ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1234|ئىنكاس: 2

ئالەم نۇرى ۋە ئالەم نۇرى يامغۇرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-10-24 00:32:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
宇宙射线] ئالەم نۇرلىرى
ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك زەرىچىلەر ئېقىمى ( ئاساسلىقى زەرەتلىك زەرىچىلەر ئېقىمىنى كۆرسىتىدۇ ) دىن ئىبارەت بولۇپ ، سىچوتچىك ، فوتوگرافىك ئېمۇلسىيە ، تۇمانلىق كامېرا ، كۆپۈكلۈك كامېرا قاتارلىقلار بىلەن تەكشۈرگىلى ۋە ئۆلچىگىلى بولىدۇ . يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ سىرتىدىكى ئالەم نۇرلىرى «باشلانغۇچ ئالەم نۇرلىرى دېيىلىدۇ . بۇ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك پىروتون ۋە ئاز ساندىكى زەرىچىلىرى ياكى باشقا يېنىك ئاتوم يادرولىرىدىن تەركىب تاپىدۇ . بۇ زەرىچىلەرنىڭ  ئېنېرگىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ،   قا يېتىدۇ . باشلانغۇچ ئالەم نۇرلىرى ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىپ ، ئۇنىڭدىكى ئاتوملارغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئېلېكتىرون ، فوتون قاتارلىقلاردىن « ئىككىلەمچى ئالەم نۇرلىرى » شەكىللىنىدۇ . باشلانغۇچ ئالەم نۇرلىرىدىكى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك پروتونلار ئاتموسفېرا قەۋىتىدىكى ئوكسىگېن ئاتومى يادروسى ياكى ئازوت ئاتومى يادروسىغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن ، مېزون ( ياكى ) پەيدا بولىدۇ .   مېزون يەنە يىمىرىلىپ ميۇئونغا ئايلىنىدۇ، ميۇئون ماددىلار ماددىلار بىلەن ئاجىز تەسىرلىشىدۇ ، شۇڭا ، ئۇنىڭ تېشىپ ئوتۈش ئىقتىدارى يۇقىرراق بولىدۇ . ئۇنى يەر شارى يۈزىدىن ھەتتا سۇ ئاستى ۋە چوڭقۇر كانلاردىن تەكشۈرۈپ تاپقىلى بولىدۇ ، بۇ ئىككىلەمچى ئالەم نۇرلىرىنىڭ « قاتتىق قىسىمى » ھېسابلىنىدۇ . يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك پروتون بىلەن ئوكسىگېن ئاتون يادروسى ياكى ئازوت ئاتوم يادرولىرى ئۆز ئارا تەسىرلەشكەندىمۇ نېيترال مېزون() ھاسىل بولۇشى مۇمكىن . نېيترال مېزون يىمىرىلىپ يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ( گامما ) فوتونىغا ئايلىنىدۇ ، ( گامما ) فوتونى يەنە ئېلېكتىرون - پوزىترون جۈپىنى ھاسىل قىلىدۇ ، مۇنداق پەيدا بولغان ئېلېكتىرونلار تورموزلىنىش رادىئاتسىيىسى ئارقىلق يەنە فوتون پەيدا قىلىدۇ . ئېلېكتىرون بىلەن فوتوننىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ ، بۇلار ئىككىلەمچى ئالەم نۇرلىرىنىڭ « يۇمشاق قىسىمى » ھېسابلىنىدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ :


باشلانغۇچ ئالەم نۇرلىرىنىڭ ئېنېرگىيىسى ناھيىتى يۇقىرى بولۇپ ، ھازىر سۈنئىي يول ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان كۆپلىگەن يادرو رېئاكسىيىلىرىنى ۋە ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ . بەزى ئاساسىي زەرىچىلەر ( مەسلەن ، پوزىترون ۋە بەزى مېزونلار ) ئالەم نۇرلىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا تېپىلغان .
ئالەم نۇرلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئانچە ئېنىق ئەمەس . ئۇ ئېھتىمال قۇياش ۋە بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پائالىيتى ۋە ھەر خىل يەر شارى فىزىكا ھادىسىلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن .

قىزىل رەڭلىك ئۇقۇملارغا ئىزاھات :
1.ميۇئون () ---  لېپتونلارنىڭ بىر خىلى . ئۇ مۇسبەت زەرەتلىك   ۋە مەنپىي زەرەتلىك  لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . زەرەت مىقدارى ئېلېكتىروننىڭكى بىلەن ئوخشاش ، ماسسىسى ئېلېكتىرون ماسسىسىنىڭ 207 ھەسسىسىگە تەڭ ، ئوتتورچە ئۆمرى   سېكۇنت .
2.مېزون  (介子) --- كۈچلۈك ئۆز ئارا تەسىرگە قاتنىشىدىغان ، سپىن كۋانت سانى پۈتۈن سان بولغان ئاساسىي زەرىچە .
3.پوزىترون (正电子)--- ئاساسىي زەرىچىلەرنىڭ بىر خىلى ، مۇسبەت زەرەتلىك بولۇپ ماسسىسى ئېلېكتىروننىڭ ماسسىسى بىلەن تەڭ . ئۇ ئېلېكتىروننىڭ ئانتى زەرىچىسى .

[簇射] ئالەم نۇرى يامغۇرى
ئەلەم نۇرىدىكى بىر يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك زەررىچىنىڭ باشقا ماددىلار بىلەن تەسىرلىشىشىدىن ياكى ئۇنىڭ يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر قاتار ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى . ئېنېرگىيەسى قا يېتىدىغان بىر دانە بىرلەمچى ئالەم نۇرى زەررىچىسىدىن ھاسىل بولىدىغان زور مىقداردىكى ئىككىلەمچى زەررىچىلەرنىڭ تەقسىملىنىش دائىرسى ناھايىتى كەڭ ( دېئامېترى 1 كېلومېتېر ئەتراپىدا)  بولىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال « كېڭەيگەن يامغۇر » دېيىلىدۇ . ئىككىلەمچى ئالەم نۇرلىرىنىڭ قاتتىق قىسىمىنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ ، « تېشەر يامغۇر » دېيىلىدۇ ؛ يۇمشاق قىسىمىنىڭ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ « يۇمشاق يامغۇر » دەپ ئاتىلىدۇ . ئىككىلەمچى ئالەم نۇرىدىكى ئېلېكتىرونلار ۋە فوتونلار كۆپۈنچە تېيترال    مېزونلارنىڭ يىمىرىلىشىدىن پەيدا بولغان يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك   ( گامما ) فوتونلارنىڭ جۈپ ئېلېكتىرونلارنى ھاسىل قىلىش ۋە تورموزلىنىش رادىئاتسىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل جەرياننىڭ ئالمىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال « كاسكادلىق يامغۇر » دېيىلىدۇ .

ۋاقتى: 2010-10-24 23:03:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم توۋا؟ نىمدەيدۇ ماۋۇ؟ ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن، نەدىن تاپىدىغانسىز مۇشۇنداق بىر گەپلەرنى.....
بىلىم دىگەن بىلىمدە؟
ۋاقتى: 2011-4-11 13:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دوستۇم فىزكىلق بىر تىمنى يوللاپتىمۇقانداق ھە دوستلار ھەي يەنلا بىلم باشقا بىلملك باشقا دە! رەھمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 15:25 , Processed in 0.148527 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat