- جۇغلانما
- 7599
تىزىملاتقان2011-1-15
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
2013- يىلى 21-نويابىردىكى ئالتۇن-كۈمۈش بازار ئەھۋالى
ئوغلاق ئېيىنىڭ 21-كۈنى پەيشەنبە دوللار كۆرسەتكۈچى 81.15 ئەتراپىدىكى ھالقىلىق ئۆتكەل ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا ئۆسۈپ ھەپتىنىڭ يېرىمىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش بولغان كۈننى ياراتتى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1248 دوللار ئەتراپىغا سەكرەپ چىقتى ،تۈنۆگۈن باھا چۈشۈپ يەتتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش بولغان كۈننى ياراتتى .تۈنۆگۈن ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ قارارىدا بۈركۈت تەرەپتىكىلەر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى ھەمدە تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلەردە ھېرىپ قالغان ئالتۇن بازىرى چوڭ بېسىشقا ئۇچىرىدى .ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ قارارىدا كۆرسىتىلىشىچە ئامرىكا ئىقتىسادى كەلگۈسى نەچچە ئاي ئىچىدە يەنە بىر قەدەم ھالدا ياخشىلانسا كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتىنىڭ كۆلىمىنى تارايتىشنى قارار قىلىدىكەن .ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ تۈنۆگۈنكى خەۋەردە ئاشكارلىنىشىچە ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسپىتىنى تۈۋەنلىتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ ،بۇ ئۇچۇرنىڭ چىقىشى بىلەن ئالتۇن ئازراق تېرەككە ئىگە بولدى ،لېكىن تەسىرى بەك كىچىك بولدى .
ئوغلاق ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلار
بۈگۈن دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم قارارى يىغىنى ،جوڭگو ،ياۋرۇ رايۇنى ۋە ئامرىكىنىڭ 11-ئايلىق ياساش كەسپى PMI دەسلەپكى قىممىتى ،ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كومىتىتى (ئۈرۈمچى ۋاقتى پەيشەنبە سائەت 21:00 )يېلۈننى ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاشقا بېلەت تاشلايدۇ .يەنە بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 19:30 دە ئامرىكىنىڭ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىدۇ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 247 يۈەن
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ! |
|