ ئادەم تاماقتىن قالىدۇ.
● ھەر كۈنى يۇمشاق چوتكا بىلەن ئېغىز ۋە تىلنى ئاستا سۈرتۈپ، ئاندىن تۇز سۈيى بىلەن چايقاش لازىم. ئەگەر بەك ئاغىرمىسا لېمون ياكى ئاپلېسىن سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسىمۇ، ياكى سامساقنى چايناپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قېتىق ئىچسىمۇ بولىدۇ. يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ داۋالىغىلى بولمىسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
(يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، ئەگەر ئېغىزدا ئۇزۇن ئاق داغلار كۆرۈلسە، بۇ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى دېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل داغ ئاسان چۈشمەيدۇ، بۇنى چوقۇم دوختۇرغا داۋالىتىش كېرەك.)

قۇرۇق ۋە ھۆل يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە قىزىتما :
● يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ CD4ھۈجەيرىسى200 دىن ئاز بولغان (ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن) ۋاقتىدا قۇرۇق يۆتىلىش، دەم سىقىلىش(بىرەر كۈندىن كېيىن قىزىتمىسى ئۆرلىشىمۇ مۇمكىن) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇلار بەلكىم يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۆپكە ياللۇغى(PCP)نىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. قۇرۇق يۆتەل ۋە دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئېغىرلىشىپ بارىدۇ.
● بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغىنى زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆپكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان  كۆپ قىسىم ئالامەتلەرگە ئوخشاش، بۇ زەمبۇرۇغلار نورمال ئادەمنىڭ بەدىنىدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىز زەمبۇرۇغلارنى بېسىپ تۇرغاچقا، بىزدە كېسەل قوزغالمايدۇ. ناۋادا ئىممۇنىتېت سېستمىمىز ئاجىزلاشسا، بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى(PCP)ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىدا قوزغىلىدۇ. بۇ كېسەلگە دوختۇر رېنتېگېندە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگىنوز قويالايدۇ، شۇنداقلا  ئانتىبىئوتىكلار (باكتېرىيەگە قارشى دورىلار) بىلەن داۋالايدۇ.
● CD4ھۈجەيرىسى 200 دىن تۆۋەن بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى تەدبىرلىرىنى ئويلاشسا بولىدۇ. بۇ تەدبىردە SMZدىن ھەپتىدە ئۈچ ۋاق، ھەر ۋاقتا 2 دانە ياكى كۈندە بىر تالدىن تاكى CD4ھۈجەيرىسى 200 دىن ئاشقانغا قەدەر يەپ بەرسە بولىدۇ.
ئەگەر يۆتەلدىن قان تۈكەرسە، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، كېچىسى تەرلىسە، بۇ ئېھتىمال تۇبېركۇليۇزدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا دوختۇر دىئاگىنوز قويالايدۇ ۋە نەچچە ئايلىق داۋالاش مۇددىتى بىلەن داۋالايدۇ. (بۇ توغرۇلۇق كېينكى مەزمۇندا تەپسىلى توختىلىمىز).

ئىچى سۈرۈش:
● كۈندە ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىچى سۈرىدۇ، تەرەت سۇ ئارىلاش كېلىدۇ.
● ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولمىسا ياكى بىر ئىككى كۈندە توختاپ قالسا ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ بەلكىم تاماق ياكى سۇ ئارقىلىق بەزى باكتېرىيەلەردىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بېسىم ھىس قىلىش، جىددىلىشىش سەۋەبىدىن بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر توختىماي ئىچى سۈرسە ھەم ئۇزۇنغا سۇزۇلسا، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش بۇلۇشىمۇ، بەدەندە پارازىت قۇرت بۇلۇشىمۇ ياكى دورا ئەكىس تەسىر قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
●  ئىچى سۈرۈش بەدەندە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
● ئىچى سۈرگەنلەرنى داۋالاشتىكى مۇھىم بىرسى سۇسىزلىنىشنى داۋالاش. ORS(بىر خىل جۇلاپ)نى ئىچىپ سۇ تۇلۇقلىسا بولىدۇ. رېتسىپى: بىر لېتىر قايناقسۇغا 4 قوشۇق شېكەر، يېرىم قوشۇق تۇز سېلىپ، ھەر قېتىم سۇيۇق تەرەت كەلگەندىن كېيىن ئىچىلىدۇ. ئىچى سۈرگەن ئادەم كۈندە 3 لېتىرORSئىچىپ بېرىشى، ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم يېڭىدىن تەييارلاپ ئىچىشى كېرەك.
●بىر لېتر قاينىتىلغان پاكىز سۇغا يېرىم قوشۇق تۇز، سەككىز قوشۇق تالقانلانغان ئاشلىق سېلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى گۈرۈچ تالقىنىدىن، ياكى بۇغداي ئۇنى، قوناق ۋە ياكى ئېزىلىپ پىشقان ياڭيۇ (بۈك) سالسىمۇ بولىدۇ. 5- 7 مىنۇتقىچە قاينىتىلىپ، سۇيۇق شورپا ياكى ئوماچ ھالىتىگە كەلتۈرىلىپ، سوۋىتىلىدۇ. بۇمۇ بىر خىل سۇيۇقلۇق تولۇقلايدىغان قۇۋۋەتلىك جۇلاب (ORS) ھېسابلىنىدۇ.
● ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يىيىش، ئۇزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن مېغىز، خام مېۋە، خام كۆكتاتلارنى يىيىشتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا ماي، سۇ ۋە ئاچچىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك. بانان، گۈرۈچ، نان، بولكا، ياڭيو قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش،تاماق ئارىلىقىدا كۆپرەك سۇ ئىچىش  كېرەك.
● ئەگەر ئىچى سۈرۈش ئىككى ھەپتىدىنمۇ ئېشىپ كەتسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.
● كىچىك بالىلارنىڭ ئىچى سۈرسە چوقۇم شۇ زاماتلا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى ئىچى سۈرۈش كىچىك بالىلار ئۈچۈن بەكمۇ خەتەرلىك، ۋاقتىدا داۋالانمىسا تېزلا ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار.

داۋامى بار
ۋاقتى: 2013-12-5 20:28:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىش(ئۇچۇنۇش)
● ئەگەر مۇمكىن بولسا، بەدەن تېرمومېتىرى ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتۇرسىنى ئۆلچەش كېرەك. بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە قىزىغان بولىدۇ.بەدەن تېرمومېتىرى بولمىغان شارائىتتىمۇ بىلگىلى بولىدىغان ئامال بار،مەسىلەن بىر
قولىڭىزنىڭ دۈمبىسىنى پىشانىڭىزگە قويۇپ، يەنە بىر
قولىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ پىشانىسىگە تەككۈزسىڭىز، قىزىق بىلىنسە، قىزىغان بولىدۇ. ئادەمنىڭ نورمال بەدەن تېمپراتورىسى 36- 37.5℃بولىدۇ. ئادەتتە℃38 دىن يۇقىرى بولسا، قىزىغان بولىدۇ.
● قىزىشنىڭ سەۋەبى تۇبېركۇلىيۇز بولۇشىمۇ، باشقا يۇقۇملۇق كېسەل بولۇشىمۇ ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئاۋال بۇ خىل قىزىش تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى باشقا كېسەلنىڭ ئالامىتىمۇ، دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.
● ئاسپىرىن ياكى قىزىتما ياندۇرۇش دورىلىرىنى(扑热息痛)ئىچۈرۈش ياكى سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇرۇش ئارقىلىق تېمپىراتۇرىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. قېلىن يوتقانغا چۈمكەپ قۇيۇشقا قەتئى بولمايدۇ.
● دىققەت: AZTئىچىۋاتقان ئادەم چوقۇم ئاسپېرىن يىمەسلىكى كېرەك. بولمىسا ئاشقازانى قاناپ، كەم قان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
● ئادەم قىزىغاندا ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ، شۇڭا تېرىنىڭ پاكىزلىقى ۋە قۇرغاقلىقىنى ساقلاش زۆرۈر.
● ئەگەر قىزىتما بەك يۇقىرى بولۇپ ئۇدا يانمىسا، يۆتەل كەلسە، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىسە، بويۇن قېتىپ ئاغىرسا ياكى پەي تارتىشسا، دەرھال دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.
● ئەگەر كىچىك بالا قىزىپ قالغان بولسا، چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

تېرە كېسەللىكلىرى
● يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ئاساسلىقى كالا تەمرەتكىسى، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش، رىئاكسىيە خارەكتېرلىك ئەسۋە ۋە "كاپوسى گۆش ئۆسمىسى" (ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىرخىل ئۆسمە) قاتارلىقلاردۇر. نۇرغۇنلىغان تېرە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش(پات-پات يۇيۇنۇش، يوتقان كۆرپىلەرنى ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرۇش دىگەندەك) ۋە داۋالاشقا ماسلىشىش كېرەك. كاپوسى گۆش ئۆسمىسىگە دوختۇر ئۆسمە ئورنىدىن ئازراق ئەۋرىشكە ئېلىپ، پاتالوگىيلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق دىئاگىنوز قويالايدۇ. كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ئۇيغۇر بىمارلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى داۋاسى ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش (ART)، لېكىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا داۋالاشلار بەك قىممەت. كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ART(ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش) نى قوبۇل قىلىشىنىڭ بىر بىشارىتىدۇر.
● تېرە مەسىلىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ كۆرىلىدۇ. لېكىن ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپىرەك ۋە ئېغىرراق بولىدۇ. بەدەن ۋە يۈز قىسىمىدا كۆرىلىدىغان چوڭ قىزىل ئەسۋەلەر ئىچىۋاتقان دورىنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قىچىشىش، قىزىش ۋە نەپەس تەسلىشىش ئالامەتلىرى تەڭ كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
● ھەر خىل تېرە ئاسىراش مايلىرى ۋە يېمەكلىك مايلارنى(ئىشلىتىلمىگەن ماي) سۈرتۈش ئارقىلىق تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
● قىچىشىش ئالامەتلىرىگە نىسبەتەن، ئارپا سۈيىدە يۇيۇنۇش، مېنتول سۇيۇقلۇقى، كالامىن (双氧水) سۇيۇقلۇقى، شۇنداقلا يىنىك ناركوز دورىلىرى ۋە ئانتىخىستامىن تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتسە پايدىسى بولىدۇ.
● يارا ۋە جاراھەت ئېغىزلىرىنى ئوبدان تېڭىش، ئەگەر جاراھەت يۇقۇملانغان بولسا ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق داۋالاش كېرەك.
● تېرە ئاسىراش مېيى تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى،يېرىلىشى ۋە يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
● دورا ئەكس تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.
● تۇز سۈيى ئارقىلىق جاراھەت ئېغىزىنى يۇيۇپ ئاندىن داكا بىلەن ئوراپ تېڭىش كېرەك.
● ھېچقانداق ئەسۋە چىقماي ياكى ئىششىماي پەقەتلا قىچىشسا، بۇ قىچىشقاقتۇر. بۇ تېرە ئاستىدا ياشايدىغان بىر خىل پارازىت قۇرۇتتىن يۇقۇملانغانلىقتىن بولىدۇ. كېچىدە بىر قەدەر قاتتىق قىچىشىدۇ. بىر خىل سۇيۇقلۇق دورىلارنى ئىشلىتىش، يوتقان، كىرلىك ۋە كىيىم- كېچەكلەرنى يۇيۇش ئارقىلىق قىچىشقاقنى ساقايتقىلى بولىدۇ. لېكىن سىز بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم يېقىن ئۇچرىشىدىغان ئادەملەرمۇ تەڭ داۋالىنىشى كېرەك.

تاسمىسىمانقاپارتما
●تاسمىسىمان قاپارتمىنىمۇ  سۇ چېچەك (ئاقئانام) ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ۋىرۇسلار ئادەتتە ئادەمنىڭ نېرىپلىرىدا تېنچ ھالەتتە تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىممونتېت سېستىمىسى ئاجىزلاشقاندا، بۇ ۋىرۇسلار جانلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندە سۇلۇق قاپارتمىلىق ئاغرىيدىغان ئەسۋەلەرنى چىقىرىدۇ. بۇ قاپارتمىلار كۆپ ھاللاردا مەيدە، قۇرساق، پۇت ياكى قول، ھەتتا يۈز قىسىملاردا تۈز سىزىق بويلاپ چىقىدۇ.
● ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تاسمىسىمان قاپارتما كېسەللىك باسقۇچىغا تەرەققىي قىلۋاتقانلىقنىڭ بىشارىتى. لېكىن بۇنى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ.
● كالامىن سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسە، تېرىدىكى ئەسۋەلەرنى سىلىقلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ھالقىسىز گۋانوزىننى ئىشلەتسە ئاغرىق توختىتىدۇ.
● قاپارتما چىققان ئورۇننىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قاپارتمىلار يېرىلغاندا، تەركىبىدىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
● سۇ چېچەك (ئاقئانام) ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان تېببىي خادىملار ۋە ئائىلىدىكىلەر يېرىلغان سۇلۇق قاپارتمىلار بىلەن ئۇچراشسا، تەڭ يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل بىر قەدەر جاھىل كېسەللىك.

قوقاق ۋە جىنىسى ئەزالاردىكى قاپارتمىلار
● بۇمۇ بىر خىل جىنسى كېسەلنىڭ تۈرىدۇر. بەدەننىڭ تىگىپ كەتكەنلىكى يېرىگە يۇقىدۇ، دائىم دىگۈدەك سۇلۇق
كۆپۈكچىلەر چىقىدۇ، ھەم تىگىپ كەتسە ئاغرىيدۇ.
● جىنسى جەھەتتىن، HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، قاپارتمىدىن يۇقۇملانغان بىرسى بىلەن بىخەتەرسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئېلىپ بارسا، ئاسان يۇقتۇرۋالىدۇ. يۇقۇملانغۇچىغا قاپارتمىلار چىقسا بەك ئېغىر كىلىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
● بۇ خىل قاپارتمىنى ھالقىسىز گۋانوزىن بىلەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
● تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش، ئېغىزنىڭ ئىچى تېشىدىكى سۇلۇق قاپارتمىغا پايدىلىق.
● بۇ قاپارتمىلارنى باشقىلارغا تەككۈزۈپ يۇقتۇرۇپ قويۇشىڭىزدىن ساقلىنىڭ.

كېچىسى تەرلەش
● كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئۇخلىغاندا شۇنداق ياخشى، بىراق ئويغانغاندىن كېيىنلا تەر بېسىپ كېتىدۇ.
● قىزىتمىغا ئوخشاش بۇمۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى.
● مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە، كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك.
● سوغوق تەرلەش بەلكىم تۇبېركۇليۇز ياكى باشقا ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ياخشىسى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
● ئەگەر تۇبېركۇليۇز بولمىسا، جۇڭيىچە دورىلارنى ئىچىپ داۋالىنىشقا بولىدۇ.

چارچاش
● ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چارچاش باشقا خىل چارچاشلارغا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا ئادەم خۇددى ئېگىز بىناغا ياكى تاغقا ياماشقاندەك چارچايدۇ. بۈگۈنى ئىنتايىن نورمال تۇرغان ئادەم، ئەتىسىلا قاتتىق چارچىغاندەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغىلىمۇ بولمايدۇ. كۆپىنچىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەب چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
  • بەدەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان بولسا،
  • خىزمەت ئالدىراشلىقىدىن ياكى بەدەن چېنىقتۇرماسلىقتىن چارچاش كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن،
  • ناچار روھىي كەيپىياتمۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
● ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى خىزمەت قىلىپ ھېرىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا چارچاش ھېس قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ۋاقتىدا ئارام ئېلىشى ۋە كېچىسى ياخشى ئۇخلىشى كېرەك.
● ئەگەر چارچاش خىزمەت سەۋەبىدىن بولماي، زىيادە ئارام ئېلىپمۇ يەنە چارچاش ھېس قىلسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ۋاقتىدىكى قىلغان كۆڭلىنى كۆتىرىدىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك. مەسلەن: دوستىنى يوقلاش، مۇزىكا ئاڭلاش، ناماز ئوقۇش دىگەندەك. يۇقۇملانمىغان ۋاقتىڭىزدا كۆڭلىڭىزنى كۆتىرەلىگەن ئىشلار ھازىرمۇ كۆڭلىڭىزنى كۆتىرەلەيدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھېسىيات ھامان تەبىئىي بولىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەتلا تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسىمىنىلا ئۆزگەرتىدۇ. سىزنىڭ ئاچچىقلاش، ئەنسىرەش، جىددىيلىشىش ھېسىياتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى نورمال ئىنكاسلاردۇر. تۇرمۇش بەزىدە كومىدىيلىك ھالدا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەگەر ھېسىيات چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، يۇقۇملانغۇچى خىزمەتكە بارمايدىغان، تاماق يىمەيدىغان ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولۇپ، چۈشكۈنلۈككە ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خىياللىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئىمكان بار ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئەسكەرتىش: يۇقارقى كۆپ خىل ئالامەت ۋە ئاغرىشلار ئەيدىز ۋىرۇسى يوق بولغان ئادەتتىكى ئادەملەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسلەن: قىزىش ۋە چارچاشىنى نۇرغۇن ئىشلار كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. بەزى تاماق ياكى ئىچىملىك سۇدىنمۇ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغاندا، ياخشى غىزالىنالمىغاندا ياكى ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا بېشى قېيىش ۋە ياكى سۇسىزلىنىشلار نورمال ئەھۋاللاردۇر. بىر يۇقۇملانغۇچىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئەڭ مۇھىمى مۇشۇنداق ئالامەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان غەمخورلۇق ۋە ياردەمنى ھەقىقىي تۈردە يەتكۈزۈش، شۇنداقلا بىراۋنىڭ بەدىنى يۇقۇملىنىشقا تولۇق تاقابىل تۇرالمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ نەقەدەر ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىشتۇر.

مىللىيچە دورىلار ۋە ئەنئەنىۋى داۋالاش:
ئەنئەنىۋى رېتسىپلارنى ئىشلىتىپ ئالامەتنى پەسەيتىش يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يەنە بىر تاللىشىدۇر. جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە ھەر خىل ئاغرىق پەسەيتىش ۋە ئالامەت يوقۇتۇش داۋالاش ئۇسۇللىرى بار. شۇڭا نامى ياخشىراق داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋالىنىپ باقسا بولىدۇ.
نامى داڭلىق، لېكىن باشقىلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، دورا دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بارغاننىڭ كۆپ پايدىسى يوق.
3) كەسپى دوختۇرلارنىڭ داۋالىشى:ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولسا بىر خىل ئۇزاققا سۇزۇلىدىغان، يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان باكتېرىيە خارەكتېرلىك كېسەل. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولىدۇ. چۈنكى بۇمۇ بىر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئاسىيا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ خىل كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغان بولۇپ، تېنىدە كېسەللىك باكتېرىيىسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇ باكتېرىيەلەرنى كونتىرول قىلىپ تۇرغاچقا، كېسەللىك قوزغىلالمايدۇ ياكى باشقىلارغا يۇقمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى بارا-بارا كۈچىيىپ، كېسەللىك تەرەققى قىلىدۇ. شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن ئاغرىسا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى باشقىلارمۇ (گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىسىمۇ)ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى يۇقتۇرۋېلىشى مۇمكىن.

كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى
● ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق يۆتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن يۆتەل تېخىمۇ ئېغىر تۇتىدۇ. يۆتىلىپ قان تۈكۈرۈشىمۇ مۇمكىن.
● بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، زەئىپلىشىدۇ.
● تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا قىزىيدۇ.
● كېچىدە سوغۇق تەرلەيدۇ.
● گەجگىسى ۋە كۆكرىكى تېلىپ ئاغرىيدۇ.
● ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ.
بەزى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يۇقۇملانسا، يۇقارقىغا ئوخشاش بولمىغان ئالامەتلەر، مەسىلەن بويۇن ۋە مۆرىدىكى لىمفا بەزلەر ئىششش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر بىرەيلەن ئۆزىنى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملانغان ئوخشايمەن دەپ گۇمان قىلسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ياكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.

  داۋالاش
● ئادەتتە داۋالاشتا رىفامپىن (خەنزۇچىسى利福平، ئوقۇلۇشى: لى فۇ پىڭ)، رىمىفون (خەنزۇچىسى异烟肼، ئوقۇلۇشى: يى يەن جىڭ)، ئېتامبۇتول (خەنزۇچىسى乙胺丁醇، ئوقۇلۇشى: يى ئەن دىڭ چۇن) ۋە سترېپتومىتسىن (خەنزۇچىسى 链霉素، ئوقۇلۇشى: لىيەن مېي سۇ) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ.
● دورىنى تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ياكى بىر سائەت كېيىن ئىچىش ،ياكى ئۇخلاشتىن ئاۋال ئىچىسىمۇ بولىدۇ.
● دورىنى سۈت، پاكىزەسۇ،مېۋە سۈيى، قەھۋە ياكى چاي بىلەن ئىچىش
● پاكىزە يېمەكلىكلەرنى يىيىش، يېتەرلىك ئارام ئېلىش
● ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش
● ئىچىۋاتقان ياكى ئىچمەكچى بولغان دورىسىنى ھەر ۋاقىت دوختۇرغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، بىراق چوقۇم ئالتە ئاي تەلتۈكۈس داۋالىنىشى كېرەك. ئادەتتە بىمارغا 2- 4 خىل دورا بېرىلىدۇ، ئاندىن بۇ دورىلار چۇقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا ئىچىلىشى كېرەك. بۇ دورىلارنىڭ ئازىراق ئەكىس تەسىرى بار، بىراق بۇ ئەكس تەسىر تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن يوقايدۇ.
ئەگەر بىمار دورىنى توغرا ئىچمىسە ياكى داۋالاش باسقۇچىنى تۈگەتمەيلا ئوتتۇرىدىن توختىتىپ قويسا، تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسىدە دورىغا قارىتا چىدامچانلىق پەيدا بولۇپ، بۇ دورا قايتا تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
داۋالىنىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، بىمار ئۆزىنى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، بىراق مۇشۇ چاغدىمۇ بىمار دورا ئىچىشىنى ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىقى، تاكى دوختۇر ئەمدى توختاتساڭ بولىدۇ دىگەنگە قەدەر ئۈزمەي ئىچىپ بېرىشى كېرەك.

ئەكىس تەسىرىلىرى:
● تېرىگە سۇس سېرىقلىق چۈشۈش
● كىچىك تەرەت سېرىق كېلىش
● قەي قىلىش(قۇسۇش)
● ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش
● كۆڭلى ئېلىشىش
● كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاش
● سەۋەپسىزلا قىزىش
● سەۋەپسىزلا چارچاش
● ئاشقازان سانجىپ ئاغرىش

ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدە تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىممۇنېت سېستىمىسى ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملىنىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
● يۆتىلىپ ئۈچ ھەپتىگىچە توختىمىسا ،دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇبېركۇليۇزبار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
● يۆتەلگەندە ئېغىزنى ئېتىۋېلىش(چۈنكى تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى ئۆپكىدىن چىققان بەلغەم ئارقىلىق يۇقىدۇ)
● قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك، تازىلىققا رىئايە قىلىپ، ئېغىزى يېپىلىدىغان قاچىغا ياكى قەغەزگە تۈكۈرۈش كېرەك.
● يۆتەل تۇتقىنىغا ئۈچ ھەپتىدىن ئاشقان ئادەم بىلەن ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايدا بىللە تۇرماسلىق
● ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئىشخانىسى ۋە دائىم تۇرىدىغان جايىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
● ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىمارىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ، تۇبېركۇليۇز بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش.
● بوۋاق ياكى كىچىك بالىلارغا تۇبېركۇليۇز ۋاكسېنىسى ئەملەش ئارقىلىقمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


بەزگەك:
بەزگەك شىنجاڭدا ئاساسەن يوق. بەلكىم ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزگەك HIVدىنيۇقۇملانغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ھامىلدار يۇقۇملانغۇچىلارغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ. يەنە قىزىپ، ئورۇقلاپ ۋە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، سۇسىزلىنىدۇ.
بەزگەكتىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەك مۇھىم:
● كارۋات ئەتىراپىغا دەرىزىلەرگە تور بېكىتىپ قويۇش(بەزگەكنى پاشا كەچ كىرىپ تاڭ ئاتقىچە  تارقىتىدۇ، ئەگەر كۈندۈزدە چاقسا، دېنگې قىزىتمىسى قاتارلىق باشقا خىل كېسەللەرنى يۇقتۇرۇشى مۇمكىن ).
● كەچتە ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك
● پاشا كۆپىيىدىغان ئورۇنلارنى ئازلىتىش ياكى يوقىتىۋىتىش كېرەك.

پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟
بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ھەر خىل ئۆسمە ۋە ئۆپكە ياللۇغلىرىدەك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان ئادەملەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ خىل يۇقۇملىنىشلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ (ئەيدىز ۋىرۇسىدىن)يۇقۇملانغۇچىغا بولغان تەسىرى ئېغىرراق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ بۇزۇلغان ئىممۇنىتېت سېستىمىسى يۇقۇملىنىشقا بىر "پۇرسەت" بولىدۇ.
پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، ئېممونت سېستىمىسى ھۈجەيرىلىرىنى(T4/CD4) تەكشۈرتۈپ تۇرۇش مۇھىم. (كۇرسانتلارغا قەيەرلەردە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ)
CD4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى تۆۋەنلىگەندە (ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئاجىزلىغاندا)، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنى دوختۇر ھۈجەيرىنىڭ سانىغا ئاساسەن دەپ بېرەلەيدۇ. بەزى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولغان بىلەن، ھەممە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ساغلام بولۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئەگەر بىر يۇقۇملانغۇچى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا، قانچە بالدۇر داۋالانسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: تۇبېركۇليۇز ياكى ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

ۋىرۇسقا قارىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاشلار(ARTs/HAART)
ۋىرۇسقا قارىشى ئۈنۈملۈك داۋالاش(ART) نىڭ تەسىر قىلىش پىرىنسىپى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت. ئادەتتە ۋىرۇس كۆپىيىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىرىدە 3خىل دورا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ.بەزىدە ۋىرۇسنىڭ سانى ئازلاپ تەكشۈرۈپ بىلگىلىمۇ بولمايدۇ.

ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش (ART) توغىرسىدا بەزى ئۇچۇرلار:
ۋىرۇسقا قارىشى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بولغانلىقتىن، بەزىلەر ئىچەلمەيدۇ ياكى ئەكس تەسىرىدىن بەزى ئەگەشمە كېسەللىكەرنى تېپىۋالىدۇ. لېكىن بۇ توغرۇلۇق بىلىملەرنى بىلگەندىلا، ئەكس تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.

دورىنى كۈندە ئۆز ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك. دورىنى توختىتىپ قويۇپ، يەنە قايتىدىن ئىچكەندە، ۋىرۇس دورىغا كۆنىۋالىدۇ (چىدامچانلىق شەكىللەندۈرىۋالىدۇ)- دە، دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ.
ھازىر رايونىمىزدا بۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر قايسى يەرلىكتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.

4. پىسخىك ۋە روھى ياردەم :
ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، مەيلى ئۇلار يۇقۇملانغان بولسۇن ياكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار بولسۇن، ئۇلار روھىي جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. مەھرۇم قېلىش ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ مەھرۇم بولىدىغىنى يالغۇز ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، گۈزەل كېلەچىگى، پەرزەنتلىك بولۇشى، دوستلىرى، خىزمىتى ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردۇر. شۇڭلاشقا مەھرۇم بولۇش(ئايرىلىپ قېلىش)قا نىسبەتەن چوقۇم ئىدىيىدە تەييارلىق بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۆلۈمگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. شۇنىڭدىلا كېيىنكى ئۆمىرىدە تېخىمۇ ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرسىدا سۆز ئېچىشنى خالىمىسىمۇ، بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى ھىسىياتىنى چۈشىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا  پايدىسى بار.
يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ ئۈمىدۋارلىقنى ساقلاپ قېلىش يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر سىناق. بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالسا، يەنە بەزىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلالمايدۇ. شۇنداقلا يەڭگىللىك بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرگە بېرىپ ياشاش ۋە ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىكتەك قارارلارنى چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا كېيىنكى ئۆمىرىدە نېمە ئىش قىلىش، ئۆزىنى باشقىلارغا قانداق ئاشكارىلاش، يېقىنلىرىنىڭ مۇئامىلىسى، ساغلاملىق ۋە ئىقتىسات مەسىلىسى، بالىلىرىنى قانداق بېقىش قاتارلىق سان-ساناقسىز ئىشلار يۇقۇملانغۇچىغا نۇرغۇن روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
مەنبە: نۇر تورى
ۋاقتى: 2013-12-5 20:30:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار
ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ، تەرەققىي قىلغانغا قەدەر 4 دەۋىرگە بۆلىندۇ .

    1) جىددىي خارەكتىرلىك يۇقۇملىنش دەۋرى . ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، 2~6 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ . ئالامەتلىرى ؛ قىزىش ، كارنەي ئاغرىش ، لىمفالىق ئىششىق ، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلۈپ ، ئادەتتە 2 ھەپتە ئەتىراپىدا داۋاملىشىپ ، ئۆزلىگىدىن يوقاپ كېتىدۇ . بەزىدە نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش ، باش ئاغرىش ، پۈتۈن بەدىننىڭ بۇغۇملىرى سىقىراپ ئاغرىش ، تۇقۇلمىلار ئاغرىش ، نېرۋا پەردە ياللۇغى ياكى ياللۇغ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ .لىكىن ھەممە ئادەمدە رۈشەن بولغان جىددى خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى بولىۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ كۆرىلۈش نىسپىتى %50~%70 گىچە بولىدۇ .
    2) كىسەلسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى رۈشەن كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلمەيدۇ . بۇ ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى دەپ ئاتىلدۇ . يۇشۇرۇن دەۋرىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋېروسى ئادەم بەدىندە كۆپىيىشكە باشلاپ ئورگانىزىمدا مۇناسىپ قارشى كۈچ پەيدا بولىدۇ . يۇشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇشۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ كىرىش نىسپىتى %100 گە يەتكەن بولىدۇ .
   3) پۈتۈن بەدەنلىك لىمفالىق ئىشىق كىسىلىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرى . يۇشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ۋېروس ئادەم ئورگانىزىمىدا ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ، ئىمونىت سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ . داۋاملىق قىزىش ، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئېغىرلىغى تۆۋەنلەپ كېتىش ، كۆپ تەرلەش ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلدۇ . بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يىرىدە چوڭ - كىچىكلىگى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا لىمفالىق ئىششىق پەيدا بولغان بولۇپ ئاغرىمايدۇ .ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋېروسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەن بولىدۇ .   

     4) ئەيدىز كىسىلى دەۋرى . ئورگانىزىمنىڭ ئىمونىت سېستىمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ . ئادەتتە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ ، ئۇنى 5 خىل تىپقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
     A تىپلىق ؛ پۈتۈن بەدەن ئاغرىش . مەسىلەن ؛ نۇرىمالسىز قىزىتما ۋاقتى 1 ئايدىن يۇقرى بولۇش ، داۋاملىق لىمفا ئىشىقىنىڭ چوڭلىغى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا بولۇش . ئاستا خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈش 2 ئاي ئەتىراپىدا بولۇش ، 3 ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىغى %10 دىن يۇقرى كاملاپ كېتىش ، كۆپ تەرلەش ، دەسلىپىدە كېچىسى كۆرۈلۈش ، كېيىن كۈندىزىگە ئۆزگىرىش ، قاغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلدۇ .
     B تىپلىق ؛نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش .مەسىلەن ؛ ھارغىنلىق ھىس قىلىش ، ھالسىزلىنىش ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، تەكرار باش ئاغرىش ، تىرىنىڭ سىزىمچانلىغى تۆۋەنلەش ، روھسىزلىنىش ، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ .
     C تىپلىق ؛ يۇقۇملانغۇچىدا ئۆپكە ياللۇغى ، تىبىركىلىيۇز ، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك كۆرىلدۇ .
     D تىپلىق ؛ << ئۆسمۈلۈك ئىشىق >> ئاساسلىغى داۋاملىق كۆرۈلدىغان ئۆسمۈلۈك ئىشىق .
      E تىپلىق ؛ ئاساسلىغى ئاستا خارەكتىرلىك پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق لىمفالىق ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنى داۋاملىق دەلىللەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ .
    كۈزۈتىشكە قارىغاندا ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن 5 يىل ئىچىدە %10 دىن % 30 گىچە بولغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن 13 يىل ئىچىدە تەخمىنەن % 60 يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئۆزگىردىكەن . ھەمدە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز بولغۇچىغا ئايلىنىپ كەتمىسىمۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز .

-2011يىلدىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ئەيدىز كېسىلى 1981 -يىلى ئامېرىكىدا بايقالغان.1983-يىلى فىرانسىيە بۇ كېسەلگە "ئەيدىز ''دەپ نام قويغان. بۇ كېسەل 1985- يىلى جۇڭگودا،1995- يىلى شىنجاڭدا( قومۇلدا) بايقالغان.بۇ كېسەلنى قۇمۇلغا ئىچكىرىدىن بىر ئاققۇن ئېلىپ چىققان. ئەڭ يېڭى ئىستاتېسكىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدا ھازىر 33974 نەپەر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ،ئۇيغۇرلار 27058 نەپەر،خەنزۇلار 2337 نەپەر،خۇيزۇلار 1315 نەپەر،3264 نەپىرى باشقا مىللەتلەر ئىكەن .ئايال يۇقۇملانغۇچىلار 10593نەپەر بولۇپ%31.2نى ئىگەللىگەن. ئۆلگەنلەر4540 گە يەتكەن.

قانداق قىلغاندا ئەيدىزدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:ئىزباسار تورى

تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش .
               تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلدار بولۇش ، ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈش ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى . تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇنسىۋەت بىرخىل مەسئۇلىيەتسىز مۇناسىۋەت ، ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى توي دىن ئىبارەت بۇ قورال قوغداپ تۇرمىسا ئاسانلا ئىتتىك ئاخىرلىشىدۇ .
               جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلماسلىق .
               ھازىر چەتئەلنىڭ يېڭى ئېدىيىسى مەملىكىتىمىزگە، دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن بىرگە خىلمۇ خىل چاكىنا ئىدىيىلەرمۇ تەڭلا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . جىنسىي ئەركىنلىك بۇ تىپىك مىسالى . جىنسىي ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش ، جەمئىيەت ئىستىلى بۇلغىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە ئېلىپ كەلگىنى شۇ ئەيدىز

ئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ؟



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى

     ئەيدىز گەرچە داۋاسىنىڭ يوقلۇقى، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇن مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قورقۇنۇچلۇق ۋابا دەپ ئاتالسىمۇ، ئەگەر سىز ئۆز قىلمىشىڭىزغا مەسئۇل بولسىڭىز، يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەكمىسىڭىز، مۇقىم جىنسى جۆرىڭىزدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ قېنى ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تېنىڭىزگە كىرىپلا كەتمىسە ھەرگىز يۇقۇملانمايسىز.دېمەك ئەيدىز بىر خىل قىلمىش كېسىلى.
ئۇنداقتا ھازىر ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار، بىز قانداق قىلساق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز؟
     ئالدى بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندا ئىنتايىن ئاجىز ۋىرۇس، دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى،سۇپۇن سۈيى،ئىسپىرىت ھەتتا كۈچلۈك كۈن نۇرى، شامال  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىۋېتەلەيدۇ. دېمەك ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋادىن يۇقمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن  كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن،بىللە خىزمەت قىلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. مەسىلەن: يۇقۇملانغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قۇچاقلاشقاندا، بىللە تاماق يېگەندە، تېلېفون، مۇنچا ھاجەتخانىلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقمايدۇ.
     لېكىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قان بىلەن ئۇچىرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان سايمان قوراللارنى مەسىلەن ساقال قىرغۇچ، چىش چوتكىسى ۋە ئۇكۇل دىگەنلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك( مەيلى ئۇ كىم بولمىسۇن،چۈنكى بىز كىمنىڭ تېنىدە ۋىرۇس بارلىقىنى بىلمەيمىز)، بۇلاردىنمۇ يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار.
     ھاشارەت ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرمايدۇ، بىراق كىشىلەر دائىم پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرامدۇ دەپ سورايدۇ. پاشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپات يوق. سەۋەبى بۇنىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇشنىڭ شەرتى ھازىرلانمايدۇ. ئالدى بىلەن پاشا ئادەمنى چاققاندا ئاۋۋال چاققان ئادەمنىڭ قېنىنى ئىككىنچى ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتمەيدۇ. پاشا پەقەتلا ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى چاققان ئورۇنغا چىقىرىپ ئاندىن چاقىدۇ. ئاندىن قالسا، پاشىنىڭ نەشتىرىدىكى قان قالدۇقلىرىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ۋىرۇس ئىنسانلارغىلا خاس ۋىرۇس بولۇپ، ئۇ ھاشارەتنىڭ تېنىدە ياشىيالمايدۇ.
     ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى ئۈچۈن ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، يەنى يۇقۇملانغۇچى بولۇشى، تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان يېتەرلىك مىقداردىكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇشى ۋە مۇشۇ سۇيۇقلۇق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك. مانا بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقماسلىقنىڭ سەۋەبى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى

قانداق قىلغاندا ئەيدىزدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:ئىزباسار تورى

تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش .
               تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلدار بولۇش ، ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈش ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى . تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇنسىۋەت بىرخىل مەسئۇلىيەتسىز مۇناسىۋەت ، ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى توي دىن ئىبارەت بۇ قورال قوغداپ تۇرمىسا ئاسانلا ئىتتىك ئاخىرلىشىدۇ .
               جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلماسلىق .
               ھازىر چەتئەلنىڭ يېڭى ئېدىيىسى مەملىكىتىمىزگە، دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن بىرگە خىلمۇ خىل چاكىنا ئىدىيىلەرمۇ تەڭلا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . جىنسىي ئەركىنلىك بۇ تىپىك مىسالى . جىنسىي ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش ، جەمئىيەت ئىستىلى بۇلغىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە ئېلىپ كەلگىنى شۇ ئەيدىز
ئەيدىز توغرىسىدا



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

قىزىل لېنتا — دۇنيا ئەيدىز نىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاشنىڭ خەلقئارالىق بەلگىسى قىزىل لېنتا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنىڭ خەلقئارالىق بەلگىسى بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا كەلگەن. بىر قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز چوڭ يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى چۈشىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، بىر تال ئۇزۇن قىزىل لېنتىنى يىغىن مەيدانىنىڭ ئاسمىنىغا قويۇۋەتكەن. قوللىغۇچىلار قىزىل لېنتىنى كېسىپ، چىرايلىق قاتلاپ شەكىل چىقىرىپ ئىلغۇچ بىلەن مەيدىسىگە تاقىۋالغان.
     قىزىل لېنتا بىر تال بەلباغقا ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى مەھكەم باغلاپ، ئەيدىزگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنىڭ، ھاياتلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە باراۋەرلىك ئارزۇسىنىڭ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن قاتنىشىشىنىڭ سىمۋولى.
مەنبە - تەڭىرتاغ تورى
ئەيدىز توغرىسىدا



        ئاپتورى:ئېنىقسىز         
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

1) ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزۇپ، ئاسانلا باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئاخىر جېنىغا زامىن بولىدۇ.
2) ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە، ئىككى ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە ۋاقىت ئۆتكەندىلا، قاندىكى قارشى تەنچىنى تەكشۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ، ئەمما ئۇ يۇقۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
3) ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە يوشۇرۇن دەۋرى بولىدۇ، ئاندىن يۇقۇملانغانلار ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارغا ئايلىنىدۇ.
4) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تاشقى قىياپىتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما يۇقتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.
5) ئەيدىز كېسىلى ئەر بىلەن ئايال ۋە ئەر بىلەن ئەر ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
6) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاغرىغانلار بىلەن مۇھاپىزەتسىز جىنسىي ئالاقە قىلغانلار ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
7) پاھىشىۋازلىق (كۆپ ئاشنا تۇتۇش) ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرىدىغان خەتەرلىك قىلىق.
8) ئەر بىلەن ئەر (جىنىسداشلار) جىنسىي ئالاقە قىلسا، ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇش خەۋپى چوڭ بولىدۇ.
9) فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
10) ئەيدىز كۈچلۈك يۇقۇملۇق كېسەل، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ۋە ئۇنىڭغا شىپالىق دورا ھازىرچە يوق، ئەمما ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.
ماتېرىيالدىنھ
ئەيدىز پەيدا قىلغان دۇنياۋى مەسىلە



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىش ئازابى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئەيدىز ئائىلىلىرىنىڭ خورلۇقى ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ نورمال دوست تۇتۇشى، قېرىنداشلار ئارا ۋە جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
كەمسىتىش ۋە بىرتەرەپلىمە قاراش تۈپەيلىدىن، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يوق دېيەرلىك بولۇۋاتىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، جەمئىيەتكە ئارىلىشىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇلار جەمئىيەتكە نورمال ئارىلىشالامدۇ؟ بۇنى تۆۋەندىكى كۆرسەتكۈچلەر ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولىدۇ: ھازىرقى ياشاش ئەھۋالىنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى، باشقىلارغا ئىشىنىش، سەمىمىيلىكى ۋە ھەمكارلىق پوزىتسىيىسى بارمۇ – يوق، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلالامدۇ؟ ھېسسىيات تەلىپىنى نورمال ئىپادىيىلەمدۇ؟ شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۈمىد بىلەن قارىيالامدۇ؟ قاتارلىقلار.
ب د ت بالىلار فوندىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەيدىز تۈپەيلىدىن يېتىم بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بەزى بالىلاردا يېتىمسىراش ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا ئاتا – ئانىلار ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارلىشى ۋە كەمسىتىشى بالىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولۇپ، يالغۇزلۇقنى تاللىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
چەت ئەلدىكى بىر مىسالدىن قارىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئىككى بالا ئۇزاققىچە باشقا ئاتا – ئانىلار ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يەكلىشىگە ئۇچراپ، مەكتەپكە بېرىشقا ئامالسىز قالغان. ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئائىلىدە دەرس ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ بالىلار ساۋاقداشلىرى بىلەن ئارىلىشىشتىن مەھرۇم قالغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ئەيدىزنىڭ بالىلار پسىخىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن بولۇپ، ئەيدىزنىڭ بالىلار پسىخىكىسىغا بولغان زىيىنى شۇ بالىلارنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان ئاتا – ئانىلىرى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان جەريانغا سىڭىپ كېتىدۇ ھەم ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ خېلى مەزگىلگىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلارنىڭ سالامەتلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىدۇ، لېكىن بۇ دىل ئازابىغا ھېچكىم ھېسداشلىق قىلمىسا، بىخەتەر ۋە ئىللىق مۇھىتتا دىل ئازابى يېنىكلىتىلمىسە، بۇ، ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.
ئەيدىز كېسىلى تۇنجى قېتىم بالىلار سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلدى



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى

     تىنچ ئوكيان ئۆمۈرلۈك سۇغۇتا چەكلىك شېركىتى بېيجىڭ تارماق شېركىتى يېڭىدىن ‹‹تېنىچ قۇياش نۇرى پەرىشتىسى بالىلار ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى›› نى يولغا قويدى . بۇ تۈردىكى سۇغۇرتا تۈرى ئىچىدە ، قان بېرىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نى تۇنجى قېتىم بولۇپ ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى قاتارىغا قوشتى .
      بۇ خىل سۇرۇغتا تۇغۇلۇپ 60 كۈنگە تولغاندىن تارتىپ 17 ياشقا كىرگىچە بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەخسۇس قىلىپ چىقىرىلغان بولۇپ ، تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا ، بۇ خىل سۇغۇرتا ئىچىدىكى‹‹ قان بېرىش سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش›› تۈرىدىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭى بالىلار سۇغۇرتىسىنىڭ بەلگىلىنىشىچە : پەقەت قان بېرىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار تۇغۇلۇپ 60 كۈنگە تولغاندىن تارتىپ 17 ياشقا كىرگىچە  بولغان بىمارلار ، ھەمدە كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ ، بىمارنىڭ جېنىغا خەۋىپ يەتكۈزگەندىلا ئاندىن بۇ خىل تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىكەن .
مەنبە : ئۇيغۇرلاردا تىبابەت تورى
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

   ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەلنى چېكىندۈرىدۇ. لېكىن ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى ئۆپكە يەللىكى، مېڭە پەردە يەللىكى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق پۇرسەتپەرەس كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ئادەم بۇنداق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن، ئۇ ئادەمنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەملىك سىندروماغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزى كېسەللىك ئەمەس، بەلكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا كېسەل ھالىتى ياكى كېسەلنىڭ يىغىندا ئالامىتى. ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلمەيدۇ، بەلكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ.
     ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ پەرقى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئالامەت تېخى كۆرۈلمىگەن، ئەيدىز كېسىلى، دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەيدىز ئاغرىقى ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولغان، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ھەر ئىككىسى يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلاردا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، سىرتتىن قارىغاندا ساغلام كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئالامەتسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغاندىن باشقا، ئۆزىگە سېزىلىدىغان ئالامەتلەر ۋە مۇسبەت بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن 12 يىلغىچە بولىدۇ، ئاز ساندىكىلەردە 20 يىلدىن ئاشىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە يىل بولىدۇ.


ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى قانداق قىلسا ھاياتىنى ئۇزارتالايدۇ؟



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى

   ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى دوستلىرىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ،خىزمەتداشلىرىنىڭ ۋە سەھىيە خىزمىتى خادىملىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە، تېخىمۇ ئۇزۇن ياشىيالايدۇ.
   ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەسلەپتە ساغلام بولسىمۇ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك تەرەپلەردىن مەدەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئىممونىت سېستىمىسىنى قوغداشقا،ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا ئۆزگىرىپ كېتىش خەۋىپىنى ئازايتىشقا مۇھتاج.
   ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك جەھەتلەردە ئۆزلىرىدىن خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق،مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ، ھاياتىنى ئۇزارتالايدۇ.
   ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلىگگ گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرمۇ قوللاش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج بولۇپ،ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.
   ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھەركىتىنى ئۆزگەرتىپ،ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇچۇر، مەدەت ۋە ياردەمگە مۇھتاج.
مەنبە - تەڭىرتاغ تورى
ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان – بولمىغانلىقنى قانداق بىلىمىز؟



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى
ۋاقتى: 2013-12-5 20:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان – يۇقۇملانمىغانلىققا ھۆكۈم قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەيدىزگە ئالاقىدار ئۇقۇم ۋە بەزى ساۋاتلارنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللەر مەخسۇس دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ، دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق دىئاگنوز قويغۇزۇش لازىم.
   خەتەرلىك ھەرىكەت دېگەن نېمە؟HIV (ئەيدىز ۋىرۇسى) ئاساسلىقى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى  ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ قان، مەنىي، جىنسىي يول ئاجراتما سۇيۇقلۇقى، ئېمۇلسىيە، جاراھەت ئېغىزى سىرغىما سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئالمىشىشىنى پەيدا قىلالايدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە HIVنى تارقىتىش ئېھتىماللىقى بار. خەتەرلىك ھەرىكەت ئادەتتە بىخەتەرلىك قېپى ئىشلەتمىگەن جىنسىي مۇناسىۋەت، باشقىلار بىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى بىللە ئىشلىتىپ زەھەر ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەتەرلىك ھەرىكىتى بار ئادەملەر خەتەرلىك كىشىلەر توپى، دەپ ئاتىلىدۇ. خەتەرلىك كىشىلەر توپى يوشۇرۇن پاھىشە، پاھىشىۋاز، ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلار، زەھەر چەككۈچىلەر، ھەقلىق قان تەقدىم قىلغۇچىلار ھەم يۇقىرىدا دېيىلگەن كىشىلەر توپى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   كۆزنەك مەزگىلى دېگەن نېمە؟ HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا ئورگانىزمدىكىHIV ئانتىتېلاسى تەدرىجىي مۇسبىي كۆرۈنىدۇ. HIV بىلەن يۇقۇملىنىپ قاننى تەكشۈرۈپ HIV ئانتىتېلاسىنى ئېنىقلىغىلى  بولىدىغان بولغىچە بولغان ۋاقىت ‹‹كۆزنەك مەزگىلى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆزنەك مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇققان HIVنىڭ كۆزنەك مەزگىلى نىسبىي ئۇزاقراق بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
   ئابدۇرېھىم توختى تەرجىمىسى
ئەيدىزنىڭ كلىنىكىلىق ئالامىتى كۆپ خىل بولىدۇ



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

   ئەيدىزنىڭ كلىنكىلىق ئالامىتى كۆپ خىل بولىدۇ . ئادەتتە كېسەلدە دەسلەپ شامالداپ قېلىش ،يۇقۇملۇق زۇكام بۇلۇش ئالامىتى كۆرۈلۈپ ،پۈتۈن ئەزا ماغدۇرسىزلىنىدۇ ،قىزىيدۇ ، ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ ، كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ،كېسەل ئالامىتى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ .تېرە ،تېرىنىڭ شىللىق پەردىسى كاندىدا ئالبىكانىس زەمبۇرۇغىدىن يۇقۇملىنىدۇ ؛قاپارتما ۋىروسى ،سۆسۈن داغ ،قانلىق ئىششىق ،قانلىق قاپارتما ،قان دېغى پەيدا بۇلۇپ ،تېرىگە ئاسانلا زەخىم يېتىدۇ ؛يارىلىنىپ قالسا ،قان توختىمايدۇ ؛كېيىن بۇ ئالامەتلەر ئىچكى ئەزالارغا تەسىر قىلىپ ،سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك قىزىتما ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ ،بۇنداق ئەھۋال ئۇچ –تۆت ئايغا سۇزۇلۇپ كېتىدۇ ؛يەنە يۆتەل ،دېمى سىقىلىش ،سوزۇلما خارەكتىرلىك ئىچى  سۈرۈش ،قان سىيىش ،جىگەر ،تال ئىششىپ يوغىناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ؛شۇنداقلا يامان خارەكتىرلىك ئۆسمە پەيدا بولىدۇ ،نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ .
    ئاغرىقلاردا بۇنداق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى تەڭلا كۆرۈلۈشى ناتايىن .ئادەتتە بىر ئاغرىقتا بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىر –ئىككىسى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن .مۇبادا بەدەننىڭ زەخمىلەنگەن ئەزاسى ئۆپكە بولسا ،نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ،مەيدە ئاغرىش ،يۆتىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ؛بەدەننىڭ زەخمىلەنگەن ئەزاسى قان تومۇرى بولسا ،قان تومۇرىدا قان توسۇلۇپ قېلىش خارەكتىرىدىكى يۈرەك ئىچكى شىلىمشىق پەردە ياللۇغى كۆرۈلۈپ ،قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش خارەكتېرىدىكى مېڭىگە قان چۈشۈش كېلىپ چىقىدۇ .
     كېسەلنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يوشۇرۇن مەزگىلىدە ئەيدىز ئاغرىقلىرى نورمال كىشىلەردەك يۈرۈۋىرىدۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتىېت سىستىمىسى داۋاملىق ئەيدىز ۋىروسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ .ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلىيالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ،ئادەتتىكى كىشىلەردە كېسەل پەيدا قىلالمايدىغان كۆپ خىل كېسەل ۋىرۇسلىرى ئاغرىقلاردا شەرتلىك يۇقۇم پەيدا قىلىپ ،مېڭە ئۆپكە ،ئاشقازان ،ئۈچەي ۋە باشقا ئەزالاردا كېسەلنىڭ ئۆزگىرىش ئالامىتىنى پەيدا قىلىدۇ .بەزى يامان خارەكتىرلىك ئۆسمىلەرمۇ ئاغرىقلارنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان چاغدا باش كۆتۈرىدۇ .


ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئون ئاساسىي ساۋات



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

   1. ئەيدىز ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەل. ھازىرغىچە ئۇنى ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئامالى تېپىلمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
     2.ئەيدىز ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش، قان ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.  
     3. تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن نورمال ئالاقىدا بولغاندا ئەيدىز يۇقمايدۇ.
     4.پاكىزلىقنى ساقلاپ ئۆزىنى ئاسراش، جىنسىي ئەخلاققا رېئايە قىلىش ––– ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر.
     5. گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە، ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەيدىز، جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
     6.جىنسىي كېسەللەرنى بالدۇر داۋالاتقاندا ھەم ساقايتقاندا، ئەيدىز يۇقتۇرۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
     7. شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىز يۇقتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول. شۇڭا زەھەرگە يېقىن يولىماي، ھاياتنى قەدىرلەش كېرەك.
     8.زۆرۈر بولمىغان قان بېرىش ۋە قان سېلىشتىن ساقلىنىش، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلا سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن قاننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
     9. ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك—ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
     10.ئەيدىز ھەر بىر ئادەم ۋە ئائىلىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.
نېمشقا پاشا ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرالمايدۇ؟



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى

   ئەيدىز ۋىروسى پاشا تىنىدە ھايات كەچۈرەلمەيدۇ، ئەيدىز ۋىروسى ھېچ بولمىغاندا 0.1مىللىمىتېر قان بولسا ئاندىن يۇقىدۇ. پاشىنىڭ نەشتىرىگە چاپلاشقان قان 0.0004مىللىمىتېر ئەتىراپىدا بولغاچقا ۋىروسنى يۇقتۇرالمايدۇ. ئەگەر پاشا چېقىشتىن يۇقۇملىنىدىغان بولسا، بۇ چاققىچە ھەممىمىز ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۋالغان بولاتتۇق.


ئەيدىز ھەققىدە ساۋات



        ئاپتورى:ئىنتېرنېت تورى         
مەنبەسى:تەڭىرتاغ تورى

بىر يۇقۇملانغۇچى سىزنى چىشلىۋالسا، سىز يۇقۇملىنىپ قالامسىز؟
   يۇقۇملانغۇچىنىڭ شۆلگىيى ئەيدىز ۋىروسىنى چىشلەنگۈچىگە يۇقتۇرمايدۇ. چىشلەپ قانىتىۋاتقان شۆلگەي تەركىبىدە بەك ئاز ئەيدىز ۋىروسى(HIV) بايقالغان تەقدىردىمۇ يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقمايدۇ. ئادەمنىڭ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى چىشلەنگۈچىنىڭ قان تومۇرىغا كىرسە ئاندىن ئەيدىز كېسىلى يۇقىدۇ.
مەنبە - تەڭىرتاغ تورى


ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان تارقىلىش يوللىرى



        ئاپتورى:يۈكسەل         
مەنبەسى:يۈكسەل بلوگى

ئەيدىزنىڭ سىز  بىلمەيدىغان تارقىلىش يوللىرى

يۈكسەل

ئادەتتە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرلۈك بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ:
1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.
2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن:

1. ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىش
ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام - شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ - ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

2. چىش تارتقۇزۇش - سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت - رەسىم چەكتۈرۈش
ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت - رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت - رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە - ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

3. ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش
مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە،  ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.

5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش
قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن

6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش
تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.
ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش - قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.

7. داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق
دوختۇرخانىلاردا داۋالاش - داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.

8 . جىنسىي ئالاقە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ - جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 - %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.

9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا  قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

يۈكسەل بلوگىدىن ئېلىندى.
ۋاقتى: 2013-12-5 20:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە زېھنى سىناش سۇئال-جاۋابلىرى
تۈزگۈچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

      مەن ھەرقايسى ئىدارە-جەمىيەتلەرنىڭ، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن زېھنى كۈچ سەرپ قىلىپ تۆۋەندىكى ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە زېھنى سىناش سۇئال-جاۋابلىرىنى تەييارلاپ چىقىپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىيال كەمچىل بولۇش بوشلۇقىنى تولۇقلاپ قويدۇم. كەم قالغان جايلار بولسا ئىشلەتكۈچىلەر  ئۆز ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تولۇقلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەمما باشقا تور، بلوگلارغا ياكى مەتبۇئاتلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ، لازىم بولسا http://waksina.com/forum.php?mod=viewthread&tid=5218 مۇشۇ ئادرېسنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. .
1. ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە؟ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تىببىي ئاتىلىشى ئېرىشىشچان ئىمۇنتېت كەملىك يىغىندا كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
2.  ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك؟ قىسقا بولغاندا 6 ئايدىن بىر يىلغىچە، ئادەتتە 5 يىلدىن 7 يىلغىچە، ئۇزۇن بولغاندا 10 يىلدىن ئاشىدۇ.
3.  ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېلىنكىلىق ئالامىتى قانداق بولىدۇ؟ ئادەتتە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالامىتى شامالداپ قېلىش ۋە زۇكامغا ئوخشاش بولۇپ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىش، ئورۇقلاش كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالامەتلەرمۇ كۈنسىرى كۆپىيىدۇ، مەسىلەن، تېرە، شىللىق پەردىلەر ئاق رەڭلىك شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، تېرا قاپارتقۇسى، بەلۋاغسىمان قوقاق، سۆسۈن داغ، قانلىق ئىششىق، تېرە ئاستىغا قان چۈشۈش، تېرىلەر ئاسان زەخمىلىنىش، زەخمىلەنگەندىن كېيىن قان توختىماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېيىن ئاستا-ئاستا ئىچكى ئەزالارنى زەخمىگە ئۇچرىتىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدىكى سەۋەبسىز قىزىش كۆرۈلىدۇ ھەمدە 3-4 ئاي داۋام قىلىدۇ. يەنە يۆتۈلۈش، نەپەس قىسىلىش ئۈزلۈكسىز ئىچى سۈرۈش، قان ئارلاش تەرەت قىلىش، جىگەر تال يوغناش، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن.
ئالامەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۆزگۈرۈشچان بولۇشى سەۋەبلىك ھەر بىر بىماردا يۇقۇرىدىكى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بولۇشى ناتايىن. ئادەتتە يۇقۇرىقىلاردىن بىر ئىككى خىلدىن يۇقۇرى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
4. دۇنيا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنى قايسى؟ ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى.
5. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى دىگەن نېمە؟ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ تېخى ئەيدىز كېسەللىك بەدەن ئالامىتى كۆرۈلمىگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
6. نۆۋەتتە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر بولغان رايۇن؟ ئافىرىقا
7. 1981-يىلى قايسى دۆلەت دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەيدىز بىمارىنى بايقىدى؟ ئامېرىكا
8. دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇغىدا قايسى يىلى تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغان؟ 1985-يىلى
9. دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ھازىر قايسى باسقۇچتا تۇرماقتا؟ تېز سۈرەتتە كۆپىيىش باسقۇچىدا تۇرماقتا.
10. دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىدىكى ئەڭ يۇقۇرى رەھبەرلىك تەشكىلى ئاپپاراتى قايسى؟ گوۋۇيۈەن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش جەمىيىتى.
11. 2013-يىلدىكى دۇنيا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كۈنىنىڭ باش تېمىسى قايسى؟ «ئاكتىپ ھەركەتكە كېلىپ، ئەيدىز يوق بولۇشقا قاراپ ئىلگىرلەيلى!»
12. ئەيدىز كېسلىنىڭ يۇقۇم مەنبەسى قايسىلار؟ ئەيدىز بىمارى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى.
13. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ قايسى سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ؟ ئىمۇنتېت سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
14. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ قايسى ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟ لىمفا ھۈجەيرىسىگە.
15. ئەيدىز كېسلى قوزغالغاندىن كېيىنكى تىپىك ئالامەتلەر قايسىلار؟ ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن قىزىتما بولۇش، يۆتۈلۈش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش(ئورۇقلاش)، سوزۇلما ئىچى سۈرۈش.
16. ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەنگە كىرىپ تېخى كېسەللىك قوزغالمىغان كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى دېيىلىدۇ.
17. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قاندىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققىچە بولغان ئارلىق كۆزەك دەۋرى دېيىلىدۇ. بۇ مەزگىل ئادەتتە 3 ئاي بولىدۇ.
18.  ئەيدىز كېسلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى قايسىلار؟ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش، ئانىدىن بالىغا ھامىلدارلىق ياكى تۇغۇت جەريانىدا يۇقۇش، قان ۋە قان ياسالمىلىرى، ئەزا كۆچۈرۈش ۋە بۇلغانغان ئىشپىرىستىن تارقىلىش قاتارلىق يوللار بىلەن تارقىلىدۇ.
19. قايسى ئۇچرىشىشلار ئەيدىز كېسلىنى يۇقتۇرىدۇ؟ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار.
20.  ئەيدىز ۋىرۇسىغا سەزەۈر كىشىلەر قايسى؟ تۇمۇردىن ئۇكۇل قىلىپ زەھەر چېكىدىغانلار، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار.
21. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز كېسلى يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قايسى؟ بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىزچىل ئىشلىتىش.
22. قىزىل لىنتىنىڭ مەنىسى نېمە؟ پۈتۈن جەمىيەتنى ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە، كۆڭۈل قويۇپ قاتنىشىشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئەيدىز بىمارلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئەسلەشتىن ئىبارەت.
23. دۆلىتىمىزدە ھازىر ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقۇرى نىسبەتنى ئىگەللەيدىغىنى قايسى؟ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش.
24. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئايال ۋىرۇسنى بوۋاققا قانداق يۇقتۇرىدۇ؟ ھامىلدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش ئارقىلىق يۇقتۇرىدۇ.
25. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئانا ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى قانچىلىك؟ ناۋادا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىسا %90 ئەتارپىدا بولىدۇ. مۇناسىپ ھالدىكى ئەيدىزگە قارشى دورا ئىستىمال قىلغان بولسا بوۋاقنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %50 ئەتراپىغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
26. قايسى خىل تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئايرىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى؟ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا قان تەكشۈرۈش.
27. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ياش گۇرۇپپىسىدا قايسى ياش گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى؟ 20~40 ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ
28. ناۋادا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى مەلۇم بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ قەرەللىك سالدا دوىتۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.
29. ناۋادا سىزنىڭ دوستىڭىز ، قوشنىڭىز ياكى تۇغقانلىرىڭىزدىن بىرەرسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلارنى ئاۋالقىدەكلا ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
30. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىكى كېلىنكىلىق ئالامىتى قايسى؟ قىزىش، گال ئاغرىش، لىمفا بەزلىرى يوغىناش.
31. ئەيدىز كېسلىگە دىئاگنۇز قۇيۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساس قايسى؟ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا قان تەكشۈرگەندە مۇسبىي چىقسا ئاندىن دىئاگنۇزنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
32. چوڭلاردىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كېلىنكىلىق ئالامەتسىز مەزگىل ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن قاچە ئۇزۇن بولىدۇ؟ 8 يىل ئەتراپىدا.
33. ئەيدىز بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە قايسى؟  كاپوس گۆش ئۆسمىسى
34. ئەيدىز كېسىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىش قايسى؟ نەپەس يولىدا ئۆپكە تۇبېركليۇزى ۋە ئۆپكە سىپورىلىق قۇرتى ئكپكە ياللۇغى؛ ھەزىم سىستېمىسىدا ئېغىز بوشلىقى زەمبۇرۇغ باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش(ئېغىز بوشلۇقى يارىسى) ۋە ئىچى سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچى سۈرۈش ئاخىرىقى مەزگىلدىكى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرىدىن بىرى. نېرۋا سىستېمىسىدا مېڭە پەردە ياللۇغى، ياچاقسىمان تەنچە كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرە ئەسۋەسىمۇ ئەيدىز بىمارلىرىندا كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىشتىن بىرى.
35. ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاشنىڭ ئاخىرىقى نىشانى نېمە؟ بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
36. ئىلگىرى خەتەرلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ  قېلىشتىن گۇمان قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەيدىز كېسەللىكىنىدىن مەسلىھەت سوراش ئورنىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.
37. شايار ناھىيەسىدە تەسىس قىلىنغان ئەيدىز كېسەللىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنى قايەردە؟ شايار ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزىدە.
38. شايار ناھىيەسىدە تەسىس قىلىنغان ئەيدىز كېسەللىكىدىن مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيە تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلەمسىز؟ 8334755
39. ئەيدىز كېسەللىكىدىن مەسلىھەت بېرىش، كۈزۈتۈش دېگەن نېمە؟ بەلگىلىمە بويىچە مەسلىھەت بېرىش ھەققى ۋە تەكشۈرۈش ھەققىنى كەچرۈم قىلىپ ئەيدىز كېسەللىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
40. «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش قانۇنى»دا ئەيدىز كېسىلى قايسى تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە كىرگۈزۈلگەن؟ ب تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىككە.
41. دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەشتىكى ئاساسى پىرىسىپى نېمە؟  ئالدىنى ئېلىشنى ۋە تەشۋىقات تەربىيەنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن جەمىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئونۋېرسال تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
42. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقى قايسىلار؟ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى كەمسىتىشكە  ئۇچرىماسلىقى كېرەك، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى پۇقرالار بەھرىمان بولۇشقا تېگىلشىك قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتلەردىن بەھرىمان بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى خىزمەت، ئۆگنۈشلەرگە قاتناشسا، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولسا،  جەمىيەتتىكى تۈرلۈك قانۇنلۇق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى يەسلىگە، مەكتەپكە بارسا، خىزمەتكە  ئورۇنلاشقا بولىدۇ.
43. «تۆتتە كەچرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش»سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى قايسىلار؟
دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىكى قيىنچىلىقى بار ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش، ئۆزلىكىدىن مەسلىھەت سوراپ كەلگەنلەرگە قارىتا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ئەيدىزگە قارىتا ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار بولۇپ قالغان بولسا ھامىلىنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلاش دورىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش،  ئەيدىزنىڭ تەسىرىدىن يىتىم قالغان بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئالماسلىق،  ئەيدىز بىمارىنىڭ ئائىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش.
44. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى تەپسىلى سۆزلەپ بېقىڭ؟ ئەيدىز ۋىرۇسى بىمارنىڭ قېنى، سىپىرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالما ماددىللىرى، سۈتى ۋە زەخملىنىشتىن بولغان يارا ئېغزىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا بولۇپ، ئاساسەن تۆۋەندىكى 3 خىل يول بىلەن يۇقىدۇ: بىرىنچى، جىنسىي مۇناسىۋەت: بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئىچىدىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولىدىن ئىبارەت. جىنسىي ھەمرايى قانچە كۆپ بولسە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. ئىككىنچى، قان ئارقىلىق يۇقۇش: باشقىلار بىلەن شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش قىلمىشى مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىكى ئاساسلىق قىلمىش. ئۇندىن باشقا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان يىڭنە، ساقال ئالغۇچ، قاش-قاپاق چەكتۈرەۈچ قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ يۇقۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش: ئەياىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدارلىق، تۇغۇت، ۋە ئېمىتىش جەريانىدائەيدىز ۋىرۇسى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
45. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟ ①تاشقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى بەكمۇ ئاجىز، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نورمال ھاۋا تېمپىراتۇسىدا نەچچە سائەت ياكى نەچچە كۈن ھايات كەچۈرەلەيدۇ، يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدا، قۇرغاق ھاۋادا، ئادەتتىكى خېمىيەلىك دېىنفىكسىيەلىگۈچلەر (مەسىلەن، يودلۇق ئىسپىرىت، ئىسپىرىت ياكى دوختۇرخانىلاردا دائىم ئىشلىتىدىغان دېزىنفىكسىيەلۈگىچىلەر)دا ئاسانلا ئۆلىدۇ. ھەتتا تۇرۇبا سۈيىدە چايقىساقمۇ سۇ تەركىبىدا قالدۇق بولۇپ قالغان خىلور بىلەن ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە ھاشارەتلەرنىڭ(مەسىلەن، پاشا، بۈرگىلەرنىڭ بەدىنىدە ياشىيالمايدۇ) ②شىددەتلىك ئۆزگۈرۈش ئىقتىدارغا ئىگە. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تاشقى قىياپىتىدە دائىم ئۆزگۈرۈش بولىدۇ،نۇرغۇن قۇشۇمچە تىپلىرى بار، ئەيدىز ۋىرۇسى ھازىرغىچە 11 تىپلىق بولدى. بۇ قوشۇمچە تىپلار يەنە ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈش ياسىماقتا.
46. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تەرەققى قىلىش باسقۇچى قانچە؟ قايسىلار؟ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگىچە 3 باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىرىنچى، ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش باقۇچىئادەتتە يۇقۇملىنىپ 2~6 ھەپتە ئىچىدە زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر بولۇپ ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. ئىككىنچى، ئالامەتسىز يۇقۇملىنىش باسقۇچى(يۇشۇرۇن دەۋرى) بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملنىپ تاكى كېسەللىك ئالامەتلىرى چىققانغا قەدەر بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ، بۇ يۇشۇرۇن دەۋىرگە قارىتا بەدەن ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئەڭ قىسقا بولغاندا 6 ئايدىن بىر يىلغىچە، ئۇزۇن بولغاندە 15 يىل، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 5 يىلدىن 8 يىلغىچە بولىدۇ.  ئۈچىنچى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغۇلۇش دەۋرى، بۇ دەۋىردە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنىڭ ئىمۇنتېت سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇرىغاندىن كېيىن، ئەڭ ناچار بولغان كېسەلگە قارشى تۇرۇش نىسبىتىمۇ چۈشۈپ كېتىپ، نۇرغۇنلىغان داۋالاش قىيىن بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر يۈز بېرىپ ئەيدىز بىمارىغا ئايلىنىدۇ.  ئەيدىز بىمارىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئادەتتە 1-2 يىلدىلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
46. جىنسىي  كېسەللىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ توغرىمۇ؟نېمە ئۈچۈن؟ شۇنداق،  چۈنكى نۇرغۇن جىنسىي كېسەللەر جىنسىي يول ئەتراپىدا ياللۇغ ياكى زەخمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تېرىنى زەخمىگە ئۇچرۇرىتىدۇ. بۇنداق چاغدا جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللانغاندا  ئەيدىز ۋىرۇسى سىپېرما ياكى جىنسىي يول ئاجرالما مادىللىرىدىكى ۋىرۇسلار زەخمىگە ئۇچرىغان يارا ئېغىزى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا جىنسىي يارىسى بارلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ.ناۋادا ئۆزىنىڭ مەلۇم جىنسى يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىبدار ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلسا دوختۇخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشى ئەڭ ياخشى چارە. جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىبدار بولغۇچىلار ئۆلچەملىك دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملەك داۋالىنىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۆزى خالىغانچە دورا ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. بەزى بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتماي كېسەللىك ئالامىتى يوقىغان ھامان داۋالىنىشنى توختۇتۇپ  قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئېغىر  ئەگەشمە كېسەللىك كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
47. ئۆزىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى دەپ گۇمان قىلغانلار قاچان تەكشۈرتىشى كېرەك؟ خەۋىپلىك ھەركەتتىن كېيىنكى0، 6، 12 ھەپتىدە، يېرىم يىلدا ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرۈش كېرەك. يېرىم يىللىق تەكشۈرۈشتىمۇ مەنپى چىقسا ئۇ ھالدا بۇ كىشى يۇقۇملانمىغان بولىدۇ.
48. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدىغان يوللار قايسى؟ نۇرمال تۇرمۇشتىكى ئۇچۇرۇشىشلار، يېمەك-ئىچمەك، ئىچىىملىك سۇ، ھاۋا، ئاممىۋىي سۇرۇندىكى نورمال ئۇچرۇشۇش، بىر سىنىپتا بىللە دەرس ئوقۇش، تۈرلۈك ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىدىكى ئورۇن، ئىشىكلەرنىڭ تۇتقۇچلىرى،ئىشخانا بۇيۇملىرى، زاۋۇتتىكى ئىش قوراللىرى، كىنوخانا،سودا ساراي، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا  يۇقمايدۇ. ھۆرمەت سەۋەبىدىن سۈيۈشۈش، قۇچاقلىشىش قاتارلىق ئورۇنلاردا  يۇقمايدۇ. قولدا جاراھەت بولمىغان ئەھۋالدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ھاجەتخانىنى، مۇنچىنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چېقىۋېلىش، پۇللارنى تۇتۇش، ماتېرىيال ھۆججەتلەرنى تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردا يۇقمايدۇ.
49. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟ ئاساسلىقى تويدىن بۇرۇن قىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن زەھەر چەكمەسلىك، ئاسانلىقچە قان ۋە قان ياسالمىلىرىنىن ئىشلەتمەسلىك، باشقىلار بىلەن ئىشپىرىسنى، داكىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، دېزىنپىكسىيەسى ياخشى بولمىغان دوختۇرخانىلاردا چىش تارتقۇزماسلىق، قۇلاق تەشكۈزمەسلىك كۆز چەكتۈرمەسلىك، يىڭنە سانجىتماسلىق ياكى ئوپراتسىيە قىلماسلىق، قۇتقۇزۇش بىلەن شۇغۇللانغاندا بىمارنىڭ قېنى سۇگۇشۇپ قالماسلىق. باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، كىرپىك قىيغۇچ ۋە ساقال ئالغۇچلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك.
داۋامى بار
ۋاقتى: 2013-12-5 20:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

50. مېيساتۇن قانداق دورا؟ مېيساتۇن سۈنئىي ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلغان، دۆلەت قاتتىق باشقۇرىدىغان بىر تۈرلۈك مەست قىلىش دورىسى. بۇنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن 24~36 سائەتكىچە خىرويىن، كۆكايىن قاتارلىق زەھەرگە بولغان خۇمارنى بېسىپ، زەھەر چەككۈچىنىڭ روھى كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. ئەكس تەسىرى ناھايىتى ئاز.
51. مېيساتۇن بىلەن قامداپ داۋالاش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ؟ زەھەر چېكىش بولسا ئاسان قايتىلىنىدىغان سوزۇلما نېرۋا كېسەللىكى بولغاچقا، باشقا نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىك(مەسىلەن، قەنت سىيىش كېسىلى، يۇقۇرى قان بېسىم)غا ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت دورا بىلەن قامداپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئۈچۈن، دۆلىتىمىز قىسمەن رايۇنلاردا مېيساتۇن دورىسى بىلەن قامداپ داۋالاش سىناق نۇقتىلىرىنى قۇردى.ئۇزۇن مۇددەت مېيساتۇن بىلەن قامداپ داۋالاش ئارقىلىق، زەھەر چەككۈچىنىڭ خىرويىنغا كۆنۈۋېلىشىنى داۋالاپ، زەھەر چەككۈچىنىڭ زەھەر چىكىش قىلمىشىنى تاشلاپ، ئاخىرىدا زەھەرنىڭ خەتىرىنى ئازلىتىش، خرويىنغا بولغان كۆنۈۋېلىشنى يېنىكلىتىپ، ئەيدېسلىنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئازايتقىلى، بىمار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاستا-ئاستا زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
52. مېيساتۇن بىلەن قامداپ داۋالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىستىمال قىلىپ قويسىلا بىمارنىڭ زەھەر سەۋەبىدىن بولىدىغان ئىقتىساد قايغۇسىنى يوقىتىدۇ، ئىستىمال قىلغۇچىنىڭ زەھەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ، زەھەر ياكى باشقا زەھەرلىك دورا ئىزدەشتىن ساقلايدۇ، زەھەر چېكىش قىلمىشىنى ئازلىتىدۇ، زەھەر چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قان ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللەرنىڭ بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ، قانۇنسىز دورا سودىسىنىڭ ۋە جىنايەتنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، زەھەر چەككۈچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئائىلىسىدىكى پائالىيەتلىرى ئەسلىگە كېلىدۇ.
53. شىپىرىس ئالماشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىملىرى ياكى تەربىيەلەنگەن خىزمەتچى خادىملار  ياكى ھەمرالىرىغا تەربىيە قىلغۇچى خادىملار تۇمۇردىن ئۇكۇل قىلىپ زەھەر چېكىدىغانلار ئىشلىتىپ بولغان شىپىرىسنى قايتۇرىۋېلىپ، يېڭى پاكىز شىپىرىس بىلەن ئۇلارنى تەمىنلەپ، شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ئەيدىز كېسىلى يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ھەركەت شىپىرىس ئالماشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ.
54. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش(VCT) دېگەن نېمە؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە قارىتا ئىىتىيارى مەسلىھەت سوراپ تەكشۈرتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئىختىيارى ۋە مەخپى بولىدۇ، بۇ تەكشۈرۈشتىن بۇرۇنقى مەسلىھەت، تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى مەسلىھەت، ئادىنى ئېلىش خارەكتىرلىك مەسلىھەت، رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش خارەكتىرلىك مەسلىھەت، ئالاھىدە ئېھتىياج لىق مەسلىھەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
55. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش(VCT) ئورنى قايەردە تەسىس قىلىنىدۇ؟ بارلىق ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش(VCT) ئورنى ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىرىدە ۋە سەھىيە مەمۇرى تارماقلىرى بېكىتكەن داۋالاش ئورۇنلىرى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە ھەقسىز قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
56. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش(VCT)نىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەكشۈرتكۈچىگە پىسخىك مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەتەرلىك قىلمىشىنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بۇلۇپ، ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
57. ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا قانداق خەتىرى بار؟ ئەيدىز كېسىلى ھازىر شەخىسكە، بالىلارغا، ئائىلىگە ۋە جەمىيەتكە سەل قارىغىلى بولمايدىغان خەتەرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە: ①شەخىسكە: جىسمانىي جەھەتتىن ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى يامانلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ئازابى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، روھىي جەھەتتىن زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جەمىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ، ئۇرۇق-تۇققان دوست بۇرادەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن غەمخورلىقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ②ئائىلىگە نىسبەتەن: جەمىيەت بۇ ئائىلىنى كەمسىتىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىمۇ شۇ يۇقۇملانغۇچىغا ئوخشاش ئېغىر روھىي يۈكنى يۈدۈپ يۈرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ. كېسەللىك سەۋەبىدىن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى تەسىرگە ئۇچراپ،  داۋالىتىش سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي چىقىمى ئېشىپ كېتىپ، ئائىلە ئىقتىسادى يامانلىشىدۇ، يىتىم قالغان بالىلار چوڭلارغا قالىدۇ. ③  جەمىيەتكە نىسبەتەن: ئەيدىز كېسىلى ئاساسەن 20~45 ياشقىچە بولغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلاردا كۆپ كۆرۈلمەكتە، بۇ كىشىلەر ئۆز نۆۋىتىدە جەمىيەتنىڭ تايانچ كۈچلىرى، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،بۇلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشى شۇ جەمىيەت كىشىلىرىدىكى ئىقتىساسالىق خادىملارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جەمىيەت تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىدۇ. ④بالىلارغا نىسبەتەن: نۇرغۇن بالىلار ئەيدىز سەۋەبىدىن يىتىم قالماقتا، نۇرغۇن يىتىم قالغان بالىلار يىتىملىقنىڭ دەردىنى تارتماقتا، باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ دىلى ئازاب چەكمەكتە، مەكتەپتىن قالماقتا، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي، ئېغىر ئەمگەكلەر سەۋەبىدىن بەدىنى ئاجىزلىماقتا...
58. دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر قانۇن-تۈزۈم ۋە سىياسەت خارەكتىرلىك ھۆججەتلەر قايسى؟ ① قانۇن تۈزۈملەر: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش قانۇنى» (3-ماددىسىدا ، 24-ماددىسىدا، ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا توختالغان)، «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامنامىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زەھەر چەكلەش قانۇنى» قاتارلىقلار بار. ②پېرگىرامما خارەكتىرلىك ھۆججەتلەر:«مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانى(1998-2010-يىل)»، «مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاش ھەركەت پىلانى(2001-2005-يىل)»، «مەملىكەتلىك ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاش ھەركەت پىلانى(2006-2010-يىل)» قاتارلىقلار بار. ③سىياسەت خارەكتىرلىك ھۆججەتلەر: «گوۋۇيۈننىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»، «تۆتتە كەچرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش»سىياسىتى قاتارلىقلار بار.
59. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇلار كۈيۈنۈشكە، غەمخورلۇق قىلىشقا مۆھتاج، ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار، شۇڭا بىز ئۇلارغا نىسبەتەن، قورقماي، ئەنسىرىمەي، جىددىلەشمەي، ئۇلارنى كەمسىتمەي، ئۇلارنى ئۆچ كۆرمەي، مازاق قىلماي، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشىمىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقلىنىغا ياردەم بېرىپ، داۋالىنىش جەھەتتىن يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىمىز، سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرسىلا خىزمەت، ئۆگنۈشلەرگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشىمىز، ئۇلارنى چەتكە قاقماسلىقىمىز، پۈتۈن جەمىيەت ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، روھىي جەھەتتىن قوللاپ،  ئۇلارنىڭ كېسەل بىلەن قەيسىرانە كۈرەش قىلىشىغا مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئەكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ياشىشىغا، ساغلاملىقىنى ساقلاپ، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە مەدەت بېرىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا دوختۇرخانىلارغا بېرىپ مەسلىھەت ئېلىپ تەكشۈرتىشىگە، داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ناھار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزلىكىدىن تاشلىشىغا ياردەمدە بولۇپ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك.
60. ۋىلايىتىمىزدىكى تۇنجى ئەيدىز بىمارى قاچاان بايقالغان؟ 1996-يىلى
61. ناھىيىمىزدىكى تۇنجى ئەيدىز بىمارى قاچاان بايقالغان؟ 1997-يىلى
62. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بايقايمىز؟ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ خېلى ئۇزۇن ۋاقىلارغىچە ھېچقانداق روشەن ئالامەتلەر بولمايدۇ، ئالامىتى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشتىن بايقىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا چوقۇم قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتىش كېرەك.
63. بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن تەكشۈرگەندە يۇقۇملانغۇچى ئانىدىن تۇغۇلغان بولسا ئانىسىنىڭ بەدىنىدىن ئېرىشكەن ئەيدىز ئانتېتلاسى مۇسبى چىقىدۇ، ئەمما بۇ بۇ بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرەلمەيدۇ. پەقەت بوۋاق 9~15 ئايلىق بولغاندا ئانىدىن ئېرىشكەن ئانتېتلا يوقايدۇ. شۇڭا بوۋاق 9 ئايلىق بولغاندا تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم، ناۋادا مەنپى چىقسا يۇقۇملانمىغان بولىدۇ، ناۋادا مۇسبىي چىقسا  بوۋاق 18 ئايلىق بولغاندا رەسمى ھالدا يەنە بىر قېتىم قان تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك،بۇ چاغدا مەنپى چىقسا يۇقۇملانمىغان بولىدۇ، مۇسبىي چىقىپ قالسا بۇ بوۋاق يۇقۇملانغان بولىدۇ.
64. كۆزنەك دەۋرى دىگەن نېمە؟ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قان تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ۋاقتقىچە بولغان مەزگىل كۆزنەك دەۋرى بولۇپ، ئادەتتە 3 ئاي بولىدۇ.
65. ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشكەندە نېمىشقا ئەيدىز كېسىلى ئاسان يۇقىدۇ؟ بۇ ئاساسلىقى ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ قىلمىش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن بىكىتىلگەن بولۇپ، ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي ھەمرايى كۆپ، كۆپۈنچىسى جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى سەۋەبلىك، شىللىق پەردىلەرنىڭ زەخمىلىنىشى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
66. ئەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي كېسەللكلىرىدە قانداق ئالاھىدىلىك بار؟ بۇ ئۇلارنىڭ جىسنىي مۇناسىۋەت قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئادەتتە سۆزنەك، خىلامىدىيە باكتېرىيەلىرى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، سىفلىس، ئا تىپلىق، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ يۇقارىقى كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.
67. ئۇكۇل يىڭنىسى كىرىپ كەتسە خەتىرى قانچىلىك؟ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئۇكۇل يىڭنىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن كىرىپ كەتسە يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.33(20/6135)بولىدۇ.
68.  ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدار بولسا بولامدۇ؟ بولىدۇ، بىراق دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىستىمال قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ ھامىلىگە ئۈتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
69. ھۆسنى تۈزەش،چاچ ياساش، قورۇق يوقۇتۇش ئېلىپ بارسا ئەيدىز كېسىلى يۇقامدۇ؟ ھەرقانداق ئەسۋاپ ناۋادا ئۇ ئورتاق ئىشلىتىلسە  تېرىنى زەخمىگە ئۇچرىتالىسا، ئۇ دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. شۇڭا چاچ ساقال ئالغاندا، ھۆسنى تۈزىگەندە، قورۇق يوقۇتۇش قىلغاندا دېزىنفىكسىيە ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقان ئۆلچەملىك ئورۇنلارغا بېرىش كېرەك.
70 توخۇ قۇيرۇقى ھارىقى داۋلاش ئۇسۇلى دېگەن نېمە؟ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا دەسلەپتە يەككە ھالدا ۋىرۇسقا قارشى دورا(AZT) ئىشلىتىلگەن، كېيىن ئاسانلا دورىغا كۆنىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقىلىپ، 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى جوڭگۇلۇق ئالىم خې دايى توخۇ قۇيرۇقى داۋلاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. بۇ داۋالاش ئۇسۇلى توخۇ قويرۇقى ھارىقىنى ياساش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا شۇنداق ئىسىم قۇيۇلغان.
71. ئەيدىز كېسلىنىڭ دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقۇملىنىشى دېگەن نېمە؟ بۇ دېگىنىمىز دوختۇرخانىلاردا داۋالاش مۇلازمىتى جەريانىدا يۈز بېرىدىغان يۇقۇملىنىش بولۇپ، كېسەللەرنىڭ تىببى خادىملارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى، بىمارلارنىڭ بىمارلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى، تىببى خادىملارنىڭ بىمارلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
72. ئەيدىز كېسلىنىڭ دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقۇملىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟ تىببى خادىملارنىڭ بىخەتەر مەشخۇلات قىلىش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، داۋالاش مۇلازىىمىتى جەريانىدا ئومۇمىيۈزلۈك قوغدۇنۇش تەدبىرى قوللۇنۇپ،  ئەيدىز بىمارىنىلا ئەمەس، ھەرقانداق بىمارنى بىر تەرەپ قىلغاندا دوختۇخانا مەنبەلىك يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش خىزمەت قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغاندا ئەيدىز كېسلىنىڭ دوختۇرخانا مەنبەلىك يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
73. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قېلىش دېگەن نېمە؟ كەسپىي خادىملار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ياكى باشقا خىزمەتلەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان ياكى بۇلغانمىلارنى ئۆزىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغان تېرىسىگە تېگىشىپ قېلىشى ياكى بۇلغانغان يىڭنە ۋە باشقا ئۇچلۇق ئەسۋابلارنىڭ تېرىسىگە كىرىپ كېتىشى سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن گۇمان قىلىش ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قېلىش دېيىلىدۇ.
74. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟  (1)ئىچكى قىسىمدا بىخەتەرلىك قوغدۇنۇش تۈزىمى يوق بولۇش(2) بىخەتەر مەشخۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق (3)ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە تېخنىكىسى يېتەرلىك بولماسلىق. (4)خىزمەتتىكى تاساددىپىلىق
75. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قېلىشنىڭ خەتىرى قانچىلىك؟ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قېلىشنىڭ گەرچە يۇقتۇرۇش خەتىرى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يۇقۇملىنىش نىسبىتى تولىمۇ تۆۋەن، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلغانغان يىڭنىنىڭ سانچىلىپ كېتىشىنىڭ يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى %0.33(20/6135)بولىدۇ، شىللىق پەردىلەرنىڭ بۇلغۇنۇشى سەۋەبلىك يۇقتۇرۇش نىسبىتى %0.09(1/1143)بولىدۇ. 2712 نەپەر تېرىسى زەخمىلەنمىگەن جايغا بۇلغانغان قان تېگىپ كېتىشتىن بىرمۇ كىشى يۇقۇملانمىغان.
76. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قالغاندا يۇقۇشنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟ ئۇچراشقان مىقتارى كۆپ بولۇش، زەخمىنىڭ يارا ئېغىزى چوڭقۇر بولۇش، زەخمىلەندۈرگەن ئەسۋاپتا روشەن قان ئىزى بولسا، بىۋاستە تۇمۇرغا سانجىلىپ كەتسە، يۇقۇم مەنبەسى بىمار كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزەىلى ياكى ئاخىرىقى مەزگىلىدە(شۇ ئىش بولۇپ بىمار 60 كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن) بولسا يۇقۇش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ.
77. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قالغاندا بىرتەرەپ قىلىش پىرىنسىپى قايسىلار؟
(1)سۇپۇن سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىزە يۇيۇش، پىزولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن شىللىق پەردىلەرنى چايقاش.(2) يارا ئېغىزى بولسا سىقىپ چىققىدەكلا قان ياكى سۇيۇقلۇقلارنى چىقىرۋېتىش.(3)يارا ئېغىزىنى %75 لىك ئىسپىرىت، يود قاتارلىق دېزىنفىكسىيەلىگۈچلەر بىلەن  دېزىنفىكسىيەلەش.(4) خەۋىپلىك بولۇپ قالغان كىشىنى خىزمەت ئورنىدىن ۋاقىتلىق ئايرىش(5) مۇتخەسسىسلەرنىڭ بىكىتىشى بىلەن دورا يېيىش كېرەك دەپ قارالسا 24 سائەتتىن باشلاپ دورا يىيىشنى باشلاپ تولۇق كۇرس يېيىش كېرەك دورىنى قانچە بالدۇر يېسە شۇنچە ياخشى.(6) ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن 0-، 6-، 12-ھەپتىسى، 6-،12-ئېيى ئايرىم ئايرىم ھالدا قان تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.(7) مەخپىيەتلىكنى چوقۇم ياخشى ساقلاش كېرەك.
78. ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا كەسپى جەھەتتىن خەۋپىلىك بولۇپ قالغاندا قانداق دوكىلات قىلىمىز؟(1) دەرھال ئىدارە مەسئۇلىغا ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزىگە مەلۇم قىلىش كېرەك.(2) ئىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قارىتا تەپسىلى جاتىرە قالدۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، يۈز بەرگەن ۋاقىت ئورۇن، يۈز بېرىش سەۋەبى، شەكلى، بەدەندىكى زەخمىلەنگەن ئورنى، دەرىجىسى، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار تەپسىكى خاتىرە قالدۇرۇلۇشى كېرەك.(3) بۇ ئىش يۈز بەرگەن ھەقرايسى ئورۇنلار ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىدارىسىدە يۈز بەرگەن خەۋىپلىك قىلمىش ئەھۋالىنى يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.
79. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ گەرچە نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ،  بىمارنىڭ ئالامەتلىرىگە قارىتا ۋاقتىدا ئاكتىپ داۋالىغاندا بىمارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.ئۇندىن سىرت ھازىر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆپۈيۈشىنى ئۈنۈملۈك كونتىرۇللىغىلى، بۇ ئارقىلىق ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
80. قان سالغاندا ئەيدىزنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ دۆلىتىمىز قانۇنىدا بارلىق تىببى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قانلار چوقۇم ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرلىدۇ دەپ بىكىتىلگەن. شۇڭا قان ئىشلەتكۈچى خادىم ياكى ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ قان سېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى سۈرۈشتە قىلىش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بار.
81. ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا دېزىنفىكسىيە قىلىش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟ كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرىدىن قاينىتىپ دېزىنفىكسىيە قىلىش ۋە خېمىيەلىك دېزىنفىكسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىلى بار. قاينىتىشتا چوقۇم 20 مىنۇتتىن ئارتۇق قانىتىش كېرەك. خېمىيەلىك دېزىنفىكسىيەلىگۈچلەردىن خلورلۇق دىزىنفىكسىيەلىگۈچ، مەسىلەن ھاك سۈيى،%2 لىك ئوكسېدلانغان سۇ، %75 لىك ئىسپىرىت قاتارلىقلار بار.
82.  نۆۋەتتە دۆلىتىمىز بازارلىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلاردىن قايسىلار بار؟
齐多夫定、拉米夫定、奈韦拉平、依非韦伦、司它夫定、克立芝、替诺福韦
83.  ئەيدىز كېسىلىنى داۋلاشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟ پىسخىكىلىق داۋالاش، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش، ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش، پۇرسەت خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاش، گېن ئارقىلىق داۋالاش، ئىمۇنتېتلاش ئارقىلىق داۋالاش، جوڭگۇ تىبابىتى بويىچە داۋالاش، ۋىرۇسقا قارشى داۋلاش قاتارلىق داۋلاش ئۇسۇللىرى بار.
84.  ئەيدىز كېسلىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى قانداق؟ AIDS
85.  ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى قانداق؟ HIV  
ۋاقتى: 2013-12-28 19:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنسىي قىلمىش ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش خەۋپى

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىدە، بۇرۇنقى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىدە پەقەت شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش دېيىلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىنى ئەزەلدىن تىلغا ئالمايتتى (ياكى رەت قىلاتتى)؛ مەزكۇر ماقالىدە بولسا ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى، دىندىن يىراقلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەھلىل قىلىنغان ھەمدە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ كۈچەيتىش تەكلىپى بەرگەن؛ لېكىن كەمچىلىكى دىنىي تەربىيىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان، تورداشلارنىڭ سوغاققانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ماقالە ھەجىمى سەل چوڭراق.

جىنسىي قىلمىش ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش خەۋپى
-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە سوتسىئولوگىيىلىك تەھلىل
ئاپتورلىرى:زۇلھايات ئىسمائىل  ساۋ چىيەن (曹谦)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدا ئەيدىزنىڭ يامرىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىز ئىختىيارسىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قېلىشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ دەپ سورايمىز. بىز بۇ خەۋپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ دەپ قارايمىز، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ھەمدە مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاۋاتقان شەخسنىڭ پىسخىكىسى ھەمدە قىلمىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر ماقالە ئەمەلىي زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق يۆلىنىشلىك تەھلىل قىلغان ماقالە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىشى ۋە پوزىتسىيسى بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلغان.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى، جىنسىي قىلمىش شەكلى، نومۇس، ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش
                              كىرىش سۆز
جۇڭگودا، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر چېگرا رايوندا ئولتۇراقلاشقان، نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن قوشنا، رايونلۇق زەھەر سودىسى ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت، رايونلۇق ئىقتىساد نىسپىي ئارقىدا قالغان، مەدەنىيەت تەربىيىسى دەرىجىسىنى نىسبەتەن تۆۋەن، ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىش ۋە ئالدىن ئېلىش نىسبەتەن ئاجىز، جىنسىي قوغداش ئېڭىمۇ نىسبەتەن ئاجىز بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللار بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى ئەيدىز كېسىلى كۆپ قوزغىلىدىغان رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، بەزى ئاز سانلىق مىلللەتلەر يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قوزغالغۇچىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. يۈننەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى، سىچۈەن ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ كۆپ رايون، بۇ رايونلاردا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان④ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇستا %8 نى ئىگىلەيدۇ، ئەمما تىزىمغا ئېلىنغان HIV مۇسبەت كېسەللەردە، ئاز سانلىق مىللەتلەر %36 نى ⑤ ئىگىلىگەن.
ئادەتتە ئېيتىلغاندا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ئاساسلىقى تۆت خىل بولىدۇ: 1. ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى (HIV مۇسبەت) بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، يۇقۇملانغان قان، ئىسپېرما اكى سۈيدۈك يولى ئاجراتمىلىرى بىلەن ئۇچراشسا؛ 2.ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن زەھەر چەككۈچى بىلەن شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ تومۇرغا ئۇرۇش؛ 3. ئەيدىز ۋىرۇسى بار قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى كىرگۈزۈش؛ 4. يۇقۇملانغان ئاياللانىڭ ھامىلىدار بولغان، تۇغقان ياكى ئېمىتكەن ۋاقىتتا ۋىرۇسنى بوۋاققا يۇقتۇرۇش. بۇنىڭدا دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش (بولۇپمۇ تومۇردىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش) ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا ئاساسلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يۇقىرى خەۋپتىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يولى. يېقىنقى ئىككى يىلدىكى ئەيدىز كېسىلىنى نازارەت قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تومۇردىن ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىكى ئۆرلەش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا زەھەر چەكلەش ۋەزىپىسى بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، يىللىق دوكلاتتىكى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن كېسەللەر سانىنىڭ نىسبىتىنىڭ ئېشىشى 2008-يىلدىكى %16.8 تىن 2009-يىلى %9.3 كە تۆۋەنلىگەن، 2010-يىلى 1-10 ئايدا ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %1.4 تۆۋەنلىگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت قوغداش ئېڭى نىسبەتەن ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىمۇ پەيدىنپەي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالدى.⑥
ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە ئالاقىدار دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز كېسىلى ھەقىقەتەن ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە تەھدىت پەيدا قىلغان.⑦ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇسۇلمان مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ ئەيدىز كېسىلى ئېغىر ئاپەت رايونىنىڭ بىرى، ئوخشىمىغان مىللەتلەردىكى زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدا پەرق بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن تېز سۈرئەتتە بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.⑧ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مۇھىتى ئاستىدا بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان ئاساسلىق مىللەت، ئەمما زەھەر چەككۈچىلەر سانى پۈتكۈل ئاپتونوم رايون زەھەر چەككۈچىلەر ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ، زەھەرنى تومۇردىن ئۇرۇش ھەمدە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ھادىسىس نىسبەتەن ئېغىر.⑨ زەھەر چېكىش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئاساسلىق يۇقتۇرۇش يوللىرىنىڭ بىرى، ئەمما مەزكۇر ماقالە ئاساسلىقى باشقا بىر ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولغان-بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى، جىنسىي قىلمىشى ھەمدە ئەيدىز كېسىلى ئۇقۇمى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى سىناق خاراكتېرىدە تەھلىل قىلىدۇ.
بىرىنچى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
گەرچە نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتە بىر قىسىم جىنىسسىز نىكاھ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نىكاھ ھەقىقەتەن قانۇنلۇق جىنسىي قىلمىشنىڭ قانۇنىي كاپالىتى، شۇڭا نىكاھ بىلەن جىنسنىڭ مۇناسىۋىتىنى جىنس بىلەن ئەيدىز كېىسلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىدىكى ئاساسلىق بىر يول. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن ۋە مۇھاكىمە قىلغان ۋاقىتتا، بىز  پەقەتلا كېسەل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىلا ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئالاھىدە مىللىي ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق ئېتىكىسىنى ھەرگىز قايرىپ قويساق بولمايدۇ.(Wang, 2006) ⑩ پەقەت مەزكۇر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى، مىللىي پىسخىكىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. (Painter et al., 2005) ⑪ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شەخسىي جىنسىي قىلمىشى ۋە جىنسىي قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ شۇنداق. بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نىكاھتا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، نىكاھنىڭ شەكلىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، مۇرەككەپ قۇرۇلما ۋە ئەندىزە شەكىللەندى. شۇڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھ ئۆرپ-ئادىتىدىكى مەدەنىيەت ئۆزگۈرىشىنى تەكشۈرۈش ۋە تەھىلىل قىلىش زۆرۈردۇر.
(1) ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىسىدىكى نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى
ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەر قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نىكاھ ئادىتىنى شەكىللەندۈردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئىقتىسادى، دىنىي ئېتىقادى، ئېتىكىلىق ئەخلاق قارىشى ھەمدە ئىنسانىي جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا رولىنىڭ مەھسۇلاتى، بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى. تۆۋەندىكىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بىر قىسىم ئومۇملاشقان نىكاھ ئۆرپ-ئادەتلىرى.
1. ئەنئەنىۋى لايىق تاللاش شەكلى
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، ئەر ئايال ئىككى تەرەپ لايىق تاللاشتا ئادەتتە  «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس» تىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدۇ، نىكاھتا يەنە كۆپلىگەن چەكلىمىلەر مەۋجۇت، ئايال مۇسۇلمان بولمىغان ئەر بىلەن توي قىلسا بولمايدۇ، ئەمما ئەر مۇسۇلمان بولمىغان ئايال بىلەن توي قىلىپ ھەمدە ئۇ ئايالنى ئىسلامغا كىرگۈزسە ساۋاب بولىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى باش بولىدىغان ۋە مەلۇم كىشى ياكى قوشنىلىرى ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا لايىق تونۇشتۇرىدىغان ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ئىنتايىن ئاز ئىدى. جەمەتى ياخشى، ئۆز جايىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام قانۇنى ۋە ئەنئەنىسىدە ئەرنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي كۈچى بولسىلا كۆپ بولغاندا تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ياكى قىز بالىنىڭ ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
2. ئەنئەنىۋى نىكاھ قارىشى
ئىسلامدا نىكاھ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ھەم ئەڭ كەسكىن پەرزلەرنىڭ بىرى، بىرلا ۋاقىتتا نىكاھلىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن ماددىي، ئەخلاقىي، ئېتىكىلىق ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئاتا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئىسلام مۇسۇلمانلارنى توي قىلىشقا، ئائىلە قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بويتاقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى نىكاھلىنىش ئارقىلىق جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر قانداق شەكىلدىكى نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشنى چەكلەيدۇ. «قۇرئان» دا:«زىنادىن يىراق تۇرۇڭلار، چۈنكى زىنا قىلىش ھەقىقەتەن چاكىنا ئىش، يىرگىنىشلىك قىلمىش» دېيىلگەن. چۈنكى ئىسلام ئەقىدىسىدىن قارىغاندا، زىنا قىلىش مۇقەررەر قان سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشى، جەمئىيەتنىڭ يىمىرىلىشى، جىنسىي كېسەللەرنىڭ يامرىشى، ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ يوقىلىشى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ تاپتىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتى ئىسلام ئەقىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كەسكىن نىكاھ قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن. نىكاھتىن بۇرۇنقى، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشقا، نىكاھتىن ئاجرىشىشقا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، ئەر-خوتۇنلارنى بىر-بىرىگە سادىق، سەمىمىي نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.
(2) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشقان نىكاھ ئادىتى
1. ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ لايىق تاللاش
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىن باشلانغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ كونا ئىشلەپچىقىرىش ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، مۇسۇلمانلارنىڭ كونا نىكاھ قارىشى، ئائىلە قارىشى ھەمدە تۇرمۇش قارىشىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتتى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل قانۇن بەلگىلىرى ۋە دىنىي سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە تەشكىلىي شەكلى، قۇرۇلمىسى، ئەر-ئاياللارنى ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە ئورنى ھەمدە باشقا ھەر قايسى تەرەپلەردە پەيدىنپەي ئۆزگۈرۈش كۆرۈلدى. ئاتا-ئانىسى لايىق تونۇشتۇرىدىغان لايىق تاللاش ئادىتى كۆپلىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى، سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنىڭ زەربىسى ۋە ھەر خىل ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىشى كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئېچىۋەتتى، ئۇلار ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ لايىق تاللاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولدى.
2. نىكاھ ئەخلاقىنىڭ كەمچىللىكى، مىللەت ئىچىدىكى جامائەت پىكىرى بېسىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى
نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىش، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى ئاز سانلىق مىللەتلەر نىكاھ قارىشىدا ئېغىر ئەيىبلەشكە ۋە ھاقارەتكە ئۇچرايتتى، ھەتتا شەرىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايتتى. ئەمما ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى بىر قاتار زەنجىرسىمان ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىش، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشى نىسپىي قىلىپ ئېيتقاندا مىللەت ئىچىدىكى جامائەت بېسىمىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى ئەنئەنىۋى جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاجىزلاشتى. ئەنئەنىۋى نىكاھ ئەخلاقى قارىشىغا خىلاپلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازالىنىش ۋە دىققەت قىلىش دەرىجىسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇنداق ئېغىر ئەمەس، مىللەت ئىچىدىكى جامائەت پىكىرى، نازارەت قىلىشنىڭ ئاجىزلىشىش نىكاھ ئەخلاقىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.
(3)ئاز سانلىق مىللەتلەر نىكاھ ئۆرپ-ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى
تېزلىكتە ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر نىكاھ ئۆرپ-ئادىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىش ئەندىزىسى ۋە جىنسىي قارىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسمەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىن ۋە ئەنئەنىدىكى ئەخلاق نىكاھنىڭ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىشقا بولغان چەكلەش كۈچى پەيدىنپەي ئاجىزلىشىشى ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىش ۋە نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، يەنە كېلىپ بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئېڭى ۋە قوغداش تەدبىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، بىر قىسىم مەينەت جىنسىي قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ئېڭى يەنىلا نىسبەتەن سۇس، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قالاق، ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرۈش سانى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى بىر قىسىم HIV مۇسبەت بولغان بىمارلارنىڭ ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا سەزمەيلا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا يوشۇرۇن يۇقىرى خەۋپتىكى يۇقۇش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىر بولغانلىقتىن، شۇڭا نىكاھ تۈزۈلمىسى ئىچىدە قانۇنلۇق جىنسىي قىلمىشتا بولۇش بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشلارنى ئازايتىش يوللىرىنىڭ بىرى. ئەمما، بىز ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، نىكاھ ئائىلىنىڭ جىنسىي قىلمىشقا بولغان چەكلەش كۈچىنىڭ نىسبەتەن ئاجىزلىغانلىقىنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىز، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشىنى ئازلىتىشتا بىخەتەر جىنسىي قىلمىشنى تەشەببۇس قىلىش زۆرۈردۇر. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئەيدىز كېسىلىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشنىڭ بىر يولى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ تۈزۈلمىسىنىڭ جىنسىي قىلمىشقا بولغان چەكلەش  كۈچىنىڭ پەيدىنپەي ئاجىزلىشىشى نىكاھنى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا ئەمدى بىردىنبىر جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشنىڭ شەرتى ئەمەس قىلىپ قويدى، بۇ خىل ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشتە، نىكاھ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى سۇسلاشتى، شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنى چەكلەشنىڭ ئاچقۇچى بىخەتەر جىنسىي قىلمىشنى تەشەببۇس قىلىشتۇر.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىشى بىلەن ئەيدى كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
(1) ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىسىدىكى جىنسىي قاراش
ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى جىنسىي قارىشى ئاساسلىقى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، ئەنئەنىۋىلىكى بىلەن مەشھۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇسۇلمان ئاممىسى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىچە مۇسۇلمانلار جىنسىيەت مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. Takyi(2003) نىڭ كۆرسىتىشىچە، دىن بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتى بار ئىكەن⑫، بىر قىسىم دىنىي ئېتىقاد بىر قىسىم مۇرىتلارنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) ئىشلىتىشنى خالىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى تېخىمۇ يوشۇرۇن قىلىۋەتكەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىشىدا ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى.

داۋامى بار
ۋاقتى: 2013-12-28 19:28:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bihayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 19:30  

1. «نامەھرەم بولىدۇ» دىكى ئەنئەنىۋى جىنسىي قىلمىش
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئەزەلدىن ئىككى جىنىسنى ئايرىۋېتىش بىلەن مەشھۇر، «نامەھرەم بولىدۇ» دېگەن شەكىلدە. چەت رايونلاردا، ئۇيغۇر، تۇڭگان، دوڭشىياڭ، سالا قاتارلىق مۇسۇلمان خانىم-قىزلار ھازىرغا قەدەر «ئائىلە ئاياللىرى سىرتتىكى ئەرلەرگە قارىسا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە ھېلىمۇ قاتتىق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى جىنسىيەت قارىشى «قۇرئان» ۋە «ھەدس» تىكى ئەقىدىلەر بويىچە ئۆزىنىڭ جىنسىي قىلمىشىنى قاتتىق چەكلەپ كېتىلىۋاتىدۇ. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئاياللار ھازىرغا قەدەر يۈزىنى ئوراپ، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن ساقلىنىدۇ، مۇسۇلمان ئاياللار ھەتتا ياز كۈنلىرىمۇ ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىش ئارقىلىق بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئەر-ئاياللارنىڭ زىيادە ئوچۇق بولۇپ كېتىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، زىيادە ئوچۇق بولۇپ كېتىش ئىسلام دىنىغا خىلاپ، ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتتە بولۇش غەرىزىنى كۈچەيتىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەنئەنىۋى جىنسىي قىلمىشتا، دىنىي ئەقىدە ۋە جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ چەكلەش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.
2. ئەنئەنىۋى جىنسىي تەلەپ
ئىسلام دىنى قانۇنلۇق نىكاھ ئارقىلىق جىندىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىسلام دىنى جىنسىيەتكە ئۆزگىچە تونۇش ۋە قاراشقا ئىگە. ئىسلام دىنىي جىنسىي ھەۋەسنى چەكلىمەيدۇ ھەم شەھۋەتپەرەسلىككە ئۈندىمەيدۇ، بەلكى نورمال بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، جىنسىي ھەۋەسنى چەكلەش بىلەن شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىش ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ، ئكىلىسىلا ئاشقۇنلۇق، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە خىلاپتۇر. چۈنكى، ئىسلام دىنىدا ئادەم يېمەيدىغان-ئىچمەيدىغان، پاك پەرىشتە ئەمەس ھەمدە ئۆزىنىڭ تەبىئىتىگە بوي سۇنىدىغان چاكىنا ھايۋان ئەمەس.
ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتى نىكاھ ئارقىلىقلا جىنسىي تەلەپىنى قاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قانداق نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارىلىپ، ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. بەزىدە بىرەر ئادەم يولدىن چىقىپ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش سادىر قىلسا، جامائەت ئالدىدا رەسۋا بولۇپ، ئاۋامنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قالىدۇ. سوتسىئولوگ خوفمان (Goffman,1963) نىڭ نومۇسسىزلىق (stigma) قا بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا (نومۇسسىزلىقنىڭ قارشى ئېلىنماسلىققا ئوخشىمايدىغان يېرى، جەمئىيەتنىڭ باشقا كىشىلەرگە بولغان سەلبى باھاسى ئارىلاشقان)⑬، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى جەمئىيىتىنىڭ ئېتىكا ئەخلاقى ۋە دىنىي مۇھىتىدا، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشتا بولۇشى تىپىك نومۇسسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىنىي كەيپىياتقا تولغان مۇھىت بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ئەخلاقى مۇھىتى ئاسىتىدا ئۆزىنىڭ ناچار قىلمىشىنى چەكلەيدۇ.
(2) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى جىنسىي قىلمىشى-جىنسىي قىلمىشنىڭ پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىشى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، يېپىق ھالەتتىن ئېچىۋېتىلىشكە، ئەنئەنىدىن زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى ۋە كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشنى پەيدا قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار ئەنئەنىۋى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا. زامانىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسى ئالغان بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە مەمۇرلار تۇيۇقسىز كەلگەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى «جىنسىيەت ئىنقىلابى» دا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ئەمدى جىنسىيەت ھەققىدىكى پاراڭلارنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدىغان بولدى، «ئەر-ئاياللارنىڭ ئوچۇق يەرلىرى تېگىشسە بولمايدۇ» دېگەن ئەنئەنىۋى قاراش پەيدىنپەي ئاجىزلاشتى، دىن ۋە ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى ئاجىزلىدى. جىنسىيەت ئەمدى ئۆزىنى قاچۇرىدىغان تېما ئەمەس، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى جىنسىيەت ئازادلىقىنى ئىستەيدىغان ۋە سىناق بېقىشقا ئۇرۇنىدىغان بولدى. بۇ دەۋردىكى جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ كەمچىللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىدى.
«سوئال: ئەگەر سىز ۋە دوستلىرىڭىز نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتىگە تۇيۇقسىز ئېرىشىپ قالسا، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نەچچە ئادەم خۇشاللىق بىلەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ؟
جاۋاب: مېنىڭچە ئېھتىمال %50~%60 ئادەم بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ. تەخمىنەن %30~%40 ئادەم جىنسىي كېسەل يۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ رەت قىلىدۇ.⑭»
ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىدە جىنسىيەت ئەخلاقىنى تەكىتلەپ، قالايمىقان جىنسىي قىلمىشنى چەكلەيدۇ. ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ بىر مەيدان ئويۇنىدا، بىر قىسىم كىشىلەر جىنسىي قىلمىشتا ناھايىتى ئىختىيارىي بولۇپ كەتتى، نىكاھتىن سىرت مۇھەببەتلىشىش ۋە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشتا بولۇش ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى، نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق يىرگىنىشلىك ھادىسىلەر ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى. تەكشۈرۈشتە، كۆپ قىسىم زىيارەت ئوبيېكىتلىرى %20 تىن %50 كىچە كىشىلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش ۋە نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي قىلمىشتا بولۇش ھادىسىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىمۇ دىن بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ جىنسىيەتكە بولغان چەكلەش كۈچىنىڭ پەيدىنپەي ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ھېس قىلىشقا باشلىدى ھەمدە ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى قوغداش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سوئال: خىزمەتداشلىرىڭىزنى چۈشىنەمسىز، دوستلىرىڭىز ياكى قوشنىلىرىڭىزدا نىكاھتىن سىرت ياكى نىكاھلانماي تۇرۇپ جىنسىي قىلمىشتا بولغان ئەھۋال بارمۇ؟
جاۋاب: جەمئىيەتمۇ بەك ئوچۇق بوپ كەتتى. جىنسىيەتمۇ ئوچۇقلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ھازىر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن بىرگە تۇرىدىغان، نىكاھتىن سىرت مۇھەببەتلىشىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپيىۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭچە بۇ ئىشلارغا مەيلى دىنىي ئېتىقاد بولسۇن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتمۇ يول قويمايدۇ. بىز توسۇشىمىز، كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. مەيلى كىم بولسۇن ھەممىسى ئۆزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك⑮.
(3) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جىنسىي قىلمىش شەكلى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت
ئاز سانلىق مىللەتلەر جىنسىيەت قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش مەسىلىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى جىنسىيەت قارىشى نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشقا ۋە قالايمىقان جىنسىي قىلمىشتا بولۇشنى قاتتىق چەكلەيدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى چەكلەيدۇ. ئىسلام دىنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جىنسىي قىلمىشىدا كۈچلۈك چەكلەش كۈچى بار. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە دىنىي ئەخلاق قارىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەنئەنىۋى جىنسىيەت قارىشىنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش، نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش  ئومۇميۈزلىشىشكە يۈزلەندى. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە غايەت زور خىرىس پەيدا قىلدى. جىنسىيەت ئەمدى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان تېما ئەمەس بولۇپ قالدى، ھەتتا «سەھنە» گە چىقىشقا باشلىدى، نىكاھتىن سىرت بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشنىڭ يۈز بېرىشى ھەقىقەتەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىغا ئىسسىق ئۇۋا تەمىنلەپ بەردى.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، جىنسىي قىلمىش شەكلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە كۆپ خىللىشىش شەكلى كۆرۈلدى. غەربنى ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى بايلىقنىڭ توپلىنىش ۋە ماددىي بايلىقنىڭ موللىشىشىنى ئاتا قىلىپلا قالماي، تەرەققىياتمۇ يەرلىك مەدەنىيەتتە كۆپ خىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە زەربە بەردى، ئاز سانلىق مىللەتلەر جىنسىي قىلمىش شەكلى ئەمدى نوقۇل ئائىلىۋى جىنسىي قىلمىش شەكلى ئەمەس بولۇپ، چىگىش مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللەندى. جىنسىي قىلمىشنىڭ شەكلى كۆپ خىللىشىشى، مۇرەككەپلىشىشى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. تۆۋەندە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدىغان نەچچە خىل جىنسىي قىلمىش شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىۋاتقان جىنسىي قىلمىش شەكلى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بايان قىلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى ئائىلە ئاتا، ئانا، بالىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان، ئەر-خوتۇنلار يەككە مۇقىم جىنسىي قىلمىش شەكلىگە ئىگە. قانۇنلۇق ئائىلە يەككە جىنسىي قىلمىش شەكلىنى دۆلەت ۋە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئېتىكا ئەخلاقى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى جەمئىيىتى ۋە ئېتىكا ئەخلاقىمۇ، دىنىي ئېتىقادىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ، ئەمما ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى دىنىي ئەخلاق ئېتىكىسى قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى ۋە چەكلەش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى قانۇنلۇق ئائىلە جىنسىي قىلمىش شەكلىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەھدىتكە دۇچار قىلدى. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش شەكىللەندى. بۇ خىل جىنسىي قىلمىش ئوبيېكتىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى قانۇنلۇق نىكاھتىكى ئائىلىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بىر ياكى كۆپلىگەن ئەمەلىيەتتىكى نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. مۇبادا مۇرەككەپ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش شەكلى شەكىللەندۈرسە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ئاشىدۇ. نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشىنى تاللاشتىكى ئوبيېكىتنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كەڭ بولسا، يۇقۇش نىسبىتى ۋە خەۋپىمۇ شۇنچە چوڭلايدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش شەكلىنىڭ كۆرۈلۈشىدە كۆپ تەرەپلەر سەۋەبلەر بار، بىز تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى نەچچە جەھەتتىكى ئاساسلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقتۇق:
1. جورىسىدىن رازى بولماسلىق
سوئال: مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن سىرتتىن ئاشنا ئىزدىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب:مېنىڭچە، ئاساسلىق سەۋەبى جىنسىي جەھەتتە قارشى تەرەپتىن رازى بولمىسا سىرتتىن ئاشنا تاپىدۇ.⑯
سوئال: سىزنىڭچە ئۇلاردا بۇ خىل نىكاھتىن سىرت ياكى نىكاھسىز جىنسىي قىلمىش كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبىدىن قايسىلار بار؟
جاۋاب: ئېنىقلا جورىسىدىن رازى بولماسلىق دە، رازى بولمىغانلىقىدىن باشقىلارنى ئىزدەيدۇ مېنىڭچە.
سوئال: ھە، ئاساسلىقى موشۇ سەۋەب، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: ھە، توغرا، توغرا، توغرا، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى موشۇ.⑰
زور مىقداردىكى قۇرۇلمىلىق سۆھبەت ۋە يېرىم قۇرۇلمىلىق سۆھبەت ماتىرىياللىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، جىنسىي جەھەتتىن راھى بولماسلىق ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماسلىشالماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جورىسىدىن رازى بولماسلىق نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتىدە، ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ئاساسلىق لايىق تاللاش شەكلى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاتا-ئانىسى، تۇققانلىرى، مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئائىلە بېسىمى بىلەن توي قىلىش ئوبيېكتىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئادەتتە ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان ئائىلىلەردىن يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. قانۇنلۇق نىكاھتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا جەلب قىلىش كۈچىنىڭ كەمچىل بولۇشى، جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتە ماسلىشالماسلىقى، ئادەتتىكى جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ نىكاھتا قانائەت تاپالماسلىقى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇزۇن مۇددەت بىر خىللا ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى سەۋەبلىك، كۆڭۈل خوشى تېپىشمۇ بىر قىسىم نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2. ئىقتىسادىي سەۋەب
سوئال: مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن سىرتتىن ئاشنا تېپىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: ئىقتىسادمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇلى جىق بولسىلا سىرتتىن ئاشنا تاپقۇسى كېلىدۇ، ئاياللار بولسا پۇل ياكى ئىش بېجىرىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ.⑱
ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىش سەۋەبلىرىدە، ئىقتىسادىي سەۋەبمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پۇرسەت بېرىپلا قالماستىن ھەم ئۇلارغا بايلىق ۋە پۇل ئاتا قىلدى. ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر يەككە مۇقىم ئائىلىۋى جىنسىيەت شەكلىدىن قانائەت قىلماي، نىكاھتىن سىرت قىسقا ۋاقىتلىق ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاشنا تاپىدىغان بولدى، بۇنى ھەمىشە ئىپپەت سودىسى بىلەن ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ. قۇرئاندىكى دىنىي ئەقىدىلەردە، ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنىدا بىر ئەر تۆت خوتۇنلۇق بولۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، بىر ئەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى ئابروي ۋە ئەرلىك سالاپەتنىڭ نامايان قىلىنىشى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بۇ ھازىرقى زامان نىكاھ تۈزۈلمىسىدىكى بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش تەشەببۇسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشىدا جىنسىيەت سودىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئېھتىمال ئەرلىك ئابرويىنى قانائەتلەندۈرۈشتىكى ساختا شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئىقتىسادتىكى ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2004-يىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاياللار جىنسىي قىلمىش جەريانىدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئورنى ئەرلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن ئاجىز بولغانلىقتىن، ھەمىشە جىنسىي قىلمىشتا پاسسىپ ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ جىنسىيەت سودىسىدا ئاسانلا بىخەتەرلىك بولمىغان جىنسىي قىلمىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.⑲ مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە، ئەرلەر ھەمىشە كۆپلىگەن سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھەمىشە ئەرلەر بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ، ئاياللار ھەمىشە بوي سۇنغۇچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدا ئەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ياللار نۇرغۇن ئەھۋالدا ئەرلەردىن بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى كەم بولغان، بۇ ئاياللارنىڭ ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغۇچىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. (Elin Lönn et al. 2007) نىڭ 2007-يىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جىنسىي سودىدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىدىغان جىنسىي قىلمىش نىسبىتى يېرىمدىن تۆۋەن ئىكەن، بۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى %50 تىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.⑳

3. ھەر خىل يىغىلىشلارنىڭ كۆپىيىشى
سوئال: سىز ياكى باشقا دوستلىرىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىزدا نىكاھتىن سىرت ياكى نىكاھسىز جىنسىي قىلمىش مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۆزىنىڭ جورىسىغا رازى بولماسلىقمۇ؟ ياكى قارىغۇلارچە باشقىلاردىن ئۆگىنىپمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟
جاۋاب: ھازىر مائاشىمىز ئۆستى، ئولتۇرۇشلارمۇ كۆپەيدى. مەن ساقچى ئەمەسمۇ، ئادەتتە خىزمەت بېسىمى چوڭ، ھەپتە ئاخىرىدا راسا كۆڭۈل ئېچىپ پۇخادىن چىققۇم كېلىدۇ. بەزىدە كەچلىك دۇكانلارنى ياكى ئىشرەت سورۇنلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرىمىز، مۇنداق جايلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىمىز[21]
بۈگۈنكى كۈندە، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ماددىي تۇرمۇش موللاشتى، مەنىۋى تۇرمۇشنى قوغلىشىشمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تۇرمۇشىدا كۈنسېرى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. بىرلا ۋاقىتتا، ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدە، ھەر خىل نامدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتلىشىشكە، ھەتتا نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشتا بولۇشقا سىرتقى شارائىت ۋە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
ئۈچىنچى: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش شەكلىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كەلتۈرگەن يوشۇرۇن ئاپىتى
(1) جىنسىي قىلمىش ئوبيېكتىنىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە يوشۇرۇنلىقى
نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە كەلتۈرگەن يوشۇرۇن ئاپىتىنى غايەت زور دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى جىنسىي قىلمىش ئوبيېكتىنى تاللاش مۇقىم بولماسلىقى ھەمدە بەلگىلىك يوشۇرۇنلۇققا ئىگە بولغاچقا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى تېپىشقا غايەت زور قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئېتىكا ئەخلاقنىڭ چەكلەشىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش يوشۇرۇنلۇققا ئىگە. توي قىلىپ بولغانلىقتىن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشىنى باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، سەۋەبى ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدە، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش يەنىلا جامائەت پىكىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ.
داۋامى بار
ۋاقتى: 2013-12-28 19:29:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(2) جورىسىغا يۇقتۇرۇش نىسبىتىنىڭ مۇتلەقلىقى
ئائىلىدە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش كۆرۈلگەن بىر تەرەپتە، ئەگەر نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، كۆپ ئەھۋاللارنى ۋىرۇسنى نىكاھىدىكى جورىسىغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئائىلە نىكاھى مۇقىم جىنسىي قىلمىش شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئائىلىدىكى مۇقىم جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ئېڭى نىسبەتەن سۇس. بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى جورىسىغا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇپ قويۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان، نىكاھتا پەقەت بىر تەرەپتە نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش يۈز بەرگەن بولسا، جورىسى يوشۇرۇن خەتەر ئىچىدە تۇرىدۇ.
نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىشتا بولۇشتىن سىرت، يەككە ئاشىق-مەشۇق شەكلىدىكى جىنسىي قىلمىش شەكلى ھېسىياتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىشقا تەۋە، ھەم نىكاھلىنىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ھەمدە توختاپ قېلىشى مۇمكىن. كۆپ ئاشىق-مەشۇقلۇق شەكلى ئاساسلىقى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مۇقىم ئاشىقى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي قىلمىش مەۋجۇت بولسا، نىكاھلىنىشنىڭ نىسبىتى كىچىكلەيدۇ.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەردە كۆپ ئاشىق-مەشۇق بولۇش شەكىلدىكى جىنسىي قىلمىش شەكلى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئىسلامدا نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قەتئىي چەكلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىسىدە ھاممىسى ھەر خىل ئاماللار بىلەن كېلىننىڭ قىز ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ، ئەگەر كېلىن توي قىلغان چاغدا قىز ئەمەسلىكى بايقالسا، ئۇنداقتا بۇ قىز بىر ئۆمۈر ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قالىدۇ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تېخنىكا، مۇرەككەپ كۆپ خىل ئۇچۇرلار، ھەر تەرەپكە تۇتۇشقان تور ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشلىرىغا ئىدىيىدە بىر قېتىملىق ئىنقىلابىي بۆھران كەلتۈردى. بۇ بۆھرانىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى ئىدىيىنىڭ ئازاد بولۇشى ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئىدى. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە ئۆزىنى قاچۇرىدىغان جىنسىيەت تەبئىيلىكى خەتەردە قالدى.
ھازىر، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىدا «جىنسىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش»، «ئۆزىنى قاردەك پاك ساقلاش» دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەنلىدى. بالدۇر توي قىلىپ بالدۇر بالىلىق بولۇش ئاز سانلىق مىللەتلەردە پەيدىنپەي بۇرۇنقى ئىشلار بولۇپ قالدى، كېچىپ توي قىلىپ كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ زور كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىندى. كېچىپ توي قىلىپ كېچىپ بالىلىق بولۇش گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما باشقا بىر تەرەپتىن جىنسىي قىلمىشنىڭ يوشۇرۇن ئاپىتى بولۇپ قالدى، نۇرغۇن «راھەتپەرەسلەر» مەيدانغا كەلدى. نۇرغۇن ياشلار توي قىلىش يېشىغا بېرىپ بولغان بولسىمۇ بۇرۇنلا نىكاھلىنىشنى ئويلىمىغان بولۇپ، نىكاھنىڭ كىشىنىگە چۈشۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ، سەۋەبى ئېھتىمال كۆپلىگەن مەشۇقلىرى بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
مۇھەببەتنىڭ «ئۇلۇغ» چاقىرىقىدا، نىكاھتىن بۇرۇن بىرگە تۇرۇش ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ جىنسىي فىزىئولوگىيىسى پىشىپ يېتىلگەنلىكتىن، جىنسىي ھەۋىسى جانلانغان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، جىنسىي قىلمىشتىن «راھەتلىنىش» نىڭ ئېزىقتۇرۇشىنى رەت قىلىشى ناھايىتى تەس. ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت تەربىيىسى كۆرۈشى ئىنتايىن چەكلىك، ئۇلارنىڭ جنسىي بىلىمىنىڭ كۆپ قىسىمى تور ۋە ژۇرناللاردىن كەلگەن. شۇڭا ياشلار جىنسىي قىلمىشتا بولغاندا، بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئېڭى نىسبەتەن ناچار، بۇ تەرىپى ياشلارنى ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەيدىز كېسلى كەڭ تارقالغان ھەر قانداق رايوندا، ياشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم ئىككىلەمچى كىشىلەر توپى[22]. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشلىرى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا، ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت قارىشى كۈنسېرى ئېچىۋېتىلمەكتە، لېكىن جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە قىلمىشى ماس ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلمىدى، بۇ ھادىسە ياشلارنىڭ جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ تاشلىدى. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ياشلار توپلاشقان سورۇندا مۇۋاپىق، ۋاقىتقا ماس كېلىدىغان، نورمال مىقداردىكى جىنسىي ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە توغرا مۇھەببەت قارىشى تەربىيىسىنى، ئۆزىنى پاك تۇتۇش ئەخلاق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك، يەنە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسىلىدىن ئالدىنى ئېلىشتىكى رولىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، ياشلارنىڭ جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، نومۇسىنى سېتىش سودىسىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمقى كەسىپ جۇڭگودا قايتىدىن گۈللەندى ھەمدە كۆلەملەشكەن «مەخپىي جىنسىيەت ئىگىلىكى» گە قاراپ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشى بار. جۇڭگونىڭ يىللىق سىتاتىستىكىسغا ئاساسلانغاندا، 1998-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى جەمئىي قوبۇل قىلغان نومۇسىنى سېتىش ۋە پاھىشىۋازلىق دېلوسى 189 مىڭ 972 بولۇپ، 189 مىڭ 453 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان، 1999-يىلى جەمئىي 216 مىڭ 660 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 215 مىڭ 128 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان؛ 2000-يىلى جەمئىي 225 مىڭ 693 دېلونى قوبۇل قىلىپ ، 222 مىڭ 132 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان؛ 2001-يىلى جەمئىي 242 مىڭ 53 دېلونى سوراق قىلغان. [23] يەنى يېقىنقى يىللاردا ھەر يىلى نومۇسىنى سېتىش ۋە پاھىشىۋازلىققا قاتناشقان ئادەم سانى ئاز دېگەندە ئىككى مىليوندىن يۇقىرى بولغان.[24] جىنسىيەت سودىسى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي تەرتىپ، نوپۇس مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئەيدىز كېسىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئىسلام دىنى گەرچە پاھىشىۋازلىق ۋە نومۇسىنى سېتىش قىلمىشىنى قاتتىق چەكلىسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ زەربىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىدە نومۇسىنى سېتىش سودىسى، جىنسىي مۇلازىمەت قىلغۇچى قىزلارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك دىققەتنى قوزغىدى.
(3) جىنسىي سودىنىڭ ئورنىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە مۇرەككەپلىشىشى
سوئال:سىز نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش قانداق سورۇنلاردا يۈز بېرىدۇ دەپ قارايسىز؟ سىزدە نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بارمۇ؟
جاۋاب: مېنىڭچە مېھمانخانا، مەيخانا، ھور مۇنچىسى (ساڭنا-سائۇنا) نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىدىغان سورۇن. [25]
تەكشۈرۈشتە، نىكاھتىن سىرت جىنسىي قىلمىش ياكى جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىدىغان ئورۇن سورالغاندا، نۇرغۇن تەكشۈرۈلگۈچىلەر مېھمانخانا، مەيخانا، ھور مۇنچىسى، بەزمىخانا ياكى ئۆزى ئايرىم سېتىۋالغان شەخسىي تۇرالغۇسى دەپ جاۋاب بەردى. يېقىنقى يىللاردا ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا، ھور مۇنچىسى، يۇيۇنۇش مەركىزى قاتارلىق سورۇنلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپلەپ قۇرۇلدى. بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، مەخپىي، يوشۇرۇن جىنسىيەت سودىسىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، كىرىمى، ئوتتۇرا ھال، يۇقىرى سەۋىيىدىكى كىشىلەرمۇ ئىستېمال قىلالايدىغان بولدى، يىغىلىش، خىزمەت مۇناسىۋىتى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ مۇلازىمەت مەركەزلىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان بولدى. ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان نۇرغۇن قىزلارمۇ ھەرىكەتكە ئۆتتى.
2. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سودا خاراكتېرىدىكى جىنسىي قىلمىش شەكلىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تەسىرى
جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش تومۇرغا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق يۇقۇشتىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ئەيدىز كېسىلى يۇقۇش مەنبەسىگە ئايلانغاندا، جۇڭگودىكى نومۇسىنى ساتىدىغان، پاھىشىۋازلىق قىلىدىغان ۋە جىنسىي مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى پەيدىنپەي ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىزچىل «قۇرئان» دىكى دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان ئاممىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىر مەيدان كۆپ خىللاشقان مەدەنىيەت تاللىشىدا ئېزىپ كەتتى. بەزىلەر ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىدىن تەلتۆكۈس ۋاز كېچىپ، چېكىدىن ئاشقان ئازغۇنلۇققا قاراپ ماڭدى. كىرىمنىڭ ئېشىشى بۇ ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان پاھىشىلەر ۋە پاھىشىۋازلارنىڭ ئەھۋالى ئۇنچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
جىنسىيەت سودىسىنىڭ يوشۇرۇنلىقى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. جىنسىي مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللانغۇچىلار يەنە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قوغدىنىش ئېڭى نىسبەتەناچار، يەنە بەلگىلىك مەجبۇرلىنىشچانلىققا ئىگە، ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا. مەيلى پاھىشىلەر بولسۇن ياكى پاھىشىۋازلار بولسۇن بەلگىلىك ئوبيېكتىپ شارائىتتا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ، مۇددەتلىك تېنىنى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، جامائەتنىڭ كەمسىتىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا، سودا خاراكتېرىدىكى جىنسىي قىلمىش شەكلىدە دائىرىسى كەڭ، يۈز بېرىش شارائىتى قولايلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار زور، يۇقۇملىنىش نىسبىتى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولغاچقا، ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىشتىكى يۇقىرى خەۋپلىك تارقىتىش شەكلى بولۇپ قالدى.
تۆتىنچى خۇلاسە
گوفمان ئېنىقلىما بەرگەن «نومۇس» تۇيغۇسىنى [26] ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدا ئەيدىز كېسىلىنى تىلغا ئالغاندا ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولى ئاساسلىقى زەھەر چېكىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىمۇ ئاساسلىقى بۇ ئىككى يولدىن ئەيدىز تارقىلىش شەكلىدۇر. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىدا ئەيدىز كېسىلىنى تىلغا ئالغاندا، تەبىئىيلا ئەيدىز بىمارى بىلەن نامۇۋاپىق جىنسىي قىلمىش ياكى زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن باغلىۋالىدۇ. ئەيدىز كېسىلى دېگەن بۇ سۆزگە ماس بولغىنى ئاخباراتلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات قىلىشىدىكى ئەندىشىدۇر، بۇنىڭ بىلەن يانداش بولغىنى زەھەر چېكىش ۋە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەخلاقنىڭ چۈشكۈنلىشىشى بىلەن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى دىندىن ئېزىش ۋە دىنغا ئاسىيلىق قاتارلىق قوشۇمچە ئۇچۇرلارمۇ بار.[27] لېكىن جەمئىيەت (ئائىلە، نىكاھ، دىن قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتلەر) ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا نومۇس قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغاچقا، نۇرغۇن ئاز سانلىق كىشىلىرى HIV تەكشۈرۈشى قىلىشنى خالىمايدۇ، HIV ھالىتىنى يوشۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەر جىنسىي قىلمىشقا بولغان ئېڭى نىسبەتەن ئاجىز بولغانلىقتىن، ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە پاسسىپلىقى بىلەن ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھەمىشە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمەسلىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاش ۋە كونترول قىلىشنىڭ ناھايىتى تەس بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرى ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىشى ياكى قان بەرگەندە يۇقۇملىنىش ياكى مەقسەتىسىز ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسى مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشلار ئارقىلىق يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۆزى نومۇسسىز قىلمىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا ئەيدىز كېسىلىدىكى سەلبىي نومۇس ئۇچۇرلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولىنى پەيدىنپەي چۈشەندۈرۈپ ۋە توغرا تىببىي ساۋاتلارنى بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئاكتىپلىق بىلەن مەسلىھەت سوراشقا يېتەكلەش ھەمدە ئۇلارغا بىر قىسىم ئاساسىي ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك. كۆپ قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەربىيىسى دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەيدىز تەشۋىقاتىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتا نىسبەتەن چوڭ قىيىنچىلىق مەۋجۇت. ئىقتىساد، مائارىپ نىسپىي ئارقىدا قالغان قەشقەر، مارالبېشى، غۇلجا قاتارلىق شەھەر، ناھىيەلەردە، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ساۋاتىسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز كېسىلى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇ تىلىدا بولۇپ، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلىكتىن، شۇڭا، ئەيدىز كېسىلى تەشۋىقاتى يۈزەكى ھالدا داغدۇغىلىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى تىل سەۋەبلىك ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسى يەنىلا ئاز.
تەكشۈرۈشتە، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش نىسبىتى خېلى تۆۋەن بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇپ تاشلىدى. نۆۋەتتىكى جەمئىيەتتە ناھايىتى چوڭ ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، ئەنئەنىۋى ئېتىكا ئەخلاقى ۋە دىننىڭ چەكلەش كۈچى پەيدىنپەي ئاجىزلىدى، جىنسىيەتتىن نوقۇل ھالدا ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان ۋە ھەۋىسىنى چەكلىمەيدىغان بولدى. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ تارقىلىشى جىنسىي قىلمىش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت ئەيدىز بىمارى بىلەن بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىپ، يۇقۇملانغان قان سۇيۇقلىقى، ئىسپېرما ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىلا ئاندىن ئەيدىز كېسىلى يۇقۇپ قالىدۇ. نوقۇل ھالدا ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئازلىتىش شەكلىدە ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىلەشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈنۈمسىزدۇر، چۈنكى ساغلام جىنسىي تۇرمۇش قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى. پەقەت بىخەتەرلىك جنسىيەت تەربىيىسىنى كۈچەيتكەندە، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاندا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغاندىلا ئاندىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتىكى باشقا بىر ئۈنۈملۈك يولدۇر. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى جەمئىيىتىدە، دىنىي مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، گەرچە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ جىنسىي قىلمىشى كەڭ يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ (نىكاھتىن بۇرۇن ياكى نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي قىلمىش، ھەمجىنىسلار جىنسىي مۇناسىۋىتى)، ئەمما دىن ھەمدە جەمئىيەت، ئائىلە، نىكاھ، ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپ قىسىم جىنسىي قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن يوشۇرۇن ئەھۋالدا يۈز بەرمەكتە، بۇ جىنسىي قىلمىشنىڭ يوشۇرۇنلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش مەنبەسىنى ئىز قوغلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇۋەتتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەھمىيىتى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بوشلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشقا باغلىق بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ زەربىسى پەقەتلا بىر مىللەتنىڭ گەۋدىسىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۈچى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۈچى، مەدەنىيەت تونۇشى قاتارلىقلارغىمۇ زەربە بېرىدۇ. شۇڭا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان زىيىنى يۇقۇملۇق كېسەللەر ئىلمىدىكى ئېنىقلىمىسىدىكىلا زىيان ئەمەس بەلكى بىر تولۇق يۆلىنىشلىك زىياندۇر. بۇ بىر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇنىڭدىن سىرت، جەمئىيەت ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشتىن ئامال بار ساقلىنىشى كېرەك، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىز بىمارلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئالاقىدار داۋالاشلارنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئاڭلىق ھالدا ئەيدىز كېسىلىنى باشقا گۇناھسىز ئاممىغا يۇقتۇرۇشتىن ساقلىنىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەيدىز كېسىلى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەزكۇر ماقالە ئالاقىدار تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرى ۋە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا قاراپ چىقىپ، ئاساسلىقى نىكاھلىنىش ئۆرپ-ئادىتى ۋە جىنسىي قىلمىشى ئىككى نۇقتىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن جىنسىي قىلمىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە تارىخىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، دىن ھەمدە باشقا ھازىرقى زامان مەۋجۇتلۇق ھالىتى قاتارلىقلارنى تولۇق ھېس قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ماس كېلىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتى تۈزۈپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى كېڭەيتكىلى بولۇشى مۇمكىن.
ئىزاھاتلار:
[1] فوند تۈرى: 2010-يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى تەتقىقاتىدىكى تۈر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلىشىش مۇساپىسىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەمەلىي تەتقىقات»
[2] زۇلھايات ئىسمائىل، ئۇيغۇر، ئۈرۈمچىلىك، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستۇتىنىڭ مۇئاۋىن پرافىسسورى، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە دوكتورى، مىللەتلەر سوتسىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ساۋ چىيەن، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستۇتىنىڭ لېكتورى، سوتسىئولوگىيە ماگىستىرى، مىللەتلەر سوتسىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ.
[3]  Elin Lönn, Karin Sahlholm, Rena Maimaiti, Kaisaier Abdukarim, and Rune Andersson. AIDS Patient Care and STDs. January 2007, 21(1): 48-56. doi:10.1089/apc.2006.0063
[4] يۈ شىن (于欣)، ئەيدىز (H IV/ AIDS) غا ئالاقىدار روھى ساغلاملىق مەسىلىسى   . www. xinqiao. net ، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى روھىي ساغلاملىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشىدا.
[5] سەھىيە مىنىستىرلىكى كېسەللىكلەردىن مۇداپئە كۆرۈش ۋە كونترول قىلىش ئىدارىسى ئورگان تور بېتى:
[6]  Kelley LM, Eberstadt N, Behind the veil of a public health crisis: HIV/AIDS in the Muslim world. NBP Special Report: The National Bureau of Asian Research. 2005
[7]Hasnain, Memoona 2005, “Cultural Approach to HIV/AIDS Harm Reduction in Muslim Countries”. Harm Reduction Journal 2005, 2:23
[8] ساۋ يۈنجېن (曹韵贞) ؛ «ئەيدىز كېسىلى كىلىنكىلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر ئىلمى بىلەن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كونترول قىلىشنىڭ كەلگۈسى»، «چەتئەل تىبابىتى» (يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى يۇقۇملۇق كېسەل ئىلمى قوللانمىسى)؛ 2003،29 (1):1-4
[9]Wang, Ailing (2006). “Uses of Prevention of Mother-to-child Transmission of HIV Services: A Study of HIV-positive Women in Yining, Xinjiang, China”. Ph.D Thesis, Mahidol University
[10] Painter, T.M., et al. (2005). Sociodemographic factors associated with participation by HIV-1-positive pregnant women in an intervention to prevent mother-to-child transmission of HIV in Cote d’Ivoire. Journal of STD AISDS. 16(3): 237-242
[11]Takyi, B.K. (2003). Religion and women’s health in Ghana: insights into HIV/AIDs, preventive and protective behavior. Social Science Medicine. 56 (6): 1221-1234
[12]Goffman, E. (1963). Stigma: Notes on the management of a spoiled identity. New York: Simon& Schuster
[13] سۆھبەت ماتىرىيالى: 2011314 ئوقۇتقۇچى (ئەر، 37 ياش)
[14] سۆھبەت ماتىرىيالى: 2011326
[15] سۆھبەت ماتىرىيالى: 2011318 دۆلەت مەمۇرى (ئەر، 40 ياش)
[16] سۆھبەت ماتىرىيالى: 2011504 دۆلەت مەمۇرى (ئايال، 29 ياش)
[17] سۆھبەت ماتىرىيالى: 2011318 دۆلەت مەمۇرى (ئەر، 40 ياش)
[18] WTO. (2004) Women’s Vulnerability to the Epidemic is Increasing Throughout the World
[19] Elin Lönn, Karin Sahlholm, Rena Maimaiti, Kaisaier Abdukarim, and Rune Andersson. AIDS Patient Care and STDs. January 2007, 21(1): 48-56. doi:10.1089/apc.2006.0063
[20] سۆھبەت ماتىرىيالى: 2011323 ئالاھىدە ساقچى (ئەر، 36 ياش)
[21] جاڭ سىمىڭ (张思明)، يەن چۈرۇ (晏渠如)، شى شياۋپىڭ (施少平) قاتارلىقلار، «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز بىلىملىرى، پوزىتىسىيىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش»، «جۇڭگو كىلىنكا تىبابىتى» 2004، 12 (23): 54
[22] خۇاڭ شىياۋشۈن (黄小洵)، فۇخۇا (傅华)، شاڭ شۈجېڭ (商继政)، «جىنسىيەت سودىسىنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەش ھەققىدە»، «ئېلىكترون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر نۇسخىسى» 2009-يىلى 6-سان، 10
[23] ۋاڭ گاڭ (王刚)، ۋاڭ يۈەنشىن (王元新)، «نومۇسىنى سېتىش ۋە پاھىشىۋازلىقنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە»، «گەنسۇ سىياسىي قانۇن چوڭلار مائارىپ ئىنىستۇتى ئىلمىي گېزىتى» 2004، (2):98. 100
[24] قوشۇمچە 5:5-2011323 ئوقۇتقۇچى
[25] «شېنجىن شەھىرى ئەرلەر ھەمجىنىسلار، يات جىنىسلارنىڭ جنسىي قىلمىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار تەتقىقاتى»، «جەنۇبىي جۇڭگو ئالدىنى ئېلىش تىبابىتى» 2010-يىلى 4-ئايلىق 63-توم 2-سان
[26] شىياڭ دېپىڭ (向德平)، ۋۇ دەن (吴丹)، «ئەيدىز بىمارلىرىنى جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە ھاياتلىق سۈپىتىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتى-ھەقلىق قان تەغدىم قىلغۇچىلار، MSM كىشىلەر توپى ھەمدە ئايال جىنسىي مۇلازىمەتچىلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش»، «ئىجتىمائىي پەن فرونتى» 2010-يىللىق 4-سان «ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەسىلىسى تەتقىقاتى
[27] ليۇ گاڭ (刘刚) قاتارلىقلار، «شېنجىن شەھىرى ئەرلەر ھەمجىنىسلار، يات جىنىسلارنىڭ جنسىي قىلمىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار تەتقىقاتى»، «جەنۇبىي جۇڭگو ئالدىنى ئېلىش تىبابىتى» 2010-يىلى 4-ئايلىق 63-توم 2-سان
[28] Goffman, E. (1963). Stigma: Notes on the management of a spoiled identity. New York: Simon& Schuster.
[29] Liu H,, et al. (2006) “Understanding interrelationships among HIV-related stigma, concern about HIV infection, and intent to disclose HIV serostatus: A pretest-posttest study in a rural area of eastern China”. AIDS Patient Care STDs 2006; 20: 133-142
مەنبەسى : سىنا بلوگى
ۋاقتى: 2014-1-17 23:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دىيارىدا زامانىۋى ۋابا-ئەيدىز تەھدىدى (ئىلمىي دوكلات فىلمى)

ئۇيغۇر ئاكادېمىىىسى 4ـ نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سىڭلىمىز مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد (خەندان) سۆزلىگەن لېكسىيە «ئۇيغۇر دىيارىدا زامانىۋى ۋابا ئەيدىز ۋە تەھدىدى».
مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى كېچىكتۈرۈپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز.

http://v.youku.com/v_show/id_XNjYxNTEwMjg0.html
بەيدۇدىن چۈشۈرۈش:  http://pan.baidu.com/share/link?shareid=269367055&uk=490052620&third=15&from=groupmessage&isappinstalled=1
مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
http://www.akademiye.org/ug/?p=4170
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-8 01:16 , Processed in 0.213685 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat