ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1269|ئىنكاس: 1

ماتېماتىكىنىڭ بالىلىق دەۋرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-10-24 01:27:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكلى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىقى قىلىدىغان پەن
   بىر خىل تەبىئىي ماددا ھەققىدە « ھەممە يەردە بار ، كۆرگىلى بولماس » دېگەن بىر قىزىقارلىق تېپىشماق با بولۇپ ، بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابى « ھاۋا » دىن ئىبارەت ئىدى .
  ماتېماتىكىمۇ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش ھەممىلا جايدا بار بولۇپ ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ قىياپىتىنى ، سايىسىنى ھېچكىم بىۋاستە ئېنىق كۆرەلمەيدۇ .
  بىز توپ مۇسابىقىسىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا ، مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەھۋالى نومۇر تاختىسىغا سان ئارقىلىق خاتىرلىنىدۇ ؛ بىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققان ۋاقتىمىزدا ، نومۇرغا قاراپ ئوتۇرۇشتىمۇ سانغا تايىنىمىز ؛ ئىمتىھان قەغىزىگە نومۇر قويۇشتىمۇ ساندىن پايدىلىنىمىز ؛ ئادەمنىڭ يېشى ، ئېگىزلىكى ، ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنىمۇ سان ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز .
  بىز كۆرۈپ تۇرغان كۈن ، ئاي - يۇلتۇزلار ، تاغ -دەريالار ، گۈل - گىياھلار ، ئوت - چۆپلەر ، دەل 0 دەرەخلەر ، بارلىق ھايۋانات - ئۇچار قۇشلار ، ھەيۋەتلىك ئەل ئېھرام ، سەددىچېن سېپىلىدىن تارتىپ كىچىككىنە قەلەمدان ئۆچۈرگۈچلەرگە قەدەر ، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس شەكلى بولىدۇ .
ئالىملار سانلىق مىقدار بىلەن شەكىل شەيئىلەرنىڭ ئەڭ تۈپ خۇسۇسىيتى ئىكەنلىكى ، شەيئىلەرنى بىلىش كۆپىنچە سانلىق مىقدار بىلەن شەكىلنى تەتقىق قىلىشتىن باشلىندىغانلىقىنى بايقىغان . رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكلى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ماتېماتىكا دەپ ئاتىلىدۇ .
ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى تارىخي دەۋىرلەردە ، ئىنسانلارنىڭ ماتېماتىكا ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاش بولمىدى ، ئەڭ دەسلەپ پەقەت بەزىبىر ئاددىي  سانلار ۋە گېئومېترىيلىك شەكىل - جىسىملار ھەققىدىكى ئوقۇملارغا ئىگە بولدى ؛ 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئارىفېتىكا ، ئېلېمېنتار ئالگېبرا ، ئېلېمېنتار گېئومېتريىە  ۋە تېرگونومېتريىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئېلمېنتار ماتېماتىكا ئومۇمەن مۇكەممەللەشتى . 17- ئەسىردە ئىشلەپ چىقىرش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش بىلەن كىشلەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئۇقىمىغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكا ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مىقدارلارنىڭ  بىر -بىرىنى شەرت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ۋە شەكىللەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگرشىنى تەتقىق قىلىدىغان بولدى ، شۇ ئارقىلىق ھەركەت ۋە دېئالېكتىكا ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرىلدى . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ تەبىئەت ھادىسلىرىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىش ، بىلىش ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئوبدان تىزگىنلەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىندى ؛ شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرسى ئۈلۈكسىز كېڭىيىپ ، مەزمۇنى كۈنسايىن بېيىپ باردى . ماتېماتىكا كەڭ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ۋە ئۆزگەرتىسى داۋامىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ھېسابلاش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغانلىقتىن ، ئۇنىڭ بۇ خىل تولى تېخىمۇ روشەن بولدى . مەزمۇن جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ماتېماتىكىلىق لوگىكا ، سانلار نەزەرىيسى ، ئالگېبرا ، گېئومېترىيە ، توپولوگىيە ، فۇنىكسىيەلەر نەزەرىيسى ، فۇنكسىئونال ئانالىز ، دېففېرىنسىئال تەڭلىمىلەر ، ئېھتىماللىق نەزەرىيسى ۋە ماتېماتىكىلىق سىتاستىكا ، ھېسابلاش ماتېماتىكىسى ... قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈندى ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ،ئوپراتسىيە ئىلمى ، كىبېرنېتىكا ( كونتىرول قىلىش ئىلمى ) قاتارلىق ئارلىقتىكى پەنلەرمۇ بارلىققا كەلدى . دەر ۋەقە ، ماتېماتىكا تەتقىق قىلىدىغان سانلىق مىقدار ۋە شەكىلنىڭ مەنىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تىلغا ئېلىندىغان مەنىسىدىن كۆپ چوڭقۇر ۋە كەڭ بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ماتېماتىكا پەقەت بىر پەنلا بولۇپ قالماي« پۈتكۈل كائىناتقا ئورتاق بىردىنبىر تىل  » بولۇپ قالدى .

ماتېماتىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ماتېماتىكا ئەڭ دەسلەپتە تۈگۈنچە تۈگۈپ ئىش خاتىرلەشتىن باشلانغان . بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 مىليۇن يىللار ئىلگىرى ، ئىنسانلار خام گۆش يەيدىغان ئىپتىدائىي دەۋىردە تۇرغان بولۇپ ، ياۋا مېۋىلەرنى يىغىش ، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلغان . بۇ پائالىيەتلەر ھەمىشە كوللىكتىپ ئېلىپ بېرىلغان ، ئېرىشكەن « مەھسۇلات » لارمۇ تەڭ تەقسىم قىلىنغان . شۇنداق قىلىپ قەدىمكى ئادەملەردە تەدرىجىي ھالدا ھالدا سانلىق مىقداق ئۇقىمى پەيدا بولغان . ئۇلار بىر ھايۋاننى تۇتىۋالسا ، ئۇلارنى بىر پارچە تاش ، بىر تال تاياقچە ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ، ياكى ئىش ۋە سانلارنى ئارغامچىغا تۈگۈنچە تۈگۈپ خاتىرلەشنى ئۆگىنىۋالغان . نەتىجىدە،  ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر تۈگۈنچە بىر ھايۋانغا ، ئىككى تۈگۈنچە ئىككى ھايۋانغا ،...؛ ياكى چوڭراق بىر تۈگۈنچە چوڭراق بىر ھايۋانغا ، كىچىكرەك بىر تۈگۈنچە كىچىكرەك بىر ھايۋانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغان . سانلىق مىقدار ئۇقىمى مانا مۇشۇ جەرياندا تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان . ئوۋلاش - تۇتۇش ۋاستىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن تۇتۇلغان ياۋايى ھايۋانلار كۆپىيىپ ، بۇلارنىڭ ئىپادىلەشكە كېتىدىغان ئارغامچىنىڭ تۈگۈنچىلىرىمۇ كۆپىيىپ بارغان ، بۇنىڭ بىلەن سانلارنىمۇ بارغانسىرى چوڭايتىشقا توغرا كەلگەن .
  بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5-6 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى بويىدا ئۇلۇغ ، مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەت --- مىسىر بارلىققا كەلگەن . مىسىرلىقلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىرىشنى بىر قەدەر بۇرۇن ئۆگەنگەن . نىل دەرياسىغا ھەر يىلى 7- ئايدا قەرەللىك ھالدا كەلكۈن كىلىپ ، نۇرغۇن ئېتىزلىقلارنى تاشقىن بېسىپ كەتكەن ، 11- ئايلاردا كەلكۈن تەدرىجىي پەسەيگەن . مىسىرلىقلار ئۇزۇن مەزگىل كۈزىتىش ئارقىلىق ، سىرىئوس ( چوڭ ئىت ) يۇلتۇزى بىلەن قۇياش تەڭ چىقىپ تەڭ ئولتۇرغان ۋاقىت دەل كەلكۈن كېلىشىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغان ، ئۇلار يەنە بۇ خىل ئەھۋال تەخمىنەن 365 كۈندە بىر قېتىم تەكرارلىندىغانلىقىنى بايقىغان . شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار كەلكۈن قايىتقاندىن كېيىن قېلىپقالغان مۇنبەت لاتقىلارغا زىرائەت تېرىپ ، 6- ئايدا كەلكۈن كېلىشتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىپ ، ياخشى ھوسۇلغا ئېرىشىدىغان بولغان . بۇ ئاستىرىئونومىيلىك كۆزىتىش ئارقىلق ئېلىپ بېرىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ، بۇنىڭدا ماتېماتىكا بىلىملىرىمۇ قوللىنىلغان . يەنە بىر جەھەتتىن قەدىمكى مىسىرنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈزىمىدە ھەر بىر ئادەمگە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان كۋادرات شەكىللىك يەرنى تەقسىملەپ بېرىش ، يەرنى ئىجارە ئالغۇچى ھەر يىلى ئالغان ھوسۇلنىڭ يەر ئىگىسى --- پادىشاھقا تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن . ئەگەر ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن بولسا ، پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ زىيانغا ئۇچىرغان يەرنى تەكشۈرگۈزگەن ھەم ئۆلچەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن يەر ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تاپشۇردىغان بېجىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئازايتىلغان . بۇ خىل يەر ئۆلچەش گېئومېترىيەنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئەمەلىيەتتە ، گېئومېترىيە نىڭ ئەسلى مەنىسى « يەر ئۆلچەش » دېگەندىن ئىبارەت .
مىسىر بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ،دۇنيادا يەنە ئوخشاشلا ئۇلۇغ مەدەنىيەتلىك بىر نەچچە جەمئىيەت ، ئالايلى ئاسىيانىڭ  غەربىدىكى بابىلۇن ، جەنۇبىدىكى ھىندىستان ۋە شەرقىدىكى جۇڭگو لارمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئۆزلىرىنىڭ سان خاتىرلەش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ دەسلەپكى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئىجاد قىلغان . بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىللار ئىلگىرى قەدىمكى گرىتسىيە ( يۇنان )  مەدەنىيتى خارابلاشقاندىن كېيىن ، ئەرەبلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى ساقلاپ قالغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان ، بۇ مەدەنىيەت كېيىن يەنە ياۋرۇپاغا تارقىلىپ ، ماتېماتىكا قايتىدىن گۈللەنگەن ۋە يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسى بارلىققا كەلگەن .

لاي تاختا ھەققىدە ھېكايە
19- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىشلەر ئاسيانىڭ غەربى قىسىمىدىكى ئىراقتىن 50 مىڭ پارچە لاي تاختىنى بايقان ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىجىر - مىجىر ئاجايىپ بەلگىلەر ئويۇلغان بولۇپ ، تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ يېزىق قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار ئىشلەتكەن يېزىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان . ھازىر كىشىلەر ئۇنى » شىنا يېزىق » دەپ ئاتايدۇ . ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لاي تاختىلارغا قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار ئېرىشكەن بىلىملەر خاتىرلەنگەنلىكى ، ئۇلارىڭ نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان .
ئەينى ۋاقىتىكى بابىلۇنلۇقلار تەكشى سۇگالغان لاينىڭ ئۈستىگە شىنا شەكىللىك يېزىقتا ھەرخىل پۈتۈكلەرنى يازغاندىن كېيىن ، ئۇنى قۇرتۇپ ئاندىن خۇمداندا پىشۇرۇپ ساقلىغان ، بۇنداق بولغاندا ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولغانلىقىنى بىلگەن . ھازىرغىچە تېپىلغان 50 مىڭدىن ئارتۇق بۇنداق لاي تاختىنىڭ 300 نەچچە پارچىسى مەخسۇس ماتېماتىكىغا ئائىت بولغان ھۆججەتلەردىن تەركىپ تاپقان .
قەدىمكى زاماندىكى بابىلۇنلۇقلار سانلارنى ئەڭ دەسلەپتە تاش پارچىسى ، ئارغامچا تۈگۈنى ئارقىلىق ، كېيىن بارماق ئارقىلىق خاتىرلىگەن ، يەنى بىر بارماق 1 نى ، ئىككى بارماق بىلەن 2 نى ، ... ئىپادىلىگەن ، ساناپ 10 غا كەلگەندە يېڭىدىن باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن بابىلۇنلىقلاردا ئونغا توشسا 1 نى كۆڭۈلدە قالدۇرۇش ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەن ، ئاي بىر يىلدا 12 قېتىم تولۇپ كەمتۈكلىشىدۇ ، بىر قولدا بەش بارماق بولۇپ ، بولىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ھەر 60 تىن كېيىن 1 نى كۆڭۈلدە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت خاتىرلەش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئارقىلىق 1 نى ، ئارقىلىق 2 نى ،  ئارقىلىق 3 نى ،  ئارقىلىق 4 نى ،... ، ئارقىلىق 10 نى ئىپادىلىگەن . 1 دىن 9 غىچە بولغان سانلارنى نى مۇناسىپ قېتىم يېزىش ئارقىلىق ، 10 دىن 60 كىچە بولغان سانلارنى بىلەن لارنى بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ قېتىم يېزىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن . مەسلەن ، 47 نى   قىلىپ قىلىپ يازغان . ئارقىلىق 60 نى ئىپادىلىگەن ، 70 نى   قىلىپ يازغان . تۆۋەندىكى رەسىمدە 1 دىن 59 غىچە بولغان ساننىڭ يېزىلىشى بېرىلگەن .

ئۇلار شىنا شەكىللىك رەقەملەرنىڭ ئارىسىغا بوش ئورۇن قويۇش ئارقىلىق ئوخشاشمىغان خانىلارنى ئىپادىلىگەن . مەسلەن نى ھازىرقى 10 لۇق سىستېمىدىكى سان بىلەن ئىپادىلىگەندە ئوڭ تەرەپتىكى بولسا 36 نى ، ئوتتۇردىكى بولسا 60 نىڭ 2 ھەسسىسىنى يەنى 120 نى ، سول تەرەپتىكى بولسا 60 نىڭ كۋادىراتىنىڭ 1 ھەسسىسىنى يەنى 3600 نى ئىپادىلىگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ سان بولغان . يەنى 10 لۇق سىستېمىدا 3756 بولغان . تۆۋەندىكىلىرى بىرقىسم لاي تاختىلار :



گېئولوگ ۋ.ك.لاۋفۇتۇس 1854-يىلى بابىلۇن تەۋەسىدىن ئىككى پارچە رەقەملەر ئويۇلغان ساپال تاختىنى بايقىغان ، ئۇنىڭ بىر سىگە بىر قاتار شىنا يېزىقىدا رەقەملەر ئويۇلغان بولۇپ ، ئۇلارنى ھازىرقى رەقەملەرگە ئايلاندۇرۇپ يازغاندا ، ئۇ بىر سانلار قاتارىدىن ئىبارەت بولغان . ئۇنىڭ ئالدىنقى 7 ئەزاسى 1 ، 4 ، 9 ، 16 ، 25 ، 36 ، 49 بولغان ، ناھايىتى روشەنكى ، بۇ تەبىئىي سانلارنىڭ كۋادىراتىدىن تۈزۈلگەن سانلار قاتارىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەسلىدە 8- ئەزاسىدىن باشلاپ 64 ، 81 ، ... بولۇشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ساپال تاختىغا يېزىلغىنى 1.4 ، 1.21 دىن باشلاپ تاكى 58.1 گىچە بولغان سانلاردىن تەركىپ تاپقان . بۇنى پەقەت 60 لىك سىستېمىدىن ئويلاشقاندىلا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشكىلى بولىدۇ ، يەنى  


دېمەك ، بۇ لاي تاختىغا يېزىلغىنى 1 دىن 59 غىچە بولغان تەبىئىي سانلارنىڭ كۋادراتىدىن تۈزۈلگەن سانلار قاتارىدىن ئىبارەت .
بابىلۇنلۇقلار يەنە نۇرغۇن ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەن  ھەم ھەرخىل سانلىق جەدىۋەللەرنى تۈزۈپ چىقىپ ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرغان . كىشلەر ئاشۇ لاي تاختىلاردىن بابىلۇنلىقلارنىڭ كۆپەيتىش جەدۋېلى ، ئەكىس سانلار جەدۋېلى ، كۋادرات ۋە كۇبلار جەدۋېلى ، كۋادرات يىلتىز ۋە كۇب يىلتىز جەدۋېلى قاتارلىقلاردىن پايدىلانغانلىقىنى بايقىغان . ئۇلار يەنە ئالگېبرا ئۇقىمىنىمۇ قوللانغان .
بابىلۇن لاي تاختىسىدا يەنە مۇنداق بىر مەسىلە خاتىرلەنگەن : ئاكا - ئۇكا 10 بالا مىنا كۈمۈش ( مىنا ۋە سېكىر قەدىمكى دەۋىردىكى ئېغىرلىق بىرلىكلىرى بولۇپ
1مىنا =60سېكىر ) نى بۆلۈشمەكچى ، ئۇلارغا بۆلۈنگەن كۈمۈش تەڭ ئايرىمىلىق سانلار قاتارى تۈزدىغانلىقى ھەمدە 8- بالا ئېرىشكەن كۈمۈش 6 سېكىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا ، ھەر بىر بالا ئېرىشكەن كۈمۈشنى تېپىڭ ؟ ئالىملار مۇشۇنداق مىساللاردىن بابىلۇنلۇقلارنىڭ تەڭ ئايرىمىلىق سانلار قاتارى ۋە تەڭ نىسبەتلىك سانلار قاتارى ئۇقىمىنى بىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى .
بابىلۇنلۇقلار گېئومېترىيىگە دائىر دەسلەپكى بىلىملەرنىمۇ ئىگىلىگەن ، ئۇلار رەتسىز ( ئۆلچەملىك بولمىغان ) ئېتىزلارنى تىك تۆتبۇلۇڭ ، ئۈچبۇلۇڭ ۋە تىراپېتسىيە شەكىلدىكى ئېتىزلارغا بۆلۈپ ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ھېسابلىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئاددىيراق چەمبەرنىمۇ ھېسابلىيالايدىغان بولغان . ئۇلار چەمبەر ئايلانمىسىنى تەڭ بۆلۈش ئۇسۇلىنىمۇ ناھايىتى پىشىق ئىگىلىگەن بولۇپ ، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتىنى دەپ ئالغان . ناھايىتى ئاز ساندىكى لاي تاختىلاردا دەپ ئالغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد ، بابىلۇنلۇقلار پىرامىدا ۋە كېسىك پىرامىدالارنىڭ ھەجمىنى ھېساپلاشتا ئاساسەن تەخمىنىي قىممىتىنى ھېساپلىغان ، لېكىن مىسىر لىقلار بولسا پىرامىدا ۋە كېسىك پىرامىدالارنىڭ ھەجمىنى ھېساپلاش ماھىرىدۇر .
بابىلۇنلىقلار ئالگېبرا جەھەتتە مىسىرلىقلاردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ . ئۇلار بىر قسىم ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنى بىلگەن .
ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى كېيىنكىلەرنى ماتېماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-10-24 02:33:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:


ئېھرام ۋە پاپروس يېزىقى
  مىسىردىكى دۇنياغا مەشھۇر ئېھرام نەچچە يغ يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى ، لايىھىلىنىشىنىڭ ئۆزگچىلىكى ، ياسىلىشىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن سانسىز ساياھەتچىلەرنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملارنى  ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە . مۆلچەرلىنىشىچە ئەڭ چوڭ خوف ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر ( ھازىر بۇزۇلغان بولسىمۇ ئېگىزلىكى 137 مېتىر كېلىدۇ) ، كۋادرات شەكىللىك ئۇلىنىڭ ھەر بىر تەرپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 233 مېتىر ( ھازىر 227 مېتىر ) كلېىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ ئاساس تەرپلىرىنىڭ ئۇزۇنلىق پەرقى ئارانلا 1.6 سانتىمېتىر بولۇپ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 14600 دىن بىرىگىلا توغرا كېلىدۇ ؛ ئۇلىدىكى تىك بۇلۇڭلارنىڭ پەرقى ئاران 12 سېكۇنت بولۇپ ، تىك بۇلۇڭنىڭ 27000 دىن بىرىچىلىك كېلىدۇ ؛ ئۇنىڭدىن سىرت ، ئېھرامنىڭ 4 تەرپى شەرق ، جەنۇب ،غەرب ، شىمالغا قاراپ تۇرىدۇ . كۋادرات شەكىللىك ئۇلىنىڭ ئىككى تەرپىنىڭ دەل شىمال يۆلنىشىدىن ئېغىش پەرقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 مىنۇت 30 سېكۇنت ۋە 5 مىنۇت 30 سېكۇنت كېلىدۇ .
ئالىملار شۇنچە ئېگىز ئېھرامنىڭ مۇنداق نەپىس ياسالغانلىقىدىن قەدىمكى مىسىر لىقلارنىڭ مول گېئومېترىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندى . ئالىملارنىڭ بۇ قىياسى قەدىمكى مىسىرلىقلاردىن قېلىپ قالغان پاپروس يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئىسپاتلاندى.
ئىلگىرى نىل دەرياسى دېلتىسىدا شەكلى قومۇشقا ئوخشايدىغان بىر خىل سۇ ئۆسۈملۈكى --- پاپروس ئوتى ناھايىتى مول بولغان . قەدىمكى مىسىرلىقلار بۇ ئوتنى ئۇزىنىسىغا ئۇششاق يېرىپ ، رەتلىك پرېسلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن  ، ئۇنىڭغا خەت يازغان، بۇ پاپروس يېزىقى دەپ ئاتالغان . 1822- يىلى فرانسىيلىك گوبېرلاند ئىسىملىك كىشى بۇ يېزىقنىڭ بىر قىسىمىنى رەتلەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ مەنىسىنى يەشكەندىن كېيىن ، كىشلەر قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ ماتېماتىكىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىشلىرى ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ، ھاشارغا ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىلدىغان ھەقنى بېكىتىش ، ئاشلىق ئامبىرىنىڭ سىغىمى ۋە ئېتىزلارنىڭ كۆلىمىنى تېپىش ، يەر كۆلىمىگە ئاساسەن ئېلىندىغان باجنى مۆلچەرلەش ، ئۆي ۋە مۇداپىئە قۇرۇلۇشلىرىنى ياساشقا كېتىدىغان كېسەكنىڭ سانىنى ھېسابلاش ، مەلۇم مىقداردا ھاراق ئېچىتىشقا كېتىدىغان ئاشلىق مىقدارىنى ھېسابلاش قاتارلىقلارنى ئۆەىنىۋالغانلىقىنى بىلگەن . ماتېماتىكىلىق تىل بويىچە ئېيىتقاندا ، قەدىمكى مىسىر لىقلار قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ئەمەللىرى ۋە ئادىي كەسىر ئەمەللىرىنى ئىگىلىگەن . ئۇلار بىر نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ۋە ئىككى نامەلۇملىق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئارقىلىق يېشىلدىغان ئالاھىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان .  پاپروس يېزىقىدا تەڭ ئايرىمىلىق سانلار قاتارى بىلەن تەڭ نىسبەتلىك سانلار قاتارىغا دائىر مەسىلىلەرمۇ بار . ئۇلارنىڭ تىك تۆتبۇلۇڭ ، ئۈچبۇلۇڭ ، تراپېتسىيەلەرنىڭ يۈزى ۋە پاراللېلپىپېد م سىلىندىر ، كېسىك پىرامىدالارنىڭ ھەجىمىنى ھېسابلاش نەتىجىلىرى ھازىرقى زاماندىكى ھېسابلاش نەتىجىسىگە يېقىنلىشىدۇ . ئۇلار  فورمۇلا   (d چەمبەر دېئامېترىنى كۆرسىتىدۇ) دىن پايدىلىنىپ چەمبەرنىڭ يۈزنى ھېسابلىغان . بۇنىڭدا چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتى 3.1605 بويىچە ئېلىنغانغا باراۋەر بولىدۇ ، بۇ قالتىس بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ . كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى ، ئۇلار بۇنىڭدىن 4500 يىل بۇرۇنلار كېسىك پىرامىدانىڭ ھەجىم فورمۇلسى نى بىلگەن ، لېكىن ئالگېبرا جەھەتتىن ، قىسمەن ئاددىي سىزىقلىق تەڭلىمىلەرنى يېشىش بىلەنلا چەكلەنگەن .

بۇددا ئالقىنىدىكى «گۆھەر »
ھىندىستان بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت ، قەدىمكى ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى ھىندى بۇدداسىنىڭ ئالقىنىدىكى گۆھەردەك كۆزنى قاماشتۇرىدۇ .
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە ، ھىندىستاندا سان خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر بارلىققا كەلگەن . مىلادىيە 200- يىلدىن 1200- يىلغىچە قەدىمكى ھىندىلار رەقەم بەلگىسى بىلەن 0 بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋالغان ، بۇ بەلگىلەر بەزى ئەھۋاللاردا ھازىرقى رەقەملەر بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىلار ماتېماتىكىغا 10 سىستېمىدىكى سانلارنى كىرگۈزۈپ ۋە رەقەمنىڭ ئورۇن قىممىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، سانلار ئۈستىدىكى ئەمەللەرنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇردى ۋە سان خاتىرلەش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ مۇكەمەللەشتۈردى .
ھىندىلار ناھايىتى بۇرۇنلا مەنپىي سان ئارقىلىق قەرىز ۋە قارشى يۆنىلىشتىكى ھەرىكەتنى ئىپادىلىگەن . ئۇلار يەنە ئىراتسىئونال سان ئۇقىمىنى قۇبۇل قىلىپ ، ئەمەلىي ھېسابلاش داۋامىدا راسىئونال سانلارنى ھېسابلاش باسقۇچلىرىنى ئىراتسىئونال سانلارغا تەتبىقلىغان ، ئۇلار يەنە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن .
ھىندىستان ماتېماتىكىسى گېئومېترىيە جەھەتتە زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما تېرگىنومېترىيەگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان . بۇ قەدىمكى ھىندىلارنىڭ ئاستىرونومىيە تەتقىقاتىغا بېرىلگەنلىكىنىڭ قوشۇمچە ھاسلاتىدۇر . مەسلەن ، ئۇلار ھېسابلاشتا ئۈچ خىل مىقدار ئىشلەتكەن : بىر خىلى ھازىرقى سىنوسقا ، بىر خىلى كوسنوسقا توغرا كېلەتتى ، يەنە بىر خىلى مۇسبەت ۋېكتور بولۇپ گە تەڭ ئىدى ، بۇ ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ . ئۇلار يەنە تېرگىنومېترىيىلىك مىقدارلار ئوتتۇرسىدىكى بەزى مۇناسىۋەت ئىپادىلىرىنىمۇ بىلگەن . مەسلەن ،
قاتارلىقلار . ئۇلار يەنە يېرىم بۇلۇڭ ئىپادىسىدىن پايدىلىنىپ بەزى ئالاھىدە بۇلۇڭلارنىڭ تېرگىنومېترىيىلىك قىممىتىنى ھېسابلىغان .

ماتېماتىكىنىڭ كۆۋرۈكى
ئەرەبلەرنىڭ قەدىمكى زامان ماتېماتىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى ھازىرقى كىشلەرگە ئەڭ تونۇش بولغان 0 دىن 9 غىچە بولغان 10 دانە رەقەمدىن ئىبارەت . بۇ ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتىلىدۇ . لېكىن ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئەربلەر ئاساسەن يۇنانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ ماتېماتىكىسىنى قوبۇل قىلدى ، ساقلاپ قالدى ۋە ئۇنى ياۋرۇپاغا تارقىتىپ ، » ماتېماتىكا كۆۋرۈكى » نى بەرپا قىلدى .
ئارىفمېتىكا جەھەتتە ، ئەرەبلەر ھىندىستاننىڭ رەقەم بەلگىسى ۋە كۆڭۈلدە قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللاندى ۋە ياخشىلىدى . يەنە ھىندىستاننىڭ ئىراتسىئونال سانلار ئۈستىدىكى ئەمەللىرىنى قوللىنىپ ، مەنپىي سانلار ئۈستىدىكى ئەمەللەرنى تاشلىۋەتتى . ئالگېبرا دېگەن بۇ پەننىڭ نامىنى ئەرەبلەر ئىجاد قىلدى . ئەرەبلەر يەنە بەزى بىرىنچى دەرىجىلىك ، ئىككىنچى دەرىجىلىك ، ھەتتا ئۈچۈنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن ھەمدە گېئومېترىيىلىك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يېشىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرگەن . مەسلەن ، تەڭلىمە   نى گېئومېترىيە جەھەتتىن مۇنداق يەشكەن : بىر كۋادرات سىزىپ ئۇنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقىنى نامەلۇم سان x دەپ پەرەز قىلغان ، ئاندىن ئۇنىڭ 4 تەرپىدىن سىرتقا قارتىپ ، تەرەپ ئۇرۇنلىقى ۋە x بولغان تىك توتبۇلۇڭ سىزغان ،شۇ ئارقىلىق پۈتۈن شەكىلنى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى x+5 بولغان كۋادراتقا كېڭەيتكەن .( تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ )


چوڭ كۋادراتنىڭ يۈزى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى x بولغان كۋادرات بىلەن تەرەپ ئۇزۇنلىقى بولغان 4 دانە كۋادراتنىڭ يۈزى ۋە ھەر بىر تەرەپنىڭ ئۇزۇنلىقى x ، بولغان تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ يۈزىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ كۋادراتنىڭ يۈزى بولىدۇ . بولغانلىقتىن ، چوڭ كۋادراتنىڭ يۈزى 64=25+39 بولىدۇ . شۇڭا چوڭ كۋادراتنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلىقى 8 بولىدۇ . ھەم رەسىمدىكى چوڭ كۋادراتنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلىقى x+5 بولغانلىقتىن ، x=8-5=3  بولىدۇ .
ئەرەبلەر يەنە كونۇس ئەگرى سىزىقلىرىنىڭ ئۆزئارا كېسىشىشىدىن پايدىلىنىپ ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن . بۇ بىر زور ئىلگىرلەشتۇر . ئەرەبلەر يەنە بىر قەدەر توۈرا بولغان چەمبەر تۇراقلىقىنى تېپىپ چىقىپ ، كە ئېرىشكەن ، يەنى چەمبەر تۇراقلىنىڭ قىممىتىنى 17 خانىغىچە ھېسابلاپ چىققان . ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلار ئۈچبۇلۇڭغا تانگېنىس ۋە كوتانگېنىسلارنى كىرگۈزۈپ ، تەكشىلىكتىكى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىنوس تېئورمىسىنى ئىسپاتلاپ چىققان . تەكشىلىكتىكى تىرگىنومېترىيە ۋە سفېرالىق تىرگىنومېترىيىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان نەزەرىيسىنىمۇ ئۇلار ئوتتۇرغا قويغان .
ئەرەب ماتېماتىكىسىنىڭ « ماتېماتىكىنىڭ كۆۋرۈكى » بولۇشى ئەرەبلەرنىڭ نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ۋە تۈزگەنلىكىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . بۇ ئەسەرلەر ياۋرۇپاغا تارقالغاندىن كېيىن ماتېماتىكىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى .

ماتېماتىكىنىڭ بۆشۈكى
بابىلۇنلىقلار بىلەن قەدىمكى مىسىرلىقلار نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملىرىنى توپلىغان بولسىمۇ ، ئۇلار « قانداق قىلىش كېرەك ؟ » لىكىنىلا بىلىپ ، « نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىش كېرەك ؟ » لىكىنى بىلمىگەن . قەدىمكى دىمكى گېرىكلەر ئەرەبلەردىن بۇ تەجىربىلەرنى ئۈگۈنۈپ ، ئىنىچكە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پۇختا ئەقلىي خۇلاسە چىقرىش ئارقىلىق  ، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ماتېماتىكا پېنىنى تەجرىجىي شەكىللەندۈردى .
ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۇنجى بولۇپ زور تۆھپە قوشقان كىشى تىرۇس . ئۇ قۇياشنىڭ شولىسىدىن پايدىلنىپ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ھېسابلاپ چىققان ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ خۇسۇسىيتىدىن پايدىلانغانلىق ھېسابلىنىدۇ . ئۇ تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭلنىڭ ئاساس بۇلۇڭلىرىنىڭ  ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىنى ، چەمبەرنىڭ خالىغان بىر دېئامېترى ئۇنى تەڭ  ئىككىگە بۆلىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئىككى ئۈچبۇلۇڭنىڭ بىر تەرپى ۋە بۇ تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭى ماس ھالدا تەڭ بولسا ، ئۇھالدا بۇ ئىككى ئۈچبۇلۇڭ تەڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ھەم بۇ بىلىملەرنى ئىسپاتلىغان . بۇ بىلىملەر ھازىر قارىماققا ئاددىي بىلىنگىنى بىلەن ، ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا قالتىس ھېسابلىنىدۇ .
تىرۇستىن كېيىن ، پىفاگور يادرولىقىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ماتېماتىكىغا تۆھپە قوشتى . ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرنەرلىك نەتىجىلىرىدىن بىرى « پىفاگور تېئورمىسى» نى بايقىغانلىقىدۇر . جۇڭگودا بۇ تېئورما « گوگۇ تېئورمىسى » دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ تېئورما قوللىنىلغاندىن كېيىن ، ئىراتسىئونال سان بايقىلىپ ،تۇنجى قېتىملىق ماتېماتىكا كىرزىسى كېلىپ چىقتى .
پىفاگوردىن سەللا كېيىن زېنو مەشھۇر 4 پارادوكىسنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، كېيىنكى ماتېماتىكا ئۇقىمىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى .
تىرۇستىن زىنوغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ، قەدىمكى گېرىتسىيە ماتېماتىكىسىدا پۈتۈنلەي يېڭىچە تەرەققىيات بارلىققا كەلدى . ئېۋكىلىد ئۇنىڭ جەۋھىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، ماتېماتىكا تارىخىدىكى مەشھۇر ئەسەر --- « گېئومېترىيە ئاساسلىرى» نى يېزىپ چىقتى . بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۈگۈنىۋاتقان تەكشىلىكتىكى گېئومېترىيە بىلىملىرى مۇشۇ كىتابنى مەنبە قىلىدۇ .
ئېۋكىلىدتىن كېيىن ئارخىمېد گېرىتسىيە ماتېماتىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى ، كىشلەر بۇ دەۋرنى « ئالېكساندېريە دەۋرى » دەپ ئاتاشتى . ئارخىمېدنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى خىزمىتى ئۇ ياشىغان دەۋردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەچكە ، كېيىنكىلەر ئۇنى « ماتېماتىكا پىرى » دەپ ئاتاشتى . ئۇ بىر خىل چوڭ سان سىستېمىسىنى لايىھىلىگەن ، بۇ سىستېمىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل ئالەم قۇم دانچىلىرى بىلەن تولۇپ كەتسىمۇ ، قۇم دانچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلمايلا ساناپ چىققىلى بۇلاتتى . ئۇ چەمبەرگە ئىچتىن تېگىشكەن ۋە سىرتتىن ئۇرۇنغان مۇنتىزىم كۆپ تەرەپلىكنىڭ تەرەپ سانىنى ئاشۇرۇپ سىزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتىنى بىلەن ئارلىقىدا بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان . ئۇ شارنىڭ يۈزى ۋە ھەجىمىنى ھېسابلاش فورمۇلىسىنى تېپىپ چىققان . يەنە ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئارخىمېد سىپرالىنى ئىجاد قىلغان .
ئارخىمېدتىن كېيىن ، قەدىمكى گېرىتسىيە ماتېماتىكىسىدا ئەمەلىي قوللىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن . ئاسترونومىيە تەرەققىياتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ، ھىپپاركۇس ، مېنىلاس ، پتولېمىلار تىرگىنومېترىينى بەرپا قىلدى . نېكماشيۇس تۇنجى بولۇپ مەخسۇس سانلار نەزەرىيسى ھەققىدىكى « ئارىفمېتىكا ئاساسلىرى » دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى . دىئوفانت ھەرخىل تەڭلىمىلەر ، بولۇپمۇ ھەر خىل ئېنىقسىز تەڭلىمىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلدى . نەتىجىدە ئېلېمېنتار ماتېماتىكىنىڭ بىر نەچچە تارمىقى - ئارىفمېتىكا ، سانلار نەزەرىيسى ، ئالگېبرا ، گېئومېترىيە ، ترىگونومېترىيىلەر بارلىققا كەلدى . بۇ بابىلۇنلىقلار ، قەدىمكى مىسىرلىقلار تۆرەلدۈرگەن ماتېماتىكا « بوۋىقى » نىڭ قەدىمكى گېرىتسىيىدىكى بۆشۈكتە دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 18:10 , Processed in 0.248454 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat