ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1429|ئىنكاس: 15

Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسىىدكى خاتالىق ۋە ئۈمىد

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-18 12:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
[تەۋسىيە] Office 2013 دىكى خاتالىقلار (ئۇيغۇرچە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مەلۇم بولغاندەك، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى Microsoft Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، قىرغىزچە، موڭغولچە... تىل بولاقلىرى ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتنىڭ تولۇق نامى:
Microsoft® Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە
Microsoft Office 2013 نىڭ ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە نۇسخىسىنى سېتىۋالغانلار ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايدۇ:
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
ھۆججەت سىغىمى: 12 مېگابايت
Microsoft Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنتايىن سۈپەتلىك چىققان. ئۇيغۇرچىگە نىسبەتەن تۇنجى نەشرى بولغاچقا، بەزى خاتالىقلاردىن سادىر بولالمىغان.
مەسىلەن Word نىڭ باش بېتىدىلا تۆۋەندىكى ئەجەللىك خاتالىق (Word تا خالىغان ھۆججەتنى ئېچىپ، بەتنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىگە قاراڭ) بار ئىكەن:

قارىسىڭىز:
2 بەتنىڭ 2
8 سۆزلەر
...
دېگەندەك ئىبارىلەر بار. بۇلار ئەسلىدە ئىنگىلزچە:
2-بەت، جەمئىي 2 بەت
8 سۆز ياكى سۆز سانى: 8
دېگەن مەنىلەردىكى گەپلەر ئىدى.
------------------------------------
يۇقىرىدىكى تەرجىمىلەردە سان ۋە سۆزلەر تەرجىمانغا ئايرىم-ئايرىم بېرىلگەنلىكى، يېتەرلىك كونتېكىست ئۇچۇرى بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ياكى تەرجىماننىڭ بىپەرۋالىقى سەۋەبلىك شۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
پۈتۈن مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بۇلار ئانچە چوڭ مەسىلە ھېسابلانمىسىمۇ، بۇ خاتالىقلار چوقۇم ئوڭشىلىشى كېرەك.
ئەمدى دېمەكچى بولغان 1-گەپ:
Office 2013 نىڭ يېڭىلانمىسىغا ئىشلەش خىزمىتىنىڭ 2014-يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. Office 2013 نىڭ يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ تۈر نامى Office 16 دەپ ئاتىلىدۇ (ھازىرقىسى Office 15).
Office 2013 نىڭ يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىدا يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇشى مۇمكىن. بۇ جەرياندا ئىلگىرىكى نۇسخىسىدىكى خاتالىقلارنى Microsoft قا ئىنكاس قىلىپ، تۈزىتىۋالساق بولىدۇ. شۇڭا 2013 office نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا كۆرۈلگەن تەرجىمە خاتالىقلىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يىغقاچ تۇرساق، كېيىن نۆۋىتى كەلگەندە مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس قىلىنغان بويىچە بىراقلا ئۆزگەرتىۋالساق.
خاتالىق بايقاش ۋە دوكلات قىلىش ئۇسۇلى:
بۇ تېما سەۋەبلىك، .... Office نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى خاتالىق ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلەتمەڭ. ئادەتتە ئىلگىرى خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدىكى نۇسخىنى ئىشلەتكەندەك نورمال ئىشلىتىڭ. ئىشلىتىش جەريانىدا چۈشنىكسىز، مۇجمەل، خاتا بۇيرۇق ياكى گەپ-سۆزلەرنى بايقىسىڭىز رەسىمگە تارتىپ (كۇنۇپكا تاختىسىدا PrintScreen+Ctrl كۇنۇپكىلىرىنى تەڭ بېسىپ، ئېكراننى رەسىمگە تارتالايسىز) مۇشۇ تېمىغا يوللاپ قويۇڭ.
دېمەكچى بولغان 2-گەپ:
يېقىندا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى Windows Live Messenger ياكى بىز ئادەتتە دەيدىغان MSN پاراڭلىشىش قورالى جۇڭگودىن باشقا بارلىق دۆلەتلەردە ئىشتىن توختىدى. مىكروسوفت ئۇ مەھسۇلاتنى ئەمەلدىن قالدۇردى. جۇڭگودا يەنىلا زور ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر بولغاچقا، ئەمەلدىن قالدۇرمىدى.
شۇنىڭدەك، Microsoft Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقتى. Microsoft دېگەن بۇ نەرسىنى ئۇيغۇرلارغا سېتىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە شۇنداق قىلىۋاتقان شىركەت. ئەگەر ئۇ Office نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم قىلالمىسا، ياكى نۇرغۇن تەرجىمان ۋە IT خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يەرلىكلەشتۈرگەن بۇ مەھسۇلات ھېچقانداق كىرىم ئېلىپ كېلەلمىسە، Microsoft مۇ ئارتۇق چىقىم تارتىپ، بۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشى ناتايىن. MSN دەك بىر مەھسۇلاتنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنىدىن، ئۇلارنىڭ بازار ئېچىش ئىشىدا قانچىلىك كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
شۇڭا ئەگەر سىز ئىلگىرى خەنزۇچە نۇسخىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چوقۇم قاچىلاڭ (ئۇ ھەقسىز). ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، قاچىلاپ قويۇڭ. ئىشلەتمىسىڭىزمۇ قاچىلاپ قويۇڭ. ئۇيغۇرچە نۇسخىنى قاچىلاپ قويۇپ، ئەسلىدىكى خەنزۇچە نۇسخىنى ئىشلىتىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە نۇسخىنى يېڭى بىر ئادەم چۈشۈرسە، قاچىلىسا، ئىشلەتسە، بۇ ئۇچۇرلار كومپيۇتېرىڭىزدا تور بار بولسىلا، دەرھال Microsoft شىركىتىگە يوللىنىدۇ. (بۇ سىتاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنىڭ Microsoft قا يوللىنىدىغانلىقى Office نىڭ مەخپىيەتلىك دېگەن قىسىمىدا سۆزلەنگەن)
ئەگەر ئۇيغۇرچە نۇسخىنى قاچىلىغان، چۈشۈرگەن، ئىشلەتكەن ئادەملەر قانچە كۆپ بولسا، بۇ مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر بازىرىغا بولغان ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.
دېمەكچى بولغان 3-گەپ:
مەن كۇلۇبتىكى نۇرغۇن دوستلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن خېلى تونۇشلۇقى ۋە شۇ سەۋەبلىك دائىم دوستلىرى ياكى ئەتراپىدىكىلەرگە سىستېما\يۇمشاق دېتال قاچىلاش دېگەندەك ئىشلاردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەگەر سىز يەنە شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دوستىڭىزغا Windows 8.1 ۋە Office 2013 نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋالغۇزۇڭ، ئۇنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ، ئەگەر ئاللىبۇرۇن سېتىۋالغان بولسا، Windows 8.1 ۋە Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چوقۇم قاچىلاپ بېرىڭ.
دېمەكچى بولغان 4-گەپ:
ھازىر Microsoft نىڭ تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار:
Windows
Office (بۇنىڭدا Lync دەيدىغان يىغىن قورالىدىن باشقا ھەممە نەرسە ئۇيغۇرچە)
SkyDrive
Office 365 (بۇ Office 2013 نىڭ تور نۇسخىسى ياكى زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان نۇسخىسى)
Xbox (مۇزىكا، ئويۇن، تېلېۋىزىيە... ۋە ھەممە قاناللىرى)
Microsoft HealthVault
Outlook ياكى Hotmail
Skype نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پات يېقىندا چىقىدۇ...

--------------------
يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەقسىز ھېسابات ئېچىشقا بولىدۇ. شۇڭا بىرەر ھېسابات ئېچىپ، ئۇنىڭ تىلىنى «ئۇيغۇرچە»گە تەڭشەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئىشلەتمىسىڭىزمۇ، بىر ئۇيغۇرچە ھېسابات ئېچىپ قويۇڭ. (بىر ئارتۇق ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولسا، ھېچنېمە بولمايدۇ).
يۇقىرقى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، ئەگەر Windows نىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولسا، ئۇدۇل ئۇيغۇرچە بەت ئېچىلىدۇ. ئەگەر Windows نىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولمىسا، ھېسابات ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، «Settings» ياكى «设置» دېگەن ئورۇندىن تىل ئۆزگەرتىش تەڭشىكىنى تاپالايسىز.
Microsoft نىڭ مەھسۇلاتلىرى ھازىرغىچە 50 تىن ئارتۇق تىلغا يەرلىكلەشتۈرۈلدى. بۇ 50 تىن ئارتۇق تىلنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرچە» نىڭ بولغانلىقى ئىنتايىن ئېسىل ئىش. داۋاملىق شۇنداق بولۇشى ۋە باشقا شىركەتلەرنىڭ Microsoft تىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇرچە»سىنى چىقىرىشى ئۈچۈن، يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە، تىلىنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى ياكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
دېمەكچى بولغان 5-گەپ:
ھەممىمىز ئىلگىرى خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدىكى نەشرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە نەشرىگە دەماللىققا كۆنەلمەيمىز. كۆنۈش ئۈچۈن 3 ئايدەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. داۋاملىق ئىشلىتىۋەرسىڭىز، ئاستا-ئاستا ناھايىتى قولايلىق ۋە بەك يېقىملىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇرچە ئىشلەتسىڭىز، كەلگۈسىدە ھەممە ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرىدا بۇ نەرسىلەر ئۇيغۇرچە بولسا، ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە، تېخنىكىلىق ئىشلاردا قوللىنىلسا، بۇ ئانا تىلنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە قوغدىغانلىق ھېسابلىنىدۇ!
biliktin
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-18 12:43  

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-11-18 16:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +10

مېنىڭ بايقىغىنىم ، Excel 2013 تە رەسىمدىكى بۇ جايدا ، ئىنكاس قىستۇرۇش دەپ ئېلىنغان ، ئەسلى خەنزوچىسىدا《 插入批注》 ئىدى، مېنىڭچە بولغاندا ئىزاھات قىستۇرۇش دەپ ئېلىنسا تېخىمۇ مۇۋاپىقمكىن !
2.JPG
1.JPG

باھا سۆز

تەكلىۋىڭىز ئورۇنلۇق. كۆپچىلىكنىڭ تېما مەزمۇنىنى تەپسىلىي ئوقۇپ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-18 20:33

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-11-18 20:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
doktor يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 16:50
مېنىڭ بايقىغىنىم ، Excel 2013 تە رەسىمدىكى بۇ جايدا ، ئىنكا ...

تەكلىۋىڭىز ئورۇنلۇق.
كۆپچىلىكنىڭ تېما مەزمۇنىنى تەپسىلىي ئوقۇپ ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2013-11-18 23:51:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەيكە چىقىپ قالسام ھەرقانداق ئۇيغۇرچە قوشۇلغان ئەقلى مۈلۈكنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتمەيدىغان بولسام خەپ
ۋاقتى: 2013-11-18 23:53:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
doktor يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 16:50
مېنىڭ بايقىغىنىم ، Excel 2013 تە رەسىمدىكى بۇ جايدا ، ئىنكا ...

توغرا يېزىپسىز
مەندىمۇ كومپىيۇتېر بولغان بولسا ياخشى بولاتتى
ۋاقتى: 2013-11-19 10:25:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سىز ئىلگىرى خەنزۇچە نۇسخىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چوقۇم قاچىلاڭ (ئۇ ھەقسىز). ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، قاچىلاپ قويۇڭ. ئىشلەتمىسىڭىزمۇ قاچىلاپ قويۇڭ. ئۇيغۇرچە نۇسخىنى قاچىلاپ قويۇپ، ئەسلىدىكى خەنزۇچە نۇسخىنى ئىشلىتىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە نۇسخىنى يېڭى بىر ئادەم چۈشۈرسە، قاچىلىسا، ئىشلەتسە، بۇ ئۇچۇرلار كومپيۇتېرىڭىزدا تور بار بولسىلا، دەرھال Microsoft شىركىتىگە يوللىنىدۇ. (بۇ سىتاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنىڭ Microsoft قا يوللىنىدىغانلىقى Office نىڭ مەخپىيەتلىك دېگەن قىسىمىدا سۆزلەنگەن)
ئەگەر ئۇيغۇرچە نۇسخىنى قاچىلىغان، چۈشۈرگەن، ئىشلەتكەن ئادەملەر قانچە كۆپ بولسا، بۇ مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر بازىرىغا بولغان ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ.

گەپنىڭ جېنى مۇشۇكەن، يەنە باھانە ئىزدەشكە ئورۇن قالمىغاندەك قىلىدۇ.
ۋاقتى: 2013-11-19 12:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
office2013  ئوقۇغۇچىلار نەشىرى 599 يۈەن، كارخانا نۇسخىسى 2999 يۈەن، كەسپى نۇسخىسى 4899 يۈەن دەپتۇ. بۇلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟

باھا سۆز

بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان بىرھون ئەپەندىم مۇنداق دەپتۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-23 19:19
بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان بىرھون ئەپەندىم مۇنداق دەپتۇ  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2013-11-23 19:19
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-21 12:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Segek يوللىغان ۋاقتى  2013-11-19 12:33
office2013  ئوقۇغۇچىلار نەشىرى 599 يۈەن، كارخانا نۇسخىسى 2999 ي ...

windows8 نىڭ ھەر قايسى نەشىر پەرىقلىرى.

ۋاقتى: 2013-11-21 18:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Office 2013  نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاپالمىدىم ، تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار ھېچ بولمىسا سېتۋېلىش ئادرىسىنىمۇ بولسا تەمىنلەپ قويساڭلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduweli09 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-29 12:00  

ۋاقتى: 2013-11-22 10:37:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abduweli09 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-21 18:50
Office 2013  نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاپالمىدىم ، تەمىنلەپ بە ...

كۆرۈپ بېقىش نەشرى ئىگە تەرەپ http://www.microsoft.com/china/office/preview
ۋاقتى: 2013-11-23 11:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇنىڭ ئەزانراقى يۇقمىكەن
ۋاقتى: 2013-11-23 19:19:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Segek يوللىغان ۋاقتى  2013-11-19 12:33
office2013  ئوقۇغۇچىلار نەشىرى 599 يۈەن، كارخانا نۇسخىسى 2999 ي ...

بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان بىرھون ئەپەندىم مۇنداق دەپتۇ
ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىدا outlook، lync ۋە Publisher يوق. كارخانا نۇسخىسىدا Lync يوق. كەسپىي نۇسخىسىدا ھەممىسى بار.
ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىدىكى نەرسىلەر:
Word
Excel
powerpoint
access
OneNote
SkyDrive
كارخانا نۇسخىسىدىكىلەر:
Word
Excel
powerpoint
access
OneNote
SkyDrive
Outlook
كەسپىي نۇسخىسىدىكىلەر:
Word
Excel
powerpoint
access
OneNote
SkyDrive
Outlook
InfoPath
Lync
....
ئەگەر ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىنىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن Outlook مەخسۇس ئېلخەت بىرتەرەپ قىلىدىغان، Lync مەخسۇس تور يىغىنى ئاچىدىغان قورال. بۇنداق نەرسىلەرگە كارخانا ئەمەلدارلىرىنىڭلا ئېھتىياجى چۈشىدۇ.
ۋاقتى: 2013-11-23 19:19:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Segek يوللىغان ۋاقتى  2013-11-19 12:33
office2013  ئوقۇغۇچىلار نەشىرى 599 يۈەن، كارخانا نۇسخىسى 2999 ي ...

بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان بىرھون ئەپەندىم مۇنداق دەپتۇ
ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىدا outlook، lync ۋە Publisher يوق. كارخانا نۇسخىسىدا Lync يوق. كەسپىي نۇسخىسىدا ھەممىسى بار.
ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىدىكى نەرسىلەر:
Word
Excel
powerpoint
access
OneNote
SkyDrive
كارخانا نۇسخىسىدىكىلەر:
Word
Excel
powerpoint
access
OneNote
SkyDrive
Outlook
كەسپىي نۇسخىسىدىكىلەر:
Word
Excel
powerpoint
access
OneNote
SkyDrive
Outlook
InfoPath
Lync
....
ئەگەر ئېھتىياجىڭىز بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسىنىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن Outlook مەخسۇس ئېلخەت بىرتەرەپ قىلىدىغان، Lync مەخسۇس تور يىغىنى ئاچىدىغان قورال. بۇنداق نەرسىلەرگە كارخانا ئەمەلدارلىرىنىڭلا ئېھتىياجى چۈشىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-28 18:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adminbiz يوللىغان ۋاقتى  2013-11-23 19:19
بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان بىرھون ئەپەندىم مۇنداق دەپتۇ

رەھمەت سىزگە، ئەمدى خېلى چۈشىنىشلىك بولدى.
ۋاقتى: 2013-11-29 08:59:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2013-11-18 23:33
تەكلىۋىڭىز ئورۇنلۇق.
كۆپچىلىكنىڭ تېما مەزمۇنىنى تەپ ...

بۇ سىستىمىنى قايەردىن چۈشۈردۈڭلار  ؟ چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقكەنغۇ                 ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-9 12:17 , Processed in 0.220521 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat