- توردا
- 863 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-4
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 2816
- تىللا
- 5207
- MSN
- aelsoft@hotmail.com
- تۆھپە
- 1296
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12635
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 14
- خاتىرە
- 21
- يازما
- 495
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 21
- تۆھپە
- 1296
- تىللا
- 5207
- شۆھرەت
- 2816
|
سەيناداشلارغا مەلۇم بولسا كېرەك،«ئىنتىلىم» يۇمشاق دېتالىنى مەن بۇرۇن تۈزۈپ چىققان بولۇپ، 1.5000 نەشرىگە كەلگەندە يېڭىلاشتىن توختاپ قالغان ئىدى. (تۆۋەندىكىسى 1.4.1 نەشرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى)
ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللاش، ناخشا ئاڭلاش، ئىنتىل سەيناسىدىكى تېمىلار تىزىملىكىنى كۆرۈش، تور رادىئوسى ئاڭلاش، ئىنتىل سەيناسى ۋە گوگۇلدىن ئىزدەش، دائىم كۆرىدىغان تور بەتلەر تىزىملىكى قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى. كېيىنچە تۇرمۇش، ئۆگىنىش ھەلەكچىلىكى ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلىدىن، «ئىنتىلىم» دېتالى تا ھازىرغىچە يېڭىلانمىغان ئىدى، يېقىندا ئازراق بوش ۋاقىت چىقىرىپ (ئۇيقۇنى بىرەر ئىككى سائەت ئازراق ئۇخلاپ)، «ئىنتىلىم» دېتالىنى يېڭىلىۋېتەي دېگەن ئويغا كېلىپ قالدىم. (تۆۋەندىكىسى سىناق كۆرۈنمە يۈزى)
بۇنىڭدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى بولغان ئىقتىدارلار:
1-ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللاش
2-دېتالدا تۇرۇپلا چىقىرىلغان تىزىملىكتىكى تاللانغان ماقالە-ئەسەرلەرنى تاللاپ ئوقۇش
3-دېتال تۇرۇپلا دېتال ئىسكىلاتىغا يوللانغان ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى ئوقۇش
4-دائىم كۆرىدىغان تور بەتلەرنى قوشۇش ۋە ئۆچۈرۈش ھەم زىيارەت قىلىش (تور كۆرگۈدە ئېچىلىدۇ)
5-دېتالدا تۇرۇپلا تاللانغان فىلىملەرنى كۆرۈش (تورغا يوللانغان ھەمدە تاللاپ دېتال ئىسكىلاتىغا قوشۇلغان)
ئۇندىن باشقا بۇ نەشرىدە ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشتىم، سۈرەتتىكى «ئېلخەت يوللاش» دېگەن تۈر مۇقىم تۈر بولۇپ، بۇ دېتالنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارى قىلىنىدۇ. قالغان تۈرلەر قوشۇمچە تۈر بولۇپ دېتال دەسلەپكى نۇسخىسىدا تەمىنلەنمەستىن، بەلكى قىستۇرما شەكلىدە كېيىنچە ئىشلەپ تارقىتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پروگراممىدىن ئازراقلا خەۋىرى بار تورداشلار ئۆزلىرى خالىغانچە قىستۇرما دېتال تۈزۈپ، بۇنىڭغا قوشۇپ ئىشلىتەلەيدۇ تورغا يوللاپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنەلەيدۇ.
ئەڭ ئاستىدىكى گوگۇل ئېلانىنى ۋاقتىنچە قوشۇپ قويۇپ تۇردۇم، كېيىنچە، رەسمىي تارقىتىلغان نۇسخىسىدا ئېلىۋېتىلىشى مۇمكىن.
ئەمدى سەيناداشلاردىن سورايدىغىنىم، «ئىنتىلىم» دېتالى سىزنىڭچە قانداق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى كېرەك؟ يۇقىرىقى ئىقتىدارلارنى(1-ئاساسىي ئىقتىدارىدىن باشقا) قوشۇش كېرەكمۇ - يوق؟ يەنە قانداق ئىقتىدارلىرى بولسا سىزنىڭچە ياخشى بولاتتى؟
سەيناداشلار ئويلىغانلىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسا بولىدۇ. سەيناداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئۆزەمنىڭ ئىشلەپ قوشۇشقا قۇربىم يېتىدۇ دەپ قارىغانلىرىمنى ئىشلەپ، قىستۇرما شەكلىدە تارقىتىمەن. ئاڭغىچە 1-ئاساسىي ئىقتىدارىلا بار نۇسخىسىنى تارقىتىمەن.
|
|