سەينادا پوچتىلاشقا دائىر تېمىلار خېلى بار، ahat0902 يوللىغان بۇ بىلىممۇ پايدىلانغۇدەك ئىكەن.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە كۆرسەتكۈچىنى پوچتىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتۇماتىك تولدۇرۇش
1. قەدەمدە رەسىمدىكىدەك تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارىمىز.
2-قەدەمدە تەييارلىۋالغان كۆرسەتكۈچ جەدۋىلى(Word)تا ئىشلەنگەن ھۈججەتنى ئاچىمىز.
2.1. قورال(工具)تىزىملىكىدىن 信函与邮件 تۈرىنى تاللايمىز. ئۇنىڭ ئىچىدىكى قوشۇمچە تىزىملىكتىن، 邮件合并 نى تاللايمىز.
2.2 ئوڭ تەرەپتە يىتەكچى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. (3-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
2.3 ھۈججەت شەكلىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. سېستىما تەڭشىگىنى ئۆزگەرتمەيلا ، ئاستىدىكى كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز. (4-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
2.4 باشلاش ھۈججىتىنى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇنىمۇ ئۆزگەرتمەيمىز(سېستىما تەڭشەك ھالىتىدە) (5-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
2.5 ھۈججەت تاپشۇرۋالغۇچىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. (6-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)كېيىنكى قەدەم كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.
2.6 سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ (7-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك). تاللاش كۆزنىكىدىن ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان نەتىجە جەدۋېلى بار ئورۇننى ئاچىمىز.
2.7 نەتىجە جەدۋېلىنى تاللاپ ئېچىش كونۇپكىسىنى باسساق، كاتەكچىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. (8-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
2.8 Sheet1$ (1-تۈر)نى تاللايمىز. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تولدۇرغان چاغدا، sheet1,sheet2,sheet3 قاتارلىق ئۈچ جەدۋەلنىڭ 1-سىگە نەتىجە تولدۇرۇش ئېلىپ باردۇق. (9-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك). قىزىل رەڭلىك كاتەكچىدىكى جەدۋەلگە سانلىق مەلۇمات تولدۇردۇق، سېرىق رەڭلىك 2،3- جەدۋەللەر بولسا قۇرۇق.
2.9 جەزىملەشتۈرۈش كونۇپكىسىنى باسساق، 邮件合并收件人 دېگەن كۆزنەك ئېچىلىدۇ. (10-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
2.10 بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجە جەدۋېلىنى چىقارماقچى بولساق ، ھەممىسىنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇپ جەزىملەش ئېلىپ بارىمىز.
3. يوقارقى مەشغۇلاتلارنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، بىزنىڭ ھۈججەت باغلاش(پوچتىلاش) مەشغۇلاتىمىز ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئەمدىكى باسقۇچتا بىز مۇناسىۋەتلىك سان سىفىرلارنى تاللاپ بەرسەكلا بولىدۇ.
3.1 پوچتا ھۈججىتىنى بىرىكتۈرۈش(邮件合并)قورال تىزىملىكى قوزغىلىدۇ. (ناۋادا بۇ قوراللار كۆرۈنمىسە، كۆرۈنۈش(视图) تىزىملىكىدىن قوراللار تىزىملىكى(工具栏) دىن پوچتا ھۈججىتىنى بىرىكتۈرۈش(邮件合并)تۈرىنى تاللىساق قوراللار بىزگە كۆرىنىدۇ) (11-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.2 پوچتا ھۈججىتىنى بىرىكتۈرۈش(邮件合并) قوراللار تىزىملىكىدىن دائىرىنى قىستۇرۇش(插入域) نى تاللىساق، قىستۇرۇش كۆزنىكى قوزغۇلىدۇ. (12-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.3 ئەمدى ئەڭ ھالقىلىق بولغان باسقۇچقا كەلدۇق. خاتا تاللاپ قويسىڭىز پۈتۈن سىنىپنىڭ نەتىجىسى خاتا بولۇپ قالىدۇ. قىستۇرماقچى بولغان ئورۇننى مائۇس بىلەن تاللىۋالغاندىن كېيىن، كۆزنەكنى قوزغىتىمىز. (13-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.4 دائىرىنى قىستۇرۇش(插入域) كۆزنىكىنى قوزغاتقاندىن كېيىن ، ماس تاللاش تۈرلىرىنى بېسىپ تاللايمىز (بىر قېتىمدا بىرلا تۈرنى تاللاشقا بولىدۇ) نۆۋەتتە بىزنىڭ تولدۇرمدقچى بولغان تۈرىمىز بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى. ئۇنداقتا بىز تاللاش تۈرى ئىچىدىن ماس سىتون رەت نومۇرىنى تاللايمىز. (14-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.5 قىستۇرۇش(插入) كونۇپكىسىنى بېسقاندىن كېيىن مائۇس تاللاقلىق ئورۇنغا شۇ كاتەكچە سىتونىدىكى خەت كۆرىنىدۇ. (15-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) ئاندىن ئۈچۈرۈش(关闭) كونۇپكىسىنى بېسىپ كۆزنەكنى ئۆچۈرىمىز.
3.6 ئەدەبىيات، خەنزۇتىلى....... قاتارلىق تۈرلەرنىمۇ يوقۇرقى باسقۇچقا ئوخشاش، تاللاپ تولدۇرۇش ئېلىپ بارىمىز. نەتىجە جەدۋېلىدىكى پەن تۈرى بىلەن كۆرسەتكۈچتىكى پەن تۈرى چوقۇم بىرگە-بىر ماس كېلىشى كېرەك. بولمىسا پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئالمىشىپ كېتىدۇ. (16-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.7 ئەمدى پوچتا ھۈججىتىنى بىرىكتۈرۈش(邮件合并) قوراللار تىزىملىكىدىن بىرىكتۈرپ يېڭى ھۈججەت ھاسىللاش (合并到新文档) نى تاللايمىز. (17-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.8. ھۈججەت ھاسىللاش (合并到新文档) نى تاللىساق، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭكى ئىسىم فامىلىسى، ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى قاتارلىقلارنى ئايرىم بەتكە تولدۇرۇپ چىقىرىپ بېرىدۇ. (18-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)
3.9. ئايرىم بەتكە چىقىرىپ بەرگەندىكى كۆرۈنۈش:
4. بۇ ئۇسول ئارقىلىق باشقا مەزمۇندىكى ھۈججەتلەتنىمۇ پوچتىلاشقا بولىدۇ. قىزىقىدىغان دوستلار قول سېلىپ ئىشلەپ باقسا بولىدۇ.
Word2003 ئاساس قىلىپ ئىشلەندى.
PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
word نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
|